بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> يىزا-ئىگىلىك >> كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇرىدىغان خىسلەتلىك دورا

كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇرىدىغان خىسلەتلىك دورا

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-14 12:12:54    كۆرۈلۈش سانى : 66  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
پەمىدۇر، لازا، تەرخەمەك، پىدىگەن قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ چېچىكى كۆپ ئېچىلسىمۇ، ئەمما ئاز مېۋىلەيدۇ، نۇرغۇن چېچەك ۋە غۇنچىلار پىشماي تۇرۇپلا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ھازىر دېھقانچىلىق ئالىملىرى بىر خىل دورا سۇيۇقلۇقىنى كەشىپ قىلدى، ئۇنى قەلەم بىلەن چېچەككە تەگكۈزۈپ قويسىلا چېچەكنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېۋىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، بۇنىڭ بىلەن كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل «خىسلەتلىك دورا» ئۆسۈملۈك ھورمونىدىن ئىبارەت. ئۆسۈملۈك ھورمونىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن، تەبىئىي ھورمون تۈرىدىكى ئۆستۈرگۈچى ھورمونلاردىن گىببېرېللىن، ستوكىنىن، ئۈچەك ھورمونى قاتارلىقلار بار، سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ھورمونلاردىن D -4 ،2 ، نافتىل ئاتسېتات كىسلاتا، ۋوندراكىس، خلورو خولىن خلورىد، ئېتېفون قاتارلىقلار بار. تەبىئىي ھورمونلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزىدە پەيدا بولغان بىر خىل ماددا ئالمىشىش ھاسىلاتى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبى ئىنتايىن ئاز، كۆپىنچە مىكروگرام (مىليوندىن بىر گرام) ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي سىنتېزلانغان ھورمونلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشىگۈچى دورا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تەبىئىي ھورموننىڭ قۇرۇلمىسىغا تەقلىد قىلىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا سىنتېزلانغان، رولى تەبىئىي ھورموننىڭ رولىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماددىلاردۇر.  كۆكتاتقا ئېتېفون ھورمونى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئېتېفون ئېرىتمىسى ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئېتېن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، پەمىدۇر قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ مېۋىسىنى رەڭ ئالدۇرىدۇ ھەمدە پىشىشىنى تېزلىتىدۇ، تەرخەمەك، كاۋا قاتارلىق كاۋا، قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ئانىلىق چېچىكىنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ ھەم مەھسۇلاتنى ئاشۇرىدۇ، ھەم بالدۇر پىشۇرىدۇ، شۇنداقلا ئادەم، چارۋىلار ئۈچۈن بىخەتەر، زەھەرسىز. D -4 ،2  مۇ كۆكتاتقا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھورمون. ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەش دورىسى، شۇنداقلا ئىچىگە سۈمۈرۈلىدىغان ياۋا ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى. ئۇنىڭ تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئېرىتمىسى ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلەرنى غىدىقلاپ ئۇلغايتىپ، چېچەكنىڭ تۆكۈلۈشىنى ئازايتىپ، مېۋە چۈشۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مېۋىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە بالدۇر پىشۇرىدۇ. D -4 ،2  نىڭ يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئېرىتمىسى ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش ھەمدە ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ ئىچىگە سۈمۈرۈلىدىغان بىرقەدەر ياخشى ياۋا ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى. كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشىدا D -4 ،2  ئاساسلىقى ئۆسۈشنى تەڭشەش دورىسى قىلىنىدۇ، پىدىگەن تۈرىدىكى ۋە قوغۇن - تاۋۇز تۈرىدىكى كۆكتاتلارغا ئۇلارنىڭ غۇنچىلىرىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۆسۈملۈك ھورمونىنى ئىشلىتىشنىڭ پۈركۈش، مېۋىگە سۈرۈش، مېۋىنى چىلاش، چېچەككە تەگكۈزۈش، چېچەككە سۈرۈش، چېچەككە پۈركۈش قاتارلىق ئۇسۇللىرى بار، مەيلى قايسى خىل ئۇسۇل قوللىنىلمىسۇن، قويۇقلۇقىنى توغرا تەڭشەشكە دىققەت قىلىش لازىم، ئۇنداق بولمىغاندا ناچار تەسىر بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلمىي پەرۋىشكە بىرلەشتۈرۈش كېرەك، بولمىسا خىسلەتلىك دورا ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئ...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تې...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئ...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگى...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگ...
●  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى...
●  خىمىيىلىك ئالدىنى ...
●  ھاشارات ئاپىتى ۋە ك...
●  تەيفېڭ بورىنى ئاپى...
●  ئىللىق پەسىلدىكى م...
●  يامغۇر ھۆلچىلىكىگە...
●  تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
●  مېتېئورولوگىيە ئام...
●  ئاق مور
●  قارا مور

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇ...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلى...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش تېخن...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش ت...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئىگىل...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگى...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىن...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى