بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> يىزا-ئىگىلىك >> ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە «نېفىت يېزا ئىگىلىكى»

ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە «نېفىت يېزا ئىگىلىكى»

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-17 10:44:07    كۆرۈلۈش سانى : 18  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
«نېفىت يېزا ئىگىلىكى» ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە ئۆتۈشتىكى بىر يېڭى باسقۇچ. ئۇ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىگە سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى قولدا ئىشلەنگەن قوراللار ۋە ئادەم كۈچى، چارۋا كۈچىگە تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىنىدۇ، تەبىئىي ئوغۇت ئىشلىتىلىدۇ، مەشغۇلات تېخنىكىسىدا ئەنئەنىۋى تەجرىبىلەرگە تايىنىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، زامانىۋى سانائەتنىڭ ياردىمى ئاساسىي جەھەتتىن يوق دېيەرلىك، ئۇ بىر خىل «تۆۋەن سەرپىياتلىق، تۆۋەن سېلىنمىلىق ئۆز - ئۆزىنى قامداش» تىپىدىكى يېرىم بېكىنمە يېزا ئىگىلىكى.20   - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر كۈچلۈك سانائەت تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا ياردەم قىلدى، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇتلار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى قوراللاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئېلېكترلەشتۈرۈش، خىمىيىلەشتۈرۈش، سۇ ئىنشائاتىلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ سانائەت تەدبىرلىرى نېفىتنى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «نېفىت يېزا ئىگىلىكى» دەپ ئاتىدى. نېفىت يېزا ئىگىلىكى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى «يۇقىرى سېلىنمىلىق، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى ئايلانما» يېزا ئىگىلىكىگە ئايلاندۇردى. ئۇ زامانىۋى پەن - تېخنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. نېفىت يېزا ئىگىلىكى يەنە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ غەيرىي يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىگە يۆتكىلىشىگە، پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. بىراق، نېفىت يېزا ئىگىلىكىدىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى: نېفىت سەرپىياتى زىيادە كۆپ بولغاچقا، تەننەرخ ئېشىپ كېتىپلا قالماي، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلگەن نېفىتنىڭ ئېنېرگىيىسى ئوزۇقلۇقنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئېنېرگىيىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بەزىلەر مۇنداق بىر ھېسابات قىلىپ كۆرگەن: ئەگەر پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ نېفىت سەرپىيات سەۋىيىسى ئامېرىكىنىڭكىگە ئوخشاش يۇقىرى بولسا، ئۇنداقتا ھازىر بىزگە مەلۇم بولغان دۇنيا نېفىت زاپىسى ئاران13  يىللا ئىشلىتىشىمىزگە يېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تۈرلۈك خىمىيىلىك ياسالمىلار مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدۇ؛ تۇپراقنى بۇلغىشى كۈنسايىن ئېغىرلىشىدۇ ۋەھازاكالار. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھەرقايسى ئەللەردىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ئارقىمۇئارقا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا ئومۇمەن مۇنداق ئىككى خىل قاراشتىكىلەر بار: بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر نېفىت يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىلغار ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، بىراق، مۇشۇ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر نېفىت يېزا ئىگىلىكىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى خاتا، ئەمەلىيەت ئۇسۇلى زىيانلىق، دۇنيا يېزا ئىگىلىكىنىڭ چىقىش يولى «ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى»دە، دەپ قارايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئ...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تې...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئ...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگى...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگ...
●  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى...
●  خىمىيىلىك ئالدىنى ...
●  ھاشارات ئاپىتى ۋە ك...
●  تەيفېڭ بورىنى ئاپى...
●  ئىللىق پەسىلدىكى م...
●  يامغۇر ھۆلچىلىكىگە...
●  تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
●  مېتېئورولوگىيە ئام...
●  ئاق مور
●  قارا مور

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇ...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلى...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش تېخن...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش ت...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئىگىل...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگى...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىن...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى