بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> يىزا-ئىگىلىك >> ئىللىق پەسىلدىكى مۆلدۈر

ئىللىق پەسىلدىكى مۆلدۈر

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-07 11:19:40    كۆرۈلۈش سانى : 13  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
مۆلدۈر يامغۇرلۇق بۇلۇت توپى خېلى كۈچەيگەن چاغدىكى ئالاھىدە ھادىسە. ئۇ قار - مۇزنى يادرو قىلغان «مۆلدۈر تۆرەلمىسى»نىڭ زور مىقداردىكى زىيادە سوغۇق سۇ تامچىسىغا سوقۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ، كۆپىنچە ئەتىيازنىڭ ئاخىرى، كۈزنىڭ باشلىرىدىكى ئىللىق پەسىلدە يۈز بېرىدۇ. مۆلدۈرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى پەيدا بولۇش سەۋەبىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە پۇرچاقچىلىك، گۈرۈچچىلىك بولىدۇ، چوڭلىرى تۇخۇمدەك، ياڭاقتەك بولىدۇ. مۆلدۈر بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى، چوڭ مۆلدۈر زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىپلا قالماستىن، ئادەم، چارۋىلارنىمۇ يارىلاندۇرىدۇ، قاتناش - ترانسىپورت، ئۆي - ئىمارەت قاتارلىقلارغىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. مۆلدۈرگە ئەگىشىپ كۈچلۈك بوران چىقىدۇ ۋە قار - يامغۇر ياغىدۇ، تاغ كەلكۈنى پەيدا بولۇپ، ئېتىزلارنى بېسىپ كېتىدۇ، كۈچلۈك بوران ئۆي - ئىمارەت، دەل - دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. مۆلدۈرنىڭ كېلىشى بەك شىددەتلىك بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىسىنى تاپتى. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن يېڭى تېخنىكا، يېڭى قوراللار بۇ ساھەگە كىردى. ھازىرقى سۈنئىي ئۇسۇلدا مۆلدۈرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئاساسلىقى ئايروپىلان، زېنىت توپ، يەرلىك راكېتا قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ مۆلدۈر بۇلۇتىنىڭ سۇ توپلانغان رايونىغا كاتالىزاتور مەسىلەن، كۈمۈش يودىد قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. كاتالىزاتور سانسىزلىغان مىكرو دانچىلاردىن تۈزۈلىدۇ، مۆلدۈر بۇلۇتىدا بۇنداق كۆپ مىكرو دانچىلار كۆپەيسە، تەبىئىي مۇز كىرىستاللىرى بىلەن سۇ تالىشىدۇ - دە، مۆلدۈرنىڭ شەكىللىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇششاق مۆلدۈرلەر چۈشۈش داۋامىدا  ئېرىپ يامغۇر تامچىسىغا ئايلىنىپ كېتىشىمۇ، زىيىنى ئانچە چوڭ بولمىغان ئۇششاق مۆلدۈرلەرگە ئايلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. مۆلدۈرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر يەنىلا ئىشنى ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بەرپا قىلىشتىن باشلاپ، كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، زېمىننى كۆكەرتىش ئارقىلىق رايون خاراكتېرلىك كىچىك كىلىماتنى ياخشىلاشتا، ئەلۋەتتە.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئ...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش ...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تې...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئ...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگى...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگ...
●  ئۇنىۋېرسال ئالدىنى...
●  خىمىيىلىك ئالدىنى ...
●  ھاشارات ئاپىتى ۋە ك...
●  تەيفېڭ بورىنى ئاپى...
●  ئىللىق پەسىلدىكى م...
●  يامغۇر ھۆلچىلىكىگە...
●  تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
●  مېتېئورولوگىيە ئام...
●  ئاق مور
●  قارا مور

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كۆكتات مەھسۇلاتىنى ئاشۇ...
●  كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلى...
●  تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش تېخن...
●  سۈنئىي ئۇرۇق
●  يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش ت...
●  ھويلا - ئارام يېزا ئىگىل...
●  ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگى...
●  تارىشا گۈڭگۈرت
●  ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىن...
●  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى