بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> يىزا-ئىگىلىك >> تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-09 09:59:53    كۆرۈلۈش سانى : 17  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
تەيفېڭ بورىنى ياز، كۈز پەسلىدە ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىن قۇرۇقلۇققا ئەڭ كۆپ چىقىدۇ، ياز پەسلى دەل زىرائەتلەرنىڭ پىشىش ۋاقتى بولغاچقا، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ، جۈملىدىن شالغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ تەجرىبە قىلىشىچە، يەرگە يېقىن قەۋەتتىكى بوراننىڭ سۈرئىتى سېكۇنتىغا7  مېتىر بولغاندا، شالنىڭ غوللىرى سۇنۇشقا باشلايدىكەن؛ بوران سۈرئىتى سېكۇنتىغا14  مېتىر بولسا ھەمدە2  سائەت داۋاملاشسا،80  پىرسەنت شالنىڭ غولى سۇنۇپ كېتىدىكەن. ھالبۇكى، تەيفىڭ بورىنىنىڭ سۈرئىتى ئادەتتە سېكۇنتىغا40  −60  مېتىر، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىنىڭ بولسا سېكۇنتىغا100  مېتىرغا يېتىدۇ. بۇنداق قاتتىق بوران شال غولىنىلا ئەمەس، ھەتتا چوڭ دەرەخلەرنىمۇ يىلتىزىدىن قومۇرۇۋېتىدۇ، يوغان پولات تاختايلارنىمۇ كۈچىمەيلا كۆككە ئۇچۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭدىن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇچرايدىغان زىياننىڭ قانچىلىك بولىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەيفېڭ بورىنى چىققاندا ھۆل - يېغىن مىقدارىنىڭ200  −300  مىللىمېتىرغا يېتىشى ناھايىتى ئادەتتىكى ئىش، بەزىدە1000  مىللىمېتىردىنمۇ ئارتىپ كېتىدۇ، شۇڭا، تەيفېڭ بورىنى چىققان جايلاردا كۆپىنچە كەلكۈن ئاپىتى پەيدا بولىدۇ. تەيفېڭ بورىنىنىڭ يۈرۈش لىنىيىسى گەرچە ئەگرى - بۈگرى بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇ ھەر يىلى بىرقەدەر مۇقىم بولغان لىنىيە بويىچە يۆتكىلىدۇ. يېقىنقى40  يىلدىن بۇيان،7  −9  - ئايلارغىچە ئېلىمىز قۇرۇقلۇقىغا چىققان تەيفىڭ بورىنى ئاساسلىقى جياڭسۇ، جېجياڭدىكى دېڭىز بويلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن،7  - ئايدىن ئىلگىرى ۋە9  - ئايدىن كېيىنكى كۆپ ساندىكى تەيفېڭ بورانلىرى ۋېنجۇنىڭ جەنۇبى ۋە فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئىنسانلار ھازىرقى پەن - تېخنىكا سەۋىيىسى بىلەن تەيفېڭ بورىنىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالمايدۇ، زىياندىن ساقلىنىش چارىسىنىلا قوللىنالايدۇ. مەسىلەن، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى ئىمكانقەدەر سۈرۈپ، زىياننى يېنىكلىتىدۇ؛ پىشقان زىرائەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ ئامبارغا كىرگۈزىدۇ؛ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلۋېغى بىنا قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنى ۋاقتىدا يۆتكىۋېتىدۇ ۋەھاكازالار. ئەلۋەتتە، ئىنسانلارمۇ تەبىئەتنىڭ قۇلى بولۇشقا تەن بەرمەيدۇ. تەيفېڭ بورىنىغا سۈنئىي ئۇسۇلدا تەسىر كۆرسىتىش ئىلمىي تەجرىبىسى بەزى دۆلەتلەردە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئ...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تې...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئ...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگى...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگ...
●  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى...
●  خىمىيىلىك ئالدىنى ...
●  ھاشارات ئاپىتى ۋە ك...
●  تەيفېڭ بورىنى ئاپى...
●  ئىللىق پەسىلدىكى م...
●  يامغۇر ھۆلچىلىكىگە...
●  تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
●  مېتېئورولوگىيە ئام...
●  ئاق مور
●  قارا مور

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇ...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلى...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش تېخن...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش ت...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئىگىل...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگى...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىن...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى