يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش تېخنىكىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-28 10:15:32 كۆرۈلۈش سانى : 78
قەدىمدىن تارتىپ يەر ئاغدۇرۇش ۋە تېرىش يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تۇنجى قەدەم بولۇپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا يەرنى ئاز ئاغدۇرۇش ياكى ئاغدۇرماسلىق يېڭى ئۇسۇلى تەدرىجىي ئومۇملاشتى، بۇ يەر ئاغدۇرۇلمايدىغان يېزا ئىگىلىكى دەپ ئاتالدى.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، يەر ئاغدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق رولى ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش، تۇپراقنى بوشىتىشتىن ئىبارەت. بىراق، تۈجۈپىلەپ ئاغدۇرۇشنىڭمۇ نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلىرى بار، بىرىنچى، ئاغدۇرۇشنىڭ ئاغدۇرۇش قوراللىرى كۈچى ۋە ئەمگەك كۈچىگە بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، بولۇپمۇ ئۇرۇق سېلىش مەزگىلىدە، كۆپ ساندىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ تېرىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان مەزگىلى ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا ھەم تۈجۈپىلەپ ئاغدۇرۇش، ھەم ۋاقتىدا تېرىشنى بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش تەسكە توختايدۇ. ئىككىنچى، ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن تۇپراق يۇمشاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن تۇپراقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى كۈچىيىدۇ. ئۆلچەشلەرگە قارىغاندا، سەل يانتۇ يەرلەرنى ئاغدۇرغاندا تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئاغدۇرمىغاندىكىگە قارىغاندا نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ بولىدىكەن. شۇڭا، يەر شەكلى ئېگىز - پەس، سۇ چىقىرىش ئىقتىدارى بىرقەدەر ياخشى پارچە يەرلەرنى ئاغدۇرماي تېرىشنىڭ ياخشى تەرىپى تېخىمۇ روشەن بولماقتا. ئۈچىنچى، ئۆسۈملۈك قالدۇقلىرى بار يەرلەرنى تاقىر تۇپراق بىلەن سېلىشتۇرغاندا سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە پارلىنىپ كېتىشى بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، بۇ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق.
ئاغدۇرماسلىق ئۇسۇلىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇنىڭدا يېزا ئىگىلىك ئەمگەك تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. نۇرغۇن مىقداردىكى ياۋا ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسىنى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىغا ئىشلىتىىش ئارقىلىق ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تامامەن تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئەھۋالدا، ئاز ئاغدۇرۇش ياكى ئاغدۇرماسلىق تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئاغدۇرماي كۆممىقوناق تېرىشىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار ئالدى بىلەن يەرگە ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىش دورىسى چېچىپ، ئۆسۈۋاتقان بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ھەمدە تۇپراقتىكى تېخى بىخلانمىغان ئوت - چۆپ ئۇرۇقلىرىنىڭ بىخلىشىنى تىزگىنلەيدۇ؛ ئارقىدىنلا ئوغۇتلايدۇ؛ ئۈچىنچى قەدەمدە ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇق چاچىدۇ ھەمدە ئۈستىنى ياپىدۇ. سېيالكا ئارقىلىق ئېچىلغان5 −8 سانتېمىتىرلىق چۆنەكتىن باشقا يەرلەر ئەسلىي پېتى تۇرۇۋېرىدۇ ھەمدە ھوسۇل يىغىۋېلىنىشتىن ئىلگىرى ئومۇمەن ھېچقانداق مەشغۇلات ئىشلەنمەيدۇ، بۇنى ئىلگىرىكى تېرىقچىلىق ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خىزمەت ئۈنۈمدارلىقى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشىدۇ. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئېڭىزغا تېرىلىدىغان كەنجى شال ھەمدە كۈزلۈك ئارپا، بۇغدايلارغا قارىتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاغدۇرماسلىق تېخنىكىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئاغدۇرماسلىق ئۇسۇلىنىڭمۇ مۇئەييەن يېتەرسىزلىكلىرى بار، مەسىلەن، تۇپراقنىڭ يېپىشقاقلىقى ئېغىر، سۇ چىقىرىشى ناچار جايلار ئۇزاققىچە ئاغدۇرۇلمىسا ھاۋا ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. كېسەللىك ھاشاراتلىرى ۋە چاشقانلارنىڭ زىيان سېلىشى ئۆسۈملۈك قالدۇقلىرىنىڭ ھىمايىسىدە كۈچيىپ كېتىدۇ، بۇلار مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك بولغان مەسىلىلەر. تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، ئاز ئاغدۇرۇپ ياكى ئاغدۇرماي تېرىش ناھايىتى ئىستىقباللىق تېرىقچىلىق ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. |
|