مور
يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-04 10:49:35 كۆرۈلۈش سانى : 164
ئوزۇقلۇق تەركىبى: ھەر 100 گرام مور )ساڭراۋ قۇلاق( تەركىبىدە 6.10 گرام ئاقسىل، 2.0 گرام ياغ، 65 گرام قەنت، 357 مىللىگرام كالتسىي، 201 مىللىگرام فوسفور، 185 مىللىگرام تۆمۈر، 03.0 مىللىگرام كاروتىن، 15.0 مىللىگرام ۋىتامىن B1، 55.0 مىللىگرام ۋىتامىن B2، 7.2 مىللىگرام ۋىتامىن PP بار.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مېڭە ۋە ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، ھەيزنى ياخشىلاش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
مورنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ؛ ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ قان كۆپەيتىدۇ؛ ئومۇمىي بەدەننى كۈچەيتىدۇ.
مورنى پاكىزە يۇيۇپ سۇدا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
موردىن بەش گرام، چىلاندىن 10 گرام، يۇمىلاق گۈرۈچتىن 120 گرام، ناۋاتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئاۋۋال مورنى ئىلمان سۇغا چىلاپ پاكىزلاپ، ئۇششاق توغراپ، ئاندىن چىلان ۋە گۈرۈچ بىلەن قوشۇپ بىر لىتىر سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، پىشۇرۇپ، ئاخىرىدا ناۋاتنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نەپەس يوللىرى ۋە ئۆپكىنى تازىلايدۇ. جاراسىملارنى يوقىتىپ، ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
|
|