موگۇ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-26 13:16:01 كۆرۈلۈش سانى : 232
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئوزۇقلۇق تەركىبى: ھەر 100 گرام يېڭى موگۇنىڭ تەركىبىدە 9.2 گرام ئاقسىل، 2.0 گرام ياغ، 24 گرام قەنت، سەككىز مىللىگرام كالتسىي، 66 مىللىگرام فوسفور، 3.1 مىللىگرام تۆمۈر، 11.0 مىللىگرام ۋىتامىن B1، 16.0 مىللىگرام ۋىتامىن B2، 3.3 مىللىگرام ۋىتامىن PP، تۆت مىللىگرام ۋىتامىن C بار. يەنە سىنك، مىس، يود، كالىي مارگانتىسقا ئوخشاش مېتاللارمۇ بار. قۇرۇتۇلغان موگۇنىڭ تەركىبىدە سورتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، 12 گرامدىن 35 گرامغىچە ئاقسىل، 4.1 گرامدىن 4.6 گرامغىچە ياغ، 23 گرامدىن 60 گرامغىچە قەنت بولىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: كۆزنى روشەن قىلىش، كىرپىكنى ئۇزارتىش، ئوزۇق بولۇش، ھەيزنى ياخشىلاش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، جىگەر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راخت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
موگۇنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
موگۇنى زىرە بىلەن پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، ھەيزنى ياخشىلايدۇ؛ ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
موگۇ، توشقانزەدىكى، بۇغا مۈڭگۈزى قالدۇقى، نېلۇپەر گۈل چېڭى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، بەل، تېز سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
موگۇدىن 250 گرام، كالا گۆشىدىن 100 گرام، ماي، تۇز، شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئالدى بىلەن موگۇنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ، كالا گۆشى بىلەن ئىككىسىنى توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا پىشۇرۇپ، ئۇنىڭغا يۇقىرىقى تەم تەڭشىگۈچلەرنى سېلىپ، تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تاماق بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
|
|