ھىندىستاننىڭ 24 ياشلىق داڭلىق تېلېۋىزىيە چولپىنى تۈنۈگۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق ياش تېلېۋىزىيە چولپانلىرىنىڭ بىرى پراتيۇشا بانېرجى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇنى يېقىنلىرى بايقىغاندىن كېيىن، بومبايدىكى كوكىلابېن ئامبانى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولغان. پراتيۇشانىڭ ئۇرۇق تۇغقان ۋە دوستلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى.
پراتيۇشا 2010-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە «Balika Vadhu» دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن داڭق چىقارغان، يېقىنقى يىللاردا ئۇ «Bigg Boss 7» قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا قاتناشقان، پراتيۇشا ھايات ۋاقتىدا ھىندىستاندىكى ئەڭ گۈزەل تېلېۋىزىيە چولپانلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلاتتى.
ھازىرچە پراتيۇشانىڭ نېمە سەۋەبتىن، قايسى ئۇسۇلدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ھازىرچە پراتيۇشانىڭ ئوغۇل دوستى راخۇل راج سىڭ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا سەۋەب بولغان دەپ قارالماقتا، پراتيۇشانىڭ بەزى يېقىنلىرى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمىغان، قەستكە ئۇچرىغان دەپ كۆرسەتكەن. ھازىر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
پراتيۇشا بانېرىجىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەستانىلىرى ۋە ساھەدىكى كەسىپداشلىرى پراتيۇشانىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىدىن ناھايىتى قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ يەنە بىر «ئادەم ئالداش كۈنى» يالغانچىلىقى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
پراتيۇشا بىلەن پىروگراممىسىدا ھەمكارلاشقان سالمان خان ئۆزىنىڭ پراتيۇشانىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رىشى كاپور، ئانۇپام كەر، كاران جوھار قاتارلىق چولپانلار ۋە باشقا تېلېۋىزىيە چولپانلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ 24 ياشلىق ياش ئارتسىنىڭ ئۆلۈمىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ۋە ناھايىتى قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99