روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: koktugh
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاقسۇدىكى مەكتەپلەر ۋە مائارىپچىلار (پارچە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-28 18:51:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇجىنىياز ھاجى مۇشۇ كىلىشىمدە جەنۇبى شىنجاڭ باش قۇماندانى بۇلىدۇ  .....شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا  ئۇيغۇر  يېڭى پەننى مەكتەپ قۇرۇلۇش شارائىتى ھازىرلىنىدۇ .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-30 15:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ سەككىز تۆھپىسى, Y: p9 S" r7 N& e( f2 A4 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يىل ئاتاقلىق كارخانىچى، مائارىپچى، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ساخاۋەت ئىگىسى مۇسا بايوفلارلارنىڭ غۇلجىدا تۇنجى زامانىۋى كۈن-خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسى. ) n$ l/ @* l; N7 l& ^- C) Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1909-يىلى كۈز كۈنلىرنىڭ بىر ئەتىگىنى غۇلجا شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى چىغ، شىۋاقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ئۈنۈمسىز يەرگە تالاي مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، يەتتە يىل ۋاقىت، ئۈچ يېرىم مىليون سوم سەرمايە سەرپ قىلىپ سېلىنغان «ھۈسەنباي زاۋۇتى»دىن ياڭرىغان سادا غولجا ئاسمىنىنى لەرزىگە سېلىپ، يىراق-يىراقلارغا تارقىلىپ كەتتى. بۇ خاسيەتلىك سادانىڭ لەرزىسى نەتىجىسىدە نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى جاھالەت تۈتەكلىرى قاپلاپ كەلگەن تارىم ۋادىسىنىڭ ئاسمىنىدا نۇرانە يۇلتۇزلار چاراقلاشقا، تەڭرىتاغ ئانىنىڭ گىگانت گەۋدىسى بىلىنەر-بىلىنمەس مىدىرلاشقا، ئۈن-تىنسىز ئېقىپ كىلۋاتقان ئىلى دەرياسى دۇلقۇنلاشقا، غەبلەت ئۇيقۇسىدا پۇشۇلداپ ياتقان بۇ قەدىمىي تۇپراق ئاستا-ئاستا سىلكىنىشكە باشلىدى. بۇ ئاۋاز ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى يېڭى مەدەنىيەت ۋە يېڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان خاسيەتلىك ئاۋاز بولدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يېڭى مائارىپ ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ئارقىمۇ-ئارقا بارلىققا كەلدى. غۇلجا، قەشقەر، ئاتۇش، كۇچا، كېرىيە، قاغىلىق، تۇرپان، چۆچەك، گۇچۇڭلاردا يېڭى مەكتەپلەر قۇرۇلدى. بىر قىسىم دىننىي مەكتەپلەر پەننىي مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. تۇرپاندا پاختا زاۋۇدى يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرۇلدى.% w. R- O- G, Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار بۇ زاۋۇتنى قۇرۇش ئارقىلىق تارىخمىزدا يېڭى بۇرۇلۇش ياسىدى، يېڭى تارىخ ياراتتى. ئۇلار بۇ زاۋۇتنى ھۆكۈمەتنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش پىلانىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان زاماندا رۇياپقا چىقاردى. ئۇ چاغدا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان خۇسۇسىي كارخانىلارنى يۆلەش، ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مالىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇلارنى قۇرۇش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش دېگەندەكلەردىن ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. ئۆزىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان مۇكەممەل بولمىغان بىر جەمئىيەتتە بۇنداق بىر زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى، بۇنداق بىر يېڭى كارخانىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۆجىزە ھېسابلىناتتى. گەرچە زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە مىللىي ئىگىلىكنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشكە ئاساس سالغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ يېڭى ھادىسە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرۈتكە بولماي قالمايتتى. مىللىي كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى، مىللىي سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى تەبىئىي ھالدا مىللىي بۇرژۇئازىيە قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە، پەن-تىخنىكا خادىملىرنىڭ بارلىققا كىلىشىگە، باشقۇرغۇچىلار ۋە زىيالىلار قۇشۇنىنىڭ يېتىلىشىگە سەۋەب بولاتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىقتىسادنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى چۈشىندىغان، سىياسىي تەپەككۇرى يېتىلگەن، مىللىي ئېڭى ئويغانغان كىشىلەر توپى شەكىلىنەتتى. شۇڭا، ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇشىنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەھمىيىتى ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ خاسيەتلىك ۋەقەنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش تامامەن زۆرۈر. بىز ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇش جەريانىنى قىسقىچە ئەسلەپ چىقىدىغان بولساق، بۇ ھەقتىكى تۇنۇشىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى مۈمكىن. & E7 ]/ C" u, [0 r; Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7 ?, @% U/ [: [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
20-ئەسىرنىڭ باشلىرغىچە ئانا دىيارىمىز شىنجاڭ يەنىلا ئىنتايىن قالاق ھالەتتە ئىدى. بىرەر زاۋۇت، بىرەر مەكتەپ، بىرەر دوختۇرخانا، ياكى بىرەر گېزىت-ژۇرنال يوق ئىدى. كىشىلەر ئات، تۆگە، قېچىر، ئۆكۈز، ۋە ئېشەكنى قاتناش قۇرالى قىلاتتى، ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ھايۋان كۈچىگە تاينىپ تاماملايتتى. قارا قىشنىڭ ئۇزاق كېچىلىرىدە سۇماي بىلەن ياندۇرۇلىدىغان قارا چىراقلارنى پىلىلدىتىپ، تۈگىمەس ھىكايە-چۆچەكنى ئېيتىپ زېرىكىشلىرنى بىسىشاتتى.
5 N7 h- K$ H( }ئەكسىچە شۇ يىللاردا باشقا ئەللەر، بولۇپمۇ ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بەس-بەستە سانائەتلىشىپ كۈنسايىن تېز تەرەققىي قىلماقتا ئىدى. زاۋۇت-فابرىكىلار، ماشىنا-پاراخۇتلار، مەكتەپ دوختۇرخانىلار، گېزىت -ژۇرناللار، رادىيو-فاتىفونلار، ئېلېكتىر چىراقلار ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىدا مىسلىسىز قۇلايلىقلارنى ياراتماقتا ئىدى.$ t5 U1 K! ~, r% f) ~5 `. sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇ يىللىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر بايلىرى تىجارەت ئېھتىياجى بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار ئۆزگە ئەللەرنىڭ گۈللەپ-ياشناۋاتقان مەنزىرىسىنى كۆرگەندە، ئۇنى ئۆز يۇرتىنىڭ ئېچىنىشلىق رېئاللىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى، شۇلار ئارىسىدا رۇسيەلىك سودىگەرلەر بىلەن كۆپ سودا قىلىپ «مۇسا بايوفلار» دەپ تۇنۇلغان ھۈسەنباي ۋە باۋدۇنباي ئىسىملىك ئاكا-ئۇكا سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار تولىمۇ غەيرەت-جاسارەتلىك، پەم-پاراسەتلىك، ئىنساپ-دىيانەتلىك كىشىلەر بولۇپ دادىسى مۇسا باينىڭ ياخشى تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەنىدى. مۇسا باي ئوغۇللىرىغا دائىم «پۇلنىڭ غۇجىسى بولماي، بىلىمنىڭ غۇجىسى بولۇڭلار.» دەپ نەسىھەت قىلاتتى. شۇڭا، ئۇلار ئانا دىيارنىڭ ياۋرۇپادەك تەرەققىي قىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ھەمىشە بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنەتتى !
" E+ }6 v, l" _5 R( I5 F6 L1903-يىلى ھۈسەنباي تەكلىپكە بىنائەن مۇسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يەرمەنكىگە قاتناشقىلى بارىدۇ. ئۇ يەرمەنكىدە ياۋرۇپالىق سودىگەرلەرنىڭ خىلمۇ-خىل سانائەت ماللىرىغا ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن ئېلىپ چىققان ئاددىي، قالاق ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن يەرلىك ماللىرىنى سېلىشتۇرۇپ مەيۈسلىنىدۇ.# f& d( D4 r# f5 N9 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەرمەنكە تۈگىگەندە ئۇ گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زاۋۇت-فابرىكىلىرنى، مەكتەپ، دوختۇرخانىلىرنى كۆرىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن زاۋۇت قۇرۇپ، سانائەتنى ئىگەللەش زۆرۈرلىكىنى، سانائەتنىڭ بىر دۆلەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتىدۇ. ئۇ گېرمانىيەدىكى «مېيۇنخېن كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى»نى تەكشۈرگىلى بارغاندا، دىرېكتۇرغا مۇشۇنداق بىر زاۋۇت قۇرۇش خىيالى بارلىقىنى ئېيتىدۇ.
8 C" o; N( s1 S% b( Q8 E, T+ ~% y) n-قەيەردە قۇرىسىز؟-دەپ سۇرايدۇ دىرېكتۇر.
, J* i2 P  Z9 I5 I6 W-ئىلىدا، - دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ھۈسەنباي.$ [  c, [! Q# T% E/ [+ w# T# jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىررېكتۇر دەرھال تامغا ئېسىقلىق دۇنيا خەرىتىسگە قاراپ، بىشىنى چايقىغان ھالدا:
5 b  S5 {/ q) m# R# l-ئارىلىق بەك يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈز يول يوق، زاۋۇتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئېغىر، ئۇلارنى پەقەت پويىز، پاراخۇت بىلەنلا يۆتكىگىلى بولىدۇ. سىلەردە يول يوق، ئېنژىنېر يوق، تېخىمۇ مۇھىمى توك يوق. ئېلېكتىر ئىستانسىسى يوق يەرگە بۇنداق چوڭ زاۋۇت قۇرۇش خام خىيال-دەيدۇ.& H; [, p% F7 V1 P1 V2 h. |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھۈسەنباي ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەت ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ. كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدۇ. ئاخىرى كۆن-خۇرۇم زاۋۇدى بىلەن ئاياق كىيىم زاۋۇتىنى ھەم بىر گېنېراتۇرنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ. توختام تۈزىدىغان چاغدا قارشى تەرەپ «قۇلىڭىزدا ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ ئالاقىسى ياكى چەت ئەلدە شىركىتىڭىز يوق ئىكەن، تۇختاملىشىشقا سالاھىيىتىڭىز تۇشمايدىكەن.» دەپ تۇختاملىشىشقا ئۇنىمايدۇ. ئاسان بەل قۇيىۋەتمەيدىغان ھۈسەنباي بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ ۋە ئامال قىلىپ ئىستانبۇل شەھىرىدىن باغداتقا بارىدىغان تۆمۈر يولنى ياساشنى ھۆدىگە ئالغان گېرمانىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ 400 مىڭ تىللالىق پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ پايچېكىلىك گۇۋانامىسىگە ئېرىشىپ تۇختام تۈزۈش سالاھىيىتىنى ھازىرلايدۇ ھەمدە 500 مىڭ تىللا پۇلنى زاۋۇت ئۈچۈن زاكالەت قويۇپ يۇرتىغا قايتىدۇ.2 Y5 ]' g  x# U  N! j6 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىنىسى باۋدۇنباينى غۇلجىغا چاقىرتىپ: -ئىنىم سەن چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر. مەن گېرمانىيەلىكلەر بىلەن زاۋۇت سېتىۋېلىشنى تۇختاملىشىپ كەلدىم. سەن دەرھال گېرمانىيەگە بېرىپ زاۋۇتنى ئىلىغا ئېلىپ كېلىشنىڭ ئامالنى قىل. رۇسىيە تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان گەپ، رۇسلارنىڭ پەيلىنى ئۆزۈڭ بىلسەن، - دەيدۇ. باۋدۇنباي تەمكىنلىك بىلەن:
; B" A2 R8 [- B-زاۋۇت قۇرۇش خەلققە پايدىسى تېگىدىغان چوڭ ئىش. زاۋۇت قۇردۇق دېگەن گەپ تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ قۇرمىساق بولمايدۇ، دېگەن گەپ. دېمەك، ھەم سانائەت بىلەن ھەم مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ يولىغا ئاتلىنىپتۇق. بۇ ئىشنىڭ جاپاسى قانچىلىك بولسا بولسۇن، بولدى، مەن ئۈستۈمگە ئالدىم. مۇشۇ ھەپتىلا يۇلغا چىقاي-دەيدۇ.
! d2 y  t5 ?3 M) i) X1904-يىلى قار لەپىلدەپ يېغىپ تۇرغان بىر كۈنى باۋدۇنباي «گېرمانىيە سانائەت شىركىتى»نىڭ ئىشخانا بىناسىغا كىرىپ كېلىدۇ. پاينەكباش لىدىر ئويلىمىغان يەردىن:
- s" j1 Z4 T0 J! `3 i/ R  k- ئەپەندىم، قول ئاستىمىزدىكى زاۋۇتلار ئۇقۇشماي ئاكىڭىزدىن زاكالەت پۇلى ئېلىپ قويۇپتۇ. قانۇنىمىزدا «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مەنپەتىنى كۆزدە تۇتۇپ دۆلەتنىڭ تۈۋرۈك سانائەتلىرىنى چەتئەللەرگە، قۇشنا دۆلەتلەرگە سېتىپ بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ياساپ بېرىشكە بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا زاكالەت پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرمىز-دەيدۇ. باۋدۇنباي چېچەنلىك بىلەن:2 ^7 y4 N( f1 b" a- ?/ _' oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-گېرمانىيە قانۇنىنىڭ كۈچى كۈچلۈك، ھۆرمەتلىك ئەپەندىم، بىز قانۇن بويىچە توختاملاشقان، شۇڭا قانۇن بويىچە بولسۇن. بىز گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ مەنپەتىگە ياكى بىخەتەرلىكىگە زىيان سالمايمىز. زاۋۇتنى قۇرۇش، ئىشقا كىرىشتۈرۈش تېخنىكلارنى تەربىيەلەشكە يەنىلا گېرمانىيەلىكلەرنى تەكلىپ قىلىمىز، ئەنسىرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق، - دەيدۇ." d0 l( \+ y' @' @$ Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىككى تەرەپ تەكرار سۆھبەتلىشىپ، ئاخىر باۋدۇنباينىڭ تەلپىگە قوشۇلىدۇ.; j0 F( \$ `" O& a/ s5 Z7 m; i" Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
لىدىر:) j# n  p7 Z' E, C/ vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
زاۋۇت قۇرۇش ئىشىڭىزغا بىز قۇشۇلغان، ياردەم قىلغان بىلەن چاررۇسيە ھۆكۈمىتى زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى رۇسىيە زېمىنى ئارقىلىق توشۇشۇڭلارغا قۇشۇلماسلىقى مۇمكىن، - دەيدۇ. باۋدۇنباي :( i! ^) b. e. p- Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- ئاكام گېرمانىيە تۆمۈر يولنىڭ پايچېكى، شۇڭا ئۈسكۈنىلەرنى ئومىسكى شەھىرىگە پويىزدا يەتكۈزۈپ بېرىش توغرۇلۇق ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن، ئۇلار شىركەت نامىدىن چاررۇسيە بىلەن سۆزلىشىدۇ-دەيدۇ.! U* A& I- E" G+ z. P+ nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«گېرمانىيە سانائەت شىركىتى» توختام بويىچە زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى 1906-يىلى پۈتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئىككى يىلغا سوزۇلغان سۆھبەت ۋە تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بىرىدۇ. چاررۇسيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۈسكۈنلەرنى ئۈچ ئاي ئىچىدە رۇسىيە زېمىنىدىن توشۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە قوشۇلىدۇ. بولمىسا مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۈسكۈنلەر پويىزلاردىن قاتمۇ-قات ئۆتۈپ 15 كۈن بولغاندا رۇسىيەنىڭ ئومىسكى شەھىرىگە يەتكۈزىلىدۇ ئەمما ھىيلىگەر چاررۇسيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى پادىشاھ ئالىيلىرى ئىمزا قويغان ياكى باش قۇماندان جاناپلىرى قۇل قويغان بۇيرۇق بولمىسا بولمايدۇ، دەپ باۋدۇنباينىڭ قۇلىدىكى «چاررۇسيە قاتناش-تىرانسپورت شىركىتىنىڭ توختامنامىسى»نى ۋە «چاررۇسىيە سانائەت كومبىناتىنىڭ رۇخسەتنامىسى»نى ئېتراپ قىلمايدۇ.
" Z8 Y7 g1 a( O* cقەيسەر، ئىرادىلىك، تەدبىرلىك باۋدۇنباي رۇسىيە تەرەپنىڭ قەستىنى پەمىلەپ، دەرھال پېتېربورگقا بېرىپ چىڭ سۇلالىسى كۇنسۇلىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، 1881-يىلى ئىمزالىغان «جۇڭگو-رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى»دا بەلگىلەنگەن «جۇڭگونىڭ چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغان ماللىرى چار رۇسىيە زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.» دېگەن ماددىسى بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىپ، رۇخسەت ئېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سۆزلىشىش نەتىجىسىدە، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى نائىلاج ئالاھىدە رۇخسەتنامە يېزىپ بېرىدۇ.; @$ q, r1 t  b& v# j; a0 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈسكۈنىلەر ئومىنىسكى شەھىرىدىن پاراخۇتقا قاچلىنىپ ئېرتىش دەرياسى ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە تەرەپتىكى مۇھىم شەھىرى شەمەيگە يەتكۈزۈلىدۇ. شەمەيدىن ئىلىغا يېقىن يەركەنت (ياركەت) شەھىرىگە بارىدىغان 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە ناھايىتى ئېگىز-پەس، ئەگرى-تۇقاي بولغاچقا، قاتناش قۇلايسىز ئىدى. ئېغىر ئۈسكۈنىلەرنى باسقان چوڭ تىپتىكى ئاپتۇمۇبىللار بۇ يولدا ماڭالمايتتى. باۋدۇنباي ئېغىر ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەشكە بولىدىغان 50 نەچچە ھارۋا ياسىتىدۇ. ئۈسكۈنىلەرنى پەم بىلەن چۇۋۇپ، ھارۋىلارغا قاچىلاپ، ئىككى يۈزدەك ئات-ئۆكۈزنى ھارۋىغا قېتىپ، بىرەر يۈزدەك ھارۋىكەش ۋە ياردەمچىنى ياللاپ، يولغا چىقىدۇ. گېرمانىيەدىن بىللە كەلگەن 20 چە ھەمراھ بىلەن بىرەر يۈزدەك ھارۋىكەشلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ زور كارۋان دالىلاردا تۈنەپ، يامغۇر-يىشىن، بۇران-چاپقۇنلاردا قىينىلىپ، ئوي-دۆڭ يەرلەرنى تۈزلەپ، يول بويى نۇرغۇن ئورۇنغا كۆۋرۈك سېلىپ، بىر ئايدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، مىڭ بىر جاپادا يەركەنت شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ.! `3 h( X6 P' c* iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەركەنت شەھىرىدە ئۇلارنى غۇلجىدىن كەلگەن ھۈسەنباي، يەركەنت ۋالىسى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ.( y  x1 T! E% Q. T5 a! Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەركەنت بىلەن غۇلجا شەھىرى ئارىلىقىدىكى 100 نەچچە كىلومېتىرلىق يول تولىمۇ ناچار ئىدى، توپىلىق كاتاڭ ھارۋا يولى ھەر قانداق ھارۋىنىڭ جۇلىقىنى چىقىرىۋېتەتتى. يەركەنت ۋالىسى خەلقنى بۇ يولنى تۈزلەپ ۋە كەڭرىتىپ، ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ بۇ خەيرىلىك ئىشىغا ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر بىرەر ئايدىن ئارتۇق جاپالىق ئىشلەپ قۇرغاسقىچە بولغان يولنى پۈتكۈزىدۇ. قۇرغاس بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدىكى يولنى ھۈسەنباي ئىلى دېھقانلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىپ تۈزلەيدۇ.2 C$ X: w  g! U. wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1907-يىلنىڭ ئاخىرى زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى غۇلجا شەھىرىگە تولۇق توشۇلۇپ بولىدۇ. ئىككى يىل ئۆتۈپ 1909-يىلنىڭ دەسلەپكى كۈز كۈنلىرى كەلگەندە زاۋۇت قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى زاۋۇت تۇرخۇنى قەد كۆتۈرىدۇ. زامانىۋى «ئىلى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى» رەسمىي ئىش باشلايدۇ. بىر يىلدىن ئوشۇق مەخسۇس تېخنىكا تەربىيەسى ئالغان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ئىشچى ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ، 50 لامپۇچكا يۇرۇتۇلىدۇ، سېخلارغا ئار تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىلىدۇ، نەپىس ئىشلەنگەن كۆن-خۇرۇملار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ۋالىلداپ تۇرىدىغان سۈپەتلىك، سىپتا خۇرۇم ئاياقلار بازارلارنى قاپلايدۇ. ئىلى خەلقى بۇ زاۋۇتنى «ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى» دەپ ئاتىشىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ يېزىشىچە ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار قۇرغان بۇ كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى 1906-يىلى شاڭخەيدە ياپونلار قۇرغان «جاڭنەن كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى»دىن ئۈچ يىل كېيىن قۇرۇلغان. 1913-يىلى جۇڭخۇا مىنگۇ ئۆزى قۇرغان 11 تېرە زاۋۇتىنىڭ ئومۇمى كاپىتالى 4 مىليون 608 مىڭ يۈەن بولۇپ، «ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى»نىڭ كاپىتالىدىن 1 مىليون يۈەنلا كۆپ بولغان. «ھۈسەنباينىڭ زاۋۇتى» ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسيا رايۇنىنى ۋە مۇسكۋا، پېتېربورگ قاتارلىق شەھەرلەرنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 10 نەچچە خىلغا يەتكەن.
3 C% ^, j2 j1 h4 nشىنجاڭ سانائىتىنىڭ باشلامچىسى، مىللىي كارخانچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بولغان ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ شانلىق تۆھپىلىرى شۇنىڭدىن كېيىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بارلىققا كېلىدۇ. مەن ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ تۆھپىسىنى بىرمۇ بىر ئەسلەپ چىقتىم كۆڭۈل ئاسمىنىمدا ئۇلارنىڭ خەلققە قۇشقان سەككىز تۈرلۈك تۆھپىسى چاقنىدى.2 P  O, y' Y  cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىرىنجى تۆھپىسى: زاۋۇت قۇرغانلىقى. يۇقىرىدا ئۇنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتتۇم.1 [5 K4 J4 J3 ]  t+ r: G+ Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىككىنجى تۆھپىسى: چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ھەرىكىتى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار 20 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنى رۇسىيە، تۈركىيە، لىۋان قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتكەن. ئۇلار تۈرلۈك كەسپلەردە ئوقۇغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئەينى دەۋردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىلار سۈپىتىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئاكا- ئۇكامۇسا بايوفلار قازا قىلغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ ياردىمىدە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار بولغان.
7 x5 b+ D/ m1 Z- z5 xئۈچىنچى تۆھپىسى: يېڭىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى يولغا قويغانلىقى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ ئانا يۇرتى ئاتۇش ئىكساقتا باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ يېڭى مائارىپنى يولغا قۇيغانلىقى روشەن پاكىت بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار مەۋجۈت. نېمىلا بولمىسۇن ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئۇل سالغۇچىلىرى بولۇپ، جاھالەتلىك يىللاردا مەرىپەت مەشئىلىنى باتۇرلۇق بىلەن يېلىنجاتقان قەيسەر ئەزىمەتلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 1920-يىلى غۇلجىدا قۇرغان بولۇپ بۇ مەكتەپ «روشىدىيە مەكتەپ» دەپ ئاتالغان.
* k. i* l6 O5 b* @% r7 nتۆتىنچى تۆھپىسى: كەسپى تېخنىكا مائارىپىنى يولغا قۇيغانلىقى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار سېتىۋالغان زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى غۇلجىغا تولۇق توشۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار گېرمانىيەلىك ماكس ۋېنگېر دېگەن تېخنىكنى غۇلجىغا تەكلىپ قىلغان. ئۇ كەلگەندىن كېيىن 1908-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھازىرقى ئىلى پېداگۇكىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنىدا تېخنىڭ ئىشچىلار مەكتىپىنى قۇرغان. زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگۈچى بولغان بىر يېرىم يىل ۋاقىتتا ئۈچ قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيەلىنىپ تېخنىك، ماستېر، توكچى، باشقۇرغۇچى، كاسسىر، ئىشچى يېتىشتۈرۈلگەن. بۇلاردىن 200 نەپىرى زاۋۇتقا تاللانغان.
2 W% _1 [' s% R& k. R. Z3 _1912-يىلى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، زاۋۇت ئىشچىلىرى كۆپىيىپ، 500 دىن ئاشقان. شۇ چاغدا ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدىن خەلىچە ئاپىستەي قاتارلىق تۆت ئايال ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ، غۇلجىدا «ئاياللار ھۈنەر مەكتىپى» دېگەن مەكتەپنى ئاچقان. بۇ مەكتەپكە، مەدەنىيەت دەرسلىرىدىن تاشقىرى، تىككۈچىلىك، كېسىمچىلىك، يۇڭ پوپايكا، شارپا، ياغلىق، پەلەي توقۇش، رېشىليە ئىشلەش، كەشتىچىلىك قاتارلىق ھۆنەرلەر ئۈگىتىلگەن. بۇ مەكتەپ 1950-يىللىرى تاقىلىپ قالغانغا قەدەر، ئون مىڭغا يېقىن ئايال ھۈنەرۋەننى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. 6 U8 `) G3 u3 Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەشىنجى تۆھپىسى: دارىلمۇئەللىمىن (سىفەن) مەكتىپىنى قۇرغانلىقى. 1913-يىلى ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ ئىنىسى ئوبولھەسەن مۇساباي ھەج قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەككىگە بارىدۇ. قايتىشىدا ئاكىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن ئەھمەد كامال ئىسىملىك بىر مائارىپچىنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار 1914-يىلى ئەتىيازدا ئاتۇشقا يېتىپ كېلىدۇ. باۋدۇنباي ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ قەشقەردە دارىمۇئەللىمىن قۇرماقچى بولىدۇ. لېكىن قەشقەر شەھىرىدىكى مۇتەسسىپ كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك قارىشلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئاخىر ئامال بولمىغاندا مەكتەپنى ئۈستىن ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە ئاچىدۇ. مەكتەپكە قەشقەر ۋە ئاتۇش تەۋەسىدىن باشلانغۇچ تەربىيە كۆرگەن زىرەك ياشلاردىن 40 نەپىرى تاللىنىپ ئۇقۇتقۇچىلىققا تەربىيەلىنىدۇ. ئۈستىن ئاتۇش خەلقى بۇ مەكتەپنى «ھەبىبزادە دارىمۇئەلىمىن» دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى ئەھمەد كامالنىڭ تولۇق ئىسمى ھەبىبزادە ئەھمەد كامال ئىدى. لېكىن بۇ مەكتەپنىڭ ئورىنبورگدا باستۇرۇلغان دەرسلىكلىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا بولسا «قەشقەر دارىلمۇئەلىمىنىنىڭ دەرسلىكى» دەپ يېزىلىدۇ. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى بۇ دارىلمۇئەللىمىن تۈرلۈك قارىشلىقلار ئىچىدە داۋام قىلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈش بىلەن تەڭ مەجبۇررىي تاقىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن ئۇقۇغۇچىلار كېيىنكى يىللاردا ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ./ D; |7 n; S) ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالتىجى تۆھپىسى: كىنونى ئېلىپ كىرگەنلىكى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار گېرمانىيە تەرەپ بىلەن 1907 -يىلدىن 1909-يىلغىچە بولغان زاۋۇت قۇرۇلۇش جەريانىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ بېرىشكە پۈتۈشكەنىدى. 1912-يىلى مەزكۈر زاۋۇت تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ۋە بىر دانە فىلىم قويۇش ئاپپاراتى گېرمانىيە تەرەپتىن باۋدۇن مۇسا بايوفقا تاپشۇرۇلىدۇ. باۋدۇن مۇسا بايوف زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى تۇنۇشتۇرۇلغان بىر چاس فىلىمدىن باشقا يەنە ھەر خىل مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۆت چاس فىلىم، بىر كىنو ئاپپاراتىنى ئېلىپ تېخنىك خادىملار بىلەن بىللە قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەر ئاتۇشتا بىر نەچچە نۆۋەت قويۇلغاندىن كېيىن غۇلجىغا ئېلىپ چىقىلىپ غۇلجىدا ئاممىغا قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ يېڭى مەدەنىيەت ھادىسىسى ئەينى ۋاقتىكى نادان ئاۋامنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقىنى كۈچەيتىشتە موھىم رول ئوينايدۇ.2 I4 H* S) l8 O2 J. z' @$ W, \! y. E0 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەتتىنجى تۆھپىسى: پوتبول ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرغانلىقى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارغان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى (شادى) شىنجاڭدا پۇتبول ھەرىكىتىنى تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلتۈرگەن ئەزىمەتلەر ھېسابلىنىدۇ.# G5 P. D! Q& uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى 1915-يىلى چەتئەلدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئاتۇش ئىكساقتا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا پوتبول ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرغان. ئابدۇراخمان ئەپەندى 1920- يىلى غۇلجىدا روشىدىيە مەكتىۋىگە مۇدىر بولغاندا تۇنجى قېتىم غۇلجىدا پوتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. تۇرسۇن ئەپەندى 1920- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كوماندا تەشكىللەپ، قەشقەردە ئەنگىلىيەنىڭ كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوماندا بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن قەشقەرنى زىلزىلىگە سىلىۋەتكەن.. N. A0 v3 d" Z' [! h4 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەككىزىنچى تۆھپىسى: «مۇسا بايوفلار روھى»نى ياراتقانلىقى. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار، مۇسا بايوفلار جەمەتىنىڭ نامىنى مەشھۇر قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سودا-سانائەت، مەدەنىيەت، مائارىپ تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى. ئۇلار بۇ شانلىق سەھىپىنى نېمە بىلەن ياراتتى؟ بۇ يەردە رول ئوينىغان مۇھىم ئامىل نېمە؟ بەزىلەر بۇنى پۇل دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ھەقىقەتەن ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلار كاتتا بايلار، لېكىن، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەت ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارلا كاتتا بايلاردىن بولغان ئەمەس. بايلىقتا ئۇلاردىن قىلىشمىغىدەك يەنە نۇرغۇن بايلار بولغان، لېكىن ئۇلاردا ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلاردەك روھ بولمىغان. بولغان تەغدىردىمۇ يېتەرلىك بولمىغان. ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلاردا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىشتەك قىممەتلىك روھ بار ئىدى. ئۇلار ياشاش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلاتتى ئۇلاردا ئۆزىدىن ھالقىيدىغان جاسارەت بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتى يول ئىچىش، ئالغا ئىنتىلىش، ئۆزىگە خاس يول تۇتۇش بىلەن خاراكتېرلەنگەن ھايات ئىدى.1 r; N9 Z0 Y0 z6 H) n' \# wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇلار كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ- ئارمانلارنى پۈككەن ھەم بۇ غايە ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن كۆرەش قىلغان ئىدى. ئۇلار خەلق ئۈچۈن ياشاشنى ھاياتىنىڭ مىزانى قىلغان ئىدى. ئۇلار يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا ئىلغارلىققا ھېرىسمەن بولغان، جاھالەتكە، نادانلىققا، قالاقلىققا دۈشمەن بولغان ئىدى. ئۇلار نەزىرىنى دۇنياغا تىككەن ئىدى. ئۇلار ئىقتىسادنى تۈۋرۈك، مائارىپنى مەشئەل قىلغان ئىدى. مانا بۇ ئاكا-ئۇكا مۇسابايىفلارنىڭ روھى! بۇ ئۇلاردىن ئەۋلاتلارغا مىراس قالغان قىممەتلىك بايلىق! بىز ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلايدىغان، روھتا تەربىيەلەشتە مانا مۇشۇ قىممەتلىك روھقا ھەر ۋاقىت مۇراجىئەت قىلماي تۇرالمايمىز.5 V: ]8 H% x+ U7 P9 q' ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوفلارنىڭ زاۋۇت قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان، زاۋۇت، كارخانىلارنى قۇرۇش ئەۋجگە چىقىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك. بىز 2009-يىلىدا بۇ توغرۇلۇق قانداق ئىجابى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئىجتىمائى ھاياتىمىزدا قانچىلىك داغدۇغا پەيدا قىلالايمىز؟ بۇ ھەممىمىزنىڭ ئەقىدىسى، چۈشىنىشى، پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا باغلىق.
; A8 b% ?8 H" z* Q2 ]* F) Y% v
# Y* e: Z% h. V; y9 N( d8 o% O* R) f5 P/ t/ \: zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2014-5-30 21:39:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ چاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتى ، ئىلىم پەن ئاقارتىشقا قوشقان تۆھپىسىنى ھەممە ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز ، شۇنچىلىك تەرەققىيات يوق مەزگىلىدە پەننى يولغا قۇيۇپ مىللەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان ، ھازىرچۇ ؟ تەرەققىيات دىسە بار قوساق توق ،كىيىم پۈتۈن ،"توقلۇقتىن شۇخلۇق چىققاندەك '' ئىشلار بولىۋاتىدۇ  .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-2 14:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇ ئايكۆلدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى 7 |& H. d% r* V; Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3 i  z" r9 L) e6 \3 W& d, H8 w" Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى0 j9 j- k4 ?6 Z- m1 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
 ئاقسۇ — تارىخى ناھايىتى ئۇزاق بىر قەدىمىي جاي. ئالاھازەل قىياس بۇنىڭدىن7000-6000 يىللار ئىلگىرى ئۇ يېڭى تاش قورال دەۋرىگە كىرگەن. بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرى ئاقسۇ بوستانلىقىدا ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنى ياراتقان ۋە شەھەر - قەسەبىلەرنى بەرپا قىلىپ، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. تارىخىي قەيتلەر ۋە ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ھازىر بۇنى داۋاملىق ئىسپاتلىماقتا. ئايكۆل قەدىمكى مەدەنىيەت رايونى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەپسۇس، ئۇ تېخى ئاۋۋالقى ھالىتى بويىچە بىتەتقىق تۇرماقتا. بۇ ماقالە ئەنە شۇ سەۋەب تۈپەيلى يېزىلدى.
9 @% f) [& M- @' E, J, C9 s  S1 B9 S) c0 z& d) s7 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئايكۆل ۋە «ئايكۆل» كەلىمىسىنىڭ تەگ تەۋەلىكى
' D, J0 O* ^) k$ a" Zبۈگۈنكى ئاقسۇ شەھىرىدىن ئاقسۇ - قەشقەر تاشيولى (تۆمۈريولى)نى بويلاپ كۈن ئولتۇرۇش تەرەپكە قاراپ تەخمىنەن 60 چاقىرىم يول يۈرسەك ئايكۆل دېگەن يەرگە كېلىمىز. ئايكۆل — ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ، خەرىتىدىكى ئورنى شەرقىي مېرىدىئان 97°93′-08°01′ بىلەن شىمالىي پاراللېل 04°22′-14°11′ ئارىلىقىدا. ئايكۆل بازىرى شەرقتە ئاقسۇ كونا دەرياسى، غەربتە كەلپىن ناھىيىسى، جەنۇبتا ئاۋات ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى، شىمالدا ھىنگان تاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاقيار يېزىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 94 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئەڭ كەڭ يېرى 32 كىلومېتىر كېلىدۇ.ئايكۆل — مىلادىيە 11 - ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دېگەن كىتابىدا:«<ئۇچ>قا يېقىن بىر يەرنىڭ ئېتى»  ①  م.قەشقەرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 - يىلى نەشرى 3 - توم، 186 - بەت.
  o* W$ u: D% d' w' Aدەپ قەيت قىلىنغان تارىخى ئۇزۇن بىرقەدىمىي يۇرت. مەھمۇد قەشقەرى تىلغا ئالغان «ئۇچ» بۈگۈنكى ئۇچتۇرپان، «ئايكۆل» بولسا بۈگۈنكى ئايكۆلدۇر. بۇ يەرنىڭ مۇشۇنداق دەپ ئاتىلىپ قېلىشىغا نېمىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش تېخى ھازىرغا قەدەر ھېچكىمگە نېسىپ بولمىغان ۋە تېخىچە ئاق تۇرىۋاتقان بىر تەتقىقات تېمىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «ئاي» ۋە «كۆل» دېگەن ئىككى ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان خاس بىر ئىسىم ئىكەنلىكى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. ئايكۆل — ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق مەشھۇر بىر قەدىمىي بازار، ئۇ يەردە ئاتاغلىق ئايكۆل مەۋلانەم مازىرى بار. بۇ مازار — ئايكۆل بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقى تەرىپىگە بىر كىلومېتىر يەردە بولۇپ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 08°80′10″، شىمالىي كەڭلىك 04°45′5″ قا جايلاشقان. ئۇ مىلادىيە 14 - ئەسىردىكى مەشھۇر ئىسلام ئالىمى خاجە ئەبۇھەفز كەبىرىنىڭ ئوغلى، كۇچادىكى مەۋلانا ئەرشىددىن خۇجىنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى مەۋلانا جالالىددىن كىتىكىنىڭ قەبرىگاھىدۇر. «تارىخى رەشىدىي»، «چىڭگىزنامە» ۋە «ئايكۆل مەۋلانا تەزكىرىسى» قاتارلىق تارىخىي ۋەسىقىلەردە موڭغۇل نەسلىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئايكۆلدە جالالىددىن ھەزرەتكە مۇلاقات بولۇپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىغا دائىر ۋەقەلەر سۆزلىنىدۇ. تۇغلۇق تۈمۈرخاننىڭ ئايكۆلدە مۇسۇلمان بولۇشى پۈتكۈل ئىسلامىيەت دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقى كىتابلاردىن ئېلىنىپ تا ھازىرغىچە يېزىلغان شىنجاڭ تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، ئىسلام تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.«ئايكۆل» نامىنىڭ تەگ تەۋەلىكى ھەققىدە كىشىلەر ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار: نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، بىر زامانلاردا مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇپ، رامىزان ئاخىرلاشقاندا، ئاسماندا ئاي كۆرۈنمەپتۇ. قائىدە بويىچە، ئاسماندا كۆرۈنگەن ئايغا قاراپ، ھېيت نامىزى ئۆتەيدىغان ۋاقىتقا ھۆكۈم قىلىدىكەن. بىر ھۆكۈما ئاي كۆرۈنمىدى، قانداق قىلىمىز؟ دەپ ئۆزىدىن سورالغان بىر سوئالغا: كۆلگە بېقىڭلار، كۆلدە كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ جاۋاب بەرگەن. دېگەندەك قارىسا ئاي كۆلدە كۆرۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن ھېيت نامىزى ئۆتەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ يەرنىڭ ئېتى «ئايكۆر» دېيىلىدىغان بولغان. كېيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ئايكۆر» سۆزى «ئايكۆل»گە ئۆزگەرگەن. بۇ رىۋايەتنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى بار: ئۇنىڭدا قەيت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زامانلارنىڭ بىرىدە شۇ يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان روزى ھېيتى بولىدىغان كۈندە يېڭى ئاينىڭ كۆرۈنۈشىنى كۈتۈپ قاپتۇ. كىشىلەر رامىزاننىڭ 36 - كېچىسىدە ئاندىن كونا بازار مەۋلانەم مەسچىتى يېنىدىكى كۆلدىن يېڭى چىققان ئاينىڭ شولىسىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قان قىلىپ كېچىكىپ كۆرۈنگەن ئاينىڭ خاسىيىتى بىلەن روزا ھېيت نامىزىنى ئۆتەپتۇ. كېيىن كىشىلەر بۇ غەلىتە ھادىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرنى «ئايكۆل» دەپ ئاتاپتۇ  ①  «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 26 - بەت، خەنزۇچە. «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 166 - بەت، خەنزۇچە.4 ) E$ E6 H5 ^& hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. بۇ رىۋايەت قانچىلىك چىنلىققا ئىگە بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بىز گېپىنى قىلىۋاتقان بۇ يەرگە «ئايكۆل»نىڭ قانداق قىلىپ نام بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە بىزنى مەلۇم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. دېمىسىمۇ، «ئايكۆل» ئۆز ئىسمىدىن مەلۇم بولغاندەك مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەلىمىگە ئېلىنىشتىن بۇرۇنلا تۈرك يۇرتىدىكى مەشھۇر كۆللەرنىڭ بىرى ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ كول (KθL) بۆلۈكىدە ئايكۆلنى «اى كول» شەكلىدە يازىدۇ ۋە بارىسىغاندىكى ئىسسىق كۆل، قەشقەر تاغلىرىدىكى كورۇڭ كۆل، قوچقار باشى يېنىدىكى سىزىڭ كۆل، كۇچا بىلەن كۆڭۈت ۋە ئۇيغۇر چېگرىسىدىكى يۇلتۇز كۆل، ئىككى ئوگۇز چېگرىسىدىكى تەرىڭ كۆل قاتارلىق تۈرك شەھەرلىرىدىكى كۆللەر قاتارىدا تىلغا ئالىدۇ ھەم «بۇ كۆللەردىن ھەربىرىنىڭ ئەتراپى قىرىق ياكى ئوتتۇز پەرسەخ كېلىدۇ. تۈرك شەھەرلىرىدە بۇنداق كۆللەر كۆپ. مەن پەقەت ئىسلام شەھەرلىرىدىكى كۆللەرنىڭ چوڭلىرىنىلا كۆرسەتتىم» دەيدۇ  ②  مەھمۇد قەشقەرى:«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984 - يىلى 1 - ئاي 1 - نەشرى، 3 - توم، 186 - بەت.  }-* |8 |4 T2 n  Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.ئايكۆلنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، ھىجرىيە 747 (مىلادىيە 1347) - يىلى شەرقىي چاغاتاي خانى تۇغلۇق تۈمۈرخان يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكۈنىمىزدەك، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ھەزرەتى مەۋلانا جالالىددىن كىتىكىنىڭ دالالىتىدە ئايكۆلدە ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان. «ئاقسۇ شەھىرى تەزكىرىسى» قاتارلىق يېقىندىن بېرى يېزىلغان بەزى كىتابلاردا ئاقسۇلۇقلارنىڭ مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىنى ئەنە شۇ چاغدىن باشلايدۇ. بۇ بىر چوڭ خاتالىق. ئەمەلىيەتتە ئايكۆل (ئاقسۇ) خەلقى قاراخانىيلار دۆلىتى ۋاقتىدىلا ئىسلامىيەتكە مۇشەررەپ بولغانىدى. موڭغۇل ئىستېلاسى مەزگىلىدە ۋە سەئىدىيە خانىدانلىقى زامانلىرىدا ئايكۆل ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن بوپقالدى ۋە نۇرغۇنلىغان ھەربىي، سىياسىي، دىنىي ۋەقەلەرنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندى. مىلادىيە 17 - ئەسىردە ھىندىستاندىكى سوپىزم ئىلاھىيەتشۇناسى ۋە دىنىي داھىي ھەزرىتى مۇجەددىد ئالف سانى ئىمام رەببانى شەيخ ئەخمەد فەرۇخى سىرھىندى (مىلادىيە 4261-4651)نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تەسەۋۋۇپچىلىق مەزھىپى 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئايكۆلگە تارقىلىپ ئايرىم بىر سىستېمىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭدىكى تۇڭگانلارنىڭ خۇپىيە سۈلۈكى رىۋايەتلىرىدە «ئايكۆل سىستېمىسى» ئەلى ئاخۇن (تولۇق ئىسمى ھەزرىتى قۇتۇب ئەلفىل ئوسۇرى ۋەلىيۇل ئىشان مۇھەممەد ئەلى ئاخۇن شەيخ رەخمىتۇللا ئەلەيھى) ئىسىملىك دىن تارقاتقۇچىنىڭ ھىندىستاندىن ئايكۆلگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەدرىسە سالدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە دىن تارقىتىشى بىلەن شەكىللەنگەن دېيىلىدۇ  ①  ھاجى نۇرھاجى:«شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995 - يىلى 11 - ئاي 1 - نەشرى، 472  بەت، ئۇيغۇرچە.0 Y% m6 \& O9 h& iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. 19 - ئەسىردە، يەنى ھىجرىيە 1222 (مىلادىيە 1807) - يىلى شۇ دەۋردىكى رېئالىزملىق ئەدەبىياتنىڭ داڭلىق ۋەكىلى، ئاتاغلىق شائىر، تارىخچى، تىلشۇناس موللا شاكىر (ۋاپاتى مىلادىيە 1868 - يىلى) ئايكۆلدە موللا تاھىر كارۇك لەقەملىك ئوقۇمۇشلۇق بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. قەيىتلەرگە كۆرە، ئۇنىڭ دادىسى موللا تاھىر كارۇك، بوۋىسى شاربان مۇنىشى (كاتىپ)، چوڭ بوۋىسى مىرزا مۇزەففەرلەر ھاللىق، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىدى. موللا شاكىر ھىجرىيە 1283 (مىلادىيە 1866) - يىلى چىڭ سۇلالىسى ۋە مانجۇ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىققان ھىجرىيە 1281 (مىلادىيە 1864) - يىلىدىكى راشىددىن خوجا باشچىلىق قىلغان كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاتىغان مەشھۇر ئىپىك داستان «زەفەرنامە»نى 61 يېشىدا يېزىپ چىقتى. شائىر ۋە شائىرنىڭ بۇ ئۆلمەس ئەسىرى 19 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك ناماياندىسى سۈپىتىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يۇرتى بولغان ئايكۆل خەلقى ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىپ كەلمەكتە.ئايكۆل چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا ئونسۇغا تەۋە ئىدى. 1902 - يىلى بۇ يەردە ئونسۇغا قاراشلىق 19 كەنت تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 2 (1913) - يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىگە قارام بولۇپ، بۇ يەردە ئايكۆل، ياڭئېرىق (بۈگۈنكى ئاۋات ناھىيىسىدە)، قوش قۇدۇق قاتارلىق بەش يېزا قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 33 (1944) - يىلى بىر بازار، ئۈچ يېزا، 13 باۋ، 120 جيا قۇرۇلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن باۋجيا تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا بەش يېزا 20 مەمۇرىي كەنت قارام بولغان. 1953 - يىلى ئاقسۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مەمۇرىي رايونلارنى تەڭشىگەندە ئۇنى ناھىيىگە قاراشلىق 7 - رايون قىلىپ ئۆزگەرتكەن ھەم غالىبىيەت، پايناپ، سايئېرىق، خاڭگۇڭ ۋە ساجىڭزا قاتارلىق 5 يېزا ئۇنىڭغا تەۋە بولۇپ، ھەرقايسى يېزا - كەنتلەردە ئالىي كوپىراتىپ قۇرۇلغان. 1958 - يىلى خەلق كوممۇنىسى قۇرۇش يولغا قويۇلغاندا ئاۋۋالقى بۇ 7 - رايون 6 - رايون قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە ھۆكۈمەت - كوپىراتىپ بىرلەشكەن ئايكۆل غالىبىيەت خەلق كوممۇنىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا 5 باشقۇرۇش رايونى، 20 ئىشلەپچىقىرىش دۈيى قارام بولغان. 1966 - يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئايكۆل خەلق كوممىسىنىڭ چاچى دادۈيى ئايكۆلدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ئاقسۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق «شەرق قىزاردى» ناملىق چېگرا رايونغا ياردەمگە كەلگەن ياشلار مەيدانى بولۇپ قۇرۇلغان. 1969 - يىلى كوممۇنا باشقۇرۇش كومىتېتى «ئىنقىلابى كومىتېت»قا ئۆزگەرتىلگەن. 1971 - يىلى ئۇنىڭ «كوممۇنا» دېگەن نامى «جىنچاۋ خەلق كوممۇنىسى» (ئالتۇن كۆۋرۈك دېگەن مەنىدە)غا ئۆزگەرتىلگەن. 1984 - يىلى ئايكۆل يېزىسى ئايكۆل يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بولۇپ قۇرۇلغان. «تارىخى رەشىدىي»نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار ئۇنىڭدا ئۇچرايدىغان «ئايكۆل»نى 拜古尔 شەكلىدە مۇقىملاشتۇرغان ھەم ئۇنىڭغا «ئۇ جاينىڭ ھازىرقى خەرىتىدىكى ئورنىدىن قارىغاندا ئېھتىمال ئاقسۇنىڭ يېنىدىكى ئويكول (Oikul) بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئىزاھات بەرگەن ھەمدە ئۇنى 愕依库尔 دېگەن خەت شەكلى بىلەن تۇراقلاشتۇرغان. ئارخىلوگ خۇاڭ ۋىنبى «تارىم ۋادىسىدا ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى» دېگەن كىتابىدا «ئايكۆل»نى 阿音柯尔 شەكلىدە يازىدۇ. بۇ ئالدىنقى تەرجىمىسىگە قارىغاندا كۆپ توغرا بولۇپ، «ئايكۆل» تەلەپپۇزىنى خەنزۇچىدا توغرا ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان تىرىشچانلىق بولسىمۇ، 1989 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن خەنزۇچە يېزىلىدىغان 阿音柯 دېگەن بۇ ئىسىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىنى ساقلىغان ھالدا 阿依库勒گە ئۆزگەرتىلدى ۋە مەنىسى خەنزۇچە «月亮湖» دەپ بېكىتىلدى. بۇ يېزا 1998 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بازار قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. ھازىر ئايكۆل بازىرى دەپ ئاتالماقتا.
  [) Y! ]) Y; F! N7 h«ئون بەش ئوتاق»قا «خاڭگۇڭ»نىڭ نام بولۇپ قېلىشى& @$ Z. P9 A' \7 p2 Z$ O% p+ X+ lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

( W3 f% [; H7 Gئايكۆل بازىرىنىڭ تەخمىنەن غەربىي تەرىپىدىن 35 چاقىرىم يىراقلىقتا بۈگۈنكى كۈندە «خاڭگۇڭ» دېيىلىدىغان بىر قەدىمىي يۇرت بار. بۇ يۇرتقا «خاڭگۇڭ» دېگەن ئىسىم قويۇلۇشىدىن ئاۋۋال ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئەلمىساقتىن بېرى قوللىنىپ كېلىنگەن نامى ئون بەش ئوتاق ئىدى. بەزى يازما خاتىرىلەرگە قارىغاندا، «خاڭگۇڭ» دېگەن بۇ نام ئون بەش ئوتاققا 1933 - يىلى (مىنگونىڭ 22 - يىلى)دىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا «خاڭگۇڭ» دېگەن بۇ ئىسىمنى توپتوغرا 80 ياشقا كىردى دېيىشكە بولىدۇ.خاڭگۇڭ — كونا خاڭگۇڭ ۋە يېڭى خاڭگۇڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كونا خاڭگۇڭ (جۇغراپىيىلىك كوئوردىناتى شەرقىي مېردىئان 08°00′ بىلەن شىمالىي پاراللېل 04°94′نىڭ ئارىلىقىدا) بۈگۈنكى كۈندە ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق ئايكۆل بازىرىنىڭ بىر تەبىئىي كەنتى، يېڭى خاڭگۇڭ (جۇغراپىيىلىك كوئوردىناتى شەرقى مېردىئان 97°15′، شىمالىي پاراللېل 04°44′) بولسا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - دېۋىزىيىسىگە قاراشلىق ساجىڭزا مىللىي دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەل ئارىسىدىكى نامى. ئەسلىدە بۇ يەردە كونا، يېڭى خاڭگۇڭ دەپ ئايرىلماي، بىردەل «خاڭگۇڭ» دەپلا ئاتىلاتتى. كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ھازىر كونا خاڭگۇڭ دېيىلىدىغان يەردە خاڭگۇڭ يېزىسى خاڭگۇڭ كەنتى تەسىس قىلىنغان. 1956 - يىلى يېزىلىق 1 - ئالىي كوپىراتىپ قۇرۇلغان. 1958 - يىلى خەلق كوممۇنىسى مەزگىلىدە خاڭگۇڭ 1 - دادۈي دەپ ئاتالغان. 1970 - يىلى ئايكۆل يېزىسىنىڭ 20 - دادۈي قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1978 - يىلى خاڭگۇڭ 1 - دادۈي دېگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984 - يىلى قايتىدىن خاڭگۇڭ كەنتى بولۇپ قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە «خاڭگۇڭ» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.ھازىر يېڭى خاڭگۇڭ دېيىلىدىغان ساجىڭزا مىللىي دېھقانچىلىق مەيدان 1958 - يىلدىن بۇرۇن ئاقسۇ ناھىيىسى ئايكۆل يېزىسىنىڭ 1 - ئىشلەپچىقىرىش دادۈيى ئىدى. 1958 - يىلى قىشتا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم «ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پىلانى ئىچىگە كىرىپ قالغان جايلارنى ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا قوشۇۋېتىش توغرىسىدا قارار» ماقۇللىدى. شۇنىڭ بىلەن 1959 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئايكۆل يېزىسىغا قاراشلىق بۇ جاي يېزا ئىگىلىك 1 - دىۋىزىيىگە قوشۇۋېتىلىپ غالبىيەت 1 - باش مەيدان شۆبە مەيدان دەپ ئاتالدى. 1975  يىلى بىڭتۇەن ئەمەلدىن قالغاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي دېھقانچىلىق مەيدان دەپ ئۆزگەرتىلىپ بەزىدە يېڭى خاڭگۇڭ شۆبە مەيدان دەپمۇ ئاتالدى. 1982 - يىلى يېزا ئىگىلىك 1 - دىۋىزىيە مىللىي دېھقانچىلىق مەيدان دەپ ئۆزگەرتىلدى. 1997 - يىلى يېزا ئىگىلىك 1  تۇەن (مەيدان)گە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ 1 - تۇەن ساجىڭزا مىللىي دېھقانچىلىق مەيدان دەپ ئاتالدى، ھازىرمۇ شۇنداق دەپ ئاتالماقتا. بۇ يەردە يېڭى خاڭگۇڭ (97°75′, 44°44′)، بەشئېرىق (97°95′, 04°64′)، سايئېرىق (97°95′, 04°64′)، سامساق (97°85′, 04°54′)، يېڭىئېرىق (97°75′, 04°44′) دېگەن تەبىئىي كەنتلەر بار. مەن كەمىنە قەلەم ئىگىسى مۇشۇ يۇرتنىڭ سامساق دېگەن كەنتىدە چوڭ بولغانمەن.«خاڭگۇڭ» دېگەن نام 1966 - يىلى نەشر قىلىنغان «ش ئۇ ئا ر خەرىتىلىرى توپلىمى» (يېڭى يېزىقچە)دا، «Huang hong»، 1981 - يىلى نەشر قىلىنغان «ش ئۇ ئا ر يەر ناملىرى توپلىمى»دا «黄宫» (Huang hong) شەكلىدە قەيت قىلىنىدۇ. «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار تەزكىرىسى» (1988 - يىلى)، «ئاقسۇ شەھىرى تەزكىرىسى» (1991 - يىلى)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى «يېزا ئىگىلىك 1 - دېۋىزىيە تەزكىرىسى» (1994 - يىلى)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - دىۋىزىيە «1 - تۇەن تەزكىرىسى» (2001 - يىلى) قاتارلىق خەنزۇچە مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك «黄宫» دەپ قوبۇل قىلىنغان.«خاڭگۇڭ» نامىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى خۇددى مەن كەمىنە قەلەم ئىگىسى كىچىك يۈسۈپ 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۇرت ئاقساقاللىرىغا سوئال قويۇپ ئۇنىڭ مەنىسىنى سورىغاندەك سورىشىدۇ. بەزىلەر خاڭگۇڭدا مەتقۇربان، مەتتوختى، مەتسىدىق دەپ ئىسىم قويىدىغان كىشىلەر جىق. خوتەندە «ھاڭگۇي» دەيدىغان بىر جاي بار. ئېھتىمال خاڭگۇڭلۇقلار خوتەننىڭ ئەنە شۇ ھاڭگۇي دېگەن يېرىدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەر بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بۇ يەرنى ئۆزلىرىنىڭ خوتەندىكى يۇرتىغا ئوخشىتىپ «ھاڭگۇي» دەپ ئاتىغان بولسا، كېيىنچە تەلەپپۇزدا ئۆزگىرىش بولۇپ «ھاڭگۇي» سۆزى «خاڭگۇڭ»غا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېسە، يەنە بەزىلەر «خاڭگۇڭ» دېگەن بۇ نام مانجۇلار زامانىسىدا پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كۆپىنچە يېڭىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېچىلغان بوز يەرلەرگە نام بولۇپ كېلىدۇ. ئۈرۈمچىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان «ئەرگۇڭ»، «سەنگۇڭ»، «تۇگۇڭ» دېگەندەك يەرلەر بار. شېڭ سىسەي دەۋرىدە بۇ يەر ناملىرىنىڭ ئاخىرىدىكى «宫» خېتى «工»غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن، دەيدۇ.«خاڭگۇڭ» نامىنىڭ تەگ تەۋەلىكى ھەققىدە يېقىنقى مەزگىللەردە يېزىلغان بەزى كىتابلاردا مۇنداق بايانلار بار:«رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئامبال خۇاڭ دارىن خەلق ئىشچىلىرىنى باشلاپ كېلىپ بوز يەر ئېچىپ، ئۆستەڭ چاپقۇزغان، ئۆستەڭ (خۇاڭگۇڭ ئۆستىڭى) (黄工梁 )دەپ ئاتالغان، كېيىنچە ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرنى خۇاڭگۇڭ كەنتى (黄工村 )دەپ ئاتىغان. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە بۇ يەر ‹黄宫 ›دەپ يېزىلىدىغان بولغان»  ①  «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 29 - 30 - بەتلەر، خەنزۇچە.
6 A* s! A8 U5 S5 Uيەنە رىۋايەت قىلىنىشىچە، 1933 - يىلى (مىنگۇنىڭ 22 - يىلى) ئاقسۇنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى خۇاڭ مىنفۇ بۇ يەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ، سۇ باشلاپ بوز يەر ئاچقان. كېيىنكىلەر خۇاڭ ئەمەلدارنىڭ بۇ تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەپ بۇ يەرنى «خۇاڭگۇڭ» (黄工) دەپ ئاتىغان، كېيىنچە 黄宫 بولۇپ قالغان  ②  «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» 303 - بەت، خەنزۇچە.1 . تارىخىي قەيتلەرگە قارىغاندا، بۇ يەردە گېپى بولۇۋاتقان خۇاڭ مىنفۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى خۇاڭ خۇچىڭ (1999-1901) بولۇپ، ئۇ 1939  يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭغا خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن، كېيىن شېڭ سىسەي تەرىپىدىن ئاقسۇ مەمۇرىي رايوننىڭ باشلىقى بولغان  ①  يۇقىرىقى كىتاب 434 - بەت.& d! U4 K  ~! X0 b( Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. بەزىلەر بۇ يەرنىڭ «خاڭگۇڭ» دېگەن ئېتى ئىلگىرى 荒工 دەپ يېزىلاتتى، بۇ چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ  ②  «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 189 - بەت، خەنزۇچە.
4 Q& X; [" J& i$ N7 q. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - دېۋىزىيە «1 - تۇەن تەزكىرىسى»دىكى قەيتلەرگە قارىغاندا، رىۋايەت قىلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەنى مىلادىيە 1883 - يىلى خۇاڭ (黄) فامىلىلىك بىر ئامبال بىز گېپىنى قىلىۋاتقان بۇ يەرگە ئادەم باشلاپ كېلىپ، ئېرىق چېپىپ، سۇ باشلىغانىكەن. بۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ ئۇنى «黄公» (خۇاڭ ھەزرەت) دەپ ئاتاشقانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ نام بۇ جايغا نام بولۇپ قالغانىكەن. كېيىنچە بارا - بارا ئۇنىڭدىكى «公» خېتى «宫»غا ئۆزگىرىپ ھازىرقى 黄宫 بولۇپ تۇراقلاشقانىكەن  ③  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - دىۋىزىيە «1 - تۇەن تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996 - يىلى 9 - ئاي 1 - نەشرى، 29 - بەت، خەنزۇچە.( `( N4 s/ h/ `  Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.«ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» بىلەن «1 - تۇەن تەزكىرىسى»دە قەيت قىلىنغان «خۇاڭ دارىن» بىلەن «خۇاڭ ھەزرەت»نىڭ بۇ جايغا سۇ باشلاپ تېرىقچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەت ئوتتۇرىسىدا گەرچە 57 يىل (يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق) ۋاقىت پەرقى بولسىمۇ، ئېرىق چېپىپ چۆلگە سۇ باشلىغانلىقى بىر پاكىت سۈپىتىدە ئويلىنىشىمىز ئۈچۈن ئالدىمىزغا قويۇلماقتا. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي مەيلى نېمە دېيىلىشىدىن قەتئىنەزەر، بىز گېپىنى قىلىۋاتقان «خاڭگۇڭ»غا ئىتنىك نام بولۇپ سىڭىپ كىرگەن. «خۇاڭ» (黄) توغرىسىدا ئوبدانراق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىسا، بۇ جاينىڭ ھەقىقىي نامى تارىخ ئالدىدا توغرا نامايان بولمايدۇ.* : O! E4 H$ I" I3 M: m7 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تارىختىكى «ئوتاق» ھادىسىسى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە/ x5 z" n( z8 \6 C  ?& Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

4 d1 C; }2 n: l6 rئالدىنقى ماۋزۇدا بۈگۈنكى كۈندە «خاڭگۇڭ» دەپ ئىستېمال قىلىنىۋاتقان يۇرتنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە «ئونبەش ئوتاق» دېيىلىدىغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «خاڭگۇڭ»غا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر ئۇ يۇرتقا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە «توققۇز ئوتاق» دېگەن بىر مەھەللە بار. ئۇ سايئېرىق بىلەن ئونبەش ئوتاقنىڭ ئارىلىقىدىكى ئېقىن (جىلغا)نىڭ غەربى، «تاشتا»نىڭ شەرقى، ئاق تىكەننىڭ جەنۇبى، «ھاسا»نىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. شەرقىي چېگرىسى «ئەشمە»دۇر. «توققۇز ئوتاق» — بىر تەبىئىي كەنت، ئۇنىڭ ئايكۆل بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر، ئاھالىسى «ھاسا» كەنتىنىڭ 5 - ئەترىتىگە تەۋە بولۇپ، 1998 - يىلىدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، نوپۇسى 494. «ئەشمە»نىڭ جەنۇبىدا «بەش ئوتاق»، «تۆۋەنكى سەككىز ئوتاق»، «يۇقىرىقى سەككىز ئوتاق» دېگەن يەرلەر بار. بەش ئوتاق — ئىلگىرى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ ياڭئېرىق يېزىسىغا تەۋە 9 - كەنت بولۇپ، ھازىر ئاۋات ئايۋاغ يېزىسى (بۇرۇنقى ئايكۆل يېزىسى)نىڭ 14 - كەنت 1 - ئەترىتى يەنى تۆۋەنكى ئىلەك دۈچۈن ئېرىقىنىڭ بويىدا. سەككىز ئوتاق — ئىلگىرى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ تام توغراق يېزىسىدا بولۇپ، 1 - دادۈي تۆۋەنكى «سەككىز ئوتاق»، 7 - دادۈي يۇقىرىقى «سەككىز ئوتاق» دېيىلەتتى. ھازىر بۇ جاي ئاۋات ناھىيىسىنىڭ دولان يېزىسىغا قارايدۇ. ئىلگىرى يۇقىرىقى - تۆۋەنكى دەپ ئايرىلمايتتى. «دادۈي» دېگەن گەپ پەيدا بولغاندىن كېيىن ئاشۇنداق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇرۇنقى «دادۈي» ھازىر كەنت، بۇرۇنقى «شودۈي» ھازىر ئەترەت، دېيىلىدۇ.يۇرتىمىزدىكى «ئوتاق» نامى بىلەن ئاتالغان جايلار يالغۇز ئايكۆلدىكى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، مەكىت ناھىيىسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدا «ئون ئوتاق»، مارالۋېشى ناھىيىسىدە «قالماق ئوتاق» دېگەن يۇرتلا بار. بۇ ناملارنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرۇشى بىزگە ئۇزاق تارىخىي ھادىسىلەرنى ئەسلىتىدۇ.«ئوتاق»نىڭ ئەسلىي تاۋۇشى «ئوتاغ» بولۇپ، ھۇنچىدە «ئوتوۋ» (otow)، تۈركىيچىدە «ئوتاغ» (otag) دېيىلەتتى، ئۇنىڭ مەنىسى «قونالغۇ» دېگەنلىك ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئوخشاشلىق تۈپەيلىدىن «ھۇن تىلى»نى بەزى ئالىملار «موڭغۇل تىلى» دېسە، كۆپچىلىك ئالىملار «تۈركىي تىلى» دېيىشىدۇ  ①  ئىمىن تۇرسۇن:«تارىمدىن تامچە» 148 -، 149 - بەتلەر، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى.! M! l# z/ g) }* O) o8 J/ g2 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.تارىخ قەيتلەرگە كۆرە، «ئوتاق» (ئوتاغ) سۆزى ھۇنلاردا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىر «ئوتاغ» (ئوتاۋ) ئون ئۆيلۈكنى كۆرسىتەتتى. ھۇن تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا يېزىلىشىچە، مىلادىيە 2 - ئەسىردىن 4 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە بولغان زامانلاردا ھۇنلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى كەڭ يايلاقتا يىراقتىن قارىغاندا، ياپيېشىل ئوتلاقلار ئىچىدە گويا غازنىڭ ئاپئاق تۇخۇمىدەك كۆرىنىدىغان مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئوتاغ (ئوتاۋ)لار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. كۆك تۈركلەر دەۋردىمۇ ئەھۋال ھۇنلار دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا داۋاملاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، قاراخانىيلار دەۋرىدە «ئوتاغ» بىر چېدىرنى كۆرسىتەتتى. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» كىتابىدا:«ئوتاغقا ئۆپكەلەپ سۈگە سۆزلەمەدۈك» (ھەمراھلىرىغا ئاچچىقلاپ، قوشۇنغا گەپ قىلمىدى)، يەنى ھەمراھلىرىغا ئاچچىقلاپ ئەسكەرلەرگە گەپ قىلمىدى، دېگەن ماقالنى تىلغا ئالىدۇ  ②  م.قەشقەرى:«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 3 - توم، 288 - بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى.
# f* C1 I8 g& X . مەھمۇد قەشقەرى بۇ يەردە «ئوتاغ»نى «چېدىر» دېگەن مەنىدە قوللىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا «ئوتاغ» بار يەردە ئەسكەر بار. يەنى «ئوتاغ» — ئەسكەر تۇرىدىغان جاي. تەتقىقاتچىلار قاراخانىيلار تارىخىنىڭ ئانا مەنبەسى بولغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»دىكى يۇقىرىقى قەيتلەر، شۇنداقلا «قۇتادغۇبىلىك»دىكى «ئەگەر ساڭا ھايل ياكى ئون ئوتاغ باشلىقلىقى تېگىپ قاسا، مال دۇنيا تارقىتىپ، قىلىچ، ئوقيانى قولۇڭغا ئال»  ③  يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇبىلىك» 4139 - بېيىت، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى.
% i6 }& T# }& t! `- i5 f* Jدېگەن قەيتلەرگە ئاساسەن، قاراخانىيلار دۆلىتىدە ئەڭ كىچىك ئەسكىرىي قىسىم «ئوتاغ»، ئۇنىڭ باشلىقى «ئوتاغ باشى» دەپ ئاتىلاتتى. «ئوتاغ»دىن كېيىن «ھايل» دېگەن بىر ئەسكىرىي بىرلىك بولۇپ، كوماندىرى «ھايل باشى» دېيىلەتتى. ئۇنىڭدىن قالسا «ئون ئوتاغ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسىم كېلەتتى. بىر «ئوتاغ»دا سەككىزدىن ئونغىچە ئەسكەر بولاتتى. ئوتاغلار توپلىنىپ، ھايل ۋە ئون ئوتاغلارنى، ھايل ۋە ئون ئوتاغلار بىرلىشىپ ئارمىيىنى تەشكىل قىلاتتى، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىدۇ  ④  رىشات گەنج:«قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلات»، 1990 - يىلى ئۈرۈمچى نەشرى. 414 -، 421 - بەتلەر، ئۇيغۇرچە، ئەزىزوۋ قاسىم:«ئۇرۇش ۋە قوماندان»، 1993 - يىلى ئۈرۈمچى نەشرى، 96 - 99 - بەتلەر، ئۇيغۇرچە.0 e3 J' b% u9 V2 A5 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. ئەمما بىز بۈگۈنكى كۈندە «ئون ئوتاغ»دىن باشقا يەنە «بەش ئوتاغ»، «سەككىز ئوتاغ»، «توققۇز ئوتاغ» ۋە «ئونبەش ئوتاغ»لار ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇۋاتىمىز. قاراخانىيلارنىڭ ئەسكىرىي بىرلىك تۈزۈمى بويىچە بىر «ئوتاغ»دا سەككىزدىن ئونغىچە ئەسكەر بولىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئۇنداقتا بىز ھازىر بايقاۋاتقان بەش، سەككىز، توققۇز ۋە ئونبەش ئوتاقلاردا 50، 80، 90، 100 ۋە 150دىن ئەسكەر تۇرغان بولىدۇ.تارىخىي قەيتلەرگە كۆرە، «ئوتاق» ئاتالغۇسى موڭغۇل ئىستېلاسى دەۋرىدە «غ» تاۋۇشىنىڭ «ق»غا ئالمىشىشى بىلەن «ئوتاق» دېيىلىدىغان بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، چىڭگىزخان مىلادىيە 1206 - يىلى ئۆز قەبىلىلىرىنى ئون مىڭ، مىڭ، يۈز تۈتۈن بويىچە تەرەپ - تەرەپكە تارقىتىۋەتتى، ئۇلار پاسىللارنى ئاساس قىلغانىدى. 15 - ئەسىردىن كېيىن «ئولۇس» تەدرىجى ھالدا ئون مىڭ تۈتۈننىڭ ئورنىنى، «ئوتاق» بولسا مىڭ تۈتۈننىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ئويرات موڭغۇللىرىدا 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئاندىن «ئوتاق» دېگەن بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات مەيدانغا كەلدى. ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئۇلۇس، ئوتاق ۋە ئايماق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ھەم ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تەشكىلات، ھەم ھەربىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ئىدى.«ئوتاق» كەلىمىسى روسىيىلىك ۋىلادېمىروف (в.я.владнмнрцов)نىڭ قارىشىچە، سوغدى تىلى بولۇپ، مەنىسى دۆلەت، ئەل دېگەنلىك. 1992 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، «ئوتاق» — دۆلەت، زېمىن دېگەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، كېيىنچە بۇ ئىسىم ھەر خىل شەكىللەر بىلەن تۈركچە، موڭغۇلچە، توڭگۇسچە يەرلىك شېۋىلەردە «ئورۇن»، «مەيدان»، «سورۇن»، «جاي»، «رايون»، «دىيار»، «مەھەللە» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولغان. ھازىرقى زاماندىكى بەزى موڭغۇللارنىڭ يەرلىك تىلىدا «ئوتاق» — يېڭىدىن ئېچىلغان ھەربىي كەنتىنى كۆرسىتىدۇ. روسىيىلىك موڭغۇلشۇناس كوستوكوۋنىڭ «قالماقلارنىڭ تارىخى ۋە ستاتىستىكىلىق ماتېرىيالى» دېگەن ئەسىرى بىلەن نېبورسىننىڭ «خوشۇت ئۇلۇسىدىكى قالماقلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىدىن ئومۇمىي بايان» دېگەن ئەسىرىدىكى قەيتلەرگە كۆرە، «مەلۇم بىر جايدا زېمىن تۇتۇپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدىغان بىر جەمەتكە تەۋە ئايل (Ayil)لار گۇرۇھى» (ئويراتلار) ياكى ۋولگا بويىدا ئولتۇراقلاشقان ئويراتلارنىڭ «يات قوۋملاردىن ئايرىلىپ تۇرۇپ، بىر ئۇرۇق - قەبىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى <ئوتاق> دېيىلىدۇ»  ①  «ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» خەنزۇچە 266 - بەت، بۇ ھەقتە ۋ.يا.ۋېلادېمىروفنىڭ «موڭغۇللارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈم تارىخى» 155 - بەت. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1980 - يىلى خەنزۇچە نەشرىگە قارالسۇن.6 ]1 M/ B3 i0 m7 O0 u, \7 @+ wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، «ئوتاق»دىن ئىبارەت بۇ بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات ئويراتلارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىدى.ئوتاق — ئويراتلارنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بىرلىكى بولۇپ، ئۇلار بەلگىلىك بىر تەۋەلىك ئىچىدە كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلاتتى ھەمدە چارۋا باقىدىغان يەرلىرى ئوخشاشمىغان «ئايل»لاردىن تەشكىللىنەتتى. «ئايل» (ھايل) قانداشلىقنى ئاساس قىلغان بولماستىن، بەلكى چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلىرىنى بىرلىك قىلغان يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللىنەتتى. شۇڭا، «ئوتاق» — چوقۇم كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەرنىڭ بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلاتتى. «پاسىل» — «ئوتاق»نى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر شەرتى بولۇپ، «ئوتاق»لىشىپ، كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلمايدىغان بىرمۇ موڭغۇل بولمايتتى. ئۇرۇش مەزگىلىدە، ھەربىر «ئوتاق» بەلگىلىمىگە ئاساسەن 1000 ئەسكەر چىقىراتتى. شۇڭا، بەزىدە «قوشۇن» (خوشىقۇ) دەپمۇ ئاتىلاتتى ۋە «قوشۇن» بىلەن «ئوتاق» دائىم ئارىلىشىپ كېتەتتى. يىغىنچاقلىغاندا، «ئوتاق» — ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلار بىرلىشىپ كەتكەن تەشكىلات ئىدى.بەزى تارىخىي مەنبەلەردە «ئوتاق» بىلەن بىللە «ئەنگە»، «ئايماق»، «ئايل» ۋە «قوتان» ئاتالغۇلىرى تەڭ ئۇچرايدۇ. «ئەنگە» موڭغۇلچە بولۇپ «تارمىقى»، «بىر قىسمى»، «قوشۇن» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. «ئوتاق» بىلەن «ئەنگە»نىڭ خاراكتېرى ئاساسەن ئوخشاش، پەرقى «ئوتاق» خانغا تەۋە، «ئەنگە» ۋەلىئەھدلەرنىڭ قول ئاستىدا بولىدۇ. مەسىلەن، جۇڭغارلارنى ئالساق، «ئوتاق»چىلارنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى ئىلى ۋادىسى ئەتراپى بولسا، «ئەنگە»لەرنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى «ئوتاق»چىلاردىن ئېشىپ قالغان قالدۇق جايلار ئىدى. «ئايماق» بىلەن «ئوتاق»نىڭ پەرقى شۇكى، «ئايماق» بىرلىككە كەلگەن يېقىن قوۋملەردىن تەشكىللىنىدۇ. «ئوتاق» بولسا ئوخشاشمىغان قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللىنىدۇ. بىر «ئوتاق» بىرقانچە «ئايماق»دىن شەكىللىنىدۇ، ھەتتا بەزىدە بىرلا «ئايماق»دىن تەشكىللىنىشىمۇ مۇمكىن. قىسقىسى، «ئايل» ياكى «قوتان»دىن «ئايماق» شەكىللىنىدۇ، «ئايماق»دىن «ئوتاق» دىن «ئۇلۇس» تەشكىللىنىدۇ، «ئۇلۇس» — ئەل ياكى دۆلەت دېمەكتۇر.«تارىخى رەشىدىي»نىڭ «قەشقەرنىڭ فەتھى قىلىنىشى» دېگەن بۆلىكىدە «قارا ئوتاغ» دېگەن ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدا سۇلتان سەئىدىخاننىڭ مىرزائابابەكرىنى يېڭىپ قەشقەرنى فەتھى قىلغان ۋەقەلىرى سۆزلىنىپ كېلىپ:«بەزى قارا ئوتاغلاردىن كەلگەن ئەمىرلەر ئالات (قورال - ياراغ) ۋە گۈللۈك ھېجىر لوڭقىلارنى تەقدىم قىلغاندىن باشقا يەنە كىپەك ئالتۇن - ئەنجان مەن تەقدىم قىلدى. ئۇ چاغدا بىر ئەنجان مەنى 64 چارەك ئېغىرلىقتا بولۇپ، بىر چارىكى 400 مىسقال كېلەتتى» دېيىلگەن  ①  مىرزا ھەيدەر كۆرەگان:«تارىخى رەشىدىي» 2 - توم 249 - بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983 - يىلى 6 - ئاي 1 - نەشرى، خەنزۇچە.3 P9 m' E9 H, L9 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. بۇنىڭدىن يەكەن سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدە «ئوتاغ» ھادىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، «ئوتاغ»نىڭ ھەربىي بىرلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەربىي قوماندانلار بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. مىلادىيە 1640 - يىلى تۈزۈلگەن «موڭغۇل ئويرات قانۇنى»غا كۆرە، جۇڭغار خانلىقى ئۇلۇس، ئوتاق، ئايماق ۋە ئايل قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن. بەزى تارىخچىلار ھۇن، تۈرك دەۋرلىرىدىكى «ئوتاغ»دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن جۇڭغارلار دەۋرىدىكى «ئوتاق»نى خاتا ئىستېمال قىلىپ «ئۆتۈك» شەكلىدە تىلغا ئالىدۇ  ②  ئەنۋەر بايتۇر:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى» ئۇيغۇرچە نەشرى 1231 - بەت.9 T3 S& X/ T8 m/ P' r* e6 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. بەزى يەر ناملىرى تەتقىقاتچىلىرى «ئۆتەك» شەكلىدە قوبۇل قىلىدۇ  ③  قۇربانجان ئابلىمىت نوروزى:«يەر ناملىرى ئىلمى» ئۇيغۇرچە نەشرى 215 - بەت.
' R$ a& k1 _. \/ j: p3 u . يەنە بەزى ماتېرىياللاردا، مەسىلەن، «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە «ئوتاق» توپتوغرا خاتا ھالدا «ئورتاق» شەكلىدە ئۇچرايدۇ  ④  يۇقىرىقى كىتاب 472 - بەت.
/ k3 m  ~: ]( u; a# X . «ئايل» كەلىمىسىگە كەلسەك، تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەسلىي شەكلى «ھايل» بولۇپ، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ ھۇن، تۈرك دەۋرىرىدىكى قەدىمىيلىكى بىلەن قاراخانىيلار تارىخىنىڭ ئانا مەنبەلىرىدىن بولغان «قۇتادغۇبىلىك» ئارقىلىق مەلۇم. يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، «ھايل» كەلىمىسى «قۇتادغۇبىلىك»تە «ئوتاغ»نىڭ كەينىدە، «ئون ئوتاغ»نىڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قاراخانىيلار تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇنى «ئوتاغ»دىن كېيىنكى بىر ھەربىي بىرلىك بولۇپ، كوماندىرى «ھايل باشى» دېيىلەتتى، قاراخانىيلاردىكى ھايل بېشىنىڭ قول ئاستىدا قىرىق - ئەللىك كىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشىدۇ  ⑤  رىشات گەنج:«قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى». 416 - 418 - بەتلەر. ئۇيغۇرچە نەشرى، ئەزىزوۋ قاسىم:«ئۇرۇش ۋە قوماندان»، 97 - بەت، ئۇيغۇرچە.
$ `/ d1 ^0 d+ C4 A5 Q# i9 r' U% ` . بۇ سۆز كېيىنچە ئويراتلار بىلەن قىرغىزلار «ئايل» شەكلىدە، قازاقلارغا «ئاۋۇل» شەكلىدە، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇرلارغا «ئائىلە» شەكلىدە ئۆزلەشكەن بولۇشى مۇمكىن.
. D) w  ~5 E0 Y; {«ئەشمە» ۋە ئۇنىڭ تارىخى# {0 k6 |% K/ y6 j2 l6 y8 t& T5 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

, O; q4 O0 F1 S2 @رىسالىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ئايكۆلدىكى «توققۇز ئوتاق»نىڭ شەرقىدە «ئەشمە» بار، دېدۇق. «ئەشمە» — مۇشۇ جايدا تەبىئىي شەكىللەنگەن، شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ سۇزۇلغان بىر ئۇلۇغ كۆلنىڭ نامى. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ جانلىق تىلىدا «ئەشمە» دېيىلىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى يازما مەنبەلەردىن «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە:«ئەشمە كۆلى — ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى بىلەن ئاۋات ناھىيىسى يېڭئېرىق يېزىسىنىڭ تۇتىشىدىغان جايىدا، ئۇيغۇرچە ئەشمە دېيىلىدۇ. مەنىسى بۇلاق كۆل دېگەنلىك. ئۇ ئايكۆل كۆلى، سايئېرىق كۆلى ۋە خاڭگۇڭ كۆلى قاتارلىق بىرقانچە كۆللەرنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان. ئىلگىرى خاڭگۇڭ كۆلىلا بار ئىدى. كېيىن يېزا  ئىگىلىك بىرىنچى دېۋىزىيە غالىبىيەت ئۆستىڭىنىڭ چېپىلىشى ۋە 1 -، 2 - تۇەن (مەيدان)نىڭ  بوز يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق قىلىشى بىلەن يەر ئاستىدا يىغىلىپ قالغان سۇلار قوشۇلۇپ ھازىرقى چوڭ كۆلگە ئايلانغان»  ①  «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 2000 - يىل نەشرى 364 - بەت، خەنزۇچە.
" |+ q. y2 O. c' Qدېيىلسە، «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە:«ئەشمە كۆلى — ئايكۆل بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ، ئايكۆل كۆلى، سايئېرىق كۆلى، خاڭگۇڭ كۆلى ۋە يېزا ئىگىلىك 1 - دېۋىزىيە 1 -، 2 - تۇەن (مەيدان) كۆلى قاتارلىق كۆللەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇنىڭ سۈيى ئاچچىق بۇلاقتىن كېلىدۇ. <ئەشمە> ئۇيغۇرچە بولۇپ مەنىسى يەر ئاستىدىن چىقىپ يىغىلىپ قالغان سۇ دېگەنلىك» دېيىلىدۇ  ②  «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 2001 - يىل نەشرى 282 - بەت، خەنزۇچە.: o& m- r' b4 b* K1 U: v9 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. شۇ جۈملىدىن «ئايكۆل»نى بۈگۈنكى ئايكۆل مەۋلانەم مەسچىتى يېنىدىكى ئاي كۆرۈنگەن كۆل دېگەن مەنىدە چۈشەنگەندىن كۆرە، ئاۋاتنىڭ يېڭىئېرىق دېگەن يېرىگىچە بولغان يەرلەردە تەبىئىي شەكىللەنگەن كەڭ دېڭىز دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن تۈزۈك. دەرۋەقە، ئۇ ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئاۋات ناھىيىسىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، تاغ ئالدىدىكى كەلكۈن چۆكمە تۈزلەڭلىكى بىلەن ئاقسۇ دەريا دىلتىسى ئارىلىقىدىكى ساسلىقتا ئاراللىرىنى قۇم دۆۋىلىرى ئايرىپ تۇرىدىغان چوڭ - كىچىك 12 كۆلنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىر تەبىئىي چوڭ دېڭىزدۇر. ئۇ خەرىتىدە بەئەينى ھىلال ئايغىلا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا قەدىمكى زاماندا ياشىغان ھەيۋەتلىك تۈركلەر كۆز يەتكۈسىز ئېگىز - ئېگىز تاغ چوققىلىرىنى ئېتىزلىقنىڭ «قىر»لىرىغا ئوخشاتقىنىغا ئوخشاش، بۇ كۆللەرنىمۇ شەكىل تۈزۈلۈشىنىڭ ھىلال ئايغا ئوخشىغانلىقىغا قاراپ «ئايكۆل» دەپ ئاتىغان. «ئەشمە» بولسا ئۇنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىكى باشقىچە ئاتىلىشى ياكى سۈپەتلىنىشىدۇر.«ئەشمە»نىڭ كۆلىمى ھەققىدە يازما مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ھەر خىل. بەزى ماتېرىياللاردا «ئەشمە»نىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1333 گېكتاردىن ئارتۇق دېيىلسە  ③  «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 364 - بەت.* h9 ]! C8 x2 }% ^8 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
، بەزى ماتېرىياللاردا ئومۇمىي كۆلىمى 14 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېيىلگەن  ④  «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 282 - بەت.
% P! f& x) n& i" Z. يەنە بەزى ماتېرىياللاردا ئومۇمىي كۆلىمى 05.11 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېيىلگەن  ⑤  «دېھقانچىلىق 1 - دىۋىزىنىڭ دېھقانچىلىق رايونلارغا بۆلۈنۈشى»، 1987 يىلى 1 - ئاي نەشرى 221 - بەت، خەنزۇچە.) k/ {& U# |5 _. g9 @+ Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. بەزى ماتېرىياللاردا ئۇنىڭ سۇ كۆلىمى 171 مىڭ مو بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساجىڭزا رايونىغا تەۋە بولغىنى 54 مىڭ 800 مو كېلىدۇ، دېيىلگەن  ⑥  «دېھقانچىلىق 1 - دىۋىزىيىدىكى تۇەن (مەيدان) ۋە تۇەن (مەيدان)لارنىڭ ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق رايونلىرىغا بۆلۈنۈشى» 1985 - يىلى 10 - ئاي نەشرى، 121 - بەت، خەنزۇچە.
6 m* v6 i+ ~" d$ i/ X; N. بەزى ماتېرىياللاردا، ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق كۆلىمى 41 مىڭ 200 مو كېلىدۇ  ⑦  «ئاقسۇ شەھىرى تەزكىرىسى» 1991 - يىلى 11 - ئاي نەشرى 106 - بەت، خەنزۇچە.
1 K3 C) W# m, h/ vدېيىلسە، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا دېھقانچىلىق 1 - دىۋىزىيىگە قاراشلىق بولغىنى 30 مىڭ مو كېلىدۇ  ①  «دېھقانچىلىق 1 - دىۋىزىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق رايونلارغا بۆلۈنۈشى» 1987 - يىلى 1 - ئاي نەشرى 221 - بەت، خەنزۇچە.
% e: v/ ^6 G+ O، دېيىلگەن.«ئەشمە»نىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن كىچىك ئارال ۋە قومۇشلۇقلار بار. بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە سۇنىڭ ئورنىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. سۇ ۋە ئوت - چۆپلەر مول، ياشايدىغان سۇ قۇشلىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپ. سۇ تەركىبىدە ئازراق تۇز ماددىسى بولغاچقا، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قۇلايلىق. بېلىق «ئەشمە»نىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتىدۇر. «ئەشمە»نىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىككى - تۆت مېتىر كېلىدۇ، سايئېرىقنىڭ كونا پەيشەنبە بازىرىنى ياڭئېرىقنىڭ يەكشەنبە بازىرىسىغا «ئەشمە»نى توغرا كېسىپ ئۆتىدىغان بىر ھارۋا يولى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. «ئەشمە»دە يەنە ئارخئېلوگ خۇاڭ ۋىنبى ئەپەندى «خەنگۇڭ قەدىمىي شەھىرى» بىلەن بىللە «تۆگە قوتان قەدىمىي شەھىرى» دەپ تىلغا ئالغان قەدىمكى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت رايونىدىن تارىخچى مىرزا ھەيدەر كۆرەگان «تارىخى رەشىدىي» دېگەن كىتابىدا «ئاربات» دەپ تىلغا ئالغان بۈگۈنكى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ يېڭئېرىق يېزىسىغا بارىدىغان ئۇلاغلىق ۋە پىيادە يولۇچىلار ئۈچۈن سېلىنغان بىر قەدىمىي ياغاچ كۆۋرۈك بار. ئۇنى يەرلىك خەلقلەر «سېسىق كۆۋرۈكى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ كۆۋرۈك كونا خاڭگۇڭ ئەشمىسى بىلەن يېڭى خاڭگۇڭ ئەشمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىر، كەڭلىكى ئىككى - ئۈچ مېتىر كېلىدىغان بىر تەبىئىي قانالغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيىدە قىش - ياز مۇز قاتمايدۇ.«ئەشمە»نىڭ سۈيى تۇزلۇق، شۇ مەنىدىن ئۇنى بەزىلەر تۇز كۆل دەپمۇ ئاتايدۇ، ئۇنى تۇز كۆل دېيىشنىڭ سەۋەبى ئۇ يەردىن كۆك تۇز چىقىدۇ. نامەلۇم بىر مۇئەللىپ تەرىپىدىن ھىجرىيە 372 (مىلادىيە 994) - يىلى يېزىلىپ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى گۇزگاندا قۇرۇلغان پارگۇن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئەبۇھارىس مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەدكە تەقدىم قىلىنغان «ھودۇدۇلئالەم» (ئالەمنىڭ چېكى) دېگەن كىتابنىڭ «دېڭىز - ئوكيانلار ۋە دېڭىز قولتۇقلىرىنىڭ ئورنى» دېگەن بابىدا:«ئونىنچى تۇزلۇق كۆل - تۇز كۆك - كۆك تۇز (Tauz-kuk) قارلۇقلار چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 يول، كەڭلىكى توققۇز يول كېلىدۇ، تۇز چىقىدۇ، قارلۇقلارنىڭ يەتتە قەبىلىسى ئاش تۇزىنى مۇشۇ كۆلدىن ئالىدۇ» دېيىلگەن ھەمدە بۇ تۇز كۆلنىڭ توشقان دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. «ھودۇدۇل ئالەم»دە قەيت قىلىنغان بۇ تۇز كۆلنى بەزىلەر ئىسسىق كۆلنىڭ غەربىدە دېسە، بەزىلەر ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىدىكى تىكەس دەرياسى بىلەن كىگەن دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا دەيدۇ، بەزىلەر قەشقەرنىڭ شەرقىي شىمالىدا، دېيىشىدۇ. مېنىڭچە، بۇ تۇز كۆل مۇشۇ رىسالىمىزدە گېپى بولىۋاتقان «ئەشمە»نىڭ ئۆزىدۇر. يەنە شۇ كىتابنىڭ 15 - باب 13 -، 15 - پاراگرافلىرىدا بىنجۇل (بۈگۈنكى ئاقسۇ) بىلەن ئۇش قارلۇقلارنىڭ دائىرىسىدە، دېيىلگەن. جاڭ چىشياڭ ۋە جۇ شجۇەن ئەپەندىلەر «تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ 9 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە جايلىشىشى ۋە يۆتكىلىشى» ناملىق ئەسىرىدە يۇقىرىقى مەنبەلەرگە ئاساسەن، «توشقان دەرياسى» ۋە ئۇش بىلەن بۈگۈنكى ئاقسۇ ئەتراپلىرىدىمۇ قارلۇقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ» دەيدۇ  ②  «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1984 - يىلى 4 - سان، ئۇيغۇرچە، 127 - ۋە 140 - بەتلەر. .مىلادىيە 11 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 12  ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان ئاتاغلىق جۇغراپىيە ئالىمى، تېۋىپ، زوئولوگ ۋە تارىخچى ئوتتۇرا ئاسىيالىق شەرەف ئەل زامان تاھىر مەرۋەزى (0211-6401) ئۆزىنىڭ «تەبىئەتۇل ھايۋان» (ھايۋانلارنىڭ تەبىئىتى) دېگەن كىتابىنىڭ تۈركلەر ھەققىدىكى بابىدا تۈركلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى، ئۇلارنىڭ تارقىلىشى، ئۆرپ - ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ:«تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان ئەڭ يىراق يەر ئۇچ بىلەن قەشقەر يايلاقلىرى ئارىلىقى ئىكەن... قارلۇقلار توققۇز قەبىلە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچى چىگىللەردۇر» دەپ يازغان  ①  «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ماتېرىياللىرى» ژۇرنىلى 1984 - يىلى 3 - سان، خەنزۇچە، 44 - ۋە 45 - بەتلەر.
+ A: w8 ?# Z) R. E. مەرۋەزى خۇراساننىڭ ئەينى دەۋرىدىكى ئەڭ مەشھۇر، مەدەنىيەتلىك، باي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان مەرۋى شاھ جاھاندا تۇغۇلغان، 11 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 12 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان سالجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدىن سۇلتان مەھمۇد (3901-2901)، سۇلتان رۇكىنىددىن بەركيارۇق (4011-3901)، سۇلتان مەھمۇد تاپار (8111-5011) ۋە سۇلتان مۇئىزىددىن سەنجەر (7511-8111)لەر زامانىسىدا خارەزمدە ئوردا تېۋىپى بولغان. ئۇنىڭ تۈركلەرنىڭ ئەڭ شەرقتىكى چېگرىسىنىڭ ئۇچتۇرپان ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قەيتلىرى بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.«ھودۇدۇل ئالەم»دە يەنە بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بولغان بىر خەۋەر بار. ئۇنىڭدا «ئون بىرىنچى تۇز كۆل بولسا ئايسكۆك (Ayskuk) كۆلى بولۇپ، چىگىللار بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئارىسىدا... بارخۇن شەھىرى مۇشۇ كۆل بويىغا جايلاشقان» دېيىلگەن. ئەپسۇس، بۇ خەۋەردىكى ئايسكۆك دېگەن كۆل نامى بىلەن «بارخۇن» دېگەن شەھەر نامىنىڭ تەلەپپۇزىدا گۇمان باردەك قىلىنىدۇ. «ھودۇدۇل ئالەم» ئەڭ دەسلەپ پارس تىلىدا يېزىلغان. 1892 - يىلى روسىيىلىك شەرقشۇناس تومانسىكىغا ئۇنىڭ گۇلياياگانى دېگەن بىر پىرسىيىلىك دوستى بۇ كىتابنىڭ بۇخارادىكى بىر كىتابپۇرۇشتىن سېتىۋالغان پارس تىلىدا يېزىلغان بىر قوليازما نۇسخىسىنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، بۇ كىتابنى پارسچىدىن روسچىغا تۇمانسىكى ئۆزى تەرجىمە قىلغان، 1932 - يىلى منورىسكى روسچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. كېيىن ئىنگىلىزچىدىن خەنزۇچىغا ۋاڭ جىژلەي تەرجىمە قىلغان. 2001 - يىلى ئابلەت نۇردۇن خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. بىزنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى. مېنىڭچە، «ھودۇدۇل ئالەم»نىڭ مۇئەللىپى تىلغا ئالغان بۇ ئىككى جاي ئەسلىدە «ئايكۆل» ۋە «بارخان» بولغان بولسا، كېيىنچە زامانلارنىڭ ئۆتۈشى ھەم تەرجىمىدىن تەرجىمىگە كۆچۈش جەريانىدا بۇ ئىسىملار ئۆزگىرىپ ھازىرقىدەك مەنىسىنى ئۇققىلى بولمايدىغان يەر جاي نامىغا ئۆزگىرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. «ھودۇدۇل ئالەم»دە قەيت قىلىنغان ۋە تامامەن «ئايكۆل» بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئايسكۆك دېگەن كۆلنى ۋاڭ جىژلەي ئەپەندى شۈ سۇڭنىڭ «غەربىي يۇرت سۇ يوللىرى خاتىرىسى» دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئىسسىقكۆل دەپ بېكىتىدۇ. ۋاڭ جىژلەينىڭ شۈ سۇڭنىڭ كىتابىدىن ئېلىپ بايان قىلىشىچە، ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 100 چاقىرىم، جەنۇب - شىمال كەڭلىكى 120 چاقىرىم، تار جايلىرى 80 چاقىرىمدىن ئارتۇق كېلىدۇ. ئەمما، «ھودۇدۇل ئالەم»دىكىسى ئۇنداق چوڭ ئەمەس، بەلكى ئۇزۇنلۇقى 30 يول، كەڭلىكى 20 يول. «ئايسكۆك» دېگەن كۆلنىڭ «ئۇزۇنلۇقى 30 يول، كەڭلىكى 20 يول» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايان «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە «ئەڭ ئۇزۇن يېرى 20 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ» دېيىلگەن ھازىرقى ئايكۆلدىكى «ئەشمە»نىڭ چوڭلۇقىغا يېقىن تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەشمە»نىڭ ئايكۆل قىسمى يەرلىك خەلقنىڭ تىلىدا «كۆك ئەشمە» دېيىلىدۇ. پارس تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىسى بويىچە «ئەشمە كۆك» دېيىلىدۇ. «ئەش» (Ays) پارسچىدە «اش» دەپ يېزىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن «ھودۇدۇل ئالەم»دە قەيت قىلىنغان ئايسكۆك دېگەن كۆل چوقۇمكى خەلقنىڭ جانلىق تىلىدا «كۆك ئەشمە» (ئەشمە كۆك) دەپ تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى «ئەشمە»نىڭ نەق ئۆزىدۇر. ئەمدى «ھودۇدۇل ئالەم»دە قەيت قىلىنغان «بارخۇن» دېگەن شەھەرگە كەلسەك، ئۇ تامامەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ا»نىڭ «ۇ»غا ئۆزگىرىپ كېتىشى بىلەن پەيدا بولغان ئۇقۇشماسلىق بولۇپ، «بارخان»نىڭ بۇزۇپ قىلىنغان ئىستېمالىدۇر. مەلۇمكى، «بارخان» — ئاقسۇنىڭ قەدىمكى «قۇم» دېگەن تۈركچە نامىنىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشى. ئۇ بەزىدە «بارمان»، بەزىدە «باخۋان»، يەنە بەزىدە «پالۋان» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» كىتابىدا بېرىلگەن دائىرىلىك خەرىتىسىدىكى «بارمان» دېگەن يەر نامى كۇچا بىلەن ئۇچنىڭ شىمالىي جەنۇب ئارىلىقىغا توغرا كەلگەن. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن «بارمان» (ئىلگىرىكى بارخان)نىڭ ھازىرقى كۇچا بىلەن ئۇچتۇرپان ئارىلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مەھمۇد قەشقەرى:«يۇڭۇ — ‹بارمان› شەھەرچىسىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى. بۇ شەھەرنى ئافراسىيابنىڭ ئوغلى شۇ دەريانىڭ بويىغا قۇرغان. قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى <بارماك> بولۇپ، شەھەر شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان» دەيدۇ  ①  م.قەشقەرى:«دىۋان لۇغاتىت تۈرك» 3 - توم 503 - ۋە 504 - بەتلەرگە قارالسۇن.( E! Y0 V7 ^+ q+ `. ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.12 - ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئەرەب جۇغراپىيۇنى ئەبۇ ئابدۇللا ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى جەئفەر ئەل ئىدىرىسى ھىجرىيە 548 (مىلادىيە 1154) - يىلى يونان جوغراپىيۇنى پىتولىمى ۋە ئەرەب جۇغراپىيۇنى مەسئۇدىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى، شۇنداقلا پالېرمولۇق نوئمانلارنىڭ پادىشاھى لومىرⅡنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا جۈملىدىن جۇڭگوغىچە كېلىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارغان ئۆلچەپ سىزغۇچىلارنىڭ توپلىغان 1 - قول ماتېرىيالىغا ئاساسەن يازغان «كىتاب نوجات ئەل مۇشاق فى قراق ئەل ئافاق» (ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل شادلىقى) دېگەن دۇنيا جۇغراپىيىسى ھەققىدىكى تەزكىرە كىتابىدا «قۇچا»، «باخۋان»، «پالۋان» ياكى «بارمان» نامىنى ئالغان ئاقسۇ ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭدا مۇنداق بايانلار بار:«يەكەن شەھىرىنىڭ 16 كۈنلۈك چېتىدىكى غەربىي شىمالدا بولغان <بارمان> ياكى <باخۋان> بولسا توققۇز ئۇيغۇر (ئوغۇز) شەھەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ يەردە توققۇز ئۇيغۇر (ئوغۇز) خاقانى ئائىلىسىدىن بىرسى ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭ ساقچى قىسىملىرى، كۈچلۈك سېپىل قورغىنى بار. ئۇ شەھەرنىڭ بازارلىرىدا تۆمۈردىن ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەر ياسىلىدۇ. باشقا سانائەتمۇ بۇ يەردە كۆپ. شەھەرنىڭ چۆرىسىدە تۈركلەرنىڭ ئېكىنزارلىقلىرى، يايلاقلىرى، دەريالىرى بار. تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى چىنغا ئەۋەتىدۇ، تىبەتكىمۇ چىقىرىدۇ، شەھەرلىرى بەك ئاۋات. بۇ شەھەردە ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىغا بەك كەڭرى يول قويۇلغان، ئىمارەتلىرى بەك كۆپ.»  ②  «شىنجاڭ گېزىتى» 1948 - يىلى 24 -، 25 -، 26  نويابىر سانلىرى. بۇ ھەقتە «شىنجاڭ خەلق ئەدەبىياتى تەتقىقات خەۋەرلىرى» 1985 - يىللىق 1 - سان 47 -، 48 - بەت، ئۇيغۇرچە.
0 [: s' z4 @5 w. Hتاتار ئالىمى ئەخمەد زەكى ۋەلىدى توغان «قەدىمكى كۇچالىقلارنىڭ مەدەنىيىتى» دېگەن ئەسىرىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «ھودۇدۇل ئالەم» ۋە ئەرەب جۇغراپىيۇنى ئەبۇل قاسىم ئۇبەيدۇللاھ بىننى ئابدۇللاھ ئىبنى خۇردادبېھ (تەخمىنەن 219-028)نىڭ مىلادىيە 848-448 - يىللىرى يازغان «كىتابەل مەسالىك ۋەل مەمالىك» (يوللار ۋە ئەللەر تەزكىرىسى) دېگەن كىتابىدىن مەلۇمات ئېلىپ، ئاقسۇ - كۇچا يولىدا تۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆپلۈكى، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھىندى راھىبلىرى بىلەن سوغدىلىق سودىگەرلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يەرلىك تۈركلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە «بىر زاماندا بۇ يەرلەرنى ساياھەت قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچادىكى تۈركلەر تىلىدىن مىساللار كەلتۈرىدۇ. ئاقسۇ، يەنى بارمان توغرىسىدا بۇ شەھەرنىڭ كاشىغەردەك بەك قەدىمىي تۈرك شەھىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، بارمان — ئافراسىيابنىڭ ئوغلى. پىرداۋسى بولسا ئۇنىڭ ئىنىسى. قەدىمكى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ <بارمان> ئاتىلىشى ئافراسىياب ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق يېرى بار» دەيدۇ  ③  يۇقىرىقىغا ئوخشاش.# e4 k  E7 A0 t& N( Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.زامانىمىزنىڭ ئىران قان سىستېمىسىدىكى فرانسىيىلىك شەرقشۇناسى ۋە ئاتاغلىق تارىخ ئالىمى ئەلى مەزاھىرى (1991-4191) ئۆزىنىڭ 1983  يىلى نەشر قىلىنغان «يىپەك يولى: جۇڭگو  پارس مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تارىخى» دېگەن كىتابىدا ئىران سەيياھى ئەسەدۇللا، شۋېتسىيىلىك ئارخىئلوگ سېۋىن ھىدىندىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئەفراسىياپنىڭ قەشقەر بىلەن ئۇچتۇرپان ئارىلىقى، شۇنداقلا كۇچا توڭگۇز بېشى قەدىمكى شەھىرى ئۇدۇلىدىكى ئەفراسىياپ شەھىرى دېيىلىدىغان يەر بىلەن بۈگۈنكى كۈندە يانتاق شەھىرى دېيىلىدىغان يەرنى ئۆزىگە قارارگاھ قىلغانلىقىنى يازىدۇ  ①  ئەلى مەزاھىرى:«يىپەك يولى: جۇڭگو - پارىس مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تارىخى»، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1993 - يىلى نەشرى 334 - بەت، خەنزۇچە. .يۇقىرىقى قەيتلەرگە كۆرە، ئاقسۇنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، رىۋايەتتىكى ئافراسىياب زامانلىرىغىچە بارىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىز «ئايكۆل» ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى بولغان «ئەشمە»نىڭ مىلادىيەدىن خېلى بۇرۇنلا ناھايىتى گۈللەنگەن مەدەنىيەت رايونى بولۇپ، تۈركلەر تارىخ سەھنىسىگە چىققان زامانلاردىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئېكىنزارلىقى ۋە يايلىقىغا ئايلانغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. ئايكۆلدە ھازىر «كۆل» ۋە «تېكىن» ناملىق يۇرتلار بار. بۇ بىزگە ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى «كۆل تېكىن»نى ئەسلىتىدۇ. بۇ ئۇرخۇن ۋادىلىرىدىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىگە كۆچكەن شەرقىي شىمال تۈركلىرىنىڭ چوڭ كۆچۈش دولقۇنىدا مۇشۇ زېمىندا تۇرۇپ ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئايكۆل ۋە «ئەشمە» بويلىرىدا بۇددا دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «چوقتا»، «تاشتا»، ئەرەب تىلى ئىستېلاسى دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «ھاسا» ۋە «پايناپ» نامىدىكى يۇرتلار بار. بۇنىڭدىن بىزنىڭ «ئايكۆل» ۋە «ئەشمە» ئالاھىدە ئېكولوگىيىلىك رايوننىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمىگىمىز تەس ئەمەس.ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئارخىئولوگى خۇاڭ ۋىنبى ئەپەندى ئەسەرلىرىدە گەرچە «ئەشمە»نى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، «ئەشمە» بويلىرىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزى توپلىرىنى تەكشۈرگەندە ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قەدىمكى زاماندا بىز «ئەشمە» دەۋاتقان مۇشۇ كۆل بويىدىكى «تۆگە قوتان» قەدىمكى شەھەر خارابىسى يېنىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ «تارىم ۋادىسىدىكى ئارخىئولوگلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى» دېگەن كىتابىدا:«شور قۇدۇقنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى ئاق توپىدىن قاڭداپ ياسالغان بولۇپ، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ مۇشۇ يەردىن ئۆتىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئاقسۇ دېگەن سۆز سۈيى ئاق دېگەنلىك. شۇڭا، شور قۇدۇق قىزىل دەرياسى بىلەن ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قوشۇلغان جايى. گەرچە بىز ئاقسۇ دەرياسى بىلەن قىزىل دەرياسىنىڭ قوشۇلغان جايىنىڭ ئورنىنى تاپالمىغان بولساقمۇ، ئەمما ئېقىپ ئۆتكەن يەرلىرىدىن كۆزەتكىنىمىزدىن قارىغاندا، ئىككى دەريانىڭ قوشۇلغان جايى چوقۇم مۇشۇ ئەتراپتا» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ  ②  خۇاڭ ۋىبنى:«تارىم ۋادىسىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى»، پەن نەشرىياتى 1958 - يىلى 4 - ئاي 1 - نەشرى 62 - بەت، خەنزۇچە./ Z. D: @& N( L5 s  Y* Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. دېمىسىمۇ رىسالىمىزدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ھازىرقى «ئەشمە» تۇنجى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئورنى بولۇپ، <يايدى> تەرەپكە سۇ بارىدىغان ئېقىن ئىزلىرىنىڭ بەزىسى ئويمانلىق جىلغا سۈپىتىدە، بەزى جايلىرى كەڭ لايلاتما سۈپىتىدە ھازىرمۇ روشەن بىلىنىپ تۇرىدۇ. دەريا ئىزلىرىنىڭ تۇپراقلىرى قۇم ۋە قىزىل سۇ لايلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، زەي سۇلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. <يايدى> — كەلپىن ناھىيىسىدىكى چىلان يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شورلۇق، ئۇ قەدىمدە تۇنجى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بېسىپ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە سۇ ئاستىدا تۇرۇپ قېلىپ لاي - لاتقىلار بىلەن تىنىپ كەتكەچكە، ئەڭ بۇرۇن بوستانلىققا ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇ جاينى سۇ يايغان جاي دېگەن مەنىدە <يايدى> دەپ ئاتىغان. بۇ تارىم بوستانلىقىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئەڭ بۇرۇن گۈللەنگەن ئورۇن بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قەدىمكى ئورنىنى بويلاپ دەل مۇشۇ جايلاردىن ئۆتەتتى. <يايدى> دېگەن جايدا يەنە <تەڭ> دەيدىغان بىر جايمۇ بار. بۇرۇنقى قاتناش يولىنىڭ ئاقسۇ تەرەپتىكى مەلۇم ئۆتىڭى مارالۋېشىنىڭ چاۋاغ ئۆتىڭى بىلەن شۇ جايدا تەڭ بولغاچقا، ئۆتەڭنىڭ نامىنى <تەڭ> دەپ ئاتىغان. بۇ جايلار قەدىمكى دەۋرلەردە دەريا سۇلىرى ئېقىپ تۇرغان، دەريا بويلاپ سېلىنغان قاتناش يولىرىدا كارۋانلار مېڭىپ تۇرغان، كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە، كىشىلەرگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان بىر جاي بولسىمۇ، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ شەرق تەرەپكە كۆچۈپ، ھازىرقى يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ سۆگەتئېرىق بىلەن ئاقىدىغان بولۇپ قالغان مەزگىللىرىدىن باشلاپ قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان. ھازىر <يايدى> دېگەن جاي شورلۇققا ئايلىنىپ، قەدىمكى توغراقلارنىڭ كۆتەكلىرىمۇ شور ئاستىغا كۆمۈلۈپ، چىرىمدانغا ئايلىنىپ كەتكەن. بىلىش مۇمكىنكى، ئۇ جايلارنىڭ قاقاسلىشىپ كەتكىنىگە ناھايىتى ئۇزاق ئەسىرلەر بولغان. سۇ قۇرۇلۇش ئېنژېنىرلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ھازىرقى <ئەشمە> دېيىلگەن تۇنجى ئورنىنى باشلاپ، ئىككىنچى ئورۇنغا كۆچكەن ۋاقتى مىلادىيەنىڭ ئالدى - كەينىدىكى دەرۋلەر بولۇپ، ئىككى مىڭ يىلچە ئۆتكەن دەپ قارىلىدۇ»  ①  مۇھەممەد ئوسمان:«ئاۋات ناھىيىسىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى». بۇ ھەقتە «ئاۋات تارىخىي ماتېرىياللىرى» 1 - توپلام 54 -، 56 - بەتلەر، ئۇيغۇرچە.8 Z3 E" @# f  w0 a& W9 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنداقتا «ئەشمە» قانداق قىلىپ بۇ تاشلاندۇق دەرياغا خاس ئىسىم بوپقالىدۇ؟ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، «ئەشمە» كەلمىسى «ئەش» بىلەن بىر تۇغقاندۇر. 1990 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، «ئەش» دېگەن ئىسىمغا «بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن چۈشىدىغان ھەمراھى» دەپ تەبىر بېرىلسە، «ئەش» دېگەن ئىسىمدىن ياسالغان «ئەشمە» دېگەن سۈپەت سۆزىگە «ئېشىپ ياسالغان، ئېشىپ تورلانغان، پىششىق» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن  ②  «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1990 - يىلى بېيجىڭ نەشرى 1 - توم 275 - 276 - بەتلەر.  % W# N8 A4 J9 y9 V) ~( x! Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. دەرۋەقە، يېڭى تۆرەلمە — بالا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا بالىياتقۇ ئىچىدە بىر شىلىمسىمان قان ئىچىدە تۇرىدۇ، بۇ نەرسە بوۋاققا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە «ئەش» دېيىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا «ئەش» كەلىمىسى «ئاقىلغا ئۆز ئەقلى ئەشلىككە يارار» (320 - بېيىت) شەكلىدە قەيت قىلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن سەھىپىلىرىدە ئادەمنىڭ ساپاسى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئەش»نىڭ ياخشى بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا «ئانا ئالسا يوشۇرۇنچە ئوغرى سۇ، ئوغۇل تۇغسا ئەلگە بولۇر ئاپەت ئۇ» (5768 - بېيىت) دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ دېگىنى «بالا ياخشى ئاتا - ئانىدىن تۆرەلسۇن، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدا ئوبدان قۇۋۋەتلىنىپ ئوزۇقلانسۇن، ھارام قوشۇلۇپ قالمىسۇن» دېگىنى. «ئەش» تۆرەلمىنى تويۇندۇرىدىغان مەنبە بولغاچقا، ئۇنىڭ ساپ، تازا، ھالال، ياخشى بولۇش - بولماسلىقى تۆرەلمىنىڭ ياخشى - يامان خۇيلۇق بولۇشىغا، ساغلام، بېجىرىم ياكى تۇغما نۇقسانلىق بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالا «ئەش»سىز دۇنياغا كۆز ئاچمايدۇ، شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك»دە ئۇچرايدىغان «ئەش» كەلىمىسىگە كىتابنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن 67 - نومۇرلۇق ھاشيىدە «يولداش، ھەمراھ» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. ئۇيغۇر تىلىدا ئەشمە چاچ، ئەشمە يىپ، ئەشمە قۇيماق دېگەن سۆزلەر بار. بۇ ئېشىپ ياسالغان سۈنئىي چاچنى، ئېشىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىپنى ۋە خېمىردىن ئېشىپ ياغدا پىشۇرۇلغان ساڭزا - قۇيماقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا يەنە لەغمەن ئەشمەك، يىپ ئەشمەك، تانا ئەشمەك، ئارغامچا ئەشمەك دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بار. بۇ يەردىكى «ئەشمەك» — سۈپەت بولۇپ، ئايلاندۇرماق، بۇرىماق، پىششىقلىماق، ئىگىرمەك مەنىلىرىدە كېلىدۇ. تىلىمىزدا يەنە «يىپ ئەشتۈرمەك» ۋە «يىپ ئەشتۈرۈلدى» دېگەن سۆزلەر بار، ئۇنىڭ ئالدىنقىسى «ئەشمەك» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى، كېيىنكىسى بولسا «ئەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. گېئولوگىيە ئىلمىدە دانچىلار دىئامېتىرى 0.1-0.11mm، يەنى ئادەتتىكى قۇم بىلەن سېغىز ئارىلىقىدا بولىدىغان، مىنېرال تەركىبى ئادەتتىكى قۇم بىلەن ئوخشاش بولغان بىر خىل قۇم «ئەشمىقۇم» دېيىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى زاماندىكى چۈكۈندىلەر تەركىبىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. دانچىلار دىئامېتىرى 0.1-0.10mm بولغان ئەشمە قۇملارنىڭ ئۆزئارا يېپىشىپ چىڭىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدىغان ئۇۋاق چۆكۈندى جىنس «ئەشمىقۇم تاش» دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ مىنېرال تەركىبى قۇم تاش بىلەن ئوخشاش، بىراق تەركىبىدە تۇراقلىق مىنېراللار سەل كۆپرەك بولىدۇ.1981 - يىلى ئېلىمىزدە نەشر قىلىنغان «پارسچە - خەنزۇچە لۇغەت»دە «ئەش» (اش)گە:«قويۇلدۇرۇلغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي نامى، پاتلىماق، يىپ پاتلىماق، يېپىشقاق، شىلىمشىق، يېپىشتۇرماق، سۇۋىماق، چاپلىماق، شىرنىلىك سۇ، شىرنىلىك سۇيۇقلۇق، سېرىق سۇ، سىرغىتما» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. ئۇنىڭدىكى قەيتلەرگە كۆرە، پارسچىدا «اش» شەكلىدە كەلگەن بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچىدىكى «ئەش»دىن پەرقلىق ھالدا بىرىنچىدىن ئاش - تاماق مەنىسىدە، يەنە ئىسسىق سۇ، قايناقسۇ، كۆكتات شورپىسى، سۇيۇق ئۇماچ دېگەن مەنىلەردە كۆپرەك كەلسە، ئىككىنچىدىن كۆلدە جامىكان باغلاپ كەتكەن لەشكە ئوخشاش شىلىمشىق بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ  ①  «پارسچە - خەنزۇچە لۇغەت»، سودا نەشرىياتى 1981 - يىلى نەشرى 29 -، 30 - بەتلەر.
1 `. U; }" G; c' N4 t7 sبۈگۈنكى جەنۇبىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا «ئەشمەكار» دېگەن سۆز بار. بۇ سۆز ئۇيغۇرچىدىكى «ئەشمە» بىلەن پارسچىدىكى «كار»دىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ مەنىسى — غوزىدىن يىپەك سۈزگۈچى دېگەنلىك. شۇنىڭغا ئاساسەن يېپەكچى كاسىپلار «ئەشمەكار» دېيىلىدۇ. قەشقەر، يەكەنلەردە «ئەشمەكار كوچىسى»، «ئەشمەكار مەھەللىسى» دېگەن جايلار بار. ناۋادا مۇشۇ كۈنلەردە غوزىدىن يىپەك سۈزگۈچى «ئەشمەكار»لارنى كۆرىمەن دېگۈچىلەر قەشقەردىكى ئاپاق خوجا ساياھەت رايونىغا بارسا ئۇنى كۆرەلەيدۇ. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدە «قۇدۇق ئەشمە»، «ئەشمە» ۋە «ئەشمە ئېقىن» دېگەن يەرلەر بار. «قۇدۇق ئەشمە» ئاللىقاچان چۆلگە ئايلىنىپ كەتكەن. «ئەشمە» بولسا ھازىر بىر يېزا، بۇ يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۈرۈمچى - قەشقەر تاشيولى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە كۆل، كۆلچەكلەر بار، زەيلىك ۋە توغراقلىقلار كۆپ. يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى بىر يېزىمۇ «ئەشمە» دېيىلىدۇ. كەنتنى دادۈي دەيدىغان زامانلاردا ئۇ يېزىنىڭ 2 - دادۈيى «يۇقىرى ئەشمە»، 3 - دادۈيى «تۆۋەن ئەشمە» دەپ ئاتالغانىدى.تىلشۇناس مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن «تۈركچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت»دە «ئەش» (es)گە «جۈپ، جورا، دوست، ھەمراھ، رەپىقە»، «ئەشمە» (esme)گە «قۇدۇق»، «ئەشلىك» (eslik)گە، «جۈپ، جورا، ھەمراھ»، «ئەشسىز» (essiz)گە، «جورىسىز، يالغۇز، يېگانە» دەپ تەبىر بېرىلگەن  ②  مۆمىن ئابدۇللا:«تۈركچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1989 - يىلى 11 - ئاي 1 - نەشرى 272 - ۋە 273 - بەتلەر.; c5 z% I/ ]6 i3 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.خۇلاسە كالام، «ئەشمە» ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئىزى بولۇپ، دەريا بۇرۇنقى بۇ ئورنىدىن شەرققە قاراپ يۆتكەلگەندىن كېيىن، تاشلىنىپ قالغان ھەم دەريانىڭ ھەمراھى دېگەن مەنىدە «ئەشمە» دەپ ئاتالغان. شۇڭا، ئۇ ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ھەمراھى ھەم چۆلدىكى قۇدۇق، شۇنداقلا يېپىشقاق، شىرنىلىك لەشسىمان كۆل بولۇپ، ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە پەۋقۇلئاددە ئېكولوگىيىلىك سۇ رايونىنىڭ نامىدۇر.& e1 Z9 _9 |! X) h, v( Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-3 11:04:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى قىممەتلىك يازمىنى يازغان تارىخىچى تەرجىمان يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى ئەپەندىنى چۇڭقۇر سېغىش ئىچىدە ئەسلەيمەن .ئۆز خەلقى ۋەتىنى ئۈچۈن ئاققۇزغان ھالال تەر مەڭگۈ ئۇنتۇلئايدۇ .ۋەتىنى خەلقى ئۈچۈن تەرتۈكۈپ ئۆتكەن ھايات گەرچە ۋاقىتلىك قىيىنچىلىق  رىيازەت ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ ھەرگىز ئەپسۇسلۇق ئەمەستۇر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-8 19:05:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 19:08  - l* [: F5 a1 g, O, m5 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. X( p( j" t" w' d+ fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چەرچەننىڭ يېقىنقى زامان مائارىپ تارىخى ھەققىدە5 c8 |; T7 f! D$ T  Y% [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1998-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «چەرچەن تەزكىرىسى»دە ۋە  چەرچەن ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەش تۈزگەن «چەرچەن تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 1-قىسمىغا بېسىلغان توختى مەمتىلىنىڭ «چەرچەن مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى»ناملىق ماقالىسىدا  مۇنۇلار قەيت قىلىنغان: «.. 1924-يىلى چەرچەندە پەننىي مەكتەپ قۇرۇلدى، بۇ چەرچەندە قۇرۇلغان تۇنجى پەننىي مەكتەپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى چەرچەندە پۈتۈنلەي دىنىي مائارىپ يولغا قويۇلغان. 1924-يىلى قۇرۇلغان بۇ مەكتەپ  پەن بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپ ئىدى، 30  ئوقۇغۇچى بىر سىنىپ قىلىپ ئوقۇتۇلغان، دەرسلىكتە دىن ھەم پەننى بىلىملەر ئوقۇتۇلغاندىن باشقا يەنە خەنزۇ تىلى دەرسىمۇ تەسىس قىلىنغان...») d: T% ~( H. Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  چەرچەننىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى مائارىپ ئەھۋالى ھەققىدە پېشقەدەم مائارىپچى ئابدۇرېھىم رازاقنىڭ «چەرچەن تارىخ ماتېرىياللىرى» 3-توپلىمىغا بېسىلغان «چەرچەننىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىدىن ئەسلىمە» ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «چەرچەننىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى مائارىپىنى دەرسلىك قۇرۇلمىسى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئوخشماسلىقىغا قاراپ ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۈمكىن،بىرى دىنىي مائارىپ يەنە بىرى پەننىي مائارىپ. چەرچەندە تۇنجى پەننىي مەكتەپ 1924-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دىنىي ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلاتتى...». ئابدۇرېھىم رازاق ئەپەندى چەرچەننىڭ دىنىي مائارىپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «كېرىيىلىك مۇھەممەت نىياز ھاجى دېگەن دىنىي ئۆلىمانىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتى كېرەم ئەلەم ئاخۇنۇم چەرچەنگە كېلىپ ئىسمايىلبەگنىڭ مەدرىسەسىگە ئورۇنلاشقان ،ئۇ زاماندا بۇ مەدرىس  گۈللۈك مەسچىت دەپ ئاتىلىدىغان 60،70كە يېقىن ياتاق ئۆيلىرى بار مەسچىت بولۇپ، كېرەم ئەلەم ئاخۇنۇم 250كە يېقىن تالىپنى مۇشۇ جايدا ئوقۇتقان...چوڭ ياشلىق ئوقۇغۇچىلار «شەررى ۋاقائى»، «مۇختەسەرى ۋاقائى» دېگەن كىتابلارنى، كىچىك تالىپلار تاخايدىن باشلاپ ھەپتىيەك، قۇرئان، مۇھەممەت مۇسلىم، مۇبەييەن، سوپى ئاللايار، خوجا ھاپىز قاتارلىق كىتابلارنى دەرسلىك سۈپىتىدە ئوقۇپ ئۆگەنگەن...» بۇ بايانلاردىن ئەينى دەۋردىكى دىنىي مائارىپنىڭ خاس دىنىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇپ قالماستىن يەنە سوپى ئاللايار، خوجا ھاپىز قاتارلىق تۈركىي ۋە پارسىي كىلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ دەرسلىك سۈپىتىدە ئوقۇغانلىقىنى بىلەلەيمىز.8 {. d' o+ E  ?/ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  «چەرچەن ناھىيىسى تەزكىرىسى»نىڭ 635-بېتىدە 1924-يىلى قۇرۇلغان پەننىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ 30 غا يەتكەنلىكى ، پەننىي بىلىملەر بىلەن دىنىي بىلىملەر ئورتاق ئۆتۈلگەنلىكى ھەم خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىنغانلىقى، بۇ مەكتەپنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ ئىكەنلىكى  ھەققىدىكى ئۇچۇر بار.
5 R4 W5 L8 {% E«چەرچەن تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 1-قىسمىدىكى توختى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «چەرچەننىڭ مائارىپ تەرەققىيات ئەھۋالى» دېگەن ماقالىسىدە: 1929-يىلىغا كەلگەندە ناھىيە تەۋەسىدە 5 ئورۇندا مەكتەپ ئېچىلىپ 6 سىنىپ تەسىس قىلىنغانلىقى،بۇ 6 سىنىپتىن بازار ئىچىدە 2 سىنىپ، 60 ئوقۇغۇچى بولغانلىقىنى، توغراقلىقتا 1سىنىپ، دۆڭمەھەللىدە بىر سىنىپ، تاتىراڭدا 1 سىنىپ، ئۇتام (ئارال)دا 1 سىنىپ بارلىقىنى، بۇ يېزىلاردىكى ھەربىر سىنىپتا 30 ئوقۇغۇچى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.
) e$ [  H: m$ w8 B. w«چەرچەن تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 1-توپلىمىغا بېسىلغان مەرەمنىسا قۇرباننىڭ «ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى شۆتاڭ مەكتىپى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1934-يىللىرى ئەينى ۋاقىىتتىكى ئامبالنىڭ تەرجىمانى ھېيتبەگ دېگەن كىشى ئامبالنى قايىل قىلىپ، بىر سىنىپ پەننىي مەكتەپ ئاچقان ، مەكتەپنىڭ ئورنى ھازىرقى گۈلباغ سودا بازىرىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ مەكتەپ   شۆتاڭ دەپ ئاتالغان، مەكتەپتە خەنزۇ تىلى ئاساس قىلىنغاندىن باشقا يەنە ناخشا، مۇزىكا دەرسلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان. ماقالىدە يەنە  ھېيتبەگ دېگەن بۇ كىشىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە چوڭكۆل يېزىسىدا باغ بىنا قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بولۇپ، بۇ باغ ھازىرمۇ ھېيتبەگ دېگەن كىشىنىڭ مائارىپپەرۋەرلىكىنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە لوسىباغ (مۇئەللىم بېغى) دېگەن نام بىلەن  ئاتىلىپ كەلمەكتە.+ W/ V- q, a( I# H. \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  1937-يىلى تاشقى موڭغۇلىيىدە  ئوقۇغان شېرىپ قۇتلۇق  دېگەن  كىشى چەرچەنگە ھاكىم بولۇپ كەلگەن ، بۇ كىشى سوتسىيالىزىم تەربىيىسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ چەرچەننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ قوشقان. ئۇ چەرچەندە مەكتەپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، مائارىپ ئىشلىرىدا مۇئەييەن ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ناھىيە بازىرىدا مەكتەپ قۇرۇپ ئىككى سىنىپ ئېچىپ 60 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، نىياز بۇرھان دېگەن كىشى ئوقۇتقۇچى بولغان.
0 m- `0 R5 u# [1 p* ]  1938-يىلى چەرچەندە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى  قۇرۇلۇپ مائارىپ ئىشلىرى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرلدى. مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتى كۈچەيتىلىش بىلەن بىرگە يەنە ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش كۇرسلىرى كۆپلەپ ئېچىلىپ، پۈتۈن ناھيىە تەۋەسىدە زامانىسىغا يارىشا يۇقۇرى ئىلمىي كەيپىيات بارلىققا كەلدى. «چەرچەن ناھىيىسى تەزكىرىسى»نىڭ 635-بېتىدىكى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1939-يىلى ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مەكتەپتە 2سىنىپ بولۇپ ، يۇقۇرى سىنىپ، تۆۋەن سىنىپ دەپ ئايرىلغان، تىل- ئەدەبىيات، ھېساب، سىياسەت، جۇغراپىيە، تارىخ، خەنزۇتىلى ۋە ئاتېئىزىم تەربىيىسى دەرسى ئۆتۈلگەن، ئوقۇغۇچى سانى 80بولغان. 1940-يىللاردا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قاراشەھەرگە 20 نەپەر ئوقۇغۇچى ماڭغۇزۇپ مۇئەللىم تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇتۇپ كېلىپ، ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلغان.
, G. h5 J7 C+ Y# A9 Y" v: S2 g  1940-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىگە بولۇشى ھەم ئۇيۇشما ئەتراپىغا  توپلانغان مەرىپەتچىلەرنىڭ مىننەتسىز قان- تەرى بەدىلىگە چەرچەن مائارىپى مۇئەييەن دەرىجىدە ئىزچىللىقنى ساقلىغان ئاساستا راۋاجلاندى، دېيىشكە بولىدۇ. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1949-يىلىغا كەلگەندە مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىش ئورنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ 5 ئورۇندا مەكتەپ قۇرۇلغان، مەكتەپلەردىكى سىنىپ 70 كە، ئىشچى–خىزمەتچى سانى 84كە (بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى)، ئوقۇغۇچى سانى 1220 گە يەتكەن. ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى چەرچەننىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى پەنني مائارىپ تەرەققىياتىدىكى بىر مۇھىم باسقۇچ دېيىشكە بولىدۇ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ تاكى ئازادلىققا قەدەر مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ، شۇ بىر دەۋر مائارىپىنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىپ ھەسسە قوشتى.ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى  ئۆشرە – زاكات، قۇربان ھېيتلىق تېرە-ئۈچەي قاتارلىقلارنى يىغىش ۋە خالىسانە ئەمگەك، ئىئانىلەر ئارقىلىق مەبلەغ جۇغلاپ مەكتەپلەرنىڭ خىراجىتىنى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.1949-يىلى ناھىيە بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتكەن بالىلار 2750نەپەر بولۇپ، مەكتەپكە كىرگىنى 1220نەپەر بولۇپ 44%بولغان." G) k$ B$ ^6 ~% a( Y' Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1924-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە بولغان دەۋردىكى پەننىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تۆۋەندىكى باسقۇچلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ:& ?, Z0 w8 ^/ w, vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1924-يىلى تۇنجى پەننىي مەكتەپ قۇرۇلغان يىلنى  چەرچەننىڭ ئازادلىقىتىن ئىلگىرى پەننىي مائارىپى تەرەققىياتنىڭ 1- باسقۇچى.$ V; v  }; z- o  Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1929-يىلى ناھىيە تەۋەسىدە 5 ئورۇندا مەكتەپ ئېچىلىپ 6 سىنىپ تەسىس قىلىنغان يىلى 2-باسقۇچ.3 w1 k2 {  n0 c4 {( v' D+ o3 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1935-يىلللاردا ھېيتبەگ بىلەن شېرىپ شەنجاڭنىڭ مەكتەپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى 3-باسقۇچ  دېيىشكە بولىدۇ.
; W. k1 S4 r& E# ?1 O+ i1938-يىلى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ مەكتەپ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ساۋاتسىزلىقىنى يۇيۇش كۇرسلىرىنى ئاچقان دەۋرى 4-باسقۇچ.8 W4 ^- c1 I6 b& j9 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1940-يىللاردىن تاكى 50-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقىنى 5-باسقۇچ دېيىشكە بولىدۇ.0 o4 |. Y( X, eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى پەننىي مائارىپ ئۈچۈن كۈچ قوشقان مائارىپ تۆھپىكارلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۈمكىن، ئۆزى بىۋاسىتە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانمىسىمۇ بىراق يېڭىچە مائارىپ ئىشلىرىنى ماددىي ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىغان، ياردەم بەرگەنلەر نۇرغۇن ، بىز بۇ يەردە  مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا نامى تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاش بىلەن كۇپايىلىنىشكە مەجبۇرمىز. بۇلار تۆۋەندىكىچە: ھېيتبەگ، شېرىپ شەنجاڭ، ئابلىمىت سابىتوف، قاسىم ئۆمەروپ، قادىر ھاپىز، بەكرى ئەيسا، قۇربان چياۋيۈفۇ، تۇردى تۆمۈروف، بەختىئاخۇن، قادىروف، ئابدۇرېھىم ھوشۇر، مۆمىن توختايېف، قاسىم ئەپەندى، ئابدۇرېھىم رازاق، تۇرسۇن توختى، ئابلايوف، مەمتىمىن قۇربان، قاسىم ئىبراھىم، داۋۇت ئەپەندى، شەمسى ئىسمايىل، قۇربان دىمىن، قۇربان كېپەك، ئەبەي روزى، روزى قاۋۇل، ئالتۇنخان، ئەزىزە خانىم، مەختۇمخان مۇبارەك، گۈلسۈم خانىم، غوپۇر ئېزىز، نىياز خانىم، مەمتىمىن بارات، نىياز بۇرھان، ئەيسا مۇسا، ئەيسا تۇرسۇن، ئوسمان ياقۇپ، ئېلى ئەپەندى، يۈسۈپ كېرەم، ئىبراھىم قۇربان. بۇلار ئازادلىقتىن ئىلگىرى چەرچەن مائارىپىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشقان تۆھپىكارلار بولۇپ، بىر قىسمى ئازادلىقتىن كېيىنمۇ داۋاملىق مائارىپ سېپىدە ئىشلەپ يېڭى دەۋر مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك كۈچ چىقارغان كىشىلەردۇر.+ D& G- O# z3 O' d* Z" ^1 U* qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2)1949-يىلىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىگىچە  بولغان مائارىپ ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە بايان  o1 [0 f$ R3 q0 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1949- يىلى چەرچەندە  5 ئورۇندا مەكتەپ قۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچى 84 نەپەر، ئوقۇغۇچى 1220 نەپەربولغان. 1950- يىلى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتە مائارىپ بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان ، شۇ چاغدا بەش باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ  سىنىپ 80 گە، ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچى 98 نەپەرگە، ئوقۇغۇچى 1450 نەپەرگە يەتكەن. 1954-يىلىدىن باشلاپ چەرچەندىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن  يەنە بىر قىسىم  پەننىي مەكتەپلەر ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، ناھىيە بويىچە باشلانغۇچ مائارىپ  يېزا- قىشلاقلاردىمۇ ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەكتەپكە كىرىپ مۇنتىزىم تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان. 1955- يىلى ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت شارائىتى ناچار، تۇرالغۇسى كەمچىل، ئىش ھەققى تۆۋەن بولغان جاپالىق شارائىتتىمۇ جاپا- مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، چەرچەن مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان. شۇ يىلى مەكتەپ 8 گە، سىنىپ سانى 98 گە، ئوقۇغۇچى 2140 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 126 نەپەرگە يەتكەن.. m3 \: g; P5 e1 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1956- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى يولغا قويۇلۇپ، شۇ يىلى 9- ئايدا «چەرچەن ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ» قۇرۇلدى. بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى ناھىيەمىزنىڭ مائارىپ تارىخي تەرەققىياتىدىكى شانلىق بىر نامايەندە بولۇپ، ئوقۇتۇش شارائىتى جەھەتتىن ئەينى يىللاردا ئوبلاست دائىرىسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. 1957- يىلى ھازىرقى ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمەتنىڭ 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن ئوقۇتۇش بىناسى سېلىنغان. ئوقۇتقۇچىلار 9 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىلار 121 نەپەرگە يەتكەن.  1960- يىلى دۆلىتىمىز ئېغىر تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان ئەھۋالدىمۇ، مەكتەپ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان، سىنىپ سانى 8 گە، ئوقۇغۇچى سانى 285 نەپەرگە يەتكەن. 1961- يىلى مەملىكەت بويىچە ئىدارە- ئورگانلارنى ئىخچاملاش ئېلىپ بېرىلغاندا، مەكتەپتىكى 8 سىنىپ قىسقارتىلىپ 4 سىنىپقا قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۆز يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. 1963- يىلى باغئېرىق يېزىسىدا تۇنجى يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلدى. 1965- يىلغا كەلگەندە پۈتۈن ناھىيەدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 228 نەپەرگە ، سىنىپ سانى 7 گە يېتىپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كېلىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپنىڭ ئاساسى دەسلەپكى قەدەمدە مۇستەھكەملەنگەن. ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەر سانى ئاساسەن تولۇقلىنىپ، مەخسۇس كەسىپ بويىچە تەربىيەلەنگەن سەرخىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن.
2 I% \, m" i3 _1 G چەرچەن ناھىيەسىدە «مەدەنىيەت زور  ئىنقىلابى» ھەرىكىتى ئالدى بىلەن مائارىپ ساھەسىدىن باشلانغان. ئىلىم- مەرىپەت بۆشۈكى، گۈللەپ ياشناپ مېۋە بېرىۋاتقان «چەرچەن ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ»نىڭ بېشىغا ئېغىر قىسمەتلەر كەلگەن. 1966- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار «ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ» كە يىغىپ، ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەنگەن.بۇ چەرچەننىڭ مائارىپ ساھەسىدە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»قارا بورىنىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. 1967- يىلغا كەلگەندە ناھىيە تەۋەسىدىكى جايلاردا «ھوقۇق تارتىۋېلىش قوماندانلىق شتابى» (دوچۇەن جىخۇيبۇ) قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ پۈتۈن تەشكىلىي رەھبەرلىكى بىكار قىلىنغان. 1966~ 1968- يىلغىچە ئىنقىلاب قىلىش شوئارى بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرى پۈتۈنلەي توختىغان.ئومۇمەن ئالغاندا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»چەرچەننىڭ ئازادلىقتىن كېيىنكى مائارىپ ئىشلىرىغا مىسلىسىز زىيانلارنى كەلتۈرگەن.. w; l8 U7 m( Q, N* a" G9 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3) ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەزگىلىدىكى مائارىپ ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە بايان( _1 A; d' J- p- c6 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     1976- يىلى «4 كىشىلىك گۇروھ» تارمار قىلىنىپ، ئېلىمىزدىكى مائارىپچىلار ۋە ئىلىم- پەن خادىملىرىغا يېڭى ئۈمىد بەخش ئەتتى. ناھىيەمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمۇ ئەسلىگە كېلىش، ئىلگىرىلەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. 1977- يىلى  ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھان تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. 1978- يىلى 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى ناھىيەمىزنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەردى. «بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، زىيالىلارغا ھۆرمەت قىلىش»نى مەزمۇن قىلغان تەشۋىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە مائارىپچىلار، زىيالىيلارنىڭ ئورنى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى سەرخىللىشىپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىرقەدەر مۇكەممەللەشتى.
# ^9 o* \4 @% G) I1 S" r   1981-يىلى ناھىيە بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 14 گە، سىنىپ سانى 172 سىنىپقا، ئوقۇتقۇچىلار 231 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىلار 3964 نەپەرگە يەتكەن. 1980- يىلى ناھىيەمىزدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار 4070 نەپەر، مەكتەپكە كىرگەنلىرى 3891 نەپەر بولۇپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %95 بولغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى، «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» (1986-يىل) نىڭ يولغا قويۇلىشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە چەرچەننىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مەركىزىي مەكتەپلەردىن يىراق بولغان كەنت- مەھەللىلەردە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى (تۆۋەن يىللىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرى) تەسىس قىلىنغان. ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتى تەدرىجى ياخشىلنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 80- يىللارنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ تەجرىبەخانا، كۈتۈبخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەر بارلىققا كەلگەن. يېزا- بازار، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا خىش-بېتون قۇرۇلمىلىق ئازادە، يورۇق ئوقۇتۇش سىنىپلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئولتۇراق ئۆيلەر سېلىنغان./ z0 b- k/ u$ D* ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2007 - يىلى چەرچەندىكى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپلەر 12گە، باشلانغۇچ- تولۇقسىز ئوتتۇرا بىر گەۋدە قىلىنغان مەكتەپ 3 كە، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى 26 گە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 5 كە، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلاردىن تەركىپ تاپقان ئوتتۇرا مەكتەپ 1 گە، باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپلىرى 186 گە، ئوقۇغۇچى سانى 4725 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى 91 گە، ئوقۇغۇچى سانى 3487 نەپەرگە، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى 38 گە، ئوقۇغۇچى سانى 1513 نەپەرگە يەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.55 گە، تولۇقسىز ئوتتۇر مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى%89.45  بولدى. , M# c- V2 h1 h/ fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4) چەرچەندە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى7 {+ c& I( Y+ wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1956- يىلى 9- ئايدا «چەرچەن ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ» قۇرۇلغان. ئۇ چاغدا مۇقىم ئوقۇتۇش بىناسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، توغراقلىق يېزا جۇۋا  مەھەللىسىدىكى نىيازبەگ قوروسى مەكتەپ ئورنى قىلىنغان. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە چەرچەن، چاقىلىق ئىككى ناھىيەدىن ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. ئىككى سىنىپقا 105 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇپ، كېيىن 75 نەپەرگە مۇقىملاشقان. ئۈستەل- ئورۇندۇقلار خام كېسەك ۋە تاختايدىن لاي بىلەن ياساپ چىقىلغان. توك چىراغ بولمىغانلىقتىن، ئوقۇتقۇچىلار كەچلىكى قارا چىراق (كىرسىن چىراق) بىلەن دەرس تەييارلىغان، ئوقۇغۇچىلارمۇ قارا چىراق يورۇقىدا ئۆگىنىش قىلغان، قىش كۈنلىرى ئەتتىگىنى قارا چىراق بىلەن دەرس ئۆتۈشكە توغرا كەلگەن. بور بولمىغانلىقتىن، سېغىز بىلەن ئوتۇن كۆمۈرى بور ئورنىدا دوسكىغا خەت يېزىشقا ئىشلىتىلگەن. كونىراپ كەتكەن ئۆيلەر رېمونت قىلىنىپ، ياتاق، سىنىپ، ئىشخانا قىلىپ ئىشلىتىلگەن، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئەنە شۇنداق جاپالىق شارائىتتا داۋاملاشقان. 1957- يىلى ھازىرقى ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمەتنىڭ 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجىرتىشى بىلەن ئوقۇتۇش بىناسى سېلىنغان. ئوقۇتقۇچىلار 9 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىلار 121 نەپەرگە يەتكەن. 1958- يىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش- تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدە ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن بىر قەدەر سېستىمىلاشقان ئوقۇتۇش تۈزۈملىرى بارلىققا كېلىپ، دەرسلىكلەر ئوقۇتۇش قانۇنيىتى بويىچە تەسىس قىلىنىپ، ئىلمىي سۈپەت ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلغان. 1963- يىلى باغئېرىق، تاتىراڭ يېزىلىرى(كوممۇنا)دا يېرىم ئوقۇپ، يېرىم ئەمگەك قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا مەكتەپلىرى قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپلەر كېيىنچە مۇنتىزىم ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەن. 1965- يىلى چوڭكۆل، توغراقلىق، يېڭىئۆستەڭ يېزىلىرى ۋە باشقا يېزىلاردىمۇ ئوتتۇرا مەكتەپلەر ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى قۇرۇلغان. 1965- يىلغا كەلگەندە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سىنىپ سانى11گە، ئوقۇتقۇچىلار 33 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىلار 425 نەپەرگە يېتىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كېلىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپنىڭ ئۇلى دەسلەپكى قەدەمدە مۇستەھكەملەنگەن. 1970-1972- يىللىرى باغئېرىق، تاتىراڭ، يېڭىئۆستەڭ يېزىلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا مەكتەپلىرى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەن. 1984- يىلى 10 ئورۇندا ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى قۇرۇلغان. شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرا سىنپ سانى 10 غا، ئوقۇغۇچىلار 347 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى سانى 40 قا، ئوغۇچىلار 1331 نەپەرگە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 135 نەپەرگە يەتكەن. 1993- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ 10 غا (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2)، ئوقۇغۇچى 1808 گە يەتتى.3 B, _+ Y' g( S( H$ f+ k1 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5) چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىسقىچە تارىخى
% G( Z# a$ _, J# y5 s  1956- يىلى 7-ئايدا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ھەسەن ھاكىم دېگەن كىشىنى چەرچەندە ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەشكە مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇ ناھىيەمىزگە يېتىپ كېلىپ، تەييارلىق خىزمەتكە كىرىشىپ، ئوغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپنىڭ ئورنى، سىنىپ، ياتاق تەييارلاش ئىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 9- ئايدا رەسمىي دەرس باشلانغان. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە چەرچەن، چاقىلىق ئىككى ناھىيەدىن 2 سىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. ئىككى سىنىپتا جەمئىي 105 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇپ، كېيىن 75 نەپەرگە مۇقىملاشقان. ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئابدۇرېشىت ئېلى باشچىلىقىدا ئابدۇرېھىم ھاشىم، مىجىت ئۆمەر، نىياز ھوشۇر، ئوسمان ھوشۇر قاتارلىق 5 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئوقۇ- ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتكەن. ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىمىن ئېلى، ھوشۇر ئىمىن، سېلىمئاخۇن، ھېدايەتئاخۇن، مەتتوختىئاخۇن، مۇھەممەت قۇربان قاتارلىق 6 نەپەر خادىمنى بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرغان. مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ناھايە ھاكىمى مەڭلىك سىدىق قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان، ئىلمىي مۇدىرلىقىنى ئابدۇرېشىت ئېلى، خوجىلىق مۇدىرلىقىنى ئىمىن ئېلى ئۆتىگەن. دەسلەپ ئوقۇش باشلىغاندا ئوقۇتۇش بىناسى پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن،توغراقلىق يېزا جۇۋا  مەھەللىسىدىكى نىيازبەگ قوروسى مەكتەپ ئورنى قىلىنغان. 1957- يىلى ھازىرقى ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنىغا ئوقۇتۇش بىناسى سېلىنغان. يەنە 1 سىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇتقۇچىلار 9 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىلار 121 نەپەرگە يەتكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوقۇتۇقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەپ ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى سېلىپ ئۆز قىيىنچىلىقىنى ئۆزى ھەل قىلغان. 1958- يىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش- تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدە ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن بىر قەدەر سېستىمىلاشقان ئوقۇتۇش تۈزۈملىرى بارلىققا كېلىپ، دەرسلىكلەر ئوقۇتۇش قانۇنيىتى بويىچە تەسىس قىلىنىپ، ئىلمىي سۈپەت ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلغان. شۇ يىلى مەكتەپكە ئاشخانا  ۋە تاماق يەيدىغان چوڭ زال سېلىپ بېرىلگەن. تاكى 1981- يىلغىچە مەكتەپ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۆي يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ كەلگەن. 1959- يىلى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنۈلىشىنىڭ روھى بويىچە مەكتەپ زاغۇنلۇق كەنتى تەۋەسىدىن 70 مو يەر ئېچىپ، مەكتەپ دېھقانچىلىق مەيدانى بەرپا قىلىپ، توخۇ، ئۆردەك فېرمىسى قۇرغان. ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىمۇ چىڭ تۇتۇلۇپ، 3 سىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. مەكتەپ تەجرىبەخانىسى قۇرۇلۇپ، تەجرىبە ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغان. 1960- يىلى دۆلىتىمىز ئېغىر تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان ئەھۋالدىمۇ، مەكتەپ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سىنىپ سانى 8 گە، ئوقۇغۇچى سانى 285 نەپەرگە يەتكەن. 1961- يىلى مەكتەپتىكى 8 سىنىپ قىسقارتىلىپ 4 سىنىپقا قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۆز يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. 1981- يىلى 12- ئايدا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ غەربىي بۈرجىگىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىغا ئوت كەتتى، ئەسلىدىكى  بىنا بەك كونىراپ خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالغاچقا  چېقىۋېتىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچى سانى كۆپەيگەنلىكى ئۈچۈن، 1982- يىلى مەكتەپتىكى خەنزۇ ئوغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئايرىلىپ  ئىككى مەكتەپ بولدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ «چەرچەن ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ»، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ «چەرچەن ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. 1983-، 1984- يىللىرى كەينى- كەينىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىپ، 1232 كۇۋادىرات مېتىرلىق كۆلەمگە ئىگە 24 سىنىپلىق ئوقۇتۇش بىناسى، 7 ئېغىزلىق ئىشخانا بىناسى، كارىدورلۇق 6 ئېغىزلىق مۇكەممەل بولغان مەكتەپ فىزىكا، خىمىيە،بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى، ئاشخانا، خوجىلىق ئىشخانىسى، ناۋايخانا، ئاشخانا ئىسكىلاتى قاتارلىق 5 ئېغىز ئۆي ۋە 11 يۈرۈش ئوقۇتقۇچىلار ئولتۇراق ئۆيلىرى سېلىندى. ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن «چەرچەن ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ»نىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن.  1980- يىلى ناھىيەمىزدىن ئالىي مەكتەپكە 1 نەپەر ئوقۇغۇچى ئاشقان بولسا، 1984- يىلى 22 نەپەر ئوقۇغۇچى ئاشقان. 1985- يىلى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمى ئىلگىرىكى ئىككى يىللىقتىن ئۈچ يىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن. تولۇقسىز سىنىپلار 8 گە، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلار 4 كە يېتىپ، ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 500 نەپەرگە يەتكەن.  1986- يىلى ۋە 1988- يىلى «چەرچەن ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ» ئۈچۈن ئالاھىدە نەتىجە يارىتىلغان يىللار بولۇپ، 1986- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 55 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپكە ئېشىش، 1988- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 85 نەپەر ئوقۇغۇچى، يەنى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %100 بويىچە ئالىي مەكتەپكە ئېشىشتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت يارىتىلغان. 1993-، 1994- يىللىرى ئوقۇتقۇچىلار پائالىيەت زالى ۋە 7 ئېغىزلىق خىزمەت بىناسى سېلىندى. 2001- يىلى 11-ئايدا ھازىرقى «چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ» نىڭ بىرلەشمە ئوقۇتۇش بىناسى پۈتۈپ، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك 1-، 2- ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلۈپ «چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ» دەپ ئاتالدى.  2006-يىلى چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەپ كېلىنىپ، «ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ» تەسسىس قىلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، ياتاق، تاماق مەسىلىسى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەندى.3 M" k' r+ [% Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبەسى ؛بايقاش تورى + M2 [! ~! I5 ?  v4 u8 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-11 12:06:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېكساق مائارىپىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆرسەتكەن تەسىرى$ ]/ \5 _+ q7 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇرغۇن ئوبۇل
9 F7 L7 _2 ^& g   ماركس مۇنداق دېگەن ئىدى: « ئۇمۇمەن ئادەملەرنىڭ تەبىئىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى مۇئەييەن ئەمگەك تارماقلىرىدىكى ئىقتىدار ۋە ماھارەتكە ئىگە قىلىپ، تەرەققىي ئەتكەن ۋە مەخسۇس ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك تەلىم ۋە تەربىيە بولۇشى كېرەك». ئاكا- ئۇكا مۇسابايوۋلار- ھەسەنباي مۇسابايوۋلار، باھاۋۇدۇنبايلار ياۋرۇپادىكى سانائائەت تەرەققىايىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، مائارىپ ئارقىلىق ئادەملەرنى، ئىشلەپچىقىرىش بەلگىلىك پەننى بىلىملەرنى، تەجرىبىلىرى ۋە ئەمگەك قىلىش تېخنىسىكى ئىگىلەيدىغان قىلىغىلى، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلغان.
! z- W% Y0 |" H   باھاۋۇدۇن مۇساباي ئاكىسى ھۈسەيىن مۇساباينىڭ قوللىشى ۋە كۈچلۈك مەدەت بېرىشى بىلەن بۇندىن 110 يىل مۇقەددىم يۇرتى ئېكساقتا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى يېڭىچە مەكتەپ- ئاتۇش ئېكساق«ھۈسەينىيە مەكتىپى»نى 1907- يىلى تۇنجى ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپى-« ھەبىبە زادە دارىلمۇئەللىمىن» مەكتىپىنى قۇرۇغان
/ J) x3 e) `9 N: j; S# ^   ئاتۇش ئېكساق « ھۈسەينىيە مەكتىپى» ۋە « ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن» مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. بۇ مەكتەپ چاچقان مەرىپەت ئۇرۇقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، مول مېۋە بەردى. 1894- يىل تەرەققىيپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر زات تاش ئاخۇنۇم ئاستىن ئاتۇشتنىڭ ۋاقۋاق كەنتىدە قۇرغان « تاشئاخۇنۇم مەكتىپى»، 1910- يىلى تەرەققىيپەرۋەر زات قۇربان ھاجىم تىجەن كەنتىدە ئاچقان « ئاق مەيدان مەكتىپى»، تىجەنلىك ئەھمەت ھاجىم 1920- يىلى ئۈرۈمچىنىڭ شىخابادا ئاچقان ئۈچ سىنىپلىق مەكتەپ، 1925- يىلى تىجەندە ئاچقان « ئەھمىدىيە مەكتىپى»، قەشقەرلىك ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ئېكساقتىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ 1931- يىلى قۇرغان قەشقەر نوبېشى مەكتىپى؛ شۇندەك قۇرغان، يېڭى ئۆستەڭ، تاشمىلىق، بەشكېرەم ۋە قەشقەر شەھىرى قوناق بازىرى قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلغان مەكتەپلەر ئېكساق « ھۈسەينىيە مەكتىپى» ۋە « ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن» مەكتىپىنىڭ راۋاجى ياكى تەسىرىدىن ئىبارەت خالاس." a7 w: ?. ^) T: pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى تۈپەيلى ۋۇجۇدقا كەلگەن ئېكساق مائارىپى ئاللىبۇرۇن يۇرت دائىرسىدىن، رايون چەكلىمىسىدىن ھالقىپ، ئۆز تەسىرىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بۇلۇڭ پۇشقالىرىغىچە كېڭەيتتى. ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار 1889- يىلى ئىلىدىمۇ « ھۈسەينىيە مەكتىپى» نى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتكۈل ئىلى ۋادىسىدا پەننى مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ كەتتى. 1905- يىلى قۇرۇلغان « ھۆنەر كەسىپ مەكتىپى»، 1913- يىلى قۇرۇلغان « تۇرانىيە مەكتىپى»، « سايرامىيە مەكتىپى»، 1916- يىلى قۇرۇلغان « ئەلا باي قورا مەكتىپى»، « ئايخان مەكتىپى» قاتارلىقلار ئىلى رايونىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس سالدى.
) b' f( f! x0 [6 G: r   1905- يىلى يەركەندە قۇرۇلغان « مەتلەئى ئىرپان مەكتىپى»، 1910- يىلى كۇچادا قۇرۇلغان « نىزام ھامىدىيە مەكتىپى» گۇچۇڭدا قۇرۇلغان « گۈلشەن مەكتىپى»، تۇرپاندا قۇرلغان «گۈللەندامىيە مەكتىپى»، چۆچەكتە قۇرۇلغان « مەقسۇدىيە مەكتىپى» قاتارلىق يېڭى مەكتەپلەر ئېكساق مائارىپى چاچقان مەرىپەت ئۇرقىنىڭ تۇنجى مېۋىلىرىدۇر.) ?* F" ]9 y4 a5 n$ H) \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
$ p" ?$ G% q) T% w* Z$ e& Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئاتاقلىق پېداگوگىك مەمتېلى ئەپەندى 1934- يىلى ئاستىن ئاتۇشتا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ ھەرىكەت ئاتۇش، قەشقەر تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ تارىخىدىمۇ يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.  y4 _1 B" X2 R& \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئازادلىقتىن كېيىن ئاتۇش مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى سىياسى، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەرلەدىن تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. كومپارتىيىمىز مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر قاتار فاڭجىن( نىشان)، سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ بېرىپ، مىللىي مائارىپىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا كەڭ ئىمكانىيەت يارتىپ بەردى. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، تەجرىبە سايمانلىرى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىپ ياكى تولۇقلاپ بېرىپ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى بىر قەدەر ياخشىلاپ بەردى. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن زور بىر تۈركۈم ئالىي مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، مىللىي مائارىپنىڭ راۋاجى ئۈچۈن  خېىلى پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ( دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى) كۆپ قېتىم مائارىپ خىزمەت يىغىنلىرى ئېچىپ، مائارىپ تەرەققىيات پىلان-پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدغان، پۈتكۈل جەمىئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. ئېكساق مائارىپىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ۋە پارتىيە، ھۈكۈمەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش نەتىجىىسدە، ئاتۇشنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئالدى بىلەن راۋاجلاندى، باشقا ساھالەرگە نىسبەتەن تېز راۋاجلىنىپ، ھەرساھە، ھەر كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى. 1994- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاتۇش شەھىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپ مەكتەپ 100 گە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى 2712 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىسى 35 مى 316 نەپەرگە يېتىپ، ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %13.9، %19.4، %6.8 ئاشتى. ئۇقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %98 كە، مۇستەھكەملىنىشى %97.9 كە، چوڭلارنىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۆگىتىش نىسبىتى %99.08 كە يېتىپ، 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەرپىدىن لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتكۈزۋېلىندى. ئېكساق كەتنى 1957- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرپىدىن ساۋاتسىزلىقنى تۈگەتكەن كەنت بولۇپ ئۆتكۈزۋېلىندى. شەھەر بويىچە ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى نىسبەتەن خىل، مەكتەپ شارائىتى خېلى ياخشى بولغاچقا، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، پۈتكۈل جەمىئيەتنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ياخشى بولغاچقا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى قوشنا ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە  نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ھەر يىلى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ كەلدى. 1977- يىلىدن 1994- يىلىغىچە ئاتۇش شەھىرىدىن 7000 نەپەردىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇپ، بەزىلىرى سياسىيون، بەزىلىرى ئالىم، پروفېسسۇر، تەتقىقاتچى، ئىنژېنېر، ئىقتىسادشۇناس ۋە دوختۇر، يەنە بەزىلىرى يازغۇچى-شائىر، سەنئەتكار، مۇخبىر قاتارلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزلىرنىڭ تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشنى ۋە قوشماقتا. بىر قىسىملىرى چەتئەللەردە ئوقۇپ، چەتئەللىكلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
1 l1 U. C' p: \/ ~6 I$ f  s   ئاتۇش خېلى بالدۇرلا بىر تۈركۈم سىياسى ئەربابلار يېتىشىپ چىقىپ، مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا شۇنڭدەك ھەرقايسى نازارەت، كومىتېت، ئىدارە، ئىشخانىلىرىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىدى ۋە ئۆتەۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قسىم ۋىلايەت، ئاپتونوم ئوبلاست،  ناھىيە، شەھەرلىرىدىمۇ تۈرلۈك رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىدۇ. ئالايلۇق 1915-2003-يىللارغىچە) سەيپىدىن ئەزىزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيە، ھۈكۈمەت، ئارمىيىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۇزاق مۇددەت ئۈستىگە ئالدى ھەم 30 يىلدىن ئارتۇق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى، بىرقانچە يىل بۇيان مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە ئۇزاق ۋاقىت مەركىزى كومىتېت ئەزاسى ۋە بىر مەزگىل مەركىزى كومىتېت سىياسى بىيروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا تەۋەككۈل تىلىۋالدى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىمەكتە. مەمتىمىن ئىمىنوف، قاسىمجان قەمبىرى، ئەزىزوپ قاسىم، قۇربان روزى، ئىبراھىم تۇرىدى، مۇھەممەد سېيىت، ئابباس بورھان، مۇھەممەد سالىھ، يولداش يۈسۈپ، ھاجىيوپ، مۇسا روزى، ھامۇت باقى، پەيزۇللا ئىمىنوۋ، ئىسمائىل خاتىپ، ئەمەت موللا، ۋارسجان تۇردى، مۇھەممەد نۇر، باھاۋۇدۇن قادىر، ياسن خاتىپ، مامۇتجان مۇھەممەد، ئابدۇرېھىم قاسىم، بەختى روزى، ئابلىز قارى، ئەسەت ھاجىيوۋ، ئۆمەرجان كامال قاتارلىقلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى نازارەت، ئىدارە، ئىشخانا، كومىتېتلىرى ۋە كەسىپي ئورۇنلىرىدا نازارەت دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىدى ۋە ئۆتىمەكتە. مۇھەممەد ئىمىن بورتالا مۇڭغول ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن. سىدىق ھاجى، تاھىر مەمتېلى، مۇھەممەد تۇرسۇن ھاجىم، ئابلىز نىياز، ئابلەت زوردۇن، ئابدۇقېيۇم تاھىر، سېتىۋالدى مامۇت، ھىدايەت سايىت، ئابلىز ھاشىم، مۇھەممەد نۇر،  مۇھەممەد مۇسا، ئامىنە ئابدۇراخمانلار ئوبلاستىمىزنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىدە مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقىدىن يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى ۋە ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتۇش يېتىشتۈرگەن ئىختساسلىق خادىملار ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلىرىدە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.; H7 c: M% r# `9 Y1 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئاتۇشتىن يېتىشىپ چىققان زىيالىلار ئىچىدە مائارىپ سېپىدە ئىشلىگەنلەر ۋە ئىشلەۋاتقانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش ئۈچۈن روز تۆھپىلەرنى قوشماقتا. ئاتۇشتىن يېتىشىپ چىقىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مائارىپ سىپىدە ئىشلەۋاتقانلار تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئەزىزف، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن، ئابلا زۇنۇن، مەتمۇ سىدىق، ئابلەت مۇسا، ساۋۇت موللاخۇن، چوڭ ھاقى، تۇرسۇن ھاپىز، مىجىت خۇدابەردى، مىجىت باھاۋۇدۇن، نىجات ئەخمەتجان، سوپۇر سەئىدى، غېنى ھاجى، ئەمەت يۈسۈپ، جېلىل ئىمىن، تۇرسۇن ئەمەت، ئىمىر ھەسەن ماللاق، ئابدۇراخمان  ئەمەت، ھېبىبىللار زەيدىن، تۇرسۇن سائادەت، خەيرۇللا قۇربان، ئىمىنجان تۇرسۇن، ئىمىن ھوشۇر، ئابدۇراززاق ھاپىز، ئابدۇقېيۇم ئىسمائىل،  سېلىم توخسۇن، ئابدۇرېھىم شاۋۇدۇن، ئابدۇقېيۇم مۇھەممەد، ياسىن زەيدىن، ئابلا سىدىق، توختى قادىر، ھالاۋۇدۇن شاۋۇدۇن، مامۇت كەنجى، خېلىل ئىبراھىم، ئابدۇرېھىم توختى، ئۆمەر تۇردى، ئابىت ئىمىن، ھېسامىدىن مامۇت، ئابدۇقادىر يۈسۈپ، ئابلىز تىلىۋالدى، ئابدۇراخمان سابىت، تۇردى ئابلار، ئىسمائىل زۇنۇن،  ھەسەن سابىت، مۇسا روزى، ئابلىكىم ساۋۇت، ئابلەت مۇھەممەد، ئابلىكىم ئابلىمىت، ھاجى ھوشۇر، مەمتىمىن ئىسمائىل، ئابلىز نىياز، ئىمىنجان ھۈسەن، ئىسمائىل  ھاجى، رابىيە زىياۋۇدۇن، بېلىقىز قۇربان، پاتىگۈل ئۇلۇغ، زەينەپ ئىسمائىل، سوپورا ھالاۋۇدۇن، مەمتىمىن شاۋۇدۇن، ئىلھامجان پەخىردىن، مەريەم سىدىق، شاۋۇدۇن، ئايىمنىسا ئابلا، ئايشەم ئوبۇلھەسەن، نەسرۇللا ئېلى مۇھەممەد ھاجى، ھاجى سابىر، ئابەت ھاجى ئاخۇن قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇر.
, z- [* s0 m% k  \2 o& }% b   دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، شۇ، ئېلېكتىر،پەن-تېخنىكا، يېزا-بازار كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھالەردە زور بىر تۈركۈم ئاتۇشلۇق مۇتەخەسىسىسلەر يېتىشىپ چىقىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، يېز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىك پەن- تەتقىقاتى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشماقتا. ئاتۇش مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت، قاتناش، پوچتا تېلېگراف، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، سودا-سانائەت، تاشقى سودا، تەمىنات سودا، سىياسى قانۇن قاتارلىق ساھالەرگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەي قالمىدى، ئاتۇشتىن يېتىشىپ چىققان زىياليلاردىن بۇ ساھالەردە ئىشلەۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس., q5 l- y' K! u( P3 @( ?0 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئاتۇش مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئاتۇش شەھىرىنىڭ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت، سەھىيە- ساقلىقنى ساقلاش، تەنتەربىيە، ئاخبارات-نەشىرىيات، قاتارلىق ساھالەرنىڭ بالدۇر ۋە زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى. ئابدۇراخمان شائىر، سېيىت ئاتۇش، ئابلىمىت ھاجى، مۇھەممەد ناپىر، قۇربان بارات، ئارىسلان، توختاجى روزى، سىدىقھاجى روزى، مۇتىئىللا ئىبراھىم، سەلەي قاسىم، نەسرۇللا ئابلەت، ياسىنجان ئۆلمەت، زۇلپىقار قاتارلىق يازغۇچى، شائىرلار؛ ھاجى راخمان، قۇربان ئىبراھىم، رەجەپ تاجى، زۇنۇن سىدىق، ھەسەن پارس، ئابلىز شاھ قاسىم، مىرەخمەت سېيىت، رەيھان ئابلىز، نۇسرەت، تۇنسايىم توختى، ئىبراھىم پەخىردىن، كۆرەش رەجەپ، ئابلەت مىسلىم، ياسىن زەيدىن، داموللا، ئابلىمىت توختى،ئىنايىتللا قۇربان، زەينۇللا بۇرھان، ھەنىپە ئىسمائىل، زەينىسا ئابلەت، نۇرنىسا ئىسمائىل، ئوسمان ئابدۇۋاھىت، ئابدۇشۈكۈر قادىر، مۇھەممەد ئىمىن قاتارلىق كومپوزىتور، مۇزىكانت ۋە ناخشا-ئۇسسۇل چولپانلىرى؛ سامساق توختى، رەھمۇتىللا، نۇرمۇھەممەد ئابدۇسېلىم، غوپۇر ئىمىن، ئابدۇرۇپ ئەھمىدى، ئەمرۇللا تۇرسۇن روزى، ئىسھاق ئەھمەتجان، ئابدۇرېھىم، ھۆرىيەت، تۇرسۇنجان تۇردى، ئابلەي ھاجى، مىجىت ئابدۇللا قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن دوختۇرلار؛ سىدىق ھاجى، ئارىپ پالۋان، پازىل مىراشىمغا ئوخشاش مەملىكەتلىك ئەمگەك قەھرىمانى، ئورمان نەمۇنچىلىرى، خىللاق پالۋان، ھەسەن يانباش، ئابلىز توخسۇن، ئابدۇقادىر ئېزىز، داموللا، ھاجى ئىبراھىم، ئېلى باتۇر، ۋايىت قادىر قاتارلىق مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا شۆھرەت قازانغان تەنھەرىكەتچىلەر؛ ئابدۇراخمان زورى، موللا رېھىم سوپى، ئابلەي، سادىق ھاجى، تۇرغۇن ئوبۇل، مۇھەممەد بارات،  تۇرغۇن سىدىق قاتارلىق ئاخباراتچىلار قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئاخبارات ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان ۋە قوشۇۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىق خادىملاردۇر.4 S. G# u0 R* P0 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   مائارىپ-ئادەم تەربىيىلەيدىغان قورال، ئادەم ئەمگەك كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مائارىپ ئىشلەپچىقىرش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئاساسەن ئەمگەكچىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئىشلەپچىقىرش قوراللىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا باغلىق. ئەمگەكچىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلشىدە يەنىلا مائارىپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مائارىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى مائارىپنىڭ تەرەققىي قىلىش پۈتكۈل ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
5 z4 J% F1 z* O- o- _& V* v   ئاتۇش مائارىپىنىڭ بالدۇر باشلىنىشى ۋە تېز تەرەققىي قىلىشى ئەسلىدىلا شارائىتى ناچار، مەدەنىيىتى قالاق، ئىقتىسادى نامرات بولغان ئاتۇشنىڭ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. قىزىلسۇ ئوبلاستى قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نەزەر سالىدىغان بولساق، چارۋا سانى 2.5 ھەسسە، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 4.4 ھەسسە، پاختا مەھسۇلاتى 80 ھەسسە، مايلىقدان مەھسۇلاتى 5.5 ھەسسە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كېىرىمى 10 نەچچە ھەسسە ئاشتى. يەرلىك سانائەت يۇقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كۆمۈر سانائىتى، سېمۇنت سانائىتى، ئوت ئېلېكتىر ئىستانسى، مىس كان ۋە مىس ئېرتىش سانائىتى، تۇزغا ئىش قوشۇش ۋە مېۋىگە ئىش قوشۇش سانائىتى تېز تەرەققىي قىلدى. 40 يىلدىن بۇيان سانائەت كارخانلىرى تۆت ھەسسە، مەھسۇلات قىممىتى 21 ھەسسە ئاشتى. ئوبلاست بويىچە سودا بازىرى 25 كە يېتىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەر 7000 ئائىلىگە، تىجارەت بىلەن شۇغوللىنىدىغان كىشى 12 مىڭغا يەتتى. ئاتۇش سانائەت ماللىرى بازىرى مەملىكەت بويىچە تەسىرگە ئىگە بازىرى بولۇپ قالدى.+ W  W* ^2 Z, u4 E1 z/ Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائىي ئىشلارنىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئوبلاست بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى 924 كە، پارتىيە ئەزالىرى 14 مىڭ 400 نەپەرگە يەتتى. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى 12 مىڭ 500 نەپەردىن ئېشىپ، ئومۇمىي كادىرلار سانىنىڭ %76.4 نى ئىگىلىدى. بۇ 1954- يىلىدىكىدىن 20.3 ھەسسە ئارتۇق. ئوبلاست بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ 281 گە يېتىپ، 4.8 ھەسسە، ئوقۇغۇچىلار 80 مىڭدىن ئېشىپ، 31.3 ھەسسە كۆپەيدى. ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %97.75 كە، مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %97.7 كە يەتتى. ئوبلاست بويىچە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 350 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. ھازىرقى پەن-تېخنىكا خادىملىرى 40 يىلدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا 50 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئومۇمىي پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ %74 نى ئىگىلىدى. 40 يىلدىن بىرى 400 تۈردىن ئارتۇق پەن-تەتقىقات نەتىجىسى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 250 دىن ئارتۇق مۇھىم پەن تەتقىقات تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدىن 231 تۈرى ئوبلاست دەرىجىلىك، 14 تۈر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ئىككى تۈر دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 40 يىلدىن بۇيان ئوبلاست بويىچە سەھىيە داۋالاش ئورۇنلىرى 7.8 ھەسسە، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى 24 ھەسسە كۆپەيدى. تەنتەربىيە تۈرلىرىدە جەمئىي 110 ئالتۇن مېدال، 130 دىن كۆپرەك كۆمۈش مېدال، 120 دىن كۆپرەك مىس مېدالغا ئېرشىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ تەنتەربىيە تۈرلىرىدىكى ئۈستۈنلىكى نامايەن قىلىندى. رادىيو-تېلېۋىزىيىنىڭ قاپلىنىشى نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80 كە، %85 كە، سۈنئىي ھەمراھدىن قوبۇل قىلىش يەر يۈزى پونكىتى 21 گە يەتتى. ئوبلاستىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، ئاخبارات-نەشىرىيات ئىشلىرىدىمۇ زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى.
" O; ^- U' e9 L) y7 q
3 t. q4 p) g3 [; k( c6 u5 ]
$ I' U( p7 e, F& S6 U) s+ F" fhttp://www.izchilar.com.cn/thread-22-1-1.html) G/ q! s5 H, _' Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-15 18:51:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- }& X3 E& o; s, f1 ? خوجىنىياز ھاجىم 1889- يىلى قۇمۇلدا قۇل دورغا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،دادىسى ئىمىننىياز ئۇنى قۇللۇقتىن
7 D, y: ]; ]' Q8 M8 B& U قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن 17 يىشىدا ساۋۇراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئويلەپ قويىدۇ ،1907-يىلى ئالۋاڭغا ئىشلەپ قايتىشىدا 20 نەپەر گەنسۇ چىرىكلىرىگە تۇتۇلۇپ بىر ئاي ھاشارغا ئشلەيدۇ .بۇ چاغدا تورپاقلار قوزغىلىڭى نىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قىچىپقورايغا بارىدۇ .ۋەئاممىغا قوشۇلۇپ ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ ،قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرى قاتارىغا ئۆتىدۇ .قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ۋاڭ ئۇنى تۇتالماي دادىسىنى زىندانغا تاشلايدۇ ،ھاجىم ئانىسىنىڭ يەردىمىدو ھەج سەپىرىگە كىتىدۇ .1912-يىلى قايتىپ كىلىدۇ ،
4 V$ A) h, s1 {) x" q8 @: E+ }) a............ 1912-يىلى شاھ مەخسۇت ۋاڭ تۆمۇر خەلپە قاتارلىق خەتەرلىك دېگەن ئادملەرنى چىرىكلىككە ئىلىپ ئۇرۇمچىگە پالايدۇ ،ئۇلار يولدا تۆمۇر خەلپە باشچىلىقىدا قوزغۇلاڭ كۆتۇرۇپ قۇمۇلغا قايتىدۇ ، ھاجىم دەل مۇشۇ چاغدا قايىتقان بولۇپ قوشۇنغا قوشۇلۇپ پىدائى بولىدۇ ،قوزغىلاڭ سۇلھى بىلەن تىنىچلانغاندىن كىيىن ھاجىم يۇرتىغا قايتىپ تاغدىكى قوشۇنلارغا باش بولۇپ بىر مەزگىل ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇ ،ۋاڭ بارلىق چارە ئاماللار بىلەن ھاجىمنى تۇتۇشقا كىرىشىدۇ .1913-يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۇنى تۆمۇر خەلىپە ئۆلتۇرۇلدۇ ،ھاجىم ئىسمىنى ئسھاق دەپ ئۆزگەرتىپ ئالتاي تەرەپكە كىتىدۇ ،ئۇ يەردىمۇ سىزىلىپ قىلىپ چلچەككە كقلىپ مامۇتباي دېگەن قازاقنىڭ ئوۋچىسى بولۇپ نۇرغۇن قۇرال ياراق توپلايدۇ.ۋاڭ ھاجىمنىڭ چۆچەكتە ئىكەنلىگىنى بىلىپ توخسۇنلۇق نىيازنى تۇتۇپ كىلىشكە ئەبەرتىدۇ ،ھاجىم بۇنىڭدىن خەۋەر تىپىپ روسسىيەگە كىتىدۇ .ۋە ئۇ يەردە ھەربىي تەلىمنى قەبۇل قىلىدۇ ،1923-يىلى ئىلىغا قايتىپ كىلىدۇ ،بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۇرۇمچىگە قايتىدۇ ،1927-يىلى مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇمۇل تۇرپانلاردا قوزغىلاڭ كۆتۇرۇشنى پىلانلايدۇ ،....نۇرغۇن ئوزگۇرۇشلەردىن كىيىن قۇمۇلدا ھاجىمنىڭ ساۋاقدىشى بېشىر ۋاڭ ئۇنى ئوردىغا ئەكىلىۋالىدۇ ،بېشەر ۋاڭ جىن شۇرىننىڭ ئولكىگە بويسۇنۇش تەكلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ھاجىمغا ئەسكەر مەشىقلەندۇرۇش ۋەزىپىسىنى بىرىدۇ ،1931-يىلى پىلانبويىچە قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ ئاراتۇرۇكنى ئىشخال قىلىدۇ ...." i% V5 B: z% uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.......1931-يىلى جىن شۇرىننىڭ ئارا تۇرۇك باج ئدارىسىدىكى تۇققىنى جاڭگۇخۇا قۇرال كۇچىگە تايىنىپ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن مەجبۇرى توي قىلىدۇ ،غەزەپلەنگەن ئامما تەي كۇنى پىلانلىق ھالدا قوزغۇلاڭ كەتۇرىدۇ ۋە تىزلا ئارا تۇرۇكنى ئىشغال قىلىدۇ ،شۇ يىلى 2-ئايدا جىن شۇرىن قۇمۇل گارنىزونى ئارقىلىق يولۋاس باشچىلىقىدا باستۇرما قوشۇن ئىبەرتىدۇ ،ھاجىملار ئۇلارنى تىرە -پىرەڭ قىلىۋىتىدۇ ،بىر نەچچە قىتىم چىقىرىلغان قوشۇنلار قوزغۇلاڭچىلار تەرىپىدىن كۇچلۇك زەربە يەيدۇ ،دەل شۇ چاغدا گەنسۇ ،چىڭخەيدە مابۇفاڭدىن قېچىپ يۇرگەن ماجوڭيىڭ 200دەك ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن قۇمۇلغا كىلىدۇ ،ۋە ھاجىملارغا قوشۇلۇپ جەڭ قىلىدۇ ...... ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەن جىن شۇرىن شىڭ شىسەينى قۇماندان قىلىپ بىر باتالىيون ئەسكەر بىلەن قۇمۇلغا ئىبەرتىدۇ ،3 كۇنلۇك جەڭدىن كىيىن ماجۇڭيىڭ گەنسۇغا چىكىنىدۇ ،ھاجىم ئادەملىرىنى باشلاپ تاراتۇغا كىتىدۇ . شىڭ شىسەي ھاجىمنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىدۇ ،سۇلھى دە كىلىشەلمەي تاراتۇدا جەڭ قىلىپ 100 دىن ئارتۇق چىرىكنى ئۆلتۇردۇ، بۇنى كۆرگەن شىڭ شىسەي تىكىۋېتىدۇ. 1931-يىلى ھاجىم ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سىلىپ مۇڭغۇلىيە چىگرىسىغا مىنگاڭ دېگەن يەرگە كىلىپ موڭغۇل ھۆكۇمىتى بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇدۇ ،ھەم ئۆز-ئارا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدە قۇرال ياراق ۋە ھەربىي كىيىم -كىچەك سىتىۋالىدۇ،ئۆزقىسىملىرىدىن ئادەم تاللاپ شوپۇرلۇق ،ھەربىي قۇرال -ياراق تىخنىكىسى ،دوختۇرلۇق ،ھەربىي ئالاقە تىخنىكىسى ،ھەربىي قانۇن ،رازۋېت قاتارلىق ساھەلەرگە ئوقۇشقا ئىبەرتىدۇ ،قالغان قىسىملارنى داۋاملىق مەشىقلەندۇردۇ ،يىرىم يىلدىن كىيىن يۇرتى تاراتۇ غا كىلىدۇ ،1932-يىلى 6- ئايدا قۇرۇلتاي ئىچىلىپ ھاجىم قوزغىلاڭچىلارغا باش قۇماندان بولۇپ سايلىنىدۇ .مۇڭغۇلىيىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي تەييارلىقلار تاماملىنىدۇ .1932-يىلى پىچان ئۇرۇشى ،1933-يىلى توخسۇن ئۇرۇشى پارىتلايدۇ ،ھاجىم تۇرپان لۇكچۇنگە كىلىپ شىڭ شىسەينىڭ ئاق ئورۇس چىرىكلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ ئلگەىرلەپ جىمىسارغا كەلگەندە 2- قىتىم شىنجاڭغا چىققان ماجوڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن تىركىشىپ قالىدۇ ،1933-يىلى 6-ئايلاردا سۆۋېتلەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ كىلىۋاتقان ھاجىم سۆۋېتنىڭ ئۇرۇمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن شىڭ شىسەي بىلەن دوستلۇق كىلىشىمى تۇزىدۇ ،بۇ ۋاقىت شىڭ شىسەي ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگەلىۋالغان ،سۆۋېتلەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان چاغ ئىدى .......( i& T2 b1 w" d& C3 e. e  F% b, dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇ ئىشلاردىن كىيىن ،ھاجىم قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ ،ئۇششەقتالدا ئالدىنى توسقان ما شىمىن قىسىملىرىنى تىرە -پىرەڭ قىلىپ ،ئاقسۇغا يىتىپ كىلىدۇ ." B2 }5 t. T0 `) H" Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھاجىم ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىلىدە خەلىق يىغىنى ئىچىپ ،پەن -مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ،مەكتەپ ئېچىش ھەققىدە نۇتۇق سوزلەيدۇ ،بۇنىڭ تەسىرىدە پۇتۇن شىنجاڭدا مىللى مائارىپ يولغا قويۇلۇپ ،شەھەر ،يېزا ،قىشلاقلاردا ،كەنىتلەردىمۇ مەكتەپ سىلىش باشلىنىپ كىتىدۇ ، 1934-يىلدىن 1944-يىلغىچە شىنجاڭدا قۇرۇلغان مەكتەپلەرنىڭ نۇرغۇنى ھاجىمنىڭ تەشەببۇسىنىڭ مەسھۇلى ئىدى .ئاقىدىن ھاجىم قەشقەر ،يەكەنلەردا نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلىپ ،ئاقسۇغا قايتىپ گارنىزۇن قۇماندانى بۇلۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئۆلكە رەئىسى بولغانلىق ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ،لىكىن ھاجىم بارغىلى ئۇنىمايدۇ ،بۇ چاغدا سۆۋېتلەر ئارىغا چۇشۇپ كىپىل بولۇپ ئۇچ خىل يىزىقتا توختام تۇزۇپ 1934-يىلى 8- ئايدا ھاجىمنى ئۇرۇمچىگە ئەكىلىدۇ ، < ئەسكەرسىز قۇماندان ،ھۆقوقسىز ئەمەلدار >بولۇپ قالغان ھاجىم ئاخىرى <ياپون جاھانگەرلىكىنىڭ قۇيرۇقى> دېگەن تۆھمەت بىلەن 1937- يىلى 10- ئايدا قۇلغا ئىلىنىپ سوراق قىلىنىدۇ 1938-يىلى كۈزدە ھاجىم باشلىق 108 سەركەردىلەر شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئولتۇرلۇپ ،سايۇپو نىڭ غەربىدىكى تاققا كۆمۇلىدۇ .
& ~* R9 \: V1 W1 z/ Sمەنبە: قومۇلدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر.
% U3 H0 |' m$ _6 V8 o" Y/ b% k$ O& Wئادرىس :http://www.baxtax.cn/oqutush/meshhurlar/7591.html)! }- |& k6 s* oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-23 09:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-23 09:53  ) `, |# `2 ^6 o7 U- Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

7 ], K# b- J. g   موغۇلىستان خانلىقى
" t+ v( g& O% ]7 b4 ]بۇ مىلادىيە 1348- يىلى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن ئۇيغۇرلاشقان تۇغلۇق تۆمۈرخان تەرپىدىن قۇرۇلغان خانلىق بولۇپ ،ھازىرقى قورغاسقا تەۋە ئالمالىق شەھىرىنى پايتەخىت قىلغان ھالدا شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن بالقاش كۆلىگىچە ، غەرىپتە فەرغانە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزى ، جەنۇپتا قاراقۇرۇم ، شەرىقتە قۇمۇلنىڭ شەرقىغىچە بولغان جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ مىلادىيە 1514- يىلىغىچە دەۋىر سۈرگەن . كىيىن نۇرغۇن نىزالار بىلەن پارچىلانغان ئورنىغا پۈتۈن سۈرۈك ئۇيغۇر خانلىقى بولغان بۈيۈك سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغان ( R' B4 r( w$ m+ mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1- تۇغلۇق تېمۇرخان , M2 o) D7 G7 m6 u1 ^& X! ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇغلۇق تېمۇرخان چاغاتاي خانلىرىنىڭ ئاخىرقى خانى ئىمىل غوجىنىڭ ئوغلى بولۇپ .  مىلادىيە 1348- يىلىدىن 1363- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . چاغاتاي خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن ، دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئەمىر بولاجى جەنۇبى تەڭرىتاغ رايۇنىدىكى چاغاتاي ۋە دوغلات ئەمىرلىرىنى كىڭەشكە چاقىرىپ چاغاتاي ئەۋلادىدىن بىرەركىشىنى خانلىق تەختىگە چىقىرىشنى قارار قىلغان . دەرۋەقە ئەمىر بولاجىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ، مىلادىيە 1348- يىلى تۇغلۇق تېمۇرخان ئاقسۇدا خانلىق تەختىگە چىققان . شۇنىڭدىن ئىتىبارەن چاغاتاي خانلىقى « موغۇلىستان خانلىقى » دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان . تۇغلۇق تېمۇرخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ، ئالدى بىلەن ئۆزىنى خانلىق تەختىگە چىقارغان دوغلات جەمەتىگە چەكسىز ھوقوق ئىمتىيازلارنى بىرىپ ، .ھەربى ، مەمۇرى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمىر بولاجىنىڭ مۇدداسى بويىنچە بىر تەرەپ قىلغان ، شۇڭا تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ تەخىتكە چىقىشى بىلەن ، دوغلات قەبىلىسىنىڭ تەسىر كۈچى مىسلىسىز دەرەجىدە زورايغان . لىكىن كىيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە تۇغلۇق تېمۇرخان دوغلات جەمەتىنىڭ قولىدا قورچاق خان بولۇپ تۇرىۋىرىشنى خالىماي ، دوغلات قەبىلىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلىتىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ھالدا تۆۋەندىكىدەك چارە تەدبىرلەرنى يولغا قويغان :
- Z$ x5 x; x$ \- M- V     بىرىنجى،ئەينى چاغدا ئىسلام دىنى ماڭلاي سۆيەر رايونىدىكى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە دىن ئىدى. شۇڭا، تۇغلۇق تېمۇرخان بۇ رايۇندىكى ئاھالىلەرنىڭ(جۈملىدىن ،دىنى ساھەنىڭ)قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 24 يېشىدا مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان. ھەمدە ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى ئاشكارا ھالدا ئومۇملاشتۇرغان. بۇنداق ئەھۋالدا ، دوغلات جەمەتى مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ ،ئۆزلىرىنىڭ خېلى بۇرۇندىنلا ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان. شۇنداق قىلىپ ، دوغلات جەمەتى موغۇلىستان خانلىقىدا ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگەن جەمەت بولۇپ قالغان ھەمدە تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئىسلامىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قوللىغان. بۇنىڭ بىلەن ،ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 160مىڭ كىشى ئۇزۇن چاچلىرىنى كېسىۋېتىپ ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئىسلام دىنى موغۇلىستان خانلىقى تېرىتورىيەسىدە ئومۇم يۈزلۈك تارقىلىشقا باشلىغان.
" b) ~4 a. Z( `1 p" b: e- Y    ئىككىنجى، تۇغلۇق تېمۇرخان ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە موغۇلىستان خانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ،1360-يىلىدىن باشلاپ ماۋرائۇننەھر رايونىغا قارتا بىر قاتار ھەربىي يۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇرۇش 1362-يىلىغىچە داۋاملىشىپ ، ئاخىر ماۋرائۇننەھر رايۇنىنىڭ تولۇق بويسۇندۇۇرلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. تۇغلۇق تېمۇرخان ماۋرائۇننەھر ئۇرشىدىن كېيىن بۇ رايۇن ۋەزىيىتىنىڭ تۇراقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجىنى بۇ رايۇننىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەپ سەمەرقەندتە تۇرغان ھەمدە بارلاس قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئەمىر تېمۇرنى ئۇنىڭغا ئاتابەگ قىلىپ تەيىنلىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن،تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئەمرى شەرقتە قارا شەھەردىن غەرپتە بۇخاراغىچە ، شىمالدا بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىن جەنۇپتا تا ھېندىقۇش تاغلىرىغىچە يېتىدىغان بولغان.1363-يىلى تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن ،موغۇلىستان خانلىقى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىشكە باشلىغان .
1 x1 m8 U) x% d, s2- ئىلياس خوجىخان 2 o7 c9 D  L5 c% Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئىلياس خوجىخان تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇرخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايۇنىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ  كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .ئۇ 1363-يىلىدىن 1365- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. لېكىن، ئىلياس خوجىخاننىڭ قايتىپ كېتىشى بىلەن ،  ماۋرائۇننەھردىكى ئەمىرلەر توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، ئىلياس خوجىخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان .ئىلياس خوجىخان بۇ توپىلاڭنى باستۇرغان بولسىمۇ ، بىراق ئەسكەرلەر ئارسىغا ئېغىر كېزىك كېسىلى تارقالغاچقا، ئىلاجىسىز قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.1365- يىلىغا كەلگەندە، ئىلياس خوجىخان قەشقەردە توپىلاڭ قوزغاپ ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان قەمەرىددىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .مۇشۇ قېتىملىق پاجىئەدە قەمەرىددىن تۇغلۇق    تېمۇرخان جەمەتىدىن جەمئي 18 كىشىنى ئۆلتۈرگەن.
! V& f6 [6 {' R3- خىزىر خوجىخان
2 y) |5 c5 b" n' T# T1 E خىزىر خوجىخان تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ ، 1387- يىلىدىن 1405- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ 1365- يىلىدىكى قەمەرىددىننىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئاتا بەگ خۇدايداتنىڭ ئانىسى تەرپىدىن يۇشۇرنۇپ ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قالغان . شۇۋەقەدىن كىيىن ، موغۇلىستان خانلىقى تا 1379- يىلىغىچە قەمەرىددىننىڭ نىسپى ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان . قەمەرىددىن ئۆلگەندىن كىيىن ، ئاتابەگ خۇدايدات موغۇلىستان خانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، نەچچە رەت ئادەم ئەۋەتىپ خىزىر خوجىخاننى مىڭ تەسلىكتە تىپىپ كەلگەن ھەمدە 1387- يىلى ئۇنى ئالمالىق شەھىرىدە تەخـىتكە چىقارغان . خىزىر خوجىخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەخىتكە چىقارغان خۇدايداتقا 12 خىل ھوقوق ۋە ئىمتىياز بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خۇدايداتنىڭ كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك چارە-تەدبىرلەرنى يولغا قويغان :
' H, D* C, c" q8 h* i  [1 Lبىرىنجى خىزىر خوجىخان چەتتىن كىلىدىغان تەھتىتنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، تىېمۇرىلەر خانى ئەمىر تېمۇر بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ، 1389- يىلى ئۆز قىزى تەۋەككۇل خىنىمنى ئۇنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان . 1391- يىلىدىن باشلاپ شەرىقتىكى مىڭ سۇلالىسى بىلەن دوسلۇق ئورناتقان . بۇنىڭ بىلەن ،  خىزىرخوجىخان غەرىپب ۋە شەرىقتىن كىلىدىغان تەھتىدنىڭ  ئادىنى ئالغان .8 P3 D8 M2 e- S; a. a1 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئككىنجى ، خىزىرخوجىخان ئۆز زىمىنى تەۋەسىدىكى رەقىپلىرىنى تازلاش ئۈچۈن ، 1393- يىلى نۇرغۇن قوشۇن بىلەن ئىدىقۇت خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە قارا قۇچۇ شەھىرىگە بىسىپ كىرىپ ئىدىقۇتنى ئۆلتۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەش ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بىرىلگەن .: D  Z  O# ]& T8 v9 A7 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈچىنجى خىزىرخوجىخان ئىسلامدىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۇرپان ۋە قۇمۇل رايۇنلىرىغا قارتا كەڭ كۆلەملىك غازات ئۇرىشى ئېلىپ بېرىپ ، بۇ جايلارنى ئىسلاملاشتۇرغان ھەمدە بۇ رايۇنلارنى ئۈنۈملۇك باشقۇرۇش ئۈچۈن بىشبالىق ۋە قارا قۇچۇ شەھىرىنى خانلىقنىڭ قوشۇمچە پايىتەختى قىلىپ بىكىتكەن .
9 B: t% N; c' i. G/ S% [, V. Z* Iدىمەك ، خىزىرخوجىخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرلەردە يۇقىرقىدەك چارە- تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويلىلىشى بىلەن ، خانلىقتا بىرمەزگىل تىنىچ - خاتىرجەم ۋەزىيەت شەكىللىنگەن . بۇ ھال ئىجتىمائىي ئىقتىساتنىڭ يۈكسىلىشىنى پايدىلىق ئامىللار بىلەن تەمىنلىگەن . 1405- يىلى خىزىرخوجىخان كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .
$ N) j* V+ }8 Z6 f2 n) q: p7 w4- شەمسىي جاھان
4 Q  K" S9 F) S# I2 p6 |7 s6 @ شەمسىي جان خىزىرخوجىخاننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405- يىلىدىن 1048- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . شەمسىي جاھان ئۆز ھۆكۈرانلىقى دەۋرىدە مىڭ سۇلالىسىگە كۆپ قىتىم ئەلچى ئەۋەتىپ ، ھەرخىل ئېسىل بويۇملارنى ھەدىيە قىلغان . مىڭ سۇلالىسىمۇ بۇننىڭغا مۇناسىپ جاۋاپلارنى قايتۇغان . شەمسىي جاھان 1408- يىلى ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولغان .3 S' F5 ^4 F, z# z' _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5- مۇھەممەدخان ) i9 w) w2 H7 H$ G# ]" tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇھەممەدخان شەمسىي جاھاننىڭ ئىنىسى بولۇپ . ئۇ 1408- يىلىدىن 1415- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . مۇھەممەدخان تەقۋادار ئىسلام مۇرتى بولغاچقا ، تەختكە چىقىشى بىلەنلا ئىسلامدىنىنى ناھايىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۇلغا قويغان . بۇ ھال ئىسلام دىنىنىڭ يەنىمۇ ئوموملىشىشى ئۈچۈن بەزى شەرىت - شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرگەن . 1415- يىلى مۇھەممەدخان ئۆز ئەجىلى بىلەن چاپات بولغان .+ y$ W6 H% p/ r+ e( {6 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6- شىر مۇھەممەدخان; r; U# C+ ]: s) bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  شىر مۇھەممەدخان مۇھەممەدخاننىڭ ئىنىسى بولۇپ . 1415- يىلدىن 1418-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . لىكىن ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كىيىن خىزىرخوجىخاننىڭ نەۋرىسى مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى ئۇۋەيسخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .+ h# H3 p* l% _/ h$ [* Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7- ئۇۋەيسخان4 U, z# o9 H6 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇۋەيسخان مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى بولۇپ . ئۇ 1418- يىلىدىن 1429-يىلىغىچە تەخىتتە ئوتۇرغان ئۇۋەيسخان ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى نۇرىددىننىڭ ياردىمى بىلەن شىر مۇھەممەدخاننى ئۆلتۈرۈپ موغۇلىستان تەختىگە چىققان . ئۇ تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقىملاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان :
/ p! e( N2 B" [8 l0 l# K+ Mبىرىنجى ، ئۇۋەيسخان يىغىلىق تۈپەيلىدىن خاراپ بولغان ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەتۈرۈش ئۈچۈن ، شۇ ئىشائات قۇرلۇشىنى ئىلىپ بىرىپ دىھقانچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان . مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇۋەيسخان تۇرپاندا قۇدۇق قازدۇرۇپ تىرىقچىلىق قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر يىللىق ئوزىقىنىمۇ شۇيول ئارقىلىق ھەل قىلغان .
+ {- i* k3 Q5 Lئىككىنجى ، ئۇۋەيسخان ئسلام دىنىنى تىخىمۇ ئومۇم لاشتۇرۇش ئۈچۈن ، يىڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ غەرىپكە كىڭەيگەن ئويرات مۇڭغۇلىرىغا قارتا نۇرغۇن قىتىم غازات ئۇرشى ئىلىپ بارغان . لىكىن ، ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇشلىرى ئاساسەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ  تەسىرنى كىڭەيتىشتە خىلى كۈچ سەرىپ قىلغان . " p9 G1 V# C; J) s; V" xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئومومەن ، ئۇۋەيسخان يۇقىرقى سىياسەتلىرى ئارقىلىق ، خانلىقتا بىرمەزگىل تىنىچ ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈگەن . بىراق بۇخىل ۋەزىيەت ئۇزۇن داۋاملاشمىغان . 1429- يىلىغا كەلگەندە ئەمىر تېمۇرنىڭ ئەۋلادى مىرزا ئۇلۇغ بەگ تەرپىدىن قوغلانغان ساتۇق سەمەرقەندتىن قوشۇن باشلاپ كىلىپ ، ئۇۋەيسخانغا قارشى ئۇرۇش قىلغان . ئۇرۇشتا ئۇۋەيسخان قول ئاستىدىكىلەر تەرپىدىن خاتا ھاقدا ئۆتۈرۈلگەن ھەمدە ئىلىغا ئىلىپ كىلىنىپ دەپنە قىلىنغان .
8 @( |# `) p/ x' n3 l5 {% [  I8 - ئېسان بۇغاخان / t1 |2 r# [( ^8 }' v" iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئېسانبۇغاخان ئۇۋەيسخاننىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ . بەزى مەنبەلەردە « ئېىسەن بۇقا سالىس » [ ئېىسەن بۇقاخان ئۈچىنجى ] دىگەن نام بىلەن ئاتالغان . ئىسانبۇغاخان 1429- يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى مەھمۇت شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان . ئۇ تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ئاكىسى يۈنۈسخاننى ئاستانىدىن قوغلاپ چىقارغان . مۇشۇ ئىشتىن كىيىن موغۇلىستان خانلىقى يەنە پارچىلىنىش كىرزىسىغا دۇچ كەلگەن . ئىسانبۇغاخان چىكىدىن ئاشقان زالىم ۋە مۇتەئەسسىپ خان بولغاچقا ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالغان . ھەتتا ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان ئەمىرلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشە توپىلاڭ كۆتۈرگەن . بۇنداق ئەھۋالدا ، يۇنۇسخان سەمەرقەند ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن موغۇلىستان خانلىقىنىڭ غەرىبى قىسىم رايۇنلىرىنى ئىگىلىۋاالغان ھەمدە بۇ جايلاردا ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان . دەرۋەقە ، ئېسانبۇغاخان ئاقسۇنىڭ شەرىقىدىكى رايۇنلاردىلا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالالىغان . ئۇ 1462- يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە ۋاپات بولغان .
/ e7 v" f9 c" V8 L$ |8 N 9- دوست مۇھەممەدخان " K; J" W" p7 b8 I+ F; ~( V3 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دوست مۇھەمەدخان ئېسانبۇغاخاننىڭ ئۇغلى . ئېسانبۇغاخان ئۆلگەندىن كىيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان پولۇپ . 1462- يىلىدىن 1469- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ تەخىتكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، دوغلات جەمەتىدىن سانىز مىرزىنىڭ ئوغلى مىرزا ئابابەكرى قەشقەردە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۆزىنى خان دەپ ئىلان قىلغان . بۇنىڭ بىلەن ، دوست مۇھەممەدخان ۋە تاشكەنتنى پايتەخىت قىلىپ تۇرىۋاتقان يۈنۈسخان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىن خەۋىپسىرەپ ، مىرزا ئابابەكرىگە قارشى نەچچە رەت ئۇرۇش ئىلىپ بارغان . لىكىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ كۈچى كۈندىن - كۈنگە زورىيىپ ، شەرىقتە ئاقسۇدىن غەرىپتە بەدەخشانغىچە ، شىمالدا فەرغانىدىن جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان رايۇنلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان . دەل مۇشۇنداق پەيىتتە ، دوست مۇھەممەدخان تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ ، ئۇنىڭ باشقۇرشىدىكى رايۇنلار مىزا ئابابەكرىنىڭ ئىغىر تەھتىدىگە ئۇچىرغان .
  }# [, Z1 [$ v6 j5 f7 F7 S10 - كىپەك سۇلتان 0 n& ^. z7 B: \/ Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىپەك سۇلتان دوست مۇھەممەدخاننىڭ ئۇغلى بولۇپ ، 1469- يىلىدىن 1472- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . لىكىن ئۇ تولىمۇ كىچىك بولغاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈرانلىقى رايۇنىدىكى جايلارنى تۇتۇپ تۇرالمىغان . ئەمەلىيەتتە پەقەت تۇرپان رايۇنى بىلەنلا چىكلىنىپ قالغان . 1472- يىلى يۈنۈسخان ئىككىنجى ئوغلى ئەھمەدخاننى ئەۋەتىپ ، كىپەك سۇلتاننى تەخىتتىن چۈشۇرگەن . * [7 d$ l+ h% Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
11 - ئەھمەدخان
2 `/ g9 Q7 j% a1 v1 r  s' B' g ئەھمەدخان يۈنۈسخانىڭ ئىككىنجى ئوغلى ، 1487- يىلى يۈنۈسخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنى سۇلتانى دەپ ئاتىغان . ئۇ تۇرپاننى پايتەخىت قىلىپ ، بىر تەرەپتىن خانلىق تەۋەسىرىكى بۆلۈنمە كۈچلەرنى قاتتىق بىسىقتۇرۇپ ، ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن . يەنە بىر تەرەپتىن ، خانلىققا كىلىدىغان تاشقى تەھتىدنى يوقىتىش ئۈچۈن ، ئويراتلارغا ئىككى قىتىم جازا يۈرۈش قىلىپ ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان . 1502- يىلى ئۇ ئاكىسى مەھمۇدخاننىڭ تەكلىبىگە ئاساسەن سەئىد باشلىق ئوغۇللىرى ۋە نۇرغۇن قوشۇنغا ئۆزى بىۋاستە قۇماندانلىق قىلىپ ماۋرائۇننەھرىگە ۈۇرۈش قىلغان ھەمدە ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ فەرغانىگە يىقىن ئەخشى دىگەن جايدا ئۆزبىك خانى مۇھەممەدشەيبانىخاننىڭ 30 مىڭ كىشلىك قوشۇنى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان . جەڭدە ئاكا - ئۇكا ئىككىسى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ ، شەيبانىخان تەرپىدىن ئەسىر ئىلىنغان . كىيىن ئۇلار شەيبانىخانغا زىمىن بۆلۈپ بىرىش بەدىلىگە ، ئەسىرلىكتىن ئازاد قىلىنغان . مۇشۇ ئىش يۈز بىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ،1504- يىلى ئەھمەدخان مەغلۇبىيەت دەردىگە چىدىماي ئاقسۇ شەھىرىدە ۋاپات بولغان . ئاكىسى مەھمۇدخان كىيىنچە جىيەنى سەئىد بىلەن زىتلىشىپ قىلىپ مەغلۇپ بولغان . ۋە 1508 - يىلى مۇھەممەدشەيبانىخاننىڭ قىشىغا قىچىپ بارغاندا ئۆلتۈرۈلگەن .
' ~6 A( I) o! U( D- t12 - مەنسۇرخان
; Y1 y+ ~" R. Y, |9 J مەنسۇرخان ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئەھمەدخان ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارتقاندا ، ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق خان قىلىپ  تەيىنلىگەن . ئەھمەدخان ۋە مەھمۇدخان ئاكا - ئۇكا ئىككىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، پۈتكۇل خانلىقنىڭ ئەڭ ئالى ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان . 1514 - يىلى مەنسۇرخاننىڭ ئىنىسى سەئىدنىڭ مىرزا ئابا بەكرىنى يوقىتىپ سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىقىشى بىلەن ، موغۇلىستان زىمىنىدا ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى مەيدەنغا كەلگەن . 1516 - يىلىغا كەلگەندە ، بۇ ئىككى خان ئەينى چاغدىكى مەشھۇر سوپى ئۆلىما خوجا تاجىددىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ،ئاقسۇنىڭ جام دىگەن يىزىسى ئارلىقىدىكى ئارابات دىگەن تۈزلەڭلىكتە كۆرۈشكەن . كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە ، ئىككى تەرەپنىڭ تىنىچ - ئىتىپاق ئۆتۈش ، بىر - بىرىگە يردەم بىرىش ، ئۆزئارا ئىقدىسادى مۇناسىۋەتلەردە بولۇش ، بىر - بىرىنى ئىتراپ قىلىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن ، جەمىيەتتە بىر مەزگىل ئەمىنلىك ھۆكۈم سۈرگەن ، لىكىن سۇلتان ئابدۇرىشىدخاننىڭ [ 1533- يىلى ] تەخىتكە چىقىشى بىلەن ، مەنسۇرخان ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغان . سۇلتان ئابدۇرىشىدخان قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، تاغىسىنىڭ بۇقىتىملىق ھۇجىمىنى چىكىندۈرگەن . 1538 - يىلى مەنسۇخان قايتا ئۇرۇش باشلىغاندا سۇلتان ئابدۇرىشىدخان تەرپىدىن يەنە بىر قىتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان . 1543 - يىلى مەنسۇرخان ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن .
. f0 s$ {8 [# Y+ t! i13 - شاھ سۇلتان 5 S, c( J* v) U; Y$ H0 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شاھ سۇلتان مەنسۇرخاننىڭ چوڭ ئوغلى ، 1543 - يىلىدىن 1565 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ غەرىپتە باي نايىسىدىن شەرىقتە چىيايۈگۈەن قوۋۇقىغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان . 1556 - يىلى ئويراتلارنىڭ بىرقىتىملىق ھۇجۇمىدا ئوق تىگىپ ئۆلگەن .
) m* m3 G  @/ A7 A14 - مەسئۇدخان 4 J- j! d& p) X" qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسئۇدخان شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ئاكا - ئىنىلىرى تەرپىدىن تەخىتكە چىقىرىلغان . 1565 - يىلىدىن 1570 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . لىكىن ، مەسئۇدخانىنڭ شاھ سۇلتان بىلەن بولغان نەسەبىي مۇناسىۋىتى ئىنىق ئەمەس . مەسئۇدخان ئاساسلىقى تۇرپان رايۇنىغىلا ھۆكۈمرانلىق قىلغان . 1570 - يىلى سەئىدىيە خانى ئابدۇلكەرىمخان قوشۇن ئەۋەتىپ ، تۇرپاننى ئىشخال قىلغان ھەمدە مەسئۇدخا ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد ئالىپ باتۇرنى يەكەنگە باغلاپ ئىلىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن ئتىبارەن ، شەرقى قىسىمدىكى رايۇنلار ئابدۇلكەرىمخاننىڭ باشقۇرشىغا ئۆتۈپ ، پۈتكۈل  ئۇيغۇرلار رايۇنى سەئىدىيە خانلىقى تەسەررۇپىغا ئۆتكەن .
) H4 S  t) P( v: G; b7 O9 pئومومەن قىلىپ ئېيىتقاندا ، موغۇلىستان خانلىقىدا جەمىي 14 خان تەخىتتە ئولتۇرغان بولۇپ ، بۇ خانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە خانلىقتا نۇرغۇن چوڭ - كىچىك تارىخى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن . شۇڭا بۇ خانلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ۋە نەسەپنامىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ، [ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار رايۇنىنىڭ ] بىر پۈتۈن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە . تامام .
4 \: F. u1 N+ p( E2 o* l  nمەنبە . غەربىي يۇرت تارىخىمىزدىكى خاقانلار ۋە باشقىلار  1 X2 V7 G6 {$ o  Q1 Q! H" ~) U( bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
http://www.ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2670
: }  a/ v- a/ ?# x. \9 L5 ?" F
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-1 13:16:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھبىكار مائارىپچى، مەرھۇم ئۇستاز ئەھەت ھەسەن6 z& Z. I) W0 m1 [* e5 ^0 |4 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

& r8 N& L1 `& H' U% Tقارتال بازىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان، ھارماس باغۋەن، پىشقەدەم مائارىپچى ئەھەت ھەسەن 1942-يىلى قەشقەر كونشەھەر نايىسى قورغان يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1963-يىلى قەشقەر پىداگۇكىكا ئالى تېخنۇكۇمى ماتىماتىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ئالى دەرجىلىك ئوقۇتقۇچى. 1970-يىلى قاراتال گوڭشې ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە شۇ مەكتەپتە ئىلمى مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى، 1988-يىلدىن 2003-يىلغىچە مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1980-يىلى    «ئىلغار سىنىپ مۇدىرى»بۇلۇپ باھالىنىپ، 1981-يىلى«مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ تەقدىرلەنگەن. يولداش ئەھەت ھەسەن باشچىلىقىدىكى مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە زىچ ئىتپاقلىشىپ خىزمەتلەرنى ئۈنۈملىك قانات يايدۇرۇشى ئارقىسىدا قاراتال ئوتتۇرا مەكتىپى 1994-يىلدىن بۇيان مەمۇريەتنى نىشانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىدە شەھەر بۇيىچە ئىزچىل ھالدا 1- ۋە 2- دەرجىلىك ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالىنىشتەك نەتىنجە يارىتىپ 1998-يىلى ۋە 2000-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە «تەنتەربىيە چېنىشقىشنىڭ دۆلەتلىك ئۆلچىمىنى يولغا قۇيۇش چارىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئىلغار كولىكتىپ» 1999-يىلى مەملىكەت بۇيىچە «تەنتەربىيە ساغلاملىق خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن» دىگەن شان شەرەپنى قولغا كەلتۈرگەن. يولداش ئەھەت ھەسەن ھايات ۋاقتىدا ئوزىنىڭ يېرىم ھاياتىنى  بازىرىمىز مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش، خەلىقنىڭ مەدىنيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئاتىغان. ئۇ يېزىلىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئىدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مۇنداق دىگەن: «گەرچە مەن قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ ھەممىسى قەشقەردە بولغان بولسىمۇ، 30 نەچچە يىللىق خىزمەت ھاياتىم قەلىب رىشتەمنى قاراتالغا باغلىدىم. مەن ئەزەلدىن يۇرتۇمغا ياكى شەھەرگە يۆتكىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم. مەن پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىنمۇ قاراتالدىن ئايرىلمايمەن». مەرھۇم ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۇ قاراتالدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل  ماكاندا چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ قالدى. چۇنكى ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەجىر مىھنىتى سىڭگەن بۇ ئوتلۇق تۇپراق،جاپا مۇشاقەتتە ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان ئاقكۆڭۈل جاپاكەش قاراتال خەلقىنىڭ مىھرى ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى  ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ مىھرىدىن ئۈستۈن كەلگەن ئىدى. بازىرىمىز مائارىپىدا كۈنسىرى خوشھاللىنارلىق نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بۇگۈنكى كۈندە بىز مەرھۇم ئەھەت ھەسەننى  چۇڭقۇر سېغىنىش بىلەن  ياد ئىتىمىز! مەرھۇمنىڭ تەۋپىقچە روھى بىزنى توختاۋسىز ئالغا ئۈندىگۈسى!0 C0 t9 k- N, c5 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-18 21:21

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش