روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 15456|ئىنكاس: 47
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاقسۇدىكى مەكتەپلەر ۋە مائارىپچىلار (پارچە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 12:39  
) h2 r, ~' c# U- q7 C
5 W( H9 L1 N4 Q# Q% Lئاقسۇدىكى مەكتەپلەر ۋە مائارىپچىلار            / {8 o) i, R( R$ J  o( A. Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
               (پارچە )% c# I' Y* x$ W" T9 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىزاھات؛يۇقارقى تىمىدىكى ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ تەزكىرىسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقىلى خېلى ۋاقىت بولدى .كىتاپ ،ئاقسۇ ئۇيغۇر  مائارىپ تەزكىرىسى،ئاقسۇدىكى مەكتەپلەر ،ئاقسۇدىكى مائارىپچىلار دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.بۇئەمگىگىمنىڭ مىۋىسىدىن ئۇقۇرمەنلەرگە ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن بىر پارچە سۇندۇم ،قېرىنداشلارنىڭ  كەمچىلىكلەرگە ئەپۇ كۈزى بىلەن قارىشىنى ئۈمىت قىلىمەن؛سەمىمى نازارىتىنى ،تەكلىۋىنى ،ھەقىقى تۈردىكى ياردىمىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.شۇنداقلا مائارىپىمىز جىددى سان-سۈپەت ئۆزگۈرىشىگە دۇچ كىلىۋاتقان پەيتتە باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئۆز يۇرت تەزكىرىسى ،مائارىپ تەزكىرىسى تۈزۈش ئىشلىرىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن —ئەزىزئەيسادىن " X! J3 }2 v0 {' cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
; Y: y6 T. G3 _' F$ n. oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاقسۇدا خانىقا ،مەدرىس مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالاھىدىلىگى

0 j, N: ~9 r( l/ f8 D5 @, jئۇيغۇرلار ئەمگەكچان، باتۇر، پاراسەتلىك مىللەت بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق «تارىم مەدەنىيىتى» بىلەن ئاسىيادىكى «خۇاڭخې-چاڭجىياڭ مەدەنىيىتى»،«ئافرىقىدىكى«نىل دەرياسى مەدەنىيىتى»، ئامېرىكىدىكى «مايا مەدەنىيىتى»، ياۋرۇپادىكى «رىم-يۇنان مەدەنىيىتى» قاتارىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت غەزنىسىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى.7 B3 \8 F) L  b' G4 k, iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىلادى 10-ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا قەشقەرنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ ئىسلام دىنى تارىم ئويمانلىغىغا تارقىلىشقا باشلىدى .ئىسلام دىنى تارىم ئويمانلىغىغا تارقىلىش بىلەن بىرگە ئىسلام مەدەنىيىتى ،خانىقا ،مەدرىس  مائارىپىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كىردى . بۇ دەۋىردىن  ئاۋالقى ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپى بولغان ئۇرخۇن شامان ۋە مانى  دەۋرى (552 - 844 - يىللار)، ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى (850 - 1250 - يىللار) ۋە بۇددىزم مائارىپى دەۋرى (75 - 992 - يىللار) جەريانلىرىدىن ئۆتۇپ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى (870 – 1211 – يىللار) غا قەدەم قويدى. بۇ دەۋردىكى مائارىپ ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شوھرەت قازانغانىدى.* W1 _* \1 t! pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن باشقا دىنىي ئېتىقادلار تارىم ۋادىسىدىن بىر بىرلەپ سىقىپ چىقىرىلىپ، ئىسلامىيەت مائارىپى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى ۋە ئىنتايىن تېز راۋاجلاندى.8 Z/ ]) q% T( lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىلادىنىڭ 950 – يىلى ئۇبۇلھەسەن سەيىد خاتەم، سەيىد جالالىدىن باغدادى ئىسىملىك ئىككى چوڭ ئالىم ئوردۇكەنت (قەشقەر) كە كېلىپ، ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىغا ئاساس سالدى. مەزكۇر ئىككى ئولىمانىڭ دالالىتى بىلەن مىلادىنىڭ 953 – يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىرىنچى بولۇپ ئىسلام ئېتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ئاھالىسىمۇ كەينى – كەينىدىن ئىسلام ئىديىسىنى قوبۇل قىلدى. 24 يىللىق سوقۇش (997 – 1021 – يىللار) نەتىجىسىدە بۇددىزمنىڭ جاھىل قورغىنى بولغان خوتەن خانى ياغلىقار يېڭىلىپ، پۈتۈن خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ يەرلەردە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساس قىلىنغان يېڭى يېزىق يۈرگۈزۈلدى. .قەشقەر ۋە خوتەننىڭ ئىسلاملىشىش دولقۇنى خوشنا بولغان ۋىلايەت ئاقسۇغىمۇ ناھايتى تىز تەسىر كۆرسەتتى.
/ o, g6 m$ h+ a% U2 |' s' E( cقاراخانىلار دەۋرىدە ھەممە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى – «مەدرىسەئى ساجىئە» تەسىس قىلىنغانىدى، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا داڭلىق ئالىملاردىن ھۇسەيىن ئىبىن خەلەپ، سەيىد جالالىدىن باغدادى، خوجا ياقۇپ سۇزۇكى، ھۇسەيىن پەيزۇللا، جامالىدىن قەشقەرى، رەخىدە ئىبىن ئېلى قەشقەرى، ئىمادىدىن قەشقەرى قاتارلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئالىملار مۇئەللىملىك قىلدى. «ساجىئە» بىلىم يۇرتىغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملار، پەيلاسوپلار، تارىخچىلار، شائىر – يازغۇچىلار توپلىنىپ ئىلمىي مۇنازىرلەر ئېلىپ باراتتى.& n8 X3 P6 t6 k5 i. Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«ساجىئە» بىلىم يۇرتىنىڭ دەرسلىكى ماتېماتىكا، يۇنان پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە تىبابەتچىلىك ئىلمى، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي روھ ساھەلىرىگىچە كېڭەيدى.( W0 l9 _2 g- Q+ @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىنكى 14-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئاقسۇ دەرياسىنىڭ تىنما تۈزلەڭلىگىگە جايلاشقان ئاقسۇدا تارىخى خاراكتىرلىك سىياسى،  ئىجتىمائى تەبىئى ئۈزگۈرۈشلەر خېلى كۆپ يۈز بەردى . مۇغۇلۇستان خانلىرىنىڭ قاراخانىلار خانلىغىنىڭ تەسىرىنى ئۈزۈل كىسىل تازىلاپ ئۆز ھاكىيىتىنى كىڭەيتىش ،مۇستەھكەملەش ، بۇ يۇرتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ناھايتى كۆپلىگەن ئۇرۇش ئىستىلالارنى ئېلىپ باردى؛14-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئاقسۇ ۋادىسى ئارقا ئارقىدىن دەھشەتلىك كەلكۈن ، يىل بۇيى ئۆكسىمەيدىغان قۇرغاقچىلىق ،ۋابا خولىرا ئاپەتلىرىنىڭ زەربىسىگە  ئۇچرىدى؛شۇ سەۋەپلىك ئاھالىسى شالاڭلاپ يوقنىڭ ئورنىدا بۇلۇپ قالغان بۇيۇرتقا مۇغۇلىستان خانلىرى ،ۋە مەۋلانى ئەرشىدىن ئەۋلاتلىرى شەھرى كىتىك ۋە باشقا يۇرتلاردىن يىلمۇ يىل كۆپلەپ ئاھالە كۈچۈرۈپ كەلكەنگە تاقابىل تۇرغاچ بۇ يۇرتلاردا نۇپۇس كۈپەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەۋلانە جالالىدىن ۋە ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىن ئاقسۇغا كىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تارقىلىشىنى  يەنە بىر پەللە تىزلەتتى., w8 W, W3 D$ u1 X- Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1348-يىلى مەۋلانە جالالىدىن  17نەپەر مۇرىتى بىلەن ئاقسۇ ئايكۆلگە كىلىپ كۆپ يىل ئىستىقامەت قىلىدۇ ۋە شۇ جەرياندا مەۋلانەم خانقاسىنى سالدۇرۇپ ھەم مۇشۇ خانقادا  ئىستىقامەت قىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ  ئاقسۇغا تارقىلىشىغا تېخىمۇ پۇختا ئاساس يارىتىدۇ . مەۋلانە جالالىدىن شۇ جەرياندا تەسادىبى  بىر پۇرسەتتە شۇ چاغدا ئاقسۇدا تۆرە بۇلۇپ تۇرىۋاتقان ئەمدىلا 18ياشقا كىرگەن  تۇغلۇق تۈمۈر بىلەن ئۇچرۇشۇپ ،تۇغلۇق تۈمۈرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ ھەم تۇغلۇق تۈمۈرنى قايىل قىلىدۇ . بۇ ئۇچرىشىش بۇلۇپ ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كىيىن تۇغلۇق تۈمۈر ئالمالىقتا خانلىق تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ .بۇنداق ئۈزىنىڭ ئەقىسىدىگە پايدىلىق  ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان  مەۋلانە جالالىدىن پەيىتنى چىڭ تۇتۇپ ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىننى مەخسۇس ئىلى ئالمالىققا ئىۋەرتىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ دەۋىتى بىلەن تۇغلۇق تۈمۈرخان ئۈزى باش بۇلۇپ ئۈزىنىڭ  قول ئاستىدىكى 160مىڭ(ئادىل ھاشىم "كۆپ ئۇچرايدىغان تارىخى ئاتالغۇلار" ناملىق ماقالە تۇغلۇق تۇمۇرخان ناملىق ئاتالغۇ) (يەنە بىر مەنبە-"قەدىمكى كىتاپلار تەتقىقاتى " 1985-يىل 2-سان 88-بەتتە، 70مىڭ دەپ ئېلانغان) مۇڭغۇلنى ئىلىدا مۇسۇلمان قىلىپ كۇچاغا قايتىپ كىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەۋلانە جالالىدىن ۋە ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىن ئىلگىرى ئاخىر بۇلۇپ كۇچا ۋە ئايكۆلنى مەركەزقىلىپ  بىر تەرەپتىن  كۇچار ۋە ئاقسۇ ئايكۆلدە ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئاقسۇ رايۇنىدا تېخىمۇ كەڭ ئۇمۇملىشىشغا كۈچ چىقارسا يەنە بىر تەرەپتىن ئايكۆل مەۋلانەم خانىقاسى ھەم  كونا بازاردا  مەدرىس تەسىس قىلىپ تۈركۈم تۈركۈم ياش ئۆسمۈر بالىلارنى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن ئۇقۇتىدۇ. ھازىرقى مەۋلانە مەسچىتى ئىمامىنىڭ قەيت قىلىشىچە ئۇ بالىلىق دەۋىردە مەۋلانە مەسچىتىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى ھازىرقى مازارلىقنىڭ ئورنىدا 40ئېغىزدىن ئارتۇق مەدرىس ئۆيلىرى ۋە ئىتىكاپخانىلارنىڭ خارابىلىغى  بار ئىكەن. مانا بۇلاردىن شۇ ۋاقىتتا ئايكۆل مەۋلانەمدە خانىقا ،مەدرىسى مائارىپىنىڭ تۇنجى قەدەمدە قانچىلىك ھالەتتە راۋاجلانغانلىقىنى كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى  ئايكۆل مەۋلانەم خانىقاسى ھەم  كونا بازاردىكى  مەدرىس  ئاقسۇدىكى تۇنجى  خانىقا،مەدرىس مەكتەپلىرى بۇلۇپ قالغان ئىدى.شۇ ۋاقىتتىكى تۇنجى دىنى مۇددەرىس(ئوقۇتقۇچى)مەۋلانى خۇجا سىيت جالالىدىن ئىدى.  (مەۋلانە خۇجا سىيىت جالالىدىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يازاي )      مەرھۇم ئۇستاز مەۋلانە جالالىدىننىڭ باشچىلىغى، ئەجرى،ئىلھام ۋە رىغبىتى بىلەن بۇ مەدرىستە ئوقۇپ تەربىيلەنگەن سان-ساناقسىز قارى قۇرئانلار دەسلەپكى قەدەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاقسۇ رايۇنىدا شۇ ۋاقىتتىكى ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ تارقاتقۇچىلىرى ۋە تىپىك ۋەكىللىرىدىن بۇلۇپ قالغان .ئۇلار ئۆز يۈرتى ۋە باشقا جايلاردا مىچىت خانىقا سېلىپ تۈرلۈك ئۈسۈللار بىلەن ئىسلام دىنىنى ،ئىسلام مەدەىنىيىتىنى كەڭ تۇردە يەنىمۇ چۇڭقۇرلاپ تەشۋىق قىلىش كىڭەيتىش ، يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپ ھەسسە قوشۇشقان . بۇلارنىڭ تەسىرىدە  ئارقا ئارقىدىن ئاقسۇنىڭ ھەرقايسى يۇرت ئايماقلىرىدا دىنى مەكتەپلەر ،مەدىرىسلەر  قۇرۇلۇپ ،بۇ مەكتەپلەردە كۆپلىگەن دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىسلام مەدىنىيتى بىلەن تەربىيلەنگەن بىلىم مەرىپەت ئىگىلىرى يىتىشىپ چىقتى . ئۇلار شۇ دەۋىردە خەلىق ئىچىدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائى قاتلاملاردا ،ياكى ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىپ شۇ دەۋىر ۋە كىيىنكى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئويغۇرجەمىيتىنىڭ سىياسى ،ئىخدىسادى ۋە مەدەنىيەت  جەھەتتىكى تۇنجى قەدەملىك يۈكسىلىشىگە تىگىشلىك تۆھبە قوشقان ئىدى. / ]8 Q: A* B! o& s, ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر قىسىم تالىپلار قارى قۇرئانلار داۋاملىق ھالدا قەشقەرگە ياكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇغارا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ خانلىق مەدرىس ۋە باشقا مەدرىسلەردە ئۇقۇپ كىلىپ ئاقسۇ تەۋەسىدە دىنى ئىلىم جەھەتتىلا يۇقۇرى پەللە يارىتىپلا قالماستىن يەنە ئەدەبىيات تارىخى ،پەلسەپە،تىبابەت  جەھەتتىمۇ مۇناسىپ نەتىنجە يارىتىپ جەمىيەتكە تىگىشلىك تۆھبە قۇشۇپ كەلگەن ئىدى .5 B8 m/ `8 f; D3 {1 N8 K/ n; p% |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن  مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى،مۇللا شاكىر قاتارلىق ئۆلىما ئالىملارنى كۆرسىتىشكە بۇلىدۇ. . n( F0 {4 W6 I; B1 t! w  ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يىتۈك ئالىم ،شائىر ئۆز زامانىسىغا خاس مائارىپ پىكىرئېقىمنى  تەرغىپ قىلغۇچى  مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى 1638-يىلى ئاقسۇ شەھرىگە قاراشلىق ئىگەچى يېزىسىنىڭ چۇغتال كەنتىدە تۇغۇلۇپ 1730-يىلى 92يېشىدا شۇ يەردە ۋاپات بولغان .ئالىم ۋە شائىرنىڭ "كۈللىيات مەسنىۋى خاراباتى"ناملىق بىرلا كىتابى بولغانلىغى مەلۇم .بۇ كىتاپ 1300مىسرا شېئىرىدىن تۈزۈلگەن نەسىھەت خاراكتىرلىك دىداكتىك ئەسەرلەردۇر . مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى ئۆز ئەەسرلىرىدە كىشىلىك ئەخلاق،ئىنسانپەرۋەرلىك،مېھنەت سۈيەرلىك،سەنئەت سۈيەرلىك ،ياخشى پەزىلەت ،تازىلىقنى سۈيۈش ،ۋەتەن پەرۋەرلىك، ئىلىم مەرپەت،ئالىملارنى ھۆرمەتلەش، ئەدلى ئادالەت،ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ھۈكىمەت مەمۇرلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك مىزانلار ،كەمتەر سەمىمىلىك ... قاتارلىق ئىجابى پىكىرلەر مەدھىيلىنىپ،يەنە ئوغرىلىق،ھۇرۇنلۇق،ئاچكۆزلۈك، پارىخورلۇق، يالغانچىلىق، پىتنە ئىغۋا تارقىتىش، گەپ تۈشۈش ،چېقىمچىلىق، زالىملىق،پۇل-دۇنيا پەرەسلىك قاتارلىق ناچار خائىشلار رەھىمسىزلىك بىلەن قامچىلانغان.
$ j8 T0 s7 n6 M+ Lئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى ، موللا شاكىر ئاقسۇ ئايكۆلدە تۇغۇلۇپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۇچتۇرپان سوۋۇتقۇ مازىرىدا ئۆتكۈزگەنلىگى بەزى ماتىرياللاردا قەيىت قىلىنغان. موللا شاكىر « زەفەرنامە » ناملىق داستانى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . ئۇنىڭ ھاياتى ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق . ئەمما ، « زەپەرنامە » داستانى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ۋە تارىخىي قىممىتى بىلەن ئەتىۋارلىق مەدەنى مىراس ،ۋە تارىخى  ئەسەر بۇلۇپ كەلمەكتە 8 K; R! o1 D2 @1 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.  بۇ دەۋىردىكى دىنى مەكتەپلەر – خانىقا ۋە   مەدرىس تىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۈلىنەتتى. خانىقادىكى دىنى مەكتەپلەردە نۇقۇل ئىسلام دىنىنى كەڭ تۈردە ئۈگىنىش مەقسەت قىلىناتتى.مەدرىسىتە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا بىر قەدەر سېستمىلىق بولغان دىنى تەلىم تەربىيەدىن باشقا ماتېماتىكا، يۇنان پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە تىبابەتچىلىك ئىلمى، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي روھ ئەرەپ تىلى ۋە باشقا مەدەنىيەت بىلىملىرى ئۈگىتىلەتتى (ئاقسۇ تەزكىرىسى 905-بەتتىن ئېلىندى ).
  X: T' f7 q! n% n6 h, \( o. Lمىنگۇنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ   شەھەر يېزىلىرىدا جەمى 30دىن ئارتۇق دىنى مەكتەپ ۋە مەدرىسلەر بار بۇلۇپ ئۇقۇغۇچىسى 1000دىن ئاشاتتى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا تۈۋەن قاتلام مۇتىۋەرلىرى شەھەر يېزىلاردىكى بەزى چوڭ مەسچىت-خانىقالاردا داۋاملىق  بالا ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللاندى.1953-يىلىدىكى قۇمباش يېزىسىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق،شۇ چاغدا قۇمباش رايۇنى (قۇمباش يېزىسى تەۋەلىگىدە )جەمى توققۇز دىنى مەكتەپ بار بۇلۇپ ،167نەپەر ئۇقۇغۇچىسى(تالىپى)توققۇز نەپەر ئۇقۇتقۇچىسى(مۇددەرىس)،779مو ۋەخپى يېرى بار ئىدى.ئازاتلىقتىن كىيىن يېڭى مەكتەپلەرنىڭ كەڭ كۈلەمدە كىڭەيتىپ قۇرۇلۇپ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى  ،ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاساسەن يېڭى مەكتەپتە ئۇقۇش ئېھتىياجى  ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن 1957-يىلىدىن كىيىن شەھەر يېزىلاردىكى دىنى مەكتەپلەر تۇللۇق تاقىۋېتىلدى. + |: A& Q/ {- W: qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«دىن – ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇش جەريانىدىكى مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى…»# a0 X7 C% x% Q. i3 P" `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىني ئېتىقادى ۋە مائارىپ ئىدىئولوگىيىسىدە يۈز بەرگەن تارىخىي بۇرۇلۇشلارمۇ دەل دۇنيانى تونۇش ۋە ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش پائالىيەت جەريانى بولدى.0 v( ?/ B% N/ H4 A! a0 ?. T0 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماۋزېدۇڭ: «… بىز تارىخنى ئۈزۈۋېتەلمەيمىز، بىز كۇڭفۇزىدىن تا سۇن جۇڭشەنگىچە بولغان پۈتۈن ئۆتمۈشنى يەكۈنلەپ، قىممەتلىك مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك…» دېگەنىدى.
! D% k+ o; j  }جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپ مىراسلىرىغىمۇ ئەنە شۇ كاتېگورىيىگە كىرىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن كى دەۋىرلەردە ئاقسۇدا تەرەققى قىلغان خانىقا  مەدرىس مائارىپمۇ ئەنە شۇ پارلاق مىراسلىرىمىزنىڭ مۇھىم نامەيەندىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
! \4 g' d6 i! s' L; P  I6 x  Mشۇڭا  بىز ئەڭ ئاۋال ماتىريالىستىك توغرا تارىخى قاراش نەزىريىسىنى ئاساس قىلىپ  تۇرۇپ شۇنداق دىيەلەيمىزكى؛ھازىرقى زامان يېڭى دەۋىر پەننى مائارىىپىنىڭ يىلتىزىنى شەكسىز ھالدا خانىقا مەدرىس  مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇر تارىخى تەرققىيات جەريانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئايرىلماس بىر تەركىۋى قىسمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىگى ھەممىگە ئايان بولغان ئەقەللى بىر ساۋاتتۇر. جۈملىدىن ئىسلام دىنى تارىم ئويمانلىغىدا ،ئاقسۇدا يېڭى تارقالغان ئەينى زاماندىكى  دەۋىرلەردە كەڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مەدىرىس خانىقالار سېلىنىپ كىشىلەرنى ئىسلام دىنى ئەھكاملىرى،سۈننەت پەرھىزلىرىنى ئادا قىلىشقا يىتەكلەش بىلەن بىرگە كىشىلەرنى ئىنساپ دىيانەتكە، ئىشچانلىققا ،ئىناق -ئىتتىپاقلىققا، پاكلىققا ،پاكىزلىققا،رەھىم دىللىققا، ئاجىز- مېيىپ،يىتىم-يېسىرلارغا ياردەم بىرىشكە ،ئۆزئارا ھەمكارلىققا ،ئىلىم ئىرپان ئۈگىنىشكە چاقىرغان؛ مۇسۇلمانلارنى ھۇرۇنلۇق، ھارامخورلۇق، ئوغرىلىق ، جىدەلخورلۇق،  زىناخورلۇق، كەيىپ-ساپاغا  بىرىلىش، نەشە خورلۇق قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلاردىن   يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ شۇ دەۋىرجەمىيتىگە نىسبەتەن ئاكتىپ بولغان جەمىيەت ئەخلاق ۋە ئىجتىمايى مۇناسىۋەت شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.مانا بۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى خانىقا مەدرىسى مائارىپىنىڭ توھبىسى ئىدى. شۇڭا ئەلۋەتتە ئىسلام دىنىنىڭ ھازىرقى دەۋىردىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئاكتىپ توغرا ئەھكاملىرىنىڭ رۇلىنى جەزمەن ئىجابى جەھەتتىن  مۇئەييەنلەشتۈرمەي بولمايدۇ.   @9 v% X6 ]  m% ]( tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
لىكىن شۇ دەۋىرلەردە مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان ئاقسۇدىكى خانىقا مەدرىسلەردە  ئۇقۇتىلىدىغان ئاساسلىق دەرىسلەر ئىسلام ئەقىدىلىرىدىن باشلانغۇچ ساۋات، ئەرەپچە قۇرئان سۈرىلىرىنى يادلاش ،ئەرەپ يېزىقىنى تۇنۇش، قىرائەت قىلىش، ئەدەپ ئەخلاق ئۈگىنىشتىن ئابارەت بۇلۇپ يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك  ئەينى دەۋىردە ئىجتىمائى جەھەتتىن مەلۇم ئاكتىپ رول ئوينىغان بولسىمۇ ئەمما سەمىمىلىك بىلەن تارىخىمىزغا ،بۈگىنىمىزگە قاراپ ئەستايىدىل ئويلىنىپ ،سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق خانىقا ،مەدرىس مائارىپى  تەرققىياتىنىڭ دەۋىر چەكلىمىسى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى  ئەجەللىك بەزى يىتىشسىزلىكلەرگىمۇ يول قويغانلىغىنى  بىلىمىز .بۇلۇپمۇ بۇ يىتىشسىزلىك سەئىدىيە خانلىغىنىڭ كىيىنكى دەۋىرلىرىدىكى ئاپپاق خۇجاشىنجاڭدا قورچاق ھاكىمىيەتنى قۇلىغا ئالغاندىن كىيىن تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ ئۈزىنىڭ سەلبى تەرىپىنى ھەسسىلەپ ئىپادىلىدى . ئاپپاق خۇجاشىنجاڭدا قورچاق ھاكىمىيەتنى قۇلىغا ئالغاندىن كىيىن ۋەتەننىڭ ،مىللەتنىڭ ،جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ،ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ،ئىلىم پەننى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئىخدىسادى،ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەرەققى قىلىش ئىدىيىسىنى تامامەن  بىرچەتكە قايرىپ قۇيۇپ ھەتتا تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خۇراپاتلىقنى تەرغىپ قىلىپ ،ئىلىم ئىرفان ،سەنئەت مەدەنىيەت ئۈگىنىشنى ئۇچۇق ئاشكارە چەكلىدى.  دىنى كىتاپلاردىن باشقا كىتاپلارنى تاپقانلا يەردە كۆيدۈردى. مەدرىسلەرنى ،ئىلمى مۇتۇئالىلەرنى چەكلىدى. نادان خەلىقنى دىنى ئەقىدىلەردىن  پايدىلىنىپ قايمۇقتۇرۇپ ھەممە ئىشنى  ئاللاھ بۇيرىغان  تەقدىردىن كۈرىدىغان ،ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ جار سېلىپ ،قارىغۇلارچە ئۈزىگە چۇقۇنۇشنى، سۇپا-ئىشانلىقنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ ،خەلىق تۇرمۇشىنى جەمىيەتنى  ئۈزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى يۈكسىلىشنى خالىمايدىغان پاسسىپ كىشىلىك قىممەت قارىشىنى  تارقاتتى.بۇ دەۋىردە خانىقا مەدرىسلەر سۇپا ئىشانلارنىڭ پاسسىپ ،ئازغۇن بۇرمىلانغان دىنى قارىشىنى تارقىتىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئايلىنىپ قالدى .ھەتتا بۇ دەۋىردە سۇپى ئىشانلار ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى ماھىيتىنى چۈشەنمىگەن ساۋاتسىز  ساپاسى تۈۋەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئېغىر مەزھەپ گورۇھۋازلىق ،ئاشقۇنلۇق، بېكىنمىچىلىك خۇراپىلىقتىن ئىبارەت چۈشكۈن  ھاياتلىق نىشانىغا يىتەكلىگەنلىگەنلىگىنى  ئېچىنىش ئەپسۇس بىلەن كۈرۈپ يىتەلەيمىز . بۇ ئەھۋال تاكى چىڭ سۇلاسىنىڭ ئاخىرىغىرىچە داۋاملاشتى ھەتتا بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ ئايرىم جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق ئىللەتلەر مەلۇم جەھەتتە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنداق بۇرمىلانغان ئەقىدە ئىتىقاتنى قۇبۇل قىلغان كىشىلەر تۇپىنىڭ جەمىيەت تەرققىياتىدا قانداق  رول ئوينايدىغانلىغىنى، قانداق ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ،قانداق تەقدىر قىسمەتكە دۇچار بۇلغانلىقىنى  ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىر لەتكەن ،ئىلگىر لەتمىگەنلىگە  قاراپ باقساق شۇچاغدا  ماھىيەتنى  ئاندىن پەرىق قىلىغىلى بۇلىدۇ.شۇڭا بىزنىڭ تارىم ئويمانلىغى بۇلۇپمۇ ئاقسۇدا ئەجداتلىرىمىز  5-6ئەسىردىن كۆپرەك خانىقا ،مەدىرىس  مائارىپىنى ئۈگىنىپ كەلگەن  بولسىمۇ بۇلۇپمۇ سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدىكى  سۇپا ئىشانلارنىڭ بۇرمىلانغان دىنى ئەقىدىسىنىڭ تەسىرىگە بىۋاستە ئۇچرىغان بولغاچقا تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يۇرت ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتنىڭ تارىخى تەرەققىياتى يىلسىرى بىز ئىزىدا توختاپ قالغان ياكى زەئىپلەشكەن، سىياسى ئىخدىسادى جەھەتتىن ئاساسەن ئاجىز بېقىندىلىق ھالىتىدە تۇرىۋاتقان، تارىختىكى تۈرلۈك سىياسى مالىمانچىلىق ،ۋە تەبىئى ئاپەتلەر ئالدىدا يېڭىلگۈچى ، ئىلاجىسىز قالغۇچى  بۇلۇپ كىلىۋاتىمىز.  ئىشلەپ چىقىرىش مۇناىسۋەتلىرى، ئىشلەپ چىقىرىش كۈچلىرى جەھەتتىن ھېچقانداق ئىلگىرلەشلەر يوقنىڭ ئورنىدا بۇلۇپ ،كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز مۇشۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بالىلىرىمىز ۋە ئۈزىمىز يېڭىچە مەكتەپتە ئۇقۇپ تەربىيىلىنىشنى ،يىتىلىشنى چىن دىلىمىزدىن خالىمايمىز يۇ-ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە تۈرلۈك ئىللەتلەرنىڭ كۆپلىگىدىن، ئىشسىزلىقتىن، نامراتلىقتىن قالاقلىقتىن ،ئىناقسىزلىقتىن قاقشايمىز .ئۈلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ھەيۋەتلىك قەبرە گۈمبەزلەرنى تۇرغۇزىمىزيۇ -كىلەچىگىمىز بالىلىرىمىز ئۈچۈن مەكتەپلەرنى سېلىشقا گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشمايمىز ؛ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىنكى ئۇ ئالەملىگىمىز ئۈچۈن پۈتكۈل ھاياتىىمىزنى، ھەممە رۇزىغار -بارلىغىمىزنى قۇربان قىلىشقا رازىمىزكى- بۈگۈنكى تەقدىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كىلەچىگىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن پەرۋاسىز قارايمىز ...ۋە باشقىلار
+ c: @6 w- n7 i0 j) R5 p, `يىغىپ ئېيتقاندا- خانىقا ،مەدرىس  مائارىپى بىلەن يېڭى دەۋىر پەننى مائارىپىنىڭ ئىجابى سەلبى تەرىپىگە باھا بەرگەندە  ئاۋال مۇئەييەن تارىخى دەۋىر ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە توغرا قاراش،قايسى خىل مائارىپ ئىشلىرىنىڭ خەلىقنىڭ ئۇمۇمى ساپاسىنى ھەقىقى مۇكەممەل يۇقۇرى كۈتىرىش ،كۈتىرەلمەسلىگىگە،يۇرت ۋەتەننىڭ ،جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ،سىلجىتمايدىغانلىغىنى جەزمەن ئاساسى ئۆلچەم قىلىشىمىز  كىرەك  .
3 j  F/ R" W+ k1 T$ e(داۋامى تەدرىجى يوللىنىدۇ)
' ^( O4 M1 `8 v: f4 l7 n; oيەنە  بۇ تەزكىرە توربېتىنىمۇ كۈرۈپ باقارسىزلەر  http://tezkire.kawsar.cn/
5 E" a+ N; c0 B9 o
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-25 16:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن كۆپ رەھمەت....تارىخى خەۋەرلەرنى ئۇقىۋالدىم، تولىمۇ قىزىقاتتىم رەھمەت
ۋاقتى: 2014-3-25 22:52:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawruz0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 22:54  . n# M/ J  l$ g2 N/ [7 v! Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2 [: D* D" M# v" t% u& j5 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسىرىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. مەن سىز ئەسىرىڭىزدە تىلغا ئالغان مەۋلانەم خانقاسى بار كەنىت مەكتەپتىمۇ ئىشلىگەن. مەرھۇم پەيلاسۇپسىمان ئالىمىمىز  مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى مەقبەرەسىىنمۇ زىيارەت قىلغان. ئەسىرىڭىزدىن مەلۇمكى بۇ ئەسەر يېزىشقا خېلىلا كۇچەپسىز.كۆپ ئىزدىنىپسىز. ئاقسۇ مائارىپىنىڭ ئۆتمۇشىنى ناھايتى ئەتراپلىق يۇرۇتۇپسىز. ھازىرقى مائارىپىمىزنى خەق بىزگە ئېكىسپورىت قىلىپ ئەكىلىپ بەرمىگەن، سىز دىگەندەك ئاتا-بوۋىمىز جېنىدىن قېنىدىن كېچىپ تۇرۇپ بىزگە قالدۇرغان مائارىپ روھى ......بار..........بۇ روھىڭىز روھلاندا تېخىمۇ كامال تاپقۇسى. رەھمەت سىزگە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-26 13:03:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز ئىنىم ،سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمغا خۇشالمەن.تەرجىمىھالىڭىزنى ،يازمىڭىزنى كۆردۈم ...ئارىمىز يېقىنكەن ،بىر سېستمىدا خىزمەت قىلىدىكەنمىز .ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ تەزكىرە ئىشلىرىغا كۈڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ،بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت .سىز ئويلاپ بېقىڭ يەنە 10يىلدىن كىيىن بۇ ئىشنى تىلغا ئالىدىغان ئادەم چىقامدۇ -يوق. بىلگىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۈكىمەت جەھەتتىن قوللاش ئاز، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئالۋاڭ ئاۋارەچىلىق كۆردى .مۇشۇنداق شارائىتتا  بىر ئۈزۈم كۈن بۇيى مۈكچىيىپ جاپالىق ئىشلەۋاتىمەن .كۈرۈشۈپ تۇرايلى ...يەنە ئاقسۇ ئايكۆل مەۋلانەمنىڭ تەزكىرىسىنى تاپالمىدىم ...ئەسلى مەسچىتتا بار ئىدى .ھازىر ئۈچۈرۈپ  باشقا يېزىقتا بىرنەرسىلەرنى يېزىپتۇ...مۇمكىن بولسا مۇشۇ تەزكىرە ھەققىدە ئىزدىنىپ تاپالىسىڭىز  ماڭا يوللاپ بەرسىڭىز ...بىلىشىڭىز لازىمكى مەۋلانەم 14-ئەسىردە ئاقسۇدا تۇنجى قۇرۇلغان مەدىرىس ،ياكى مەكتەپ ...ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن  چ چ 928021205
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-27 18:12:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانىش ياقۇپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
% T# Z! F' X8 S: \, bدانىش ياقۇپ ــــ (1898-1970) ياشىغان، ئاقسۇ شەھىرى قاراتال يېزىسىنىڭ سات كەنتىدىن.دانىش ياقۇپنىڭ دادىسى ياقۇپ ھاجى دىننى زات ئىدى.دانىش ياقۇپ 11يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن «قۇرئان كەرىم» ئۆگەنگەن،كىيىن ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيسىگە بېرىپ دىننى مەكتەپتە ئوقۇغان. 1917-يىلى قەشقەرگە بېرىپ ئالى مەدىرىستەئەرەپچە ، پارىسچە ئۆگەنگەن ھەمدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئۇل سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇقادىر داموللام بىلەن تونۇشقان ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەسىرىدە ئۇ ۋەتەننى، خەلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان يېڭى ئىدىيلىك مەرىپەتپەرۋەر زاتقا ئايلانغان ، ئۇ چوڭقۇر بىلىملىك ئادەم بولغاچقا، كىشلەر ئۇنى «دانىش خەلپەت» دەپ ھۆرمەتلىگەن. ئۇ قەشقەردىكى مەزگىلدىلا، ئەدەبى ئىجادىيەت پائالىيتىنى باشلىۋەتكەن. ئەسەرلىرىنىڭ ئاخىرىغا «ھەنىپى» (پاكىز،ساغلام) دەپ ئىسىم يازغان. ئۇ ئۆزىنى دانىش ھەنىپى دەپ ئاتىغان.1929-يىلى دانىش ياقۇپ ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ، قۇمباش دىنى مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاقسۇ ناھىيسىگە قازى بولغان. 1935-يىلى ئاقسۇ مەمۇرى رايونىغا قازى بولغان. شۇ يىلى ئاقسۇ مەمۇرى رايونلۇق ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئاقسۇدا «شىنجاڭ گېزىتى»نى نەشىر قىلدۇرغان. سىفەن، سانائەت مەكتەپ قاتارلىق يېڭىچە مەكتەپلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە يولغا قويغان. ئاقسۇ مىللى كۇلۇبىنى ياساتقان. ئاياللار ئازاتلىقى ۋە قىزلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ۋەتەنپەرۋەرلىك بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پائالىيتىنى تەشكىللىگەن. بۇ ئارقىلىق خەلىقنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. 1938-يىلى دانىش ياقۇپ تۆھمەتكە ئۇچىراپ تۈرمىگە تاشلانغان. ھەمدە ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە قامالغان. ئۇ ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن ئالاقىسىنى يەنىلا داۋاملىق ساقلاپ قالغان. نىم شېھىت «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات شېرىن» دىگەن شېئرىنى ئېلان قىلشتىن بۇرۇن، دانىش ياقۇپتىن شېئىرى كۇفىيسىنى تەكشۇرۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگۈنۈش جەريانىدا دانىش ياقۇپتىن تەلىم ئالغان. 1943-يىلى دانىش ياقۇپ تۈرمىدىن چىققان، 1946-يىلى ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ، يېڭى باشتىن ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىغى بولغان.1949-يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، دانىش ياقۇپ جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسىنى قىزغىن ھىمايە قىلىپ، دېمكۇراتىك ئىسلاھاتىنى قوللىدى. يەر ئىسلاھاتى سىياسىتىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلغان ۋە يەر ئىسلاھاتى ھەيئىتى ئەزاسى بولغان. ئامرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىش ھەركىتىدە، ئۇ پائال تۈردە تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلرنى تەشكىللىگەن. يېزا ئىگىلىكىنى كاپىراتسىيەلەشتۈرۈش ھەركىتنى قىزغىن قولىغان. ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىنىڭ ۋەكىلى، سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمىيتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىننى جەمىيتىنىڭ ئەزاسى،ئاقسۇ ناھىيلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنڭ ئەزاسى، سىياسى كىڭەش ئاقسۇ ناھىيلىك كومىتىتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 5 [* J) v5 _% F, A% r- O# cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جەريانىدا دانىش ياقۇپ تارتىپ چىقىرىلىپ تەنقىد قىلىنغان. مەجبۇرى ھالدا ئېغىر جىسمانى ئەمگەككە سېلىنغان. ئۇ جىسمانى جەھەتتىن بەرداشلىق بىرەلمىگەنلىكتىن 1970-يىلى 5-ئايدا ۋاپات بولغان. دانىش ياقۇپ ئەرەپ، پارىس، ئۇيغۇر تىل يېزىقلىرىدا نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك شېئىرلارنى ئىجاد قىلىپ ۋە رەتلەپ، شېئىرى ئەسەر قىلىپ نەشىر قىلدۇرماقچى بولغان. بىراق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جەريانىدا يۇقارقى قىممەتلىك شېئىرلار «جىنايەت پاكىتلىرى» قىلىنىپ كۆيدۈرۋىتىلگەن. ئۇ 40-يىللارنىڭ ئاخىرىدا يازغان «ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت مائارىپى» ۋە 50-يىللاردا يازغان «شىنجاڭدىكى پەلسەپە ئېقىملىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ قول يازمىسى ھازىرغىچە ساقلانغان. بەزىلىرى ئامما ئارىسىغا تارقالغان. ! c% p7 L9 l( m1 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 22:33:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم مۇھەممەت رىشاتنىڭ قىسقىچە تارىخى تەرجىمالى . L" \" Z/ e. I  k3 A  `$ `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

3 h+ A# x' {9 P4 w: w7 R
9 ^9 M( j3 L0 Y1 m3 O
& [+ }$ m  y+ u) z( D4 d& I. |" R( t# A% gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇھەممەت رىشات، ئەر، ئويغۇر، 1943-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. 1960-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىنىڭ ماتىماتىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجىدە پۇتتۇرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، پارتىيە ئەزاسى، يولداش مۇھەممەت رىشات 1960-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. 1960-يىلى 8-ئايدىن 1962-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ نىفىت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1962-يىلىدىن 1978-لىغىچە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ  قەشقەر ۋىلايەتلىك كان تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچى ،قەشقەر ۋىلايىتى يۇپۇرغا ناھىيلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ،ئاقسۇ ناھىيە قارتال يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.1978-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئاقسۇ ناھىيلىك سىغەندە (ۋۇچى داشۆدە) ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.1980 -يىلىدىن1983 –يىلىغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،ئىلمى مۇدىر بۇلۇپ ئىشلىگەن. % _8 u8 |5 Z' t5 T: k$ R0 o. rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% D% D7 o/ A* A( U& bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1983-يىلى 8-ئايدىن 1991-يىلى 1-ئايغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.1991- يىلى 8-ئايدىن 1994-يىلى 1-ئايغىچە ئاقسۇ شەھە رلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.1994-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىۋىدە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.   z" S! A! |2 L) N- oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

2 C( H0 h1 |8 A2 \: J% L" oيولداش مۇھەممەت رىشات 44 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا پۇتۇن ھۇجۇدىنى مائارىپقا بېغىشلاپ ئاقسۇ شەھرىنىڭ مىللى مائارىپى ئۈچۈن  ئۆچمەس تۆھبىلەرنى تەقدىم قىلغان يىتۈك مائارىپچىدۇر  .ئۇزۇن يىللىق ئۈن-تۈنسىز قوشقان تۆھبىلىرى ئۈچۈن  كۆپ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە، دەرىجىلىك خىزمەت ئىلغارى بولۇپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى شان شەرەپلەر بىلەن تارتۇقلانغان  7 p7 e. W1 x& _. `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 R! }. b9 r6 ]+ R0 u3 z" X8 Q( F/ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1982-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 8-ئايغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. كىيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەكىلى بولغان.يولداش مۇھەممەت رىشات يەنە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ دەرىسلىك تۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ماتىماتىكا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 8 x) W7 R, k! F" P/ C, Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
& y: S3 N7 j" r- O" j# {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2004-يىلى 8-ئايدا شەرەپ بىلەن پىنسىيىگە چىققان. 2007-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن 65 يېشىدا ئاقسۇ شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ! i, l/ A5 S) R* dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
* b) X# J' o. \. @3 W3 C+ ]) Z# F7 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

4 p% E/ F. p; D( R, [
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-1 10:49:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللا شاكىر ۋە « زەپەرنامە »
' J+ `. l1 u4 C! l/ T3 v& A9 Y$ m  i+ cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى موللا شاكىر ھىجرىيە 1222-يىلى ( مىلادىيە5-180يىلى) ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل يېزىسىدا موللا تاھىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئايكۆلدىكى مەۋلانەم مەسچىتىدە، ئاندىن كۇچاردا ئالغان. كېيىن يۇقىرى مەلۇماتنى ئافغانىستان ، ھىندىستان قاتارلىق جايلاردا ئالغان. « زەپەرنامە »دىكى مەزمۇنلاردىن قارىغاندا ، شائىر ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگەللەپلا قالماستىن، خەنزۇچە تىل- يېزىقنىمۇ پىششىق ئىگەللىگەن. يەنە تارىخ، جوغراپىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ياخشى ئىگەللەپ، زامانىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تالانىت ئىگىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. , X* b! d* a3 ^1 f4 @4 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شائىرنىڭ ئىجادى پائالىيىتى ھىجرىيە 1243 – يىلى ( مىلادىيە 1826 – يىلى) باشلانغان. شائىرنىڭ قىزغىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان يىللىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى بىلەن يەرلىك فېئودال ئەمەلدارلارنىڭ خەلق ئۈستىدىكى ئىكىسپىلاتاتسىيەسى ۋە زۇلمى ئىنتايىن كۈچەيگەن بولغاچقا، ئارقا – ئارقىدىن چۈشۈۋاتقان ئېغىر باج – سېلىق، ئالۋاڭ – ياساق باشقىلار قاتارىدا شائىرنىڭ ھاللىق ئائىلىسىنى يىمىرىپ، خانىۋەيران قىلىپ تاشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئېغىر غۇربەتچىلىك، پەقىرچىلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان شائىر جاھانكەشتىلىك يولىغا قەدەم قويۇپ، بىر مەزگىل پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىققان. بۇ مەزگىل ئېغىر ئالۋاڭ ۋە زولۇمغا چىدىمىغان بىچارە دىخانلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ غالچىسى بولغان يەرلىك ئەمەلدارلارغا قارشى قوزغىلاڭلىرى ئارقىمۇ – ئارقا ئۈزۈلمەي داۋام قىلىۋاتقان يىللار بولغاچقا، زولۇم ۋە ئىكىسپىلاتاتسىيىنىڭ دەردىنى يىتەرلىك تارتقان ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ پاجئەلىك تەقدىرىگە چوڭقۇر ئېچىنغان موللا شاكىر 1864 – يىلى كۇچادا راشىدىن خوجا باشچىلىغىدا قوزغالغان دىخانلار قوزغىلىڭىغا بىۋاستە قاتناشقان. راشىدىن خوجا ئۇچتۇرپانغا يۈرۈش قىلغاندا ئۇ قولىغا قورال ئېلىپ ئۇچتۇرپانغا كەلگەن. قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن نېمە سەۋەبتىندۇر سۈرگۈنگە چۈشۈپ ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقتوقاي يېزىسىدىكى سويۇتقىغا كېلىپ پاناھلانغان. كېيىن باشقىلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1866 – يىلى 61 يېشىدا  « زەپەرنامە » نى يېزىشقا تۇتۇش قىلىپ شۇ يىلى 15 – سىنتەبىردە يېزىپ تاماملىغان ، ئاقىۋەت سۈرگۈندىن قايتالماي  1870–يىلى سويۇتقىدىكى ھۇجرىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
* a  J, B4 W& p* Lبەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، شائىر  « زەپەرنامە » (غالىبىيەت قىسسەسى) نى شۇ دەۋردىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىگىدىن قۇرقۇپ، دەسلىۋىدە پارىس تىلىدا يازغان، ئۈچ يىل جاپالىق مېھنەت سىڭدۈرۈپ پارىس تىلىدىكى نۇسخىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخسىغا تۇتۇش قىلىپ، ئۇنى بەش ئايدا تامام قىلغان. بۇ داستان 230 بەت، 3820 مىسىرا بىيىتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىلاسسىك شېئىرىيەتنىڭ مەسنىۋى شەكلىدە  يېزىلغان. داستاندا كۇچا خەلقىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زۇلىمىغا قارىشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مالىيى بولغان يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خەلق ئاممىسى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن دەھشەتلىك ئىكىسپىلاتاتىسىيىسى ۋە زۇلىمى چوڭقۇر پاش قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچ- قۇدرىتى قىزغىن مەدھىيەلەنگەن4 W4 H9 ]9 x2 f( j1 \: ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
داستاندا مۇنداق تارىخى رىئاللىق ھىكايە قىلىنغان: مىلادىيە 1851 – يىلىدىن 1864 – يىلغىچە داۋام قىلغان « تەيپىڭ تىيەنگو » ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرىدىن ھەرىكەتكە كەلگەن شەنشى، گەنسۇدىكى تۇڭگانلار 1861 – 1862 – يىللىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇلغانلىقتىن، مەغلۇپ بولغان تۇڭگانلار شىنجاڭغا قېچىپ چىقىشقا باشلايدۇ. تۇڭگانلارنى پۈتۈنلەي يۇقۇتۇش قەستىدە بولغان چىڭ سۇلالىسى خانى توڭجى( چىڭ موزوڭ ) تۇڭگانلارنى ئۇچرىغانلا يەردە ئۆلتۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇيرۇقتىن ۋاقىپلانغان ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق تۇڭگان ئەمەلدار ما دالۇيې مەخپى خەت ئارقىلىق بۇنى بارلىق تۇڭگانلارغا يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن  قاتتىق غەزەپلەنگەن كۇچادىكى يەرلىشىپ  قالغان تۇڭگانلار ھىجرىيە 1280 – يىلى ( مىلادىيە 1864 – يىلى ) مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى شەنبە كىچىسى ماشۇر ئاخۇن، مالوڭ شەمسىدىن خەلپە باشچىلىغىدا كۇچار بازارلىرىغا ئوت قۇيۇپ، مەنسەپدارلارنى ئۆلتۇرۇپ، ئىسىيان كۆتىرىدۇ. زولۇم تۈپەيلىدىن جاندىن جاق تويغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئىسيانغا ئاۋاز قۇشۇپ ،  يەكدىللىق بىلەن ئۇرۇشۇپ، تاڭ ئاتقىچە كۇچارنى ئازات قىلىدۇ. توغلۇق تۆمۈرخاننىڭ پىر ئۇستازى مەۋلانا جالالىدىننىڭ پۇشتى، مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ ئوغلى راشىدىن خوجىنى بارلىق ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار مۆتىۋەر بىلىپ، ئىخلاس قىلغاچقا، خانلىققا كۆتىرىدۇ. راشىدىن خوجا ئالدى بىلەن كۇچارنىڭ ۋاڭى ئەخمەت قاتارلىق جىنايى قىلمىشى چېكىدىن ئاشقان سەككىز نەپەر يەرلىك فېئودال مۇشتۇمزورغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ زىمىنلىرىنى خەلقققە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەتىسى خېتىپ خوجىنى (بۇرھانىدىن خوجىنى) لەشكەر بېشى، بايلىق ئوسمان ئاخۇننى قازى قىلىپ 190 ئەسكەر، 8 دانە زەمبىرەك بىلەن غەرپ تەرەپكە، ئىسھاق خوجىنى 130 ئەسكەر، 12 زەمبىرەك بىلەن شەرقكە يولغا سالىدۇ. خېتىپ خوجا قىزىل، باي، سايرامنى ئالىدۇ. روزى تۆرە باشچىلىغىدا 50 ئەسكەرنى مۇزداۋانغا ماڭدۇرىدۇ. باي، سايرام، قىزىل، ياقئېرىق قاتارلىق جايلاردىن 7000 ئادەمنى چوماق، كالتەك بىلەن قوراللاندۇرۇپ جامغا ئاتلاندۇرىدۇ.قارا يۇلغۇنغا كەلگەندە قاتتىق يامغۇر يېغىپ كىتىپ قامىلىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قارا يۇلغۇنغا كەلگەنلىگىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقان ئاقسۇ ھاكىمى سايىت بەگ ئەتراپنى قورشاپ، زەمبىرەك ئېتىپ تىرە – پىرەن قىلىۋېتىدۇ. 2900 ئادەم زەمبىرەك ئوقىدا ۋە چۆلدە ئۇسسۇز قېلىپ ھالاك بولىدۇ. مۇز داۋاندىن چۈشكەن روزى تۆرە باشلىق ئەللىك كىشى بۇ مەغلۇبىيەتتىن خەۋەرسىز بولغاچقا، جامغا كېلىپ ھۆكۈمەت چېرىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ قەتلى قىلىندۇ. راشىدىن خوجا ئىككىنچى قېتىم ئاكىسى جامالىدىن خوجىنى 800 ئەسكەر ۋە بىر قانچە ئون توپ – زەمبىرەك بىلەن ئاقسۇغا يولغا سالىدۇ. بۇ كىشى ئېغىر – بېسىق، شىجائەتلىك بولغاچقا، ئالدى بىلەن قوشۇن توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جاي – جايلاردىن باتۇر، غەيرەتلىك ئادەملەرنى تاللاپ ئۆز قوشۇنىنى 2000 غا يەتكۈزىدۇ. ئاندىن تەرەپ – تەرەپكە قاراۋۇللارنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن تاشقىرى، ئالدىن ئايغاقچىلارنى ئەۋەتىپ چارلاتقۇزىدۇ. ئارشۇ دېگەن جايدا ئەسكەرلەرگە 20 كۈن لەشكىرىي تەلىم بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ مۇزدۋان يولى ئارقىلىق جامغا چۈشۈپ، بارلىق مانجۇ ۋە مۇسۇلمان چىرىكلەرنى قىلىچتىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇرۇشتا يېڭىلگەن سايىت بەگ قەشقەرگە ـــــــ ئاكىسى تۇغلۇق بەگنىڭ يېنىغا قاچىدۇ. تۆمۈر غەزىنىچى بەگ خوتەنگە قاچىدۇ. مانجو چىرىكلىرى ئاقسۇ شەھرىگە قاچىدۇ. تۆت ئەتراپ خەلق قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشاپ ئېلىنغانلىقتىن، ئاقسۇ شەھرىگە قامىلىپ قالغان مانجۇ چىرىكلىرى قورشاۋنى بۇسۇپ چىقىشقا ئامال تاپالماي، پۈتۈن ئوق - دورىلارنى يىغىپ، ئۇنى پارتىلىتىپ، ئۆزىنى  ئۆزى ئۆلتۈرىدۇ .جامالىدىن خوجا ئاقسۇنى ئىگەللىگەندىن كېيىن ئالغان ئولجىلارنى ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ. ئارىدا ئىلىدىن 7000 چىرىك ئاقسۇغا ياردەمگە كەلگەن بولسىمۇ، مۇز داۋاننى توسۇپ ياتقان خەلق قۇزغىلاڭچىلىرى ئۇلارنى بۇياققا ئۆتكۈزمەيدۇ. چىرىكلەر 50 كۈن چامىسىدا مۇز داۋان ئەتراپىدا تۇرۇپ ئىلىغا قايتىدۇ. راشىدىن خوجا قوزغىلاڭ باشلىنىپ بىر يېرىم ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، خېتىپ خوجىنى چوڭ ئوغلى ھامىدىن خوجا بىلەن بىللە 600 ئەسكەر، 16 زەمبىرەك ۋە نۇرغۇن ئىش بىلەرمەن كىشلەرنىڭ ھەمرالىغىدا ئۇچتۇرپانغا يولغا سالىدۇ. ئۇچتۇرپاندىكى مانجۇلار ئۇچتۇرپان ھاكىمى توختى بەگنى نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن ئۇلارغا قارشى ئاتلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما تۇختى بەگ قارشى تۇرماستىن خېتىپ خوجىغا باش ئىگىدۇ. مانجۇلار سېپىلدىن ئوق ياغدۇرۇپ قورشاۋنى بۆسۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، خەلق قوزغىلاڭچىلىرى مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قېچىشىغا قىلچە يول قويمايدۇ. مانجۇلار يەر ئاستىدىن لەخمە كولىغان بولسىمۇ، بىر باشقا چىقالمايدۇ. ئاخىرى ئۇلارمۇ دورا ئارقىلىق ئۆزلىرىنى پارتىلىتىپ ھالاك قىلىدۇ. ئۇچتۇرپانمۇ خەلق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ! e1 z. N; H, j1 Q" G2 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شائىر قوزغىلاڭ ۋەقەلىرىنى تەسۋىرلەشتىن ئاۋال شەرق شائىرلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە ئاۋال خۇدا ۋە پەيغەمبەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بولۇپ ئۆتكەن قوزغىلاڭلارغا باشچىلىق قىلغان خوجىلارنىڭ تارىخى ئۈستىدە توختىلىدۇ. شۇ بابنىڭ ئاخىرىدا راشىدىننىڭمۇ خوجىلار ئەۋلادىدىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەجدادى چىڭگىزخاننىڭ يەتتىنچى نەۋرىسى توغلۇق تۆمۈر خاننى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن ۋە بۇخارادىن ئىلىغا، ئۇ يەردىن ئاقسۇغا، كېيىن كۇچارغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان مەۋلانا جالالىدىن  ئىكەنلىگى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. لېكىن راشىدىننىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلىلەر شائىر يورۇتماقچى بولغان باش تېما بىلەن  ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا توختىلىشنى لايىق كۆرمىگەن بولسا كېرەك.7 }5 ?+ S, [) L' N3 I7 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتۇر داستاننىڭ ئاخىرقى باپلىرىدا  تارىخى شەخىس ئىلياس خوجا، خىزىر خوجا، تۇغلۇق تۆمۈرخان قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەندىن تاشقىرى، ئەردەۋىلنىڭ نىمە ئۈچۈن « ئاقسۇ » دەپ ئاتالغانلىغى توغرىسىدىمۇ بەزى پاكىتلارنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە،  ئەردەۋىل 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر قېتىم ۋەيران بولۇپ، 16 يىلغىچە شۇ ھالەتتە تۇرغان. خىزىر خوجا ئۇنى ئىككىنچى قېتىم تەمىر ئەتكەندە، ئۇنىڭغا خەۋپ سېلىپ تۇرغان دەريا ئېقىنىنىمۇ ئۆزگەرتمەكچى بولغان . بىراق نۇرغۇن جاپالىق ئەمگەك بەدىلىگە پۈتكەن قاش-دامبىلارنى سۇ ئېقىتىپ كېتىپ توختىتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغانلىقتىن، بۇ ئىشقا نىسبەتەن پاسسىپ پىكىردە بولغان بىر موللا بىلەن بىر موغالنى تۇتۇپ سۇغا تاشلىغان. موللا خىزىر خوجىغا مۇرىد بولغانلىقتىن ئۇنى تۇتۇۋېلىشقا ئەمىر قىلىپ، مۇغالنى «ئاقسۇن» دېگەن، بۇنىڭ بىلەن ئەردەۋىلنىڭ نامى «ئاقسۇ» بولۇپ قالغان.
' g6 s. D( I$ P4 g1 tئاپتۇر تەرىپىدىن بېرىلگەن قىزىل توغرىسىدىكى مەلۇماتمۇ ئىنتايىن قىزىقارلىقتۇر. ئۇ: قىزىلنىڭ تۇپرىغى، سۈيى، ئۆي – ئىمارەتلىرىنىڭ ھەممىسى قىزىل، ھەتتا ئۇ يەردە ياشايدىغان ئادەملەرمۇ  قىزىل كىيىشكە  ئامراق بولغانلىقتىن « قىزىل » دەپ ئاتالغان، دەپ رىۋايەت قىلىدۇ.: d9 m! t! O3 \. d4 E9 M7 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتۇر داستاندا يەنە ئاقسۇ قۇمباشقا نىمە ئۈچۈن « كاۋىچى » دەپ لەقەم قويۇلغانلىغى ھەققىدە توختىلىپ، بىر دىخاننىڭ ئوخشىغان ئىككى كاۋىنى تونۇردا پۇشۇرۇپ، بىر كالا ھارۋىسىغا يۈكلەپ خىزىر خوجىغا سوۋغا قىلغانلىغى، ئۈلەشتۈرگەندە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەل – جامائەتكە يەتكەنلىكىدىن سۆيۈنگەن  خىزىر خوجىنىڭ  ئاقسۇنىڭ كاۋىسىنى « يوغان ھەم تاتلىق ئىكەن » دەپ ماختىغانلىغى، شۇنىڭ بىلەن قۇمباشقا « كاۋىچى » دەپ لەقەم قويۇلغانلىغىنى ئىزھار قىلسا، مۇزات ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ سۈيىنىڭ سۈزۈكلىگى، يازدىكى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىگى ھەققىدە ئاجايىپ ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. 0 E& I0 `9 k9 I3 V2 [+ ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتۇر داستانىدا يەنە تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن كېيىن بولغۇسۇن، كۈسەن، شەھرى بەربەر دېگەن يەر ناملىرىنىڭ ئىلى، كوچا، ئۇچتۇرپان دېگەن ناملارغا ئۆزگىرىپ بارغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتىدۇ.
6 U; ?  X! m# @" g9 ?) v% Tشائىر موللا شاكىر بۇ داستانىدا باشتىن – ئاخىر خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ، خەلق كۈچلىرىنى قىزغىن مەدھىيلىگەن، خەلقنىڭ ھۆرلۈك، ئەركىنلىك يولىدا كۆرسەتكەن غەيرەت – شىجائىتىنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا جانلىق،چۈشنىشلىك،تەسىرلىك بايان قىلىپ بەرگەن. داستاندا كۆپ خىل مۇرەككەپ ئوبرازلار يارتىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شائىر خەلقنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى قىزغىن مەدھىيلەش بىلەن بىرگە، سايىت ھېكىمبەگ، ئامبالغا ئوخشاش تىپىك ئوبرازلار ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ماھىيىتىنى، پارىخۇرلۇق، خىيانەتچىلىككە ئادەتلەنگەن، شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغان ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بەرگەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي – مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ يەرلىك فېئودال – پومېشچىكلار بىلەن بىرلىشىپ ھەر مىللەت خەلقىگە سالغان زۇلۇم - سىتەملىرىنى پاش قىلغان.
- ?% Z4 x; Q9 s8 Mموللا شاكىرنىڭ « زەپەرنامە » داستانى تىلى جەھەتتىن خەلق تىلىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكى، بەدىئىي ئۇسلۇب جەھەتتىن كوللېكتىپنىڭ ئوبرازىنى نۇقتىلىق تەسۋىرلىگەنلىكى، ئىزىلگۈچى ئەمگەكچى خەلقنىڭ مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمغا قارشى ھەققانىي كۈرىشىنى تارىخىي چىنلىق پرىنسىپى بويىچە مۇۋەپپەقيەتلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنى تارىخىي، بەدىئىي قىممىتى جەھەتتىن 19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ، جۈملىدىن تارىخشۇناسلىقىدىكى كەم ئۇچرايدىغان يىرىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.
1 _, d* X% X( n, s9 b" d. J* f8 v% Z
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-6 18:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەتپەرۋەر، ئەل سۆيگەن -ئالتۇن ھاجى
' a9 }- ^3 C) H& m2 ^1 [خوجا نىياز(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ،دوتسېنتت), p! X1 A/ P! y2 m9 K0 T) dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالتۇن ھاجى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇچتۇپاندا ياشاپ ئۆتكەن، ئەل ئىچىدە ھۆرمەت تاپقان، ئېتىقاتلىق،  مىللەتپەرۋەر  ،مەرىپەتپەرۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى.0 v- w4 T8 ~( j8 ~. X+ t7 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

# F1 u( s/ u$ @! z+ \5 ]8 C) x% Uئۇ ئۇچتۇرپان ئاچىتاغ(يانقىر)لىق بۇلۇپ، ئۇنىڭ ، نۇرغۇن ئىشلەمچىلىرى ،  ئات-ئۇلاق، مال چارۋىلىرى ، 500 مودىن كۆپ يېرى بولغان، بولغان.
, d8 E' f2 |& c* g/ P' F% _7 h; o) K% J) q' x- {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنىڭ يۇغان ،چىرايلىق بىر ئاق ئېتى بۇلۇپ، مەھەللە ئارىلاپ ،كىشىلەر بىلەن ھال مۇڭ بۇلۇپ ،يۇرت ئىشلىرىنى مەسلىھەت قىلىشىدىكەن. بۇ ئاتنىڭ داڭقى نەلەرگىدۇ تارقىلىپ ئاخىرىدا، ئۇچتۇرپان ھۆكۈمرانى مادوتەي (ماشاۋۋۇ)نىڭ قۇلىقىغا ئاڭلانغان، مادوتەي ئەلچى ماڭغۇزۇپ بۇ ئاق ئېتىنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان . ئالتۇن ھاجى بۇ گەپنى ئاڭلاپ،ماتىتەي يۇرتتا بارلىق ئەسكىلىكلەرنى  قىلىپ،قانماي ئەمدى ئەخمەق قىلمىغان  مەن ئالتۇن ھاجى قاپتىمەندە، ئات دېگەن نۇرغۇن تۇرسا ،مېنىڭ بۇ ئاق تۇلپارىمنى تالاشقىچە باشقا جايلاردىن ئات ئېلىۋالسا بولمامدۇ ،مىنىڭ بۇ ئاق تۇلپارىمنىڭ قەيىرىگە كۆزى چۈشتىكىنە ،مادوتەي دېگەن بۇ ئەبلەق مىنىڭ بۇ ئاق تۇلپارىمنى ئاپىرىپ تەتىيىگە قۇيامدىكىنا دەپ كايىغان، ئەلچى بۇ گەپنى مادارىنغا يەتكۈزگەن،مادارىن ھە،نىمە ، بۇ ئۇچتۇرپان دىيارىنى مەن سوراۋاتسام ،ئالتۇن ھاجى بۇ يۇرت مېنىڭ دەمدىكىنا دەپ ،نۇرغۇن ئەسكەرنى يانقىر يېزىسىغا ماڭدۇرغان،ئالتۇن ھاجىمۇ بوش كەلمەي،ئادەملىرىنى تەييارلاپ  400 ئاتلىق ئەسكىرىنى تىزىپ، خاداتاياق ئۇچىغا ئورغاق باغلىتىپ سەپ تىزىپ جەڭڭە تەييار تۇرغان، ئەتراپ مەھەللىدىكىلەرمۇ، ھە ،ھۇ دەپ چوقان سېلىشىپ تۇرغان،مادارىن ئۇرۇشۇپ غەلبە قىلىشقا كۆزى يەتمەي،چوڭ مەسىلە چىقىشتىن ئەنسىرەپ،قايتىپ كېتىپ ئەلچى ماڭغۇزۇپ ،ئالتۇن ھاجىدىن ئەپۇ سورىغان. ئەمما ئەل يۇرت ئىچىدە بۇ ئىش كەڭ تارقىلىپ، ئالتۇن ھاجىنىڭ ئابرۇيى يەنە يۇقۇرى كۆتۈرلگەن.بۇ ئىشتىن ماشاۋۋۇ قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ،قورسىغى كۆپۈپ،ھىلە بىلەن ئۇ كىشىنى يۇقۇتۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدىگەن،1919-يىلى بىر كۈنى مادارىن ،ئالتۇن ھاجىنى يۇرت ئىشلىرىنى مەسلىھەت قىلىدىغان ئىش بار، دەرھال كەلسىلە دەپ ئوردىسىغا چاقىرتىپ،ئالتۇن ھاجى كەلگەندە  ئالدىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئەسكەرلىرىگە  بۇيرۇق قىلىپ ،ئالتۇن ھاجىنى تۇتۇپ ،كۈپتىكى سۇغا چىلاپ، چۆمدۈرۈپ قىيناپ ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇ ھىلىگەر تۈلكە سىيىت نوچى قاتارلىق تۈركۈملىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشىنى يىگەن ساقتىپەز جاللات ئىدى.$ X  @- W3 s5 U; R4 W' @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 a. u3 m" N2 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     ئۇچتۇرپان خەلقى،ھازىرغىچە بۇ ئەل سۆيگەن،ئادالەت ياقلىغۇچى -ئالتۇن ھاجىنى ئەسلىشىپ كەلمەكتە.
7 Z+ E& U3 p' h5 A: @& G1 `, t

باھا سۆز

رەخمەت  ۋاقتى: 2014-4-7 23:18
ۋاقتى: 2014-4-6 22:58:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ، بەك ئەتراپلىق يېزىپسىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-8 16:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇلۇقلار نېمىشقا كاۋىچى ئاتىلىپ قالغان؟
& ?/ Y2 o5 r- o1 t' B) b0 Z3 b" }+ y5 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇنىڭدىن 200 يىللار ئىلگىرى ياقۇپ بەگ لەشكەرلىرى ئاقسۇغا كەلگەندە دېھقانلارنىڭ ھەم يوغان ھەم كۆپ كاۋىلارنى ھارۋىغا بېسىپ كىتۋاتقىننى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپ « ئاقسۇلۇقلار كاۋىلا يەيدىغان ئوخشايدۇ - كاۋىچلا» دىيىشكەن ، ۋە ئۇزۇنغىچە بۇ سۆزلەرنى ئېغىزدىن چۈشۈرمىگەن . ‹ بۇ ئىش ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمباش يېزا سولغاي كەنتىدە يۈز بەرگەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-28 22:42

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش