بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> كۆكتاتلار >> تەكىيە كاۋا

تەكىيە كاۋا

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-12 11:31:33    كۆرۈلۈش سانى : 66  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىدا يىپچىلىرى بولىدۇ، يامىشىپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى چوڭ، گۈلى سېرىق كېلىدۇ؛ مېۋىسى شار ياكى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە تۆشۈكچىلىرى ياكى ئاق پاراشوكلىرى بولىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبى:  ھەر 100 گرام تەكىيە كاۋا تەركىبىدە 4.0 گرام ئاقسىل، 6.1 گرام قەنت، 29 مىللىگرام كالتسىي، 17 مىللىگرام فوسفور، 5.0 مىللىگرام تۆمۈر، 01.0 مىللىگرام ۋىتامىن B1، B2، 5.0 مىللىگرام ۋىتامىن PP، 18 مىللىگرام ۋىتامىن C بار. تەبىئىتى:  ھۆل سوغۇق. شىپالىق رولى:  سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئىسسىق ئۆتۈشتىن ساقلىنىش، زەھەر قايتۇرۇش. ئىشلىتىش ئۇسۇلى:       تەكىيە كاۋىنى سۇدا پىشۇرۇپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.   تەكىيە كاۋا شۆپۈكىنى ھاشاراتلار چېقىۋالغان ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.     تەكىيە كاۋىنى تومۇز كۈنلىرىدە يەپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.     تەكىيە كاۋىنى پىشۇرۇپ، سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئىششىق قايتۇرىدۇ.     تەكىيە كاۋىنى داۋاملىق يەپ بەرسە، ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ.     تەكىيە كاۋىنى قاينىتىپ، سۈيىدە مەقئەتنى يۇيۇپ بەرسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.     تەكىيە كاۋىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60 - 90 گرام يەپ بەرسە، قەنت سىيىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.     بېلىق يەپ زەھەرلىنىپ قالغاندا، تەكىيە كاۋىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ.     تەكىيە كاۋىنىڭ شاپىقىدىن 120 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە، بۆرەك كېسەللىكىدىن كېلىپ چىققان ئىششىقنى قايتۇرىدۇ.     تەكىيە كاۋىنىڭ ئۇرۇقىنى قورۇپ گازىر ئورنىدا چېقىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە جىگەرنى كۈچەيتىپ، تېرىنى پارقىرىتىدۇ؛ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.  15 گرام تەكىيە كاۋىنىڭ ئۇرۇقىغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ، ئۇندەك سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.     تەكىيە كاۋا پوستىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىششىق قايتۇرىدۇ.     قىرو چۈشكەن تەكىيە كاۋا پوستىغا ئازراق ھەسەل قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ يەپ بەرسە، يۆتەل توختىتىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دۇفۇ
●  دادۇر (باقىلە)
●  بېھى
●  تەكىيە كاۋا
●  خەيدەي
●  مور
●  چەلەڭ
●  موگۇ
●  ئەگرىسۇنا
●  جاڭدۇ
●  لوبىيا
●  نوقۇت
●  تاتلىق ياڭيۇ
●  يېسىۋىلەك
●  ماش
●  چېچەكسەي
●  پېدىگەن
●  ئاغىچىيۇغۇچ
●  تەرخەمەك
●  شوخلا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دۇفۇ
●  دادۇر (باقىلە)
●  بېھى
●  تەكىيە كاۋا
●  خەيدەي
●  مور
●  چەلەڭ
●  موگۇ
●  ئەگرىسۇنا
●  جاڭدۇ

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى