پېدىگەن
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-03 22:49:59 كۆرۈلۈش سانى : 48
تونۇش: بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى سۆسۈن، مېۋىسى شارسىمان ياكى ئۇزۇنچاق بولۇپ، سۆسۈن رەڭدە، بەزىلىرى ئاق ياكى سۇس يېشىل رەڭدىمۇ بولىدۇ، سىرتقى يۈزى پارقىرايدۇ.دورىلىق قىسمىدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈكنى قىروۋ چۈشكەندە كولىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: يەل ھەيدەش، سوغۇقنى تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ يىلتىزى 12 ~ 30 گرام، چۆپى ۋە گۈلى مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
پېدىگەن تەركىبلىك رېتسېپلار
20 گرام پېدىگەن يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پېدىگەن يىلتىزىدىن 200 گرام ئېلىپ 500 گرام ئاق ھاراققا ئۈچ كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 35 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پېدىگەن غولىدىن 250 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ يۇيۇپ بەرسە، يېنىك ئىششىق يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىروۋ چۈشكەندىن كېيىنكى ھۆل پېدىگەننى يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، بالىلاردىكى ئاق سۆلە (سۈت قېتى) گە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل پېدىگەن گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ شىلىمدەك قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، بەدەن تەمرەتكىسى ۋە پاچاق تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. |
|