تەۋىسىيە
ئىزدەش

لى شاۋلوڭ قىلغان بۇ توققۇز ئىشنى ھازىرغىچە ھېچكىم قىلالمىدى

تۈرى : تاماشا يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-04-11 13:59:49

  لى شاۋلوڭ، ئەسلى ئىسمى لى جېنفەن، 1940-يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى سان فرانسىسكودا تۇغۇلغان، ئەسلىي يۇرتى جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شۈندېجۈن بازىرى. ئۇ دۇنيا چامباشچىلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساس سالغۇچى، چامباشچىلىق پىشۋاسى، چامباشچىلىق پەيلاسوپى، UFC قۇرغۇچىسى، MMA ئاتىسى، گۇمپا ئۇستازى، چامباشچىلىق فىلىملىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە جيېچۈەن داۋنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، جۇڭگولۇق چامباشچى كىنو ئارتىسى، جۇڭگو گۇمپىسىنى تۇنجى بولۇپ دۇنياغا تونۇتقۇچى، ھوللېۋۇدتىكى تۇنجى جۇڭگولۇق ئارتىس. ئۇ شياڭگاڭدىكى تۆت قىسىم كىنودا ئۈچ قېتىم كۆپ تۈر بويىچە رېكورت بۇزغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى «يىرتقۇچ ئەجدىھانىڭ دەريادىن ئۆتۈشى» ئاسيا كىنوچىلىقىدا بېلەت كىرىمى جەھەتتە رېكورت ياراتقان، ھەمدە ھوللېۋۇد بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن «قاتتىق ئېلىشىش» يەر شارى بويىچە ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 2 يۈزمىليۇن 300 مىڭغا يەتكەن.

   1. 45 كىلوگراملىق قۇم خالتىسىنى يانچە تېپىپ يىرتىۋېتىش

    2. ئىككى تاياقچە بىلەن 1600 قاداق كۈچنى ئۇرۇش

    3. لى شاۋلوڭ بىر سېكونت ئىچىدە توققۇز مۇشت ئاتالايدۇ؛ ئۇنىڭ بىر مۇشت بىلەن 150 جىڭلىق بىر ئەرنى بەش، ئالتە مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇرىۋېتىپ ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان

    4. بارمىقىنى يەڭگىل سانجىش بىلەنلا بىر كوكاكولا قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېتىش

    5. بىر مۇشتىنىڭ زەربە بېرىش كۈچى 350 قاداق، مۇشت شاھى ئالى ئەينى ۋاقىتتا بۇ رېكورتنى بۇزغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتتا لى شاۋلوڭنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 130 قاداق، ئالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 260 قاداق بولغاچقا، ئىككىنىڭ ئېغىرلىقى بىر دەرىجىدە ئەمەس ئىدى

    6. لى شاۋلوڭ بىر سېكونت ئىچىدە ئالتە قېتىم تېپىك تېپەلەيدۇ؛ «يان تېپىك» بىلەن قوغداش كىيىمى كىيىۋالغان 200 قاداق ئېغىرلىقتىكى بىر ئەرنى 20 مېتىر يىراقلىققا تېپىۋېتىپ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە چۈشۈرىۋەتكەن

    7. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، لى شاۋلوڭ تەخمىنەن 1500 قېتىم ئەتراپىدا توختىماي يەر بېغىرلىيالايدىكەن، بىر قولى بىلەن بۇ ھەرىكەتنى ئۇدا 400 قېتىم، ئىككى بارمىقى بىلەن تەخمىنەن 200 قېتىم (ئادەتتىكى ئادەملەر بەزىدە ئىككى بارمىقى بىلەنمۇ تۇرالمايدۇ)، باش بارمىقى بىلەن 100 قېتىم ئىشلىيەلەيدىكەن.

    8. ئېغىرلىقى 135 كىلوگرام كېلىدىغان كاناپ تاغارنى تەخمىنەن بىر ئۆينىڭ ئېگىزلىكىدە، يەنى 5 مېتىر ئېگىزلىككە تېپىپ چىقىرىش

    9. 34 كىلوگرام كېلىدىغان شىتانگىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا تۈز سوزۇپ ، 20 سېكونتتىن كېيىن قايتۇرىۋېلىش؛ 56 كىلوگراملىق شىتانگىنى تۈز ھالەتتە ئېگىز كۆتۈرۈش ۋە مۇشۇ ھالەتتە بىردەم تۇرۇش؛ بىر قولىدا 32 كىلوگرام كېلىدىغان گانتېلنى گورزىنتال ھالەتتە كۆتۈرۈش، ھەمدە يان ھالەتتە مۈرىسىدە كۆتۈرۈش ھەم مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ساناق ساناش

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长