بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> يىزا-ئىگىلىك >> تارىشا گۈڭگۈرت

تارىشا گۈڭگۈرت

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-23 14:53:12    كۆرۈلۈش سانى : 45  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
تارىشا گۈڭگۈرت تارىشا گۈڭگۈرت بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار     ئەجدادلىرىمىز ئۆڭكۈر مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ ئىپتىدائىي يايلاق مەدەنىيىتىدىن باشلاپ تاشنى تاشقا ئۇرۇپ ئوت چىقىرىپ ئىسسىنىش ۋە يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشنى بىلگەن بولسا، كېيىنكى ۋاقىتتا يايلاقتا كالا تېزىكىنى چوغ ئارىسىغا ئېلىپ، كۈل بىلەن كۆمۈپ ئوت ساقلاش ئارقىلىق ئوتقا بولغان ئېھتىياجىنى قامدىغان. كېيىنكى تەرەققىياتلار داۋامىدا ئوت تۇتاشتۇرۇشقا، ئۆيدىن  ئۆيگە ئوت ئېلىپ چىقىشقا، ھەتتا قاراڭغۇدا بىر قانچە ئون مىنۇت يورۇتۇشقا ئىشلىتىشكە بولىدىغان تارىشا گۈڭگۈرتنى كەشىپ قىلغان.     تارىشا گۈڭگۈرتنىڭ ماتېرىيالى قۇرۇق تېرەك ياغىچى ۋە گۈڭگۈرتتىن ئىبارەت. تارىشا گۈڭگۈرتنى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار: ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر، كەڭلىكى بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان، ئىككى ئۇچىغا ساپ بېكىتىلگەن پىچاق، بىلەي، پىچاق چاقلايدىغان چاق، كەكە ۋە ياغاچ ھەرىدەيدىغان ھەرە. ئىش ئورنى، يەنى دۇكان بىر مېتىرلىق چوڭ ياغاچ بولۇپ، ياغاچ يەرگە 60 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئورنىتىلىدۇ. ئۈستىگە كەڭلىكى ئون سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر كېلىدىغان قۇرۇق ياغاچ تۆمۈر قاماق بىلەن مىدىرلىمايدىغان قىلىپ بېكىتىلىدۇ. ئۇنىڭغا بىر ئورۇندۇق چېتىلىپ، ئۇستىكار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، پىچاقنىڭ ئىككى سېپىدىن تۇتۇپ، كۆتەك ئۈستىدىكى ياغاچقا پىچاقنى قويۇپ ئالدىغا تارتىدۇ. ھەر بىر قېتىم تارتقاندا ئىش قەغىزىدەك نېپىز تىلىنغان تارىشا تۆۋەنگە چۈشۈپ تۇرىدۇ. قابىل ئۇستىلار مىنۇتىغا 40 – 50 تال تارىشا تىلىدۇ. مەشغۇلات شۇنداق داۋاملىشىدۇ. تىلىنغان تارىشا تۆت – بەش تالدىن قىلىنىپ پىچان بىلەن باغلىنىدۇ. ئاندىن گۈڭگۈرتنى مەخسۇس قازانغا سېلىپ ئوت يېقىپ سۇيۇلدۇرۇپ، باغلاقلىق تارىشىنىڭ بىر ئۇچى گۈڭگۈرتكە تەگكۈزىلىدۇ. ھەر تال تارىشىغا گۈڭگۈرت يۇقىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تارىشا گۈڭگۈرت تەييارلانغان بولىدۇ.     ئازادلىقتىن ئىلگىرى ۋە ئازادلىقتىن كېيىنكى بىر مەزگىللەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تارىشا گۈڭگۈرت خەلقنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەتىۋارلىق يېقىلغۇسى بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل بازار تاپقان. ھازىرقى پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى تۇرمۇشتا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك تارىشا گۈڭگۈرت ئىشلىتىشتىن قالغان بولسىمۇ، يىراق يېزا – قىشلاقلاردا ئۇ يەنىلا ئوت تۇتاشتۇرۇشتىكى قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.  شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئ...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تې...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئ...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگى...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگ...
●  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى...
●  خىمىيىلىك ئالدىنى ...
●  ھاشارات ئاپىتى ۋە ك...
●  تەيفېڭ بورىنى ئاپى...
●  ئىللىق پەسىلدىكى م...
●  يامغۇر ھۆلچىلىكىگە...
●  تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
●  مېتېئورولوگىيە ئام...
●  ئاق مور
●  قارا مور

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇ...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلى...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش تېخن...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش ت...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئىگىل...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگى...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىن...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى