دادۇر (باقىلە)
يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-24 10:43:38 كۆرۈلۈش سانى : 161
تونۇش: پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئاق ياكى بىنەپشە رەڭدە كېلىدۇ، يىلتىز تۈگۈنىكى بولىدۇ، پۇرچاق دېنىدا تۈكچىلەر بولىدۇ، ئۇرۇقى ئادەتتە سېرىق بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلىش، ماي تارتىش ۋە خىمىيە سانائىتىدە خام ئەشيا قىلىشقا بولىدۇ.دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، پۈتۈن چۆپى ۋە مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق
ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: ھەرخىل ئىششىقلار، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، داغ، بەرەس، سۈيدۈك توسۇلۇش، ھەيز راۋان بولماسلىق، ئىچى سۈرۈش ۋە ئۈچەي قۇرتلىرىنى داۋالاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 30 ~ 10 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
دادۇر تەركىبلىك رېتسېپلار
دادۇرنىڭ مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
دادۇرنىڭ مېغىزىنى ئىششىق بار ئورۇنغا زىمداد قىلسا ئىششىق ياندۇرىدۇ.
دادۇر مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىق، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، داغ، بەرەس، سۈيدۈك توسۇلۇش، ھەيز راۋان بولماسلىق، ئىچ سۈرۈش، ئۈچەيدىكى قۇرت قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. |
|