تۈرمىدىن قاچۇرۇش نوقۇل ھالدا ھەقلىق ئ‍ەپلەرنى ھەقسىز ئىشىلىتشنى مۇددىئا قىلماستىن، ئايفوننى تېخىمۇ خاسلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىشى كېرەك. بۈگۈن تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفونلار ئۈچۈن ھالەت ستونىدا قىستۇرما رەسىمدىكىدەك ھاۋارايى ئۇچۇرى چىقىرىدىغان قىستۇرمىدىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

قىستۇرما ئىسمى: statusbarforecast

بۇ قىستۇرما سىيدىيانىڭ ئ‍ۆزىدە بولغان ModMyi.com مەنبەسىدە بار بولۇپ، ئايرىم مەنبە قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىزدەش ستونىغا ئاشۇنداق يېزىپلا ئىزدىسەك بولىدۇ. قىستۇرما چۈشەندۈرۈش بېتى ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك.

بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تەڭشەك قىسمىغا StatusBarForecast دېگەن نامدا بىر تەڭشەك تۈرى قوشىلىدۇ. بىز مۇشۇ يەرگە كىرىپ بىر قاتار تەڭشەكلەرنى تەڭشەپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنى بىر بىرلەپ سۆزلەيلى.

بىرىنجى قۇردىكى woeid بولسا ياخونىڭ دۇنيادىكى ھەر بىر شەھەرگە بەرگەن ID نومۇرى بولۇپ، مۇشۇ نومۇر ئارقىلىق شۇ شەھەرنىڭ ھاۋارايىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇ نومۇرنى بىز مەخسۇس ئىزدەيدىغان تور بەتتىن ئىزدەپ تاپالايمىز. مەن تۆۋەندە بىر قانچە شەھەرنىڭ woeid نومۇرىنى قالدۇرۇپ قوياي:

ئۈرۈمچى: 2143692

كورلا: 2143697

ئاقسۇ: 2143693

قەشقەر: 2143696

خوتەن: 2143701

تۇرپان: 2143712

قۇمۇل: 2143695

غۇلجا: 2143699

يۇقارقىدەك، ئاشۇ كاتەكچىگە ماس كېلىدىغان نومۇرنى يازىمىز. ئەگەر ئۆزىڭىز باشقا شەھەرلەرنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز Google غا WOEID دەپ يېزىپ تېپىلغان تور بەتلەدىن تەكشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. WOEID ئىزدەيدىغان ئىككى بەتنى قالدۇرۇپ قوياي:

http://zourbuth.com/tools/woeid/

http://woeid.rosselliot.co.nz/lookup

مۇشۇ ئىككى بەتتىن باشقا شەھەرلەرنىڭ كودىنى تېپىپ ئاشۇ كاتەكچىگە يازسىڭىز بولىدۇ.

كىيىنكى قەدەمدە، TIME FORMAT دېگەن تاللاش تۈرىنىڭ Format دېگەن قۇرىنى توشقۇزىمىز. بۇ ۋاقىت كۆرسىتىش فورماتى بولۇپ، ھالەت ستونىدا ۋاقىتنىڭ قانداق كۆرىنىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك فورمۇلا يېزىپ تەڭشەپ بەرسەك بولىدۇ.

MM/dd HH:mm

بۇنى مۇشۇنداق يازسىڭىزمۇ، ياكى خالىسىڭىز باشقىچىراق ئۆزگەرتىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Weather Format دېگەن تۈردىكى بىرىنجى قۇر، سائەتنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كۆرىنىدىغان قىسمى بولۇپ، ئۇ يەرگە قىستۇرما رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز شەھەر نامىنى يازسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، مەن سائەتنىڭ ئالدىدا شەھەر نامى كۆرىنىدىغان قىلماقچى بولۇپ، ئۇ قۇرغا CITYNAME ^ دەپ يازدىم. فورماتىنى مۇشۇنداق يېزىشىڭىز كېرەك. يەنى، چوڭ ھەرپلىك CITYNAME دىن كىيىن بىر بوشلۇق قويۇپ، بۇ بەلگىنى يېزىڭ ^ . بۇ بەلگە سان-سىفىر قاتارىنىڭ ئىچىدىكى قوشۇمچە بەلگىلەنىڭ ئىچىدە بار.

2-قۇر بولسا سائەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۆرىنىدىغان ئۇچۇرلار بولۇپ، ئۇ يەرگە سېلتسىيە، گرادۇس ۋە ئايكون كۆرۈنۈش قاتارلىق تەڭشەكلەنى تەڭشىۋالساقمۇ بولىدۇ. مەن مۇشۇنداق قىلىۋالدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قۇرغا مۇنداق توشقۇزىمىز:

^ CL DEG ^ ICON

بۇنىڭدىكى CL بولسا سېلتىسيەنى، DEG بولسا گرادۇس بەلگىسىنى، ICON بولسا رەسىملىك ھاۋارايى ئايكونىنى ئىپادىلەيدۇ. ئومومى تەڭشەك قىسمىنى تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ پايدىلىنىڭ.

 



无觅相关文章插件,快速提升流量



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش