تاتلىق ياڭيۇ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-16 12:42:18 كۆرۈلۈش سانى : 61
ئوزۇقلۇق تەركىبى: ھەر 100 گرام تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە 3.2 گرام ئاقسىل، 2.0 گرام ياغ، 29 گرام قەنت، 18 مىللىگرام كالتسىي، 20 مىللىگرام فوسفور، 4.0 مىللىگرام تۆمۈر، 131 مىللىگرام كاروتىن، 12.0 مىللىگرام ۋىتامىن B1، 04.0 مىللىگرام ۋىتامىن B2، 5.0 مىللىگرام ۋىتامىن PP، 30 مىللىگرام ۋىتامىن C بار.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ئىچنى يۇمشىتىش، بەلغەمدىن بولغان يۆتەلنى پەسەيتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
تاتلىق ياڭيۇنى قوقاستا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ ئىشتىھانى ئاچىدۇ؛ قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاتلىق ياڭيۇنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، يۆتەل پەسەيتىدۇ؛ ئىچنى بوشىتىدۇ؛ باھنى قوزغايدۇ.
تاتلىق ياڭيۇدىن 100 گرام، تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقىدىن 100 گرام، قوي جىگىرىدىن 50 گرام ئېلىپ، خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ مېيىدا قورۇپ پىشۇرۇپ تەييارلاپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. |
|