تەۋىسىيە
ئىزدەش

«كوردلار ۋادىسى پۇسۇ» نىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى رېكورت ياراتماقتا

تۈرى : تاماشا يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-03-06 01:15:16

\
YouTube قانىلىدا تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولغان «كوردلار ۋادىسى پۇسۇ» ئىككى ئاي ئىچىدە 36 مىليون 305 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن. 
 
12 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ۋە باش رولىنى نىجاد شاشماز ئالغان «كوردلار ۋادىسى پۇسۇ»ئۆزىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى جەھەتتىكى غەلبىسىنى ھەتتا توردىمۇ قولغا كەلتۈرمەكتە. ھەر پەيشەنبە كۈنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى توردىمۇ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇشتەك غەلبىسىنى ئاشكارلىدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى YouTube قانىلىدا ھەر بىر قىسمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.5 مىليون قېتىم كۆرۈلمەكتە. تۈركىيەنىڭ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قويۇۋاتقان قانىلى بولغان قانال د نىڭ ئۆزىنىڭ تورىدا ھەر بىر قىسىمى ھەر ھەپتىدە بىر مىليون قېتىم كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭدا ئەرەپچە ۋە ئىنگلىزچە يېزىقى ئاستىدا چىقىپ تۇرىدىغان ھەمدە تۈركچە سۆزلەيدىغان بولغانلىقتىنمۇ تۈركچە بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر كۆرەلەيتتى.
 
«كوردلار ۋادىسى پۇسۇ» نىڭ YouTube تا تارقىتىلغان قىسىملىرى 1-يانۋاردىن باشلاپ ھازىرغىچە 36 مىليون 305 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن. قىسىملارنىڭ ئومۇمىي كۆرۈلۈش ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى بولسا 711 مىليون مىنۇتقا يەتكەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى ئىككى ئاي ئىچىدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈش ۋاقتى بولۇپ، ھېسابلاپ كەلسەك 1350 يىلغا تەڭ بولىدىكەن. 
 
«كوردلار ۋادىسى پۇسۇ»  Facebook, Twitter, Google Plus ،İnstagram' قاتارلىقلاردىمۇ تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ Facebook بېتىنى ئەگەشكۈچىلەردىنلا تۆت مىليون 370 مىڭى بار ئىكەن. پولات ئەلەمدارنىڭ Facebook تور بېتىنى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ سانى بولسا ئىككى مىليون 250 مىڭغا يەتكەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىگۈچى شىركەت پانا فىلىمىنىڭ بولسا 280 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى Twitter دە 115 مىڭ، İnstagram دا 41 مىڭ كىشى ئەگەشمەكتە. 

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长