بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> يىزا-ئىگىلىك >> تۆرەلمىنى  كۆچۈرۈش تېخنىكىسى

تۆرەلمىنى  كۆچۈرۈش تېخنىكىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-02 10:35:26    كۆرۈلۈش سانى : 57  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
قەدىمدىن بۇيان ئۆي ھايۋانلىرى تەبىئىي چېتىشىش ئارقىلىق، «ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ» ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. بۇ خىل شەكىل مۇقىم، ئىشەنچلىك بولسىمۇ، بىراق بىرقەدەر ئاستا بولىدۇ. ھازىر «تۆرەلمە كۆچۈرۈش» يېڭى تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، ئەنئەنىۋى ئۆي ھايۋانلىرىنى كۆپەيتىش ئادىتى ئۆزگەرتىلدى. ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تۆرەلمىسىنى كۆچۈرۈشتە ئەلا نەسىللىك ئانا چارۋا (تەمىنلىگۈچى تەن)نىڭ تۇخۇم چىقىرىش نەيچىسى ياكى بالىياتقۇسىدىن دەسلەپكى مەزگىلدىكى تۆرەلمە ئېلىنىپ، يەنە بىر ئادەتتىكى ئانا چارۋا (قوبۇل قىلغۇچى تەن)نىڭ تۇخۇم چىقىرىش نەيچىسى ياكى بالىياتقۇسىغا سېلىنىپ، «باشقىلار ئۈچۈن قورساق كۆتۈرگۈزۈلىدۇ»، ئادەتتىكى ئانا چارۋا «ھامىلىدار بولۇش» مەسئۇلىيىتىنى ۋەكالىتەن ئۆتەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەلا نەسىللىك ئۆي ھايۋانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كۆپىيىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل يېڭى تېخنىكا ئىرسىيەت ئىلمى قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. جانلىقلارنىڭ ئىرسىي خۇسۇسىيىتى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ساپاسىغا باغلىق بولىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئاتىنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن ئانىنىڭ تۇخۇمى ئۇچراشقان دەقىقە ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلىنىدۇ. خۇددى ئۇرۇقلانغان بىر ئاق قۇ تۇخۇمىغا ئوخشاش مەيلى ئۇنى مېكىيان باسسۇن ياكى چىشى ئۆردەك باسسۇن، ئۇنىڭدىن ئوخشاشلا ئاق قۇ چۈجىسى چىقىدۇ، باشقا قورساقتا بولغاندىمۇ ئوخشاشلا بالا چارۋىنىڭ ئىرسىي ساپاسىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىئولوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تۆرەلمە كۆچۈرۈش تېخنىكىسىدا يەنە ئىنتايىن زور تەرەققىيات بولدى. نورمال ساندىن ئاشۇرۇپ تۇخۇم چىقىرىش، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۆرەلمىنى زىيادە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا توڭلىتىپ ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، كۆپىيىش كوئېففىتسېنتىنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تاشلانغان مۇھىم يېڭى قەدەم. ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تۆرەلمىسىنى كۆچۈرۈش تەدرىجىي قېلىپلىشىش ۋە تاۋارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، ئەلا نەسىللىك چارۋىلارنىڭ نەسىلىنى ئادەتتىكى ئۆي چارۋىلىرىنىڭ بالىياتقۇسىدىن پايدىلىنىپ تېز كۆپەيتىش كەڭ ئومۇملاشتى. بۇ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ گۆش ئىستېمالى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى زور ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى ئىلگىرىلەش.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئ...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تې...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئ...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگى...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگ...
●  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى...
●  خىمىيىلىك ئالدىنى ...
●  ھاشارات ئاپىتى ۋە ك...
●  تەيفېڭ بورىنى ئاپى...
●  ئىللىق پەسىلدىكى م...
●  يامغۇر ھۆلچىلىكىگە...
●  تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
●  مېتېئورولوگىيە ئام...
●  ئاق مور
●  قارا مور

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇ...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلى...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش تېخن...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش ت...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئىگىل...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگى...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىن...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى