تەۋىسىيە
ئىزدەش

جاھاندىكى ئەڭ قورقۇنچلىق يەتتە قېتىملىق ئادەم يېيىش ۋەقەسى

تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-05-02 21:05:27

\ 

1. ستېللا مارىس ئۇنىۋېرسىتېتى زەيتۇن توپ كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم يېيىش ۋەقەسى

1972- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ستېللا مارىس ئۇنىۋېرسىتېتى زەيتۇن توپ كوماندىسى ئۇرۇگۋاينىڭ پايتەختى مونتېۋىدېئودىن يولغا چىقىپ، چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودىكى زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقىلى ماڭغانىدى. ئايروپىلان ئانتىس تاغ تېزمىسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قارا بوران ۋە قارغا ئۇچراپ، ئارگېنتىنا بىلەن چىلى چېگرىسىدىكى بىر نامەلۇم تاغدا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكى 45 ئادەمنىڭ 16 سى نەق مەيداندا قازا قىلغان. كېيىنكى نەچچە ھەپتە ئىچىدە يەنە 13 ئادەم يارىلىنىش، قار كۆچۈش ۋە ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. يېمەكلىك ۋە ئىسسىنىش تەدبىرى بولمىغاچقا، ھايات قالغۇچىلار قازا قىلغان ھەمراھلىرىنىڭ گۆشىنى يەپ، 72 كۈننى قاباھەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان.

 \

2. غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىدىكى قەبىلىنىڭ ئادەم يېيىش ۋەقەسى

ھازىرقى زاماندىكى ئادەم يېيىش دېلوسى خاتىرىسى كولۇمبۇنىڭ غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىدىكى ئېكسپىدىتسىيەسىدىن باشلانغان. ئەينى چاغدىكى غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ ئادەم يېيىش قەبىھ، ئىلاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان قىلمىش دەپ قارىلاتتى. بۇ تۇپراققا ئەڭ ئاۋۋال قەدەم باسقان ياۋروپالىقلار كارىبلارنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ئادەم گۆشىنى چاينىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، تولىمۇ قورقۇنچقا چۆمگەن. كارىب مەدەنىيىتىگە بولغان خاتا چۈشەنچە تۈپەيلىدىن، ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتئەسىدىكىلەرنى «ياۋايى كىشىلەر» دەپ قارىغان. بۇنداق خاتا چۈشەنچە نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كىشىلەرنى ئىرقىي كەمسىتىش، كەڭ كۆلەمدە قۇل قىلىش، خالىغانچە ئۆلتۈرۈش، ۋەھشىيانە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش ۋە يەرلىك مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 \

3. جېفرېي دامېرنىڭ ئادەم يېيىش ۋەقەسى

ئامېرىكا ۋېسكونسىن شىتاتى مىلۋائۇكې شەھىرىدىكى جېفرېي دامېر زەنجىرسىمان ئادەم ئۆلتۈرگۈچى قاتىل، شۇنداقلا جەسەتكە ئىشتىياق باغلىغۇچى ۋە ئادەم گۆشى يىگۈچىدۇر. روھى بىنورمال بۇ ئەبلەخ ياش يىگىتلەرنى ئۆيىگە كېلىشكە جەلپ قىلىپ، ئاندىن ھاراق ۋە دورا بىلەن ئۇلارنىڭ ھۇشىنى يوقىتىدۇ، ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى پارچىلايدۇ. ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە ئامراق بولغاندىن سىرت، يەنە جەسەتنى تەجرىبە قىلىدۇ. ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن 15 تۈرلۈك قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

 \

4. مائۇروۋا جەمەتىنىڭ ئادەم يېيىش ۋەقەسى

بۇ چېختا يۈز بەرگەن كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان دىنىي مەزھەپ ئادەم يېيىش ۋەقەسىدۇر. ئەسەبىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئائىلىدىكى بىر ئانا ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىنى قاماش، خورلاش، ھەمدە بىر ئوغلىنىڭ تېرىسىنى شۈلۈپ، گۆشىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يىگۈزۈشتەك ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەن. بۇ ئانا دىنىي مەزھەپتىكى ئاچا- سىڭىللارنىڭ «مېڭىسىنى يۇيۇشى» تۈپەيلىدىن، ئوغلىنى ئەدەبلىگەنلىكىنى ئېيتقان. سوتتا، 31 ياشلىق ئانا مائۇروۋا يىغلاپ تۇرۇپ، سەككىز ياشلىق ئوغلى ئوندرېج ۋە 10 ياشلىق ئوغلى جاكوبنى خورلىغانلىقىغا ئىقرار بولغان.

 \

5. ئۇكرائىنادىكى بىنورمال ئادەم يېگۈچى ئالۋاستى چىكاتىلو

ئۇكرائىنادا تۇغۇلغان چىكاتىلو زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلوسىدىكى قاتىل بولۇپلا قالماستىن، يەنە باسقۇنچى جىنايەتچىدۇر. ئۇ رۇسىيەدىكى بىر قاتار خورلاپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئادەم يېيىش دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسىدۇر. ئۇنىڭ ئوبيېكتى ئادەتتە ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن كىچىك قىزلار ۋە پاھىشە ئاياللاردۇر، جىنس ۋە ياش قورامى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆلتۈرگەن ئادەم ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن بىر قىزچاق ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئادەم ئۆلتۈرگەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كۆزىنى ئويۇۋالىدىكەن، چۈنكى ئۇ ئۆلگۈچىنىڭ كۆزىدىكى ھاياتلىق نۇرى ئۆچكەن بوشلۇققا قاراشتىن تولىمۇ قورقىدىكەن.

 \

6. سېررالىئون ئىنقىلابىي بىرلەشمە فرونتىدىكى ئادەم يېيىش ۋەقەسى

سېررالىئون ئىنقىلابىي بىرلەشمە فرونتى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك قانلىق زوراۋانلىق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، ئۇلار بۇ دۆلەتنىڭ ئالماس قېزىش ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن، سېررالىئون دېھقانلىرىغا تەھدىت سالغان. بۇ تەشكىلات بالىلارنى ئەسكەر بولۇشقا مەجبۇرلىغان، دۈشمەنلىرىنىڭ پۇت- قولىنى پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېگەن. تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە ب د ت خادىملىرى ئۇلارنىڭ دۈشمىنى ھېسابلانغان. ئۇلارنىڭ ئادەم گۆشى يېيىشتىكى مەقسىتى ئادەم يېيىش جەريانىدا كۈچكە ئىگە بولۇش، شۇنداقلا باشقىلارغا تەھدىت سېلىشتۇر. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ كونكرېت سانى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.

 \

7. ئالتۇن قازغۇچى پاكېرنىڭ ھەمراھىنى يېيىشى

ئامېرىكىلىق ئالتۇن قازغۇچى پاكېر ئىلگىرى ئادەم يېگەچكە 40 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1874- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۇ بەش نەپەر ھەمراھى بىلەن بىللە كولورادو تېغىغا ئېكسپىدىتسىيە قىلغىلى بارغان. ئىككى ئايدىن كېيىن ئۆزى يالغۇر قايتىپ كەلگەن. كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھەمراھىنى سورىغاندا، پاكېر ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى، يېمەكلىك تاپالمىغان مۇھىتتا ھايات قېلىش ئۈچۈن، ھەمراھلىرىنىڭ جەسىتىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. دەسلەپتە كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەن، كېيىن پاكېر ئىككى پارچە ئىقرارنامىگە ئىمزا قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 40 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن قاماق جازاسى ھېسابلىنىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل- ئىسپاتلار بولغاچقا، ئۇ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长