روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3928|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاقسۇ شەھەر مائارىپچىلىرىگە ۋە مائارىپىغا ئۆزرە خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاقسۇ شەھەر مائارىپچىلىرىگە ۋە مائارىپىغا ئۆزرە خەت 9 w3 c& ~: y; w: y/ j4 Q1 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
8 a$ t, J4 U7 q9 |$ `" {, B/ Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كەڭ ئاقسۇ شەھەر مائارىپچىلىرىگە ۋە بىر قىسىم تورداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، 2013-يىلى ئاقسۇ شەھەر مائارىپ ئىدارىسىدىكى يىراقنى كۆرەر ،ئىلغار پىكىرلىك ،ئاقسۇ مائارىپنىڭ ھەقىقىي تەرەققىياتىنى ئىستەيدىغان رەھبەرنىڭ قوللاپ مەن ئەزىز ئەيساغا سەككىز ئاي ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىشى بىلەن تۇنجى قەدەمدە «ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ تەزكىرىسى »ئاساسىدىكى «ئاقسۇدىكى مەكتەپلەر ۋە مائارىپچىلار »ناملىق كىتابنى تۈزۈپ پۈتكۈزۈپ دەسلەپتىكى كۆرۈپ بېقىش ،پىكىر ئېلىش نۇسخىسى بولغان بىر نۇسخا كىتابنى باستۇرغان ئىدىم (ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ جەرياندا بىرپۇڭ پۇل چىقارمىدى .تۈرلۈك چىقىملارغا شەخسى ياندىن پۇل چىقاردىم ،ياكى نېسىگە باستۇردۇم ) گەرچە بۇ كىتابنى مەن مۇكەممەل يېزىلغان تەزكىرە ئەسەر دېيەلمىسەممۇ ئەمما بۇ كىتابتا ئاقسۇنىڭ مۇغۇلىستان ،سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى ،چىڭ سۇلالىسى،ۋە مىنگو دەۋرىدىكى مائارىپ ئەھۋالى ،ئاقسۇدا قانداق سەۋەب بىلەن قايسى  يىلىتۇنجى قېتىم قايسى مەكتەپ قۇرۇلغان ؟ئاقسۇدىكى يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىگە  كىملەر باشچىلىق قىلغان ؟تۇنجى  قېتىم قايسى مەكتەپلەر سېلىنىپ ئوقۇش باشلىغان ،ئازادلىق ھارپىسىدىكى ئاقسۇ مائارىپ ئەھۋالى ۋە ئازادلىقتىن كىيىنكى ئاقسۇ مائارىپ تەرەققىياتى قانداق بولغان …؟دېگەن تېمىلار تۇنجى قېتىم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۇللۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدى . ) W* `3 Y8 j6 l3 A" P. bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تولىمۇ ئەپسۇس ،بۇ تۇنجى نۇسخىدىكى كىتابنى يەنە پىششىقلاپ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ  ئاخىرقى ھېسابتا كىتاب قىلىپ باسىدىغان باسقۇچقا كەلگەندە ماڭا ياردەم قىلىپ قوللىغان رەھبەرنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولۇپ باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن بېسىلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ 800بەتلىك كىتابنىڭ ھەممە ئىشلىرى شۇ پېتى بىر ئىزىدا توختاپ قالدى.مەن بۇ كىتابنى باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ھازىرقى رەھبەرنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى ئاي قوغلاپ تەستە كۆرۈشۈپ بۇ كىتابنى بېسىش ھەققىدىكى تەكرار ئىلتىماس مۇراجەتلەرگە  قارىتا  «ئوقۇيدىغان كىتابنىڭ كۆپلۈكىدە بۇ كىتابنى كىم ئوقۇيدۇ ؟» دېگەن سوغۇق جاۋابنى  ئاڭلاپ تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم .قىسقىسى ئەللىك ،ئاتمىش مىڭ ئەتراپىدىكى بېسىش ھەققىنى چىقىرىشنى خالىمىدى .(ئەلۋەتتە ئاخىرقى ھېسابتا كىتاب ئۆز راسخوتىنى ئۈزى كۆتۈرۈپ چىقاتتى )81يىللىق تارىخقا ئىگە ئاقسۇ شەھىرى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى تەزكىرىسىنى بىر قېتىم مۇكەممەلرەك قىلىپ تۈزۈپ قويۇش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى .لېكىن 2500دىن ئارتۇق مائارىپچى بار ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ سېستمىسىدا مۇشۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىدىغان بىر رەھبەرنىڭ بولمىغىنىدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم ۋە ئازابلاندىم.شۇنداقلا بۇ كىتابنىڭ قاچان نەشردىن چىقىدىغانلىقى ھەققىدە سۈرۈشتۈرگەن دوستلار ،كەسىپداشلار ۋە ئاقسۇدا 1934-يىلى مەكتەپ قۇرۇپ ئاقسۇ يېڭى مائارىپىنى بارلىققا كەلتۈرگىنى ئۈچۈن  1938-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە جاللات شىڭشىسەينىڭ قۇلىدا قەتلى قىلىنغان نىياز شىرىپى ،مەمتىمىن قارىھاجىم ،سادارىن…قاتارلىق شېھىتلەرنىڭ روھى ئالدىدا ،ئاقسۇ يېڭىچە مىللىي مائارىپى ئالدىدا شۇنداق دېيىشكە مەجبۇرمەن:كەچۈرۈڭلار !مەقسىتىمنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرالمىدىم. ئالدىڭلاردا ئۆزرىلىكمەن .
: A" I/ d( e, q" a& k. v& Nھۆرمەت بىلەن؛ ئەزىز ئەيسادىن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-7-11 10:44:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلار بۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس، ئۈمىدۋار بولۇڭ.
ۋاقتى: 2015-7-11 13:02:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ئالتۇن توپىدا قاپتۇ ، ئاللا بىر كۇنى بۇ ئالتۇنى زەگەرگە ئۇچراشتۇردۇ ئۇمتۋار بولۇڭ.
ۋاي ئىسىت مەيلى سەۋېرچان بۇلۇڭ مەن مەئارىپچى بولغان بولسام بىرىنچى بۇلۇپ قوللايتتىم
ۋاقتى: 2015-7-11 17:09:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ بىزدىكى بىلىمسىزلىكنىڭ مەنبەسى!6 Z4 g. r/ ^: q+ }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن بىلسەم، ئەشۇ گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلىرىم بىلەن تولغان 80- يىللاردا ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك بىرەر پارچىدىن بولسىمۇ كىتاب بولىدىغان، خۇددى بۈگۈنكى دەۋردە توپ- توپ بولۇشۇپ رېستۇرانمۇ- رېستۇران، قاۋاقمۇ- قاۋاق بىر يەرگە يىغىلغاندەك، ھېلى ئۇ ئائىلىدە- ھېلى بۇ ئائىلىدە بىرقانچە، ھەتتا نەچچە ئون كىشى جىمجىت چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇيدىغان ئىشلار بار ئىدى. ئەپسۇس، 90- يىللاردىكى بازار ئىگىلىكى دولقۇنى، 2000- يىللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە ئاللىقانداق تەرەققىياتلارنىڭ تەسىرىدە بۇ خىلدىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يوقنىڭ ئورنىدا قالدى، شۇلارنى ھازىرقى چوڭ بولغان بالىلارغا دەپ بەرسەك، خۇددى چۆچەك ئاڭلاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ سەۋەبىنى بىر شەخسكە ئارتىپ قويۇش تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش. ۋەھالەنكى، مۇشۇنداق زور ئىشتا بىر يۇرت- ئەلنىڭ بېشى بولغان ئادەمنىڭ قىلغان ئىشى شۇ تۇرسا بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟! يەنە كېلىپ، بۇ بىر ھېكايە كىتاب ئەمەسكەنغۇ؟ بۇ بىر زور تارىخىي تەزكىرە، ئەژداتلارنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىلىشتىكى ئەڭگۈشتەر ئىكەن. بۇ كىتابنى نەشر قىلسا ناھايىتى شۇ بىرەر ئىدارىنىڭ كوللىكتىپ ماشىنىسىنىڭ بىر يىللىق چىقىمىغا تەۋە خىراجەت كېتىدىكەن، يەنە كېلىپ، ئەشۇ قىلغان چىقىم يەنە قايتىپ كېلىدىكەنغۇ. مۇشۇنداق بىر تارىخىي تەزكىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەي قىلىنغان شۇ بىر ئېغىز سۆزىنىڭ ۋەزنىدىن بىز ھازىرقى دەۋرىمىز ھەققىدە خېلى كۆپ ئىشلارنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.....
. M  L+ @7 L4 a% y  y1 ?# Oبىراق، سىزنىڭ بۇ ئەجرىڭىز مېنىڭچە ھەرگىز بىكار كەتمەيدۇ، شۇ بىر باشلىقنىڭ بىر ئېغىز گىپى بىلەن ئەژداتلىرىمىزنىڭ شانلىق مەرىپەت ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن بۇ ئەسەر تۇنجۇقۇپ قېلىشى ناتايىن، ئۈمىدۋار بولۇڭ ئۇستاز
ۋاقتى: 2015-7-12 16:55:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدۋارلىق - يېرىم مۇۋەپپەقىيەتكە تەڭ . ئۈمىدۋار بولايلى !
ۋاقتى: 2015-7-14 15:02:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رھبەرلىرىگە ئىنكاس قىپ بېقىڭ بولمىسا
ۋاقتى: 2015-7-14 17:17:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرىن چۈش پىروگىراممىسىغا قاتناشسىڭىز مەرىپەتپەرۋەر كارخانچىلارنىڭ ياردىمىدە ھەل بولۇپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس .

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
ئورۇنلۇق ئىنكاس   ۋاقتى: 2015-7-15 13:32
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-18 21:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش