لوبىيا
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-20 17:22:37 كۆرۈلۈش سانى : 35
ئوزۇقلۇق تەركىبى: لوبىيانىڭ تەركىبىدە 15 پىرسەنت ترىپسىنازا تورمۇزلىغۇچى ماددا، قەنت تەركىبى ئاساسلىقى ماننۇزا، ئامىنولىق گلۇكوزا، ھېماگلۇتنىنلار، ئەرەب قەنتى، ياغاچ قەنتى ياكى فۇكوزا، شېكەر ئاقسىلى، ئاقسىل تەركىبى سىستىن ياكى ئامىنو تىئوپرويىيونىك كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
پوستىنىڭ تەركىبىدە لېۋكوبېلارگونىدىن، رەڭسىز لېۋكوتسيانىدىن، رەڭسىز لېۋكودېفلىنىرىن، كېمېرول، سىياندىن، دېلفىندىن قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، سۈت پەيدا قىلىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
يېڭى لوبىيانى يالغۇز ياكى گۆش بىلەن پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ؛ باھنى كۈچەيتىدۇ؛ ھەرخىل سۇلۇق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
لوبىيانى سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
|
|