شوخلا
يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-22 19:15:30 كۆرۈلۈش سانى : 71
تونۇش: بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىدا يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ؛ شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ؛ مېۋىسى ياپىلاق ياكى شار شەكلىدە بولىدۇ.دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، تىلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق
ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: ئىشتىھانى ئېچىش، قەۋزىيەتنى بوشىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
شوخلا تەركىبلىك رېتسېپلار
شوخلىنى ھۆل ھالەتتە ئىستېمال قىلىشنى ئادەت قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەركۈنى ناشتىدا بىر تالدىن شوخلا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىچىك بالىلاردىكى پۇت - قول مايماق بولۇپ قېلىش، كەم قانلىق، يەرقان، بۆرەك ئىششىقى، دىئابېت ۋە سېمىزلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى شوخلىنى تەرخەمەك، قىزىلمۇچلار بىلەن قوشۇپ سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىق تۇتۇش ۋە ئىسسىقتىن بولغان گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. |
|