ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-25 11:54:23 كۆرۈلۈش سانى : 44
ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى دېگىنىمىز ئېكولوگىيە قائىدىلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك سىستېما ئىچىدە ماددىلارنىڭ ئايلىنىش ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن بەرپا قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلىرىدىكى دېھقانلار جانلىقلارنىڭ ئۆزئارا بېقىنىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئېتىز - كۆلچەك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇلار كۆلدە بېلىق باقسا، كۆلنىڭ ئەتراپىغا ئۈجمە تىكىپ، ئۈجمىدىن پايدىلىنىپ پىلە قۇرتى باقتى، پىلە قۇرتىنىڭ مايىقىدىن پايدىلىنىپ بېلىقلارنى باقتى، بېلىق مايىقى ئارىلاشقان كۆلدىكى لاينى كۆل ئەتراپىغا ئىشلەتتى، بۇنىڭ بىلەن يېپىق ئېكولوگىيە زەنجىرى شەكىللەندى، بۇ »ئۈجمىلىكتىكى بېلىق كۆلى تىپى« دەپ ئاتالدى. بۇ يېمەكلىك زەنجىرىدە ئۈجمە دەرىخى ئىشلەپچىقارغۇچى، پىلە قۇرتى بىرىنچى دەرىجىلىك ئىستېمالچى، بېلىق ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىستېمالچى، بېلىق كۆلىدىكى مىكرو ئورگانىزملار پارچىلىغۇچى بولىدۇ، ماددىلار مۇشۇ دائىرىدە تەكرار ئايلىنىدۇ، كېرەكسىز ماددىلاردىن ئەتراپلىق پايدىلىنىلىدۇ. بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي روھى بىردەكلىككە ئىگە، بۇ، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيىسى سىستېمىسىدا ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان ئادەمدىن تەبىئەت قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىشقا ماھىر بولۇشنى، مەۋقەنى بۈگۈنگە قويۇپ، نەزەرنى كەلگۈسىگە قارىتىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا ئەڭ ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بەزىلەر ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا مۇنداق كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى: قەتئىي ئېكولوگىيە قائىدىلىرىگە ئاساسەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەشكىللەش، شۇ جاينىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، مىكرو جانلىقلار ئارىسىدىكى بىر - بىرىگە تايىنىش مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ كېرەكسىز ماددا ھاسىل بولمايدىغان ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇش، ئىمكانقەدەر كۆپرەك ساپ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش، ھەم ماشىنا - ئۈسكۈنە، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھەم ئۇلارنىڭ بۇلغاش تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى تەجرىبىلەرنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، يېشىل يېپىنچا ئۆسۈملۈك دائىرىسى ئەڭ كەڭ، بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى، فوتوسىنتېز رولى ئەڭ مۇۋاپىق، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى ئەڭ ياخشى بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، ياۋا ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى قاتارلىق خىمىيىلىك دورىلارنى چەتكە قاقمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن بىرقەدەر يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ، نېفىت يېزا ئىگىلىكىگىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا بىرقەدەر ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاغ، سۇ، ئېتىزدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئوغۇتلاشتا ئورگانىك ئوغۇتنى ئاساس قىلىدۇ، كېسەللىك ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىشتا بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ۋە ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بۇلغىشىنى ئازايتىدۇ. شۇڭا، ئېلىمىزدىكى كۆپ ساندىكى يېزا ئىگىلىك ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى يولىغا ماڭغاندىلا، ئاندىن نېفىت يېزا ئىگىلىكىدىكى بىرقاتار مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى، كۆپلەپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. |
|