تەۋىسىيە
ئىزدەش

كارتون فىلىم Zootopia نىڭ قويۇلۇشى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىلدى

تۈرى : تاماشا يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-03 18:15:15

                           كارتون فىلىم Zootopia نىڭ قويۇلۇشى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىلدى

 

ھوللىۋود كارتون فىلىمى «Zootopia» ھازىرغىچە 1 مىليارد 300 مىليونلۇق بېلەت كىرىمى يارىتىپ، «گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق 3» نىڭ ياراتقان بېلەت كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى. بىراق بۇ جۇڭگو كىنوچىلىق ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ بېلەت كىرىمى يارىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان فىلىم، ئاساسىي پېرسوناژ خارەكتېرى، پېرسوناژلار مۇناسىۋىتى، فىلىم ۋەقەلىكى قاتارلىق 14 ئورۇندا، چوڭ قۇرۇقلۇق يازغۇچىسى جاڭيىيىنىڭ 5 يىل بۇرۇن يازغان «تۇرۇپنى ياخشى كۆرىدىغان توشقان» دېگەن ئەسىرىدىن پايدىلانغانلىقى بايقالدى. مۇشۇ سەۋەبلىك فىلىمنىڭ دۆلەت ئىچىدە قويۇلۇش ۋاقتى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىلدى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلىقى سەۋەبلىك قويۇلۇش ۋاقتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن توختاتقان دېسنى كارتون فىلىمى ھېسابلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلى چوڭ قۇرۇقلۇق يازغۇچىسى جاڭ يىيى بىلەن «خەنزۇ تىلى تور ناخشا ساھەسىدىكى تۇنجى شەخس» ياڭ چېنگاڭ بىرلىشىپ كارتون كىنو سېنارىيىسى «تۇرۇپنى ياخشى كۆرىدىغان توشقان» نى ئىجاد قىلغان، سېنارىيىدە تۇرۇپ يېيىشكە ئامراق توشقان جۇدى تەقدىرگە باش ئەگمەي، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ «ھايۋانلار ئوتوپىيە» سىدىكى تۇنجى توشقان ساقچى بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ئەقىللىق توشقان جۇدى بىلەن ھىيلىگەر تۈلكە لوبۇ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىكتىن ئاخىردا ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ سەھنە ئەسىرىنى جۇڭگونىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرى بەكمۇ ياقتۇرۇپ كەتمىگەن. بىراق ياڭ چېنگاڭ يەنىلا بۇ ئىجادىي كىنو ئۈچۈن كىنو ئاساسىي ناخشىسى «تۇرۇپنى ياخشى كۆرىدىغان توشقان» نى يېزىپ چىققان، ھەمدە ئەڭ ئىلغار سۈرەتكە ئېلىش تىخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، جاڭ يىيى بىلەن ياڭ چېنگاڭ ئامېرىكىغا بېرىپ، ھوللىۋود ۋە دېسنىي بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن، لېكىن ھەمكارلاشقان تەرەپنىڭ مەبلىغى ۋاقتىدا تەييار بولمىغاچقا، ئەمەلىي سۈرەتكە ئىلىشنى باشلىيالمىغان.

بىراق 5 يىل كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە «Zootopia» ناھايىتى ياخشى باھالارغا ۋە بېلەت كىرىمىگە ئېرىشتى. يازغۇچى جاڭ يىيى بۇ كارتون فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، فىلىمىدىكى پېرسوناژ خارەكتېرى، پېرسوناژلار مۇناسىۋىتى، فىلىم ۋەقەلىكىدىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ، ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا يازغان «تۇرۇپنى ياخشى كۆرىدىغان توشقان» غا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەن دەپ قارىغان. جۇڭگو تەرەپ سېنارىستلار جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاشكارىلاپ، «Zootopia» دە توشقان جۇدىنىڭ بىر تال سەۋزە ئۈن ئېلىش قەلىمىدىن پەيدا بولغان مۇھەببەت بىلەن گۆشخور ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت، ئېتىراپ قىلىنىشقا تەشنا تۈلكە، تىلى بىلەن دىلى باشقا قوي شەھەر باشلىقى، ۋىجىك قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى، ھەرىكىتى ناھايىتى ئاستا بىراق ماشىنىنى ئىنتايىن تىز ھەيدەيدىغان لېنىۋېتىسى، قاتارلىق 14 ئورۇندىكى ھايۋانلار خارەكتىرى، ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى، پېرسوناژلار مۇناسىۋىتى، چوڭ قۇرۇقلۇق يازغۇچىسى جاڭ يىيىنىڭ بەش يىل بۇرۇن ئىجاد قىلغان «تۇرۇپنى ياخشى كۆرىدىغان توشقان» دىگەن سېنارىيەسى بىلەن ناھايىتى چوڭ ئوخشاشلىقى بار دىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو سىنارىستلار جەمئىيىتى ئالدىنقى ھەپتە رادىئو-كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا بۇ مەسىلىنى ئىنكاس قىلغان، ھەمدە بىر ئايدىن ئارتۇق قويۇلغان «Zootopia» نىڭ قويۇلۇش ۋاقتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن توختاتقان. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «ماشىنا ئادەم گۇرۇپپىسى» نى دېسنى كارتون فىلىمى «مۇسابىقە ماشىنا گۇرۇپپىسى» دىن پايدىلىنىپ ئىشلىگەن دەپ قارىلىپ، دېسنىي كىنوچىلىقنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ھەتتا ئادۋوكاتلار خەت - ئالاقىسى ئەۋەتىپ «ماشىنا ئادەم گۇرۇپپىسى» نى قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەن. شۇڭا نۇرغۇن تورداشلار «Zootopia» نىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلغان ئىشىغا قارىتا: كىنونىڭ قويۇلۇشتىن توختىتىلىشى ئاخىرقى مەقسەت ئەمەس، دېسنىي بۇ فىلىمدىن پايدىلىنىپ ئاللىقاچان نۇرغۇن پۇل تاپتى، جاڭ يىيى بىلەن ياڭ چېنگاڭنىڭمۇ دېسنىغا ئادۋوكاتلار خەت -ئالاقىسى ئەۋەتىپ، دېسنىينى پۈتۈن جۇڭگو كىنو مەستانىلىرىدىن كەچۈرۈم سورىغۇزۇشىنى، جۇڭگو كارتونچىلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号