تۈرى : تاماشا يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-06-19 19:29:04
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئوينىغان Contra ئويۇنى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ ئىككىيلەندىن كىم يامان؟
1978-يىلى، ياپونىيە Konami شىركىتى ئېتىش ئويۇنى Contra نى بازارغا سالدى. ئىككى باش پېرسوناژنىڭ ئەسلى ئوبرازى شىۋاشىنگېر ۋە سىتەيلون ئىدى. بۇ ئىككى ئەزىمەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق «ھەمكارلىقى». ئويۇندىكى بېلنىڭ ئەسلى ئوبرازى شىۋاشىنگېر، رېمىسنىڭ ئەسلى ئوبرازى سىتەيلون.
سىتەيلون شىۋاشىنگېردىن بۇرۇنراق نام قازانغان. سىتەيلون ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئۆزى ئورۇندىغان فىلىم Rocky ئارقىلىق 70-يىللاردا پۈتۈن ئامېرىكىدا داڭق چىقارغان. بۇ فىلىم يەنە ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان.
لېكىن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇمۇ كىچىك بىر پېرسوناژ بولۇپ، يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلاتتى. Rocky فىلىمى قاتتىق نام قازانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغان ئەركەكلەرگە خاس قىياپىتى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر مۆھۈر باستى.
بۇ سىتەيلوننىڭ 80-يىللاردىكى ۋاقىتلىرى بولۇپ، بىر مەزگىل ئۇ فىلىمنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىپ بەدەن چېنىقتۇرغان. بەدىنىدىكى ماي مىقدارىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىغان.
ئۇ ۋاقىتلاردا شىۋاشىنگېرنىڭ «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» فىلىمى تېخى قويۇلمىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ياخشى ئەمەس بولۇپ، يىراقتىكى ئاۋسترىيەدىن كەلگەن شىۋاشىنگېر «ئولىمپىيە ئەپەندىسى» سالاھىيىتىگە تايىنىپ، كىنوچىلىق چەمبىرىكىگە كىرمەكچى بولغان. لېكىن بۇ ساھەدە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى سىتەيلونمۇ بار بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ تىرىشمىسا بولمايتتى.
شىۋاشىنگېر سەمىمىيلىك بىلەن: «بىز دەسلىپىدىلا رىقابەتنى باشلىغان. مېنىڭچە مەن تىرىشىشىم كېرەك، چۈنكى سىتەيلون ئىزچىل مېنىڭ ئالدىمدا» دېگەن. سىتەيلون بولسا ئوچۇقلا قىلىپ: «بىز بىر-بىرىمىزدىن بىزار بولغىلى 20 يىل بولدى» دېگەن.
ئېكران ئىچىدە ئۇلار باشتىن ئاخىر يەككە يېگانىلىك بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىنى ياراتتى. كېيىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىپ، قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئالدىنقى يىلى قويۇلغان «پىداكارلار ئەترىتى 2» فىلىمدىمۇ، ئىككىيلەننىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە جەڭ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى بار ئىدى.
ئۇنداقتا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسى قالتىس؟ سىتەيلون: بىز ئىككىلىمىز ناھايىتى قالتىس، ھېلىمۇ 10 نەچچە يىل بەسلەشتۇق!
تاماشا ئەڭ يىڭى مىكرو فىلىم : ئەڭ ياخشى ئۆچ ئېلىش مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش
تاماشا ھىندىستاننىڭ 24 ياشلىق داڭلىق تېلېۋىزىيە چولپىنى تۈنۈگۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长