تەۋىسىيە
ئىزدەش

يەر شارىدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك خۇسۇسىي ئايروپىلانلارغا نەزەر

تۈرى : تاماشا يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-01-23 23:22:42

1. خاررىسون فورد؛ ئايروپىلان تىپى: سوسنا 680 Sovereign، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 18 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.
بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن بۇ كىنو چولپىنى ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە ھېلىھەم تىتىك يۈرمەكتە. فورت لاياقەتلىك ئۇچقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ سەككىز دانە ئايروپىلانى بار، بۇنىڭ ئىچىدە سوسنا 680 Sovereign تىپلىق بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانمۇ بار. بۇ يېشىل رەڭلىك ئايروپىلاندا توققۇز ئورۇن بار بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 ئادەم سىغىدۇ. بۇ ئايروپىلان چوڭ قۇرۇقلۇقنى كېسىپ ئۇچالايدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى 848 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
2. رومان ئابراموۋىچ؛ ئايروپىلان تىپى: بوئىڭ 767-300، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 83 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.
بۇ رۇسىيەلىك بايغا نىسبەتەن، ھاۋا بوشلۇقى چەكسىز ھېسابلانمايدۇ، بۇ ئايروپىلاننىڭ سىرلاش تەننەرخىلا 50 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 470 مىڭ يۈەن) گە يېتىدۇ. بۇ ئايروپىلانغا «ھاۋا ئارمىيە 1- نومۇر» غا ئوخشاشلا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش سىستېمىسى سەپلەنگەن، ئايروپىلاندا يەنە 30 كىشىلىك رىستۇران، يىغىن زالى، ھۇجرا، مۇنچىسى بار ھاجەتخانا، ئازادە مېھمانخانا قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بۇيۇملار بار.
\
3. دونالد ترومپ؛ ئايروپىلان تىپى: بوئىڭ 757، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 95 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.
ئۆي- مۈلۈك ساھەسىدىكى بۇ ماگنات مودا شەكىل بىلەن ساياھەت قىلىشنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇئىڭ 757 تىپلىق خۇسۇسىي ئايروپىلانى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولۇپ، ئىچىدە ئازادە دەم ئېلىش ئۆيى، گرانت تاشتىن ياسالغان مۇنچا ۋە ئالتۇن بېزەكلەر بار. ياستۇق ۋە كۆرپىمۇ ئالاھىدە بۇيرۇتۇلغان. ترومپ يەنە ئايروپىلاندا تىجارەت قىلىدۇ.
\
ترومپ گەرچە ئۇچقۇچى بولمىسىمۇ، ئەمما رازى بولغۇدەك ئايروپىلان بولسىلا سېتىۋالىدۇ.
\
4. ئوپراھ ۋىنفرېي، كېلىنې دىئون ۋە ستېۋېن سپىلبېرگ؛ ئايروپىلان تىپى: بومباردىئېر يەر شارى تېز ماشىنىسى XRS، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 42 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.
بومباردىئېر يەر شارى تېز ماشىنىسى XRSتىپلىق ئايروپىلان يىراق مۇساپىگە چىدامچانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان، ھەمدە شۇ سەۋەبتىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا تولىمۇ ئالدىراش يۈرۈيدىغان ھوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالغان. بۇ ئايروپىلان 1993- يىلى ياسالغاندا چوڭ تىپتىكى يىراق مۇساپىلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئاۋانگارتىغا ئايلانغان، ھەمدە نۇرغۇنلىغان يىراق مۇساپىلىك ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان. بۇ ئايروپىلان پۈتۈن خۇرۇمدىن بېزەلگەن، ئىچىگە مۇنچا ۋە ھەشەمەتلىك ئاشخانا سەپلەنگەن. بۇ خىل ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئېگىز ئۇچۇش ئارىلىقى 15 مىڭ مېتىردىن ئاشىدۇ، 16 سائەت ماي قاچىلىماي ئۇچالايدۇ.
\
بومباردىئېر يەر شارى تېز ماشىنىسى XRSتىپلىق ئايروپىلان پۈتۈن خۇرۇمدىن بېزەلگەن، ئىچىگە مۇنچا ۋە ھەشەمەتلىك ئاشخانا سەپلەنگەن.
\
5. جىم كەررېي؛ ئايروپىلان تىپى: Gulfstream V، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 59 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.
Gulfstream Vتىپلىق ئايروپىلان جاھاندىكى ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى خۇسۇسىي ئايروپىلانلارنىڭ بىرسى بولۇپ، ئاۋاز سۈرئىتىگە يېقىن سۈرئەت بىلەن ئۇچىدۇ. ئېيتىلىشچە جىم كەررېي ئىلگىرى ئۆزى رول ئالىدىغان ھەر قانداق كىنودا چوقۇم ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانىنىڭ كۆرۈنۈشى بولۇشى كېرەك، دېگەنىكەن.
\
6. يولۋاس ۋۇدس؛ ئايروپىلان تىپى: Gulfstream G550، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 53 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.
يولۋاس ۋۇدس گولف توپ مۇسابىقسىنىڭ 14 تۈرلۈك ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بايلىقىنىڭ مۆلچەرلەنگەن قىممىتى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، Gulfstream G550تىپلىق ئايروپىلان بىلەن جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە بارالايدىغان بولدى. بۇنداق ئايروپىلان ھەشەمەتلىك لايىھەلىنىشى، نۇرنى ياخشى ئۆتكۈزۈدىغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، كلاسسىك ئېلېپىس شەكىللىك دەرىزىسى، ھاجەتخانىسى ۋە كىيىم ئىشكابى بار. Gulfstream G550تىپلىق ئايروپىلان ئۇدا 12 سائەت ئۇچالايدۇ، ئۇدا ئۇچۇش مۇساپىسى 12 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، 18 يولۇچى سىغىدۇ.
\
7. جون تراۋولتا؛ ئايروپىلان تىپى: بوئىڭ، 707، بومباردىئېر رىقابەتچى 601، بوئىڭ 727 ۋە ئۈچ دانە Gulfstreamتىپلىق ئايروپىلان، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: بىلگىلى بولمايدۇ.
بۇ ئەر چولپان ئايروپىلانغا زىيادە ئامراقلىقى بىلەن داڭق چىقارغان، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئىچىگە ئىككى يۈرۈش ئايروپىلان يولى ياسىۋالغان. يەتتە دانە ئايروپىلانى بار جون تراۋولتا نەچچە مىليون يۈەن خەجلىنىدىغان بۇ خىزمەتنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك دەپ قارايدۇ. جون تراۋولتا يەنە ئاۋسترالىيەدىكى كانتاس ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ پەخرىي ئۇچقۇچىسى، ئۇنىڭ ئايروپىلان ھەيدەش مۇساپىسى 56 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
\
8. توم كرويسې؛ ئايروپىلان تىپى: Gulfstream IV، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 36 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.
«يۈكسەك ئىرادە» ناملىق فىلىم بەلكىم توم كرويسېنىڭ ئاۋىئاتسىيە قىزغىنلىقىنى قوزغىغان بولۇشى مۇمكىن. Gulfstream IVتىپلىق ئايروپىلان ئىككى ئايروپىلان خادىمىغا ئېھتىياجلىق، بۇ ئايروپىلانغا 19 يولۇچى سىغىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى 7820 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
\
9. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما؛ ئايروپىلان تىپى: بوئىڭ 747-2008 (ھاۋا ئارمىيە 1- نومۇر)، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 390 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.
بۇ تىپلىق ئايروپىلان ھاۋا ئارمىيە 1- نومۇرغا ئۆزگەرتىلىپ داڭق چىقارغان، ھاۋا ئارمىيە 1- نومۇر مەخسۇس ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى ئولتۇرىدىغان ئايروپىلاندۇر. بۇ ئايروپىلاندا پرېزىدېنت ھۇجرىسى بولغاندىن سىرت، يەنە ئاقسارايغا تەقلىد قىلىنغان ئېلېپىس شەكىللىك ئىشخانىمۇ بولغاچقا، «ئۇچالايدىغان ئاقساراي» دەپ ئاتالغان. بىخەتەرلىك جەھەتتە، بۇ ئايروپىلانغا جاھاندىكى ئەڭ ئىلغار قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىلغان، مەسىلەن، شىفىرلاشتۇرۇلغان ئالاقە لىنىيەسى بار بولۇپ، ھەتتا يادرو پارتلاشتىن كېلىپ چىققان ئېلېكتىر دولقۇنى ئىمپۇلسىدىنمۇ ساقلىنالايدۇ.
 

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长