بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> يىزا-ئىگىلىك >> كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلىكى

كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلىكى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-03 10:19:18    كۆرۈلۈش سانى : 62  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
يېزا ئىگىلىك ئالىملىرى نۇرغۇن زور ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە غۇلغۇلا قىلىشىپ، كىشىلەرگە كەلگۈسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى نامايان قىلىپ بەردى. «تەكشىلىك شەكلى»دىن «ستېرېئولۇق شەكىل»گە تەرەققىي قىلىش. چەكلىك تۇپراقتا زور مىقداردا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بەزىلەر زىرائەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەكشىلىك شەكلىدىن ستېرېئولۇق شەكىل يۆنىلىشىگە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى جەريانىدىكى «بوشلۇق پەرقى» ۋە «ۋاقىت پەرقى»دىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى - تۆۋەن گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە ئىنچىكە گۇرۇپپىلاپ، مۇۋاپىق بىرىكتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ئىقتىدارلىق، كۆپ يوللۇق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، نۇردىن ئىمكانقەدەر ئەتراپلىق پايدىلىنىپ، سۇ، ئوغۇت، تۇپراق، ھاۋا، ئىسسىقلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قېزىلىپ، بۇ ئارقىلىق مەھسۇلات قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، سۇدا يۇقىرى زىچلىقتا بېقىش، ئارىلاشتۇرۇپ بېقىش ھەمدە قەۋەتكە ئايرىپ بېقىش؛ يەردە ئېگىز - پاكارنى قۇر ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ تېرىش، ئۇزۇن - قىسقىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش، ئاپتاپنى ياقتۇرىدىغان ۋە سايىنى ياقتۇرىدىغان سورتلارنى بىللە ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ جەھەتلەردىكى ئۈلگىلەردۇر. «نېفىت شەكلى»دىن «ئېكولوگىيىلىك شەكىل»گە تەرەققىي قىلىش. مۇتەخەسسىسلەر ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى ئۇزۇنغىچە گۈللىنىدىغان شەكىل، ئۇ كەلگۈسى يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارىماقتا. تەبىئىي شەكىلدىن «مۇئەسسەسەلىك شەكىل»گە تەرەققىي قىلىش. ھازىرقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئومۇمەن ئوچۇقچىلىقتا ئېلىپ بېرىلغاچقا، ھەمىشە تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. كەلگۈسى يېزا ئىگىلىكى كۆپلىگەن زامانىۋى مۇھاپىزەت ئەسلىھەلىرى بىلەن قوراللىنىدۇ، مەسىلەن، يۈكسەك ئاپتوماتلاشقان، تېمپېراتۇرىسى تىزگىنلىنىدىغان ھەر تۈرلۈك پارنىك، يۈرۈشلەشكەن ئىلغار سۇيۇقلۇق يوللاش سىستېمىسى قاتارلىقلار. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسىدىكى10  يىلدىن30  يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، خېلى بىر قىسىم كۆكتات، گۈل - گىياھ قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئېتىزدىن پارنىكقا، ئاندىن پارنىكتىن تولۇق كونترول قىلغىلى بولىدىغان مۇھىت ئۆيىگە يۆتكىلىدىكەن. ئۇ چاغقا بارغاندا، بۇ زىرائەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى دېھقانچىلىق پەسلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەرقانداق ۋاقىتتا تېرىپ يىل بويى ھوسۇل ئالغىلى بولىدىكەن. «ماشىنىلىشىش»تىن «كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇش»قا تەرەققىي قىلىش. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىشى يېزا ئىگىلىكىگە ناھايىتى زور ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى، ھالبۇكى، كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ماشىنىلار تەدرىجىي ئورۇن بوشىتىدۇ. مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ماشىنا ئادەم» دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بارلىق پەرۋىشكە قاتنىشىدۇ ھەمدە تۈرلۈك دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تاماملايدۇ. «قۇرۇقلۇق»تىن «ئالەم»گە كېڭىيىش. ئالىملار ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكىمۇ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا21  - ئەسىردە تۇنجى تۈركۈم ئاھالىنى ئاي شارىغا ماكانلاشتۇرىدىكەن، ئادەم باشقۇرىدىغان تۇنجى ئالەم كېمىسى مارسقا بارىدىكەن، ئاندىن كېيىن ئاپتوماتىك كان قازىدىكەن ۋە تېرىقچىلىق تەجرىبىسى ئىشلەيدىكەن، شۇ چاغقا بارغاندا ئالەم بوشلۇقىغا بېرىپ زاۋۇت، دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇش ئەمەلىي قوللىنىش باسقۇچىغا كىرىدىكەن. «دېھقانچىلىق مەيدانى شەكلى»دىن «باغچە» شەكلىگە تەرەققىي قىلىش.21  - ئەسىردە، كىشىلەر ياخشى يېيىش، ياخشى كىيىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە ياخشى كۆڭۈل ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەر كۈنسايىن قىممەتلەشكەچكە، يىراقنى كۆرەر بەزى ئاگرانوملار ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى ئۆزگەرتىپ يېزا ئىگىلىك باغچىسى قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر گوللاندىيە، ياپونىيە مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ سىناق ئىشلەۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىك باغچىسى ئىچىدە تۈرلۈك ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، گۈل - گىياھ ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بار بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە، ھاۋاسى ساپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سەنئەتلىك، تۆت پەسىلگە ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. «خىمىيىۋىلىشىش»تىن «بىئولوگىيىلىشىش» كە تەرەققىي قىلىش. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى خىمىيە دەۋرىگە كىردى. ھالبۇكى، ئالىملار گېن قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىئو تېخنىكىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ۋەزىيەتتىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. مەسىلەن، جانلىقلارنىڭ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. كېسەللىك ھاشاراتلىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان گېن كىرگۈزۈلسە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن بىئولوگىيىلىشىش تەدرىجىي ھالدا خىمىيىۋىلىشىشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. دەپ مۆلچەرلىمەكتە. ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىكى ئۈزلۈكسىز ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىگە يېتىش، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ خىل ئۆزگىرىش چوقۇم پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئ...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تې...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئ...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگى...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگ...
●  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى...
●  خىمىيىلىك ئالدىنى ...
●  ھاشارات ئاپىتى ۋە ك...
●  تەيفېڭ بورىنى ئاپى...
●  ئىللىق پەسىلدىكى م...
●  يامغۇر ھۆلچىلىكىگە...
●  تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
●  مېتېئورولوگىيە ئام...
●  ئاق مور
●  قارا مور

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇ...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلى...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش تېخن...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش ت...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئىگىل...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگى...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىن...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى