بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> يىزا-ئىگىلىك >> سۈنئىي ئۇرۇق

سۈنئىي ئۇرۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-30 10:58:43    كۆرۈلۈش سانى : 65  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئېلىمىزنىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار سۈنئىي شال ئۇرۇقىنى تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئەلا سورتلارنى تېز كۆپەيتىشنى يېڭى ۋاسىتە بىلەن تەمىنلىدى. سۈنئىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشتە مەلۇم زىرائەت تۈپىدىن بىر پارچە توقۇلما كېسىۋېلىپ، ئاندىن بۇ توقۇلما لىق ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان ئۆستۈرۈش ساندۇقى ئىچىگە سېلىنسا، ئون نەچچە كۈندىن كېيىن، زور مىقداردا كۆپەيگەن ھۈجەيرە توقۇلمىلىرى كاللەكلىشىدۇ، ئارقىدىنلا بۇ كاللەكلەر ئۆزلۈكىدىن ئاجرايدۇ، ھەربىر ھۈجەيرە يېتىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان تۆرەلمە تەبىئىي ئۇرۇقتىكى تۆرەلمە - تەن ھۈجەيرە تۆرەلمىسىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ، ئەگەر بۇلارنى سۇدا ئۇيۇيدىغان يىلىمدا مۇئەييەن چوڭ - كىچىكلىكتىكى دانچە قىلىپ ئورىساقلا سۈنئىي ئۇرۇق تەييار بولىدۇ. سۈنئىي ئۇرۇقنىڭ تەبىئىي ئۇرۇققا قارىغاندا مۇنداق بىرقانچە ياخشى تەرىپى بار: بىرىنچى، «تەن ھۈجەيرە تۆرەلمىسى» جىنسسىز كۆپىيىشنىڭ مەھسۇلى، ئۇ ئانىلىقنىڭ ئىرسىيەت خۇسۇسىيەتلىرىنى سادىقلىق بىلەن ساقلاپ، چېكىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىككىنچى، كۆپىيىش سۈرئىتى تېز، مەسىلەن، گۈل ئۆسۈملۈكلىرىدىن كاڭنەيشىڭنى ئالساق، بىر دانە كاڭنەيشىڭ غولىدىن بىر يىل ئىچىدىلا1  مىليون تۈپ مايسا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، بۇنداق سۈرئەتكە باشقا ھەرقانداق ئۇسۇلدا يەتكىلى بولمايدۇ. ئۈچىنچى، ئەگەر ساغلام تۈپلەردىكى ھۈجەيرىلەر تاللاپ يېتىشتۈرۈلسە ھەمدە باكتېرىيىسىز شارائىتتا سىرتى ئورالسا ھېچقانداق كېسەللىك زىيانداشلىقى بولمىغان ئۇرۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ ئۇرۇقتىن تارقىلىدىغان كېسەللىك زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ياخشى ئۇسۇل. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۈنئىي ئۇرۇقتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ زور ئىستىقباللىق يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسى ھېسابلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئ...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تې...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئ...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگى...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگ...
●  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى...
●  خىمىيىلىك ئالدىنى ...
●  ھاشارات ئاپىتى ۋە ك...
●  تەيفېڭ بورىنى ئاپى...
●  ئىللىق پەسىلدىكى م...
●  يامغۇر ھۆلچىلىكىگە...
●  تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
●  مېتېئورولوگىيە ئام...
●  ئاق مور
●  قارا مور

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇ...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلى...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش تېخن...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش ت...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئىگىل...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگى...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىن...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى