تۆۋەن تېمپېراتۇرا پەيدا قىلىدىغان ئاپەتلەر
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-03 10:42:13 كۆرۈلۈش سانى : 16
تېمپېراتۇرا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىدىكى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا، يەنى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا چېكى بولۇشى كېرەك. مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا شارائىتىدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز ھەم ياخشى بولىدۇ؛ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ يېتىلىشتىن توختاپ، ھاياتىنىلا ساقلاپ قالىدۇ. كىشىلەر بۇ ئۈچ چەكنى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ »ئۈچ ئاساسىي نۇقتا تېمپېراتۇرىسى«دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا چېكى ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ ھەتتا نابۇت بولىدۇ.
تۆۋەن تېمپېراتۇرا پەيدا قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئاپەتلىرىدىن ئاساسلىقى سوغۇق ئاپىتى، ئۈششۈك ئاپىتى، قىشتىن ئۆتىدىغان زىرائەتلەرنىڭ ئۈششۈپ قېلىش ئاپىتى، ئىسسىق بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ زىرائەتلىرنىڭ سوغۇقتىن ئۈششۈپ قېلىش ئاپىتى قاتارلىقلار بار.
سوغۇق ئاپىتى دېگىنىمىز تېمپىراتۇرا ℃0 تىن يۇقىرى، ئەمما زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا چېكىدىن تۆۋەن بولغاندا زىرائەتكە يەتكۈزىدىغان خەۋپنى كۆرسىتىدۇ. شىمالنىڭ ياز پەسلىنى ئالساق، زىرائەتلەر ئۇزۇندىن بۇيان يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىغا ماسلىشىپ قالغان بولغاچقا، تېمپېراتۇرا سەللا تۆۋەن بولۇپ قالسا ماسلىشالمايدۇ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃20 تىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، زىرائەتنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىپ، ئومۇميۈزلۈك زىيانغا ئۇچرايدۇ.
ئەگەر ℃0 تىن تۆۋەن تېمپېراتۇرا زىرائەتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، بۇ ئۈششۈك دەپ ئاتىلىدۇ. كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ توساتتىن كىرىشى بىلەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى جىددىي تۆۋەنلەپ ℃0 قا ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ ئۈششۈك پەيدا بولۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۆز ئىچىدىن مۇز تۇتقۇزۇۋېتىدۇ، ھەتتا ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. قىرو ئۈششۈكى بىلەن قىرو ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئىش، قىرو ھاۋادىكى سۇ ھورى تويۇنغان ھالەتكە يەتكەن چاغدا ℃0 لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ئۇچرىسا قېتىشىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ، قىرو ئۈششۈكى بولسا ئۆسۈملۈك تېنى ئىچىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ مۇز بولۇپ قېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىرى تەن سىرتىدا، بىرى تەن ئىچىدە بولغاچقا، قىرو ئۈششۈكى پەيدا بولغاندا تاشقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ئادەتتە، قىرو پەيدا بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۈششۈپ قېلىشى ناتايىن؛ ئەمما، قىرو ئۈششۈكى كۆرۈلگەندە ھاۋادىكى سۇ ھورى تويۇنمىسا قىرو كۆرۈنمەيدۇ، شۇڭا، كىشىلەر قىرو ئۈششۈكىنى يەنە «قارا قىرو» دەپ ئاتىشىدۇ.
سوغۇق ئاپىتى بىلەن قىرو ئۈششۈكى ئوخشاشلا بىر يىل ئىچىدىكى ئىللىق پەسىلدە پەيدا بولىدىغان تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئاپىتى. قىشتىن ئۆتىدىغان زىرائەتلەرنىڭ ئۈششۈك زىيىنى ۋە ئىسسىق بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغ زىرائەتلىرىنىڭ توڭلاش ئاپىتى قىش پەسلىدە يۈز بېرىدۇ.
قىشتىن ئۆتىدىغان زىرائەتلەرنىڭ ئۈششۈك ئاپىتى دېگىنىمىز شىمالدىكى زىرائەتلەرنىڭ قىشتىن ئۆتۈش مەزگىلىدە ھاۋا رايىدا چېكىدىن ئاشقان تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ توساتتىن كۆرۈلۈشى ياكى داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇشى تۈپەيلىدىن، ئەسلىدە مۇئەييەن سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بار زىرائەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالماي ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەتتە تېمپېراتۇرا ℃10- تىنمۇ تۆۋەن ھالەتتە بولىدۇ.
ئىسسىق بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغ زىرائەتلىرىنىڭ سوغۇق ئاپىتى دېگىنىمىز، ئىسسىق بەلۋاغ زىرائەتلىرىنىڭ℃0 ياكى℃0 تىن يۇقىرى - تۆۋەن تېمپىېراتۇرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان يېزا ئىگىلىك ھاۋا رايى ئاپەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى ئېلىمىزنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغلىرىدىكى كاۋچوك، كاكائو دەرىخى، قەھۋە ۋە كوكۇس پالمىسى قاتارلىق زىرائەتلەرگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
كىشىلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پائال ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللاندى. تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئاپىتىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك كىلىماتىنى رايونلارغا ئايرىش، يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئەڭ ئاساسلىق تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. پەرۋىشنى كۈچەيتىش، مۇۋاپىق ئوغۇتلاش ئارقىلىق زىرائەتلەرنى تىمەن ئۆستۈرۈش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئاپەت پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئاپىتى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى تۇپراقنى ۋاقتىدا يۇمشىتىپ، يەر تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇش لازىم؛ شال ئېتىزلىرىنى كېچىدە چوڭقۇر سۇغىرىپ تېمپېراتۇرىنى ئۆستۈرۈش، قۇرغاق يەرلەرگە سۇلياۋ يوپۇق، پاخال يېپىش، ئوتۇن، سامان كۈلى چېچىش قاتارلىقلار؛ مېۋىلىك باغ ۋە ئىقتىسادىي زىرائەت ئېتىزلىرىنى ئىسلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوت - چۆپ دۆۋىسى ئاستا كۆيگەندە ھاسىل بولغان ئىس - تۈتۈن ئارقىلىق كېچىدىكى رادىئاتسىيىلىك سوۋۇش دەرىجىسىنى ئاجىزلىتىش لازىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار. |
|