بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> يىزا-ئىگىلىك >> ھاشارات ئاپىتى ۋە كېسەللىك زىيانداشلىقى

ھاشارات ئاپىتى ۋە كېسەللىك زىيانداشلىقى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-11 10:14:55    كۆرۈلۈش سانى : 20  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
مېتېئورولوگىيە ئاپىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا  تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك ئاپەت بار، ئۇ بولسىمۇ ھاشارات ئاپىتى ۋە كېسەللىك زىيانداشلىقى. ھاشارات ئاپىتى دېگىنىمىز، ھاشاراتلار پەيدا قىلغان يېزا ئىگىلىك ئاپىتىنى كۆرسىتىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغان يېزا ئىگىلىك زىيانداش ھاشاراتلىرىدىن چېكەتكە، موزايۋېشى، كۆكپىت، تومۇزغا، مايقوڭغۇز، ئۇزۇن بۇرۇت قوڭغۇز، غوزا قۇرتى، يېپىشقاق قۇرت قاتارلىقلار بار. ھاشاراتلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سانىمۇ كۆپ. مەسىلەن، چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەرگەندە، پۈتكۈل چېكەتكە توپىدىكى چېكەتكىنىڭ سانى2  مىلياردتىن ئاشىدۇ، بۇلار1200  گېكتار يەرنى قاپسىۋالالايدۇ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى3000  توننىغا يېتىدۇ. ئەڭ چوڭ چېكەتكە توپىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى5  توننىغا يېتىدۇ، سانىنىڭ كۆپلۈكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئېلىمىزدە ئەمىنىيە دەۋرىدىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچىلىك بولغان2600  يىل ئىچىدە800  قېتىمدىن ئارتۇق چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەرگەن. چېكەتكىلەر ھەش - پەش دېگۈچە زىرائەتلەرنى قىرقىپ تۈگىتىۋەتكەن، بۇنى ھەقىقەتەنمۇ زور ئاپەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېسەللىك زىيانداشلىقى ئوخشاشلا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ناھايىتى زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. تارىختا1845  - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ياۋروپادا ياڭيۇ ھال كېسىلى پەيدا بولۇپ، ياڭيۇنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدىغان ئاھالىلەرگە ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلغان، ئىرېلاندىيە ئارىلىدىكى8  مىليون ئاھالە ئىچىدە1  مىليون ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن،1  مىليون640  مىڭ ئادەم يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلغان.1943  - يىلى شالدا زىغىر دات كېسىلى پەيدا بولغانلىقى ئۈچۈن بېنگالدا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ،2  مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. بۇ دۇنيادىكى ئۆسۈملۈك كېسەللىك زىيانداشلىقى پەيدا قىلغان ئىككى قېتىملىق زور قەھەتچىلىك ئاپىتى. ئۆسۈملۈك كېسەللىك زىيانداشلىقىنى كېسەللىك پەيدا بولۇش سەۋەبىگە ئاساسەن مۇنداق ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى، جانلىقلار ئامىلى پەيدا قىلغان كېسەللىك زىيانداشلىقى، بۇ يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ياڭيۇ ھال كېسىلى، شالنىڭ زىغىر دات كېسىلى، بۇغداي دات كېسىلى، تەرخەمەك بۇرجەكلىك داغ كېسىلى، پەمىدۇر ۋىرۇس كېسىلى قاتارلىقلار. يەنە بىرى غەيرىي جانلىقلار ئامىللىرى پەيدا قىلغانلىرى بولۇپ، غەيرىي يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك زىيانداشلىقى ياكى فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىك زىيانداشلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەردە ئېلېمېنت كەم بولۇش كېسىلى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كۆيۈشتىن پەيدا بولىدىغان كۆيۈك كېسىلى قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك زىيانداشلىقىنىڭ خەۋپى بىرقەدەر چوڭ. يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك زىيانداشلىقىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى ئاساسلىقى زەمبۇرۇغ، باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملاردۇر. بەزى يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك زىيانداشلىقلىرى ناھايىتى كۈچلۈك تارقىلىشچانلىققا ئىگە. تاشقى مۇھىت شارائىتى مۇۋاپىق كەلگەندە قىسمەن دائىرىدىن پۈتۈن دائىرىگە تارقىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا تارقىلىشچان كېسەللىك زىيانداشلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەرخەمەكنىڭ قىروسىمان پاختىلىشىش كېسىلى تارقىلىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك كېسەللىك بولۇپ، دېھقانلار ئۇنى ئوبرازلىق قىلىپ »ئات يۈگۈرتۈش« دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ تارقىلىشى ۋە زىرائەتلەرنى قۇرۇتۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىگە سىمۋول قىلغان. كىشىلەر كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللاندى. مەسىلەن، خىمىيىلىك دورىلارنى كەڭ دائىرىدە ئىشلەتتى؛ كېسەلگە چىداملىق سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى؛ پەرۋىش ئارقىلىق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆسۈملۈكلەرنى تىمەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى  ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىنىنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك ھاشاراتلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى توسىدى، ۋەھاكازالار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئ...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تې...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئ...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگى...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگ...
●  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى...
●  خىمىيىلىك ئالدىنى ...
●  ھاشارات ئاپىتى ۋە ك...
●  تەيفېڭ بورىنى ئاپى...
●  ئىللىق پەسىلدىكى م...
●  يامغۇر ھۆلچىلىكىگە...
●  تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
●  مېتېئورولوگىيە ئام...
●  ئاق مور
●  قارا مور

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇ...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلى...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش تېخن...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش ت...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئىگىل...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگى...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىن...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى