تەۋىسىيە
ئىزدەش

«ئاچچىق خېمىر تىلىمچىسى» مانا مۇنداق مۇھىتتا ياسىلىدۇ، يەنە يەمسىز

تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-04-12 21:18:29

«ئاچچىق خېمىر تىلىمچىسى» يېقىندا تورداشلار تەرىپىدىن «تارىختىكى ئەڭ قالتىس پارچە يېمەكلىك» دەپ ئاتالدى. خالتىغا قاچىلاپ سېتىلىدىغان بۇ خىل كىچىك يېمەكلىك قارىماققا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ لېكىن بارلىق كۆكتات بازارلىرى، كىچىك دوكانلارنىڭ مال جازىسىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بار، تور دوكانلىرىدىمۇ سېتىلىشى ئىنتايىن ياخشى ھەتتا خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشكە باشلىغان. ئىستېمالچىلار توپىنى نەچچە مىليۇنلاپ ھېساپلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئاساسلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يېزىلاردىكى قارانچۇقسىز بالىلار. كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا «ئاچچىق خېمىر تىلىمچىسى» تازلىق تەلىپىگە ئۇيغۇنمۇ؟ دەپ سورىشىدۇ. رەسىمدە: خېنەن ئۆلكىسى توڭشۈ ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان كەيفېڭ جىڭسوڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىچكى قىسمى، ئىشچىلار بىۋاستە قولى بىلەنلا پارچە-پارچە «ئاچچىق خېمىر تىلىمچىسى»نى يالتىراق ئورالمىلارغا قاچىلىماقتا.
2.jpgرەسىمدە: خېنەن ئۆلكىسى توڭشۈ ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان كەيفېڭ جىڭسوڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىچكى قىسمى، «ئاچچىق خېمىر تىلىمچىسى» نى توشۇيدىغان كۆك رەڭلىك يالتىراق يەشىكنىڭ ئۈستىدە قارا رەڭلىك مەينەت نەرسىلەر ۋە سىر يۇقۇندىلىرى بار.

3.jpg

7-مارت، خېنەن ئۆلكىسى توڭشۈ ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان كەيفېڭ جىڭسوڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىچكى قىسمى، بىر قىسىم ئىشچىلار ئۇزاق ۋاقىت «ئاچچىق خېمىر تىلىمچىسى» نى تۇتۇپ قاچىلىغانلىقتىن ئىككى قولى قىزىل رەڭلىك مايدا پارقىراپ كەتكەن، بەزىلەرنىڭ بارماقلىرى قىزىرىپ ئىششىپ ھەتتا چىرىپ كەتكەن، ئۇلار بارماقلىرىنى ھەر خىل رەڭلىك رەختلەر بىلەن ئوراپ قويۇپ داۋاملىق خىزمەت قىلىدۇ.

4.jpg

رەسىمدە: خېنەن ئۆلكىسى توڭشۈ ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان كەيفېڭ جىڭسوڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىچكى قىسمى، ئىشچىلار بىۋاستە قولى بىلەنلا پارچە-پارچە «ئاچچىق خېمىر تىلىمچىسى» نى يالتىراق ئورالمىلارغا قاچىلىماقتا.

5.jpg

رەسىمدە: خېنەن ئۆلكىسى توڭشۈ ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان كەيفېڭ جىڭسوڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىچكى قىسمى، قالايمىقان نەرسىلەر ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتقان، ھەممە يەردە پاسكىنا سۇلار ئېقىپ تۇرىدۇ.

6.jpg

رەسىمدە: خېنەن ئۆلكىسى توڭشۈ ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان كەيفېڭ جىڭسوڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىچكى قىسمى، قالايمىقان نەرسىلەر ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتقان، ھەممە يەردە پاسكىنا سۇلار ئېقىپ تۇرىدۇ.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长