داڭلىق سىنارىست سالىم خاننىڭ بالىسى.
يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان ھىندى ئاھۇسىنى ئوۋلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە قامالغان.
كىنولاردا دائىم مۇسكۇللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مايكىسىنى يىرتىپ تاشلايدۇ.
يەر ئاستى قارا گۇرۇھ بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىپ ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان.
ھەركۈنى چېنىقىدۇ، چېنىقمىغان كۈننى مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارايدۇ.

كىنودا ئۇ ئالغان رول ئۆلۈپ قالسا ئۇ كىنو چوقۇم زىيان تارتىدۇ دېگەن قاراش بار.
شەخىس ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل يەتتە ئەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
دائىم دوختۇرخانىدىكى بالىلارنى يوقلايدۇ ھەمدە ئۇلارغا قان تەقدىم قىلىدۇ.
2002-يىلى، بومباي ئەتراپىدا ماشىنا ھادىسىسى پەيدا قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىرنەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن يەنە قايتا قويۇپ بېرىلگەن. 2013-يىلى بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىلغان.
ئۇ ئاشۋارىيا بىلەن ئىككى يىل مۇھەببەتلەشكەن، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى تاراتقۇلارنىڭ ۋە ئاممىنىڭ زور دىققىتىنى تارتقان. لېكىن كېيىن ئاشۋارىيا ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ چۇسلىقىغا تويۇپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن قايتا ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى ئىنىسى، بىر ھەدىسى بىر سىڭلىسى بار. ئىككىلا ئىنىسى ئارتىس لېكىن ئانچە تونۇلمىغان، سىڭلىسى بېقىۋېلىنغان.
ئۆزى چىنىقىشقا ئامراق بولۇپلا قالماي ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىمۇ چىنىقىشقا ئۈندەيدۇ. ئانىل كاپر ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن كۈندە چىنىقدىغان بولغان.رىتىك روشىن ۋە سەيىف ئەلى خانمۇ چىنىقشتا ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان.
ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىس ستەيلون (رامبو)
ئۇ ئوقۇغۇچى ۋاقتلىرىدا سۇ ئۈزۈشتە ياخشى ئىدى.
ئۇ كىنو ساھەسىگە كىرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە دادىسىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىش ئويىدا بولمىغان.
دائىم باشقىلارغا ياردم بېرىدۇ.
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئارتىس ھېما مالىنى
ناھايىتى ئۇستا رەسسام.
فىلىم «يامغۇردىكى ئىلتىجا»نى «بۇفىلىمنى ئىتمۇ كۆرمەيدۇ »دەپ ئەيىپلىگەن.
بالىسى يوق،تېخى توي قىلمىغان، تۆت جىيەنى بار.
داۋالىنىش ۋە مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاساس قىلغان پايدا ئالمايدىغان ساخاۋەت تەشكىلاتى قۇرغان.
ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بومبايدىكى باندرادا تۇرىدۇ.
تۇركۋويىس بلەيزۈكى تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ بۇنىڭ ئەتراپىدىكى يامانلىق،يامان كۆزلەردىن ساقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭ بۇ بىلەيزۈكنى تاقاۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى.
ئامىر خان بىلەن ناھايىتى ياخشى دوست. شاھرۇھ خان بىلەن بەزىدە يېقىن بەزىدە تەتۈر قارىشىپ قالىدۇ.
شاھرۇھ خان بوللىۋودتا كىرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان، ئۆي بېرىپ تۇرغان.
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچىلار سۇنىدخى چوۋخان ۋەسونۇ نىگام.
يەتتە فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى 10 مىليون رۇبلىدىن ئاشقان تۇنجى ئارتىس.
ئۇنىڭ ئىلگىرىكى فىلىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىسمى پرېم ئىدى.
1987-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇنجى فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنغان.
ئىككى ئىنىسىنىڭ رېژىسسورلىقىدىكى فىلىمدە رول ئېلىپ بالغان. ئىنىسى ئەربازخان رېژىسسورلۇق قىلغان بازار تاپقان، سوخايىل خان رېژىسسورلۇق قىلغىنى مەغلۇب بولغان.
روزا ھېيىتنى ئۆزىگە ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ، فىلىمىنى روزى ھېيت كۈنى قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ھازىرغىچە روزا ھېيت كۈنى قويغان فىلىملىرى بازار تېپىپ كەلدى.
نامرات بالىلارغا ۋېلىسپىت ئېلىپ بېرىدۇ، كوچىدا قالغان كىشىلەرگە كىگىز ئېلىپ بېرىدۇ.
ئۇ تۈرمىدىكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرھىز تۇتقان، ئۇنى يوقلاپ، تاماق ئاپىرىپ بەرگەن.
2002-يىلى ئىش چىقىرىپ قويغاندىن كېيىن ماشىنا ھەيدىمەيدىغان بولدى.
بومبايدىكى ئۆيىدىن باشقا دۇبەي قاتارلىق جايلاردا ئۆيى بار.
2014-يىلىدىكى فىلىمى «Jai Ho»نى تەشۋىقات ۋارىقىدىكى سۈرەتنى سىزغان. كىشىلەر سالمان بۇ جەھەتتە ئاپىسىنى تارتتى دېيىشىدۇ، ئۇنىڭ ئاپىسى سەلما بىر رەسسام ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا سالمان يەنە فوتوگرافلىققا قىزىقىدۇ.
خۇمارى تۇتقاندا ئىستاكانغا ھاراق قۇيۇپ قاراپ ئولتۇرىدۇ لېكىن ئىچمەيدۇ.
سومى ئەلى بىلەن سەككىز يىلغا يېقىن يۈرگەن، ھەمدە پەقەت شۇ ۋاقىتتا توي قىلىشنى ئويلاپ باققان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ئويدا بولمىغان. سومىنىڭ تەسىرى بىلەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان بولغان.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99