تەۋىسىيە
ئىزدەش

«كۈلەر يۈز» شىركىتى فلورمار گىرىم بۇيۇملىرى ئەلگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈرى : شىنجاڭ يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2016-01-04 02:59:37

\

2015-يىلى 22-دېكابىر تۇمارىس ئالىي مېھمانخانىسىدا «كۈلەر يۈز» شىركىتى فلورمار ماركىسىدىكى رەڭلىك گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە سېتىلىش مىقدارى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولغانلىقىنى تەبرىكلەش ۋە فىلورمار ماركىسىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن كاتتا سورۇن ھازىرلىدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق رىياسەتچىلىرىمىزدىن ئىسھاق سۇلايمان (مالىك بەكتۇر)، شەمسىيە ئەبەيدۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى.

\

\

پائالىيەتكە داڭلىق ئارتىسلار، زىيالىيلار، شۇنداقلا فىلورمار گىرىملىرىنىڭ ھەر قايسى شەھەلەردىكى ھەمكارلاشقۇچىلارمۇ ئالاھىدە قاتناشتى.

\

\

پائالىيەت جەريانىدا سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى.

\

فىلورما ھەققىدە:

فىلورما 1972-يىلى تۈركىيەدە ئىشلەپ چىقىرىلىشقا باشلىغان. بۇ 43 يىل مابەينىدە تۈركىيەدىكى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنگە كەلگەندە پۈتۈن دۇنيا ماركىلىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، تۈركىيەدىكى 1-دەرىجىلىك گىرىم بۇيۇم ماركىسى بولۇپ قالدى.

ئۆز گۈزەللىكى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان دىيارىمىز خانىم-قىزلىرىنىڭ پەردازلىنىش 

ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن «كۈلەر يۈز» شىركىتى تۈركىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى بولغان فىلورمار   رەڭلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى شىنجاڭ بازىرىغا ئەكىردى. شىنجاڭ بازىرىغا كىرگەن بىريىل جەريانىدا ئويلىمىغان زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 

ساغلام بولغان ئالىي سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن، ئىشەنچىلىك، ھازىرقى زامانغا ماسلاشقان رەڭلىك گىرىم ساھەسىدىكى ئەڭ مودا رەڭلەرنىڭ تولۇق بولۇشى ۋە باھاسىنىڭ پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بولىشىدەك ئەۋزەللىكى بىلەن دىيارىمىز خانىم–قىزلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ياقتۇرۇپ سېتىۋىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

قىسقىغىنە بىريىل ئىچىدە سېتىش نۇقتىلىرىمۇ تېز سۈئەتتە كۆپىيىشكە باشلىدى. نەتىجىدە ھەر قايسى ساھەدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، شۇنداقلا ياخشى باھالارغا ئېرىشتى.

\

بىز ئاخىرىدا كۈلەر يۈز شىركىتى، شۇنداقلا فلورما گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ بازار تېپىشى شۇنداقلا، كەڭ خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان ئەلا مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق تۈردە بازارغا سېلىشىغا تىلەكداشمىز !

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长