تەۋىسىيە
ئىزدەش

رەھا بەيئوغلى «رەئىس» فىلىمىدە ئەردوغاننىڭ رولىنى ئالماقچى

تۈرى : تاماشا يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-02-05 17:35:52

رەھا بەيئوغلى «رەئىس» فىلىمىدە ئەردوغاننىڭ رولىنى ئالماقچى

\
تۈركىيە خەۋەرلەر تورى خەۋىرى«رەئىس» فىلىمىدە، ئەردوغاننىڭ رولىنى ئالماقچى بولغان چولپان رەھا بەي ئوغلى «بۇ رول ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ» دېدى ۋە ئەلبېشى ئەردوغان بىلەن ئورتاق نىشانى بارلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئەلبېشى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىمدە باش رول ئالدىغان ئاكتىيور رەھا بەي ئوغلى زىيارەت جەريانىدا بۇ رولغا قانداق تاللانغانلىقىنى، رول ئېلىش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، سۈرەتكە ئېلىش تەييارلىقىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ مۇخبىرغا دېيىشچە، ئەردوغاننىڭ ياشلىق دەۋردىكى رولىغا چىقىش ئۈچۈن 200 دەك نامزات تاللانغانىكەن. ئۇنىڭ رولچىسىنى تاللاشتا، پەقەت ئاكتىيورلۇق ماھارىتىنى ئاساس قىلىپلا قالماستىن، يەنە بوي-بەستى، خاراكتېرى قاتارلىقلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەنىكەن. ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ رولغا تاللىنىش ئۇنچىلىك ئاسان بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا مۇنداق شەرەپ ماڭا نىسىپ بولدى».
\
رەھا بەي ئوغلى مۇخبىرغا يەنە مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: «سىنارىيەدە يېزىلمىغان ئىنچىكە نۇقتىلارنى بۇ رولدا ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەلبېشىنىڭ رولىنى لايىقىدا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتىم. ئەلبېشىنىڭ كونا دوستلىرى بىلەن مۇڭداشتىم، ئۇ ياشىغان يۇرتلاردا زىيارەتتە بولدۇم، قول ئىشارىلىرىنى، ھەرىكەتلىرىنى، سۆزلەش ئادىتى، چىراي ئىپادىلىرىنى كۈزىتىپ، ئانالىز قىلدىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن گۈزەل شەيئىلەرنى بايقاپ قالدىم».
رەھا بەي ئوغلى ئەلبېشى ئەردوغان بىلەن ئورتاقلىقلىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ رولنى ماڭا بېرىش بىر تاساددىپىي پۇرسەتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ قارارنى ئىنتايىن ئاقىلانىلىك بولدى، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئەلبېشى بىلەن نۇرغۇن ئورتاق تەرەپلىرىمىز بار. ئىككىلىمىز قارا دېڭىزلىق، ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇمۇ بۇتبول تېپىتىكەن، مەنمۇ ئۇزۇن يىل پۇتبول تەپتىم. بوي-بەستىمىزمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ئىككىمىزنىڭ مەلۇم پەرقلىرىمىزمۇ بار، مەسىلەن مەن گالاتاساراينىڭ مەستانىسى، ئۇ بولسا فەنەرباغچىنىڭ مەستانىسى».
\
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن بۇرۇن ‹ئوۋ مەزگىلى› قاتارلىق بىر قانچە فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغانىدىم. پەقەت بۇ قېتىمقى ئالغان رولۇم ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
\\\
 
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长