بېھى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-24 10:42:15 كۆرۈلۈش سانى : 174
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تونۇشبۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بېھىگە ئۇرۇقداش، چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ ~ ئالتە مېتىر كېلىدۇ. يۇمران شاخچىلىرى تىۋىتلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بار؛ شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاق، ئۇچى دۈگىلەك ئۇچلۇق بولۇپ، ئالدى يۈزى قارامتۇل يېشىل، ئارقا يۈزى زىچ سارغۇچ كۈل رەڭ تىۋىتلىق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان؛ گۈلى يالغۇز بولۇپ، يۇمران شېخىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل تاجى ياپرىقى بەش تال، رەڭگى ئاق ياكى سۇس قىزىل، گۈل ۋە مېۋىسى خۇشبۇي پۇرايدۇ، مېۋىسى نەشپۈتسىمان بولۇپ، ئۇرۇقى كۆپ، سىرتىدا يۇمشاق تىۋىتلىق تۈكلىرى بولىدۇ.دورىلىق قىسمىدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتىھۆل ئىسسىق.
ئۆسۈش ئورنىئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۇچار، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.خۇسۇسىيىتىكۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەك، مېڭە ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بېھى تەركىبلىك رېتسېپلار
بېھىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈش، ئىچ سۈرۈش، تال ئاجىزلاشتىن بولغان ئىچ سۈرۈش، قورساق كۆپۈش، ھەزىم بۇزۇلۇش، بوغۇملار ئاغرىش، پاچاق پېيى تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بېھىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
500 گرام بېھىنى سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە 200 گرام شېكەر قوشۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 ~ 30 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، جىگەر، نېرۋا ئاجىزلىقى، بۇرۇن ياللۇغى، ھەرخىل ئىششىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
|
|