تۆمۈر بىزلەرگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، لېكىن يەرشارىغا تەۋە بولمىغان تاشقى پىلانىت مەھسۇلاتى. ئاللاھ بۇ نېئمەتنى بىزگە ئاسماندىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ بەرگەن. قۇرئان كەرىمدە بۇ توغرىسىدا ئېنىق ئايەت بار. ئەسكى-تۈسكى تۆمەر-تەسەكلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش كۆركەم سەنئەت بويۇملىرىنى ياسىغىلىمۇ بولىدىكەن.
5-ئەۋلاد iPhone نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلىپ بولدى. ئېلان قىلىنىشىغا پەقەت نەچچە كۈنلا قالدى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان چىدىر تىكىپ ساقلاپ كەتكەن تەلۋىلەرنىڭ ساقلىشىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. يېڭى iPhone زادى قانداق شەكىلدىدۇ؟ بىر كۆرۈپ باقامدۇق؟
iPhone ۋە Android نىڭ ئۆزىگە خاسا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىدراكلىق يانفون ساھەسىدە يۇقىرى ئورۇننى ئېگەللەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىرى ئۇنى ياخشى دېسە بىرى بۇنى ياخشى دەپ، بىرسى بۈگۈن باشقا بىرىدىن 10 ياخشى تەرىپىنى تىزىپ چىقسا، ئەتىسى ئۇ تىزىپ … ئىشقىلىپ بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن 1-ياكى 2-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.
كىچىك، ئىخچام تۈرىدىكى ماشىنىلار مەيلى يېڭى ماشىنا سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە بولسۇن، 2-قول ماشىنا بازىرىدا بولسۇن ئەڭ كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدىغان تۈر. نۆۋەتتە 50 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ماشىنىلار كوچىدىمۇ، بازاردىمۇ جىق. بۈگۈن مۇشۇ كاتېگورىيىگە كىرىدىغان ماشىنىدىن بىرنى، يەنى Hyundai i30 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئالما شىركىتى بۈگۈن 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى بېكىتتى. The Loop تىكى Jim Dalrymple نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى بۈگۈن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تەكلىپنامە ئېۋەتكەن. تەكلىپنامىدە ئالما شىركىتىنىڭ كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 4-ئۆكتەبر ئېچىلىدىغانلىقىنى، يىغىن ئورنىنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ Cupertino تىكى باش شىتابى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
تور دېسكىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ. بۇلۇت تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەر قايسى تور دېسكا تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، دېسكا سىغىمى قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ «بۇلۇت» دېگەن بۇ ئىسىمغا ماسلىشىشقا تېرىشتى. بۈگۈن iPhone ۋە iPad لىرمىزگىمۇ يېتىپ كەلگەن يەنە بىر ھەقسىز بۇلۇت دېسكىسى 金山快盘 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
iTunes ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھى. ھەرقانداق iTools, 91 دېگەندەك ياردەمچى قوراللارمۇ، iTunes قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا كۈچىنى يوقىتىدۇ. iTunes ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرگەندە ئالمىنىڭ جۇڭگودا مۇلازىمىتېرى بولمىغانلىقتىن دائىم 20~30 كېلوبايتلىق سۈرئەت بىلەن چۈشىدۇ. ئەگەر خەرىتىگە ئوخشاش 2 گېگابيت كېلىدىغان نەرسىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، چۈشۈپ بولغۇچە يېڭى نۇسقىسى چىقىپمۇ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن.
ئايفون يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەقىلفون بولغىنى بىلەن MP3 فورماتىدىكى ئاۋازنى بىۋاستە قوللىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ياقتۇرغان مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق ئاۋازى قىلىپ توغرىلىيالماي ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتۇ. شۇڭا بۇ دەرسلىكنى پۈتتۈردۈم.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار