دۇفۇ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-08 10:37:16 كۆرۈلۈش سانى : 274
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئوزۇقلۇق تەركىبى: ھەر 100 گرام دۇفۇ تەركىبىدە 7.10 گرام ئاقسىل، 1.2 گرام ماي، 0.2 گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 200 مىللىگرام كالتسىي، 89 مىللىگرام فوسفور، 1.3 مىللىگرام تۆمۈر بار.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئورۇقلىتىش، سۈيدۈك ۋە قان تەركىبىدىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
دۇفۇنى مايسىز پاقلان گۆشى بىلەن قورۇپ يەپ بەرسە، قەنت سىيىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دۇفۇنى نېپىز يالپاقلاپ، پۈتۈن بەدەنگە چاپلاپ بەرسە، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشكە ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچىشتىن كېلىپ چىققان پۈتۈن بەدەن كۆكىرىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دۇفۇ، قوي گۆشى، ھۆل زەنجىۋىل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىق، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
دۇفۇنى تۇخۇم ئېقى بىلەن بىرگە قاينىتىپ يەپ بەرسە، قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارا شېكەرنى دۇفۇ بىلەن ئوراپ قاسقاندا دۈملەپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، سۆزنەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دۇفۇنى ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، قان تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. |
|