|
; e* a$ g+ T5 X1 ~2 N7 h) x3 \ئاقسۇ مائارىپ ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي – ئايكۆل
! ]5 ]# c2 h1 E: U- I; I1 mئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد; W% G4 C" \6 d- u* `) i' B4 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 Z/ k* Y) `$ Z$ r4 [# e
* {- N) T+ Z% G( zمەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىسى ئادەمنى پىكىر
5 L. j o5 k0 x: I2 O0 @قىلىشقا ئۆگىتىشتۇر . – ت. ئېدىسۇن % q" N& a3 h+ ?- q4 J. w9 {+ q7 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئايكۆلنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشىنۈك
1 ?2 ~; d+ O# ]1 q3 D4 A
% t( W E$ {( R6 [* t1 xئەڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەتنى خەلق ئۆزى يارىتىدۇ . - ئا.مۇھەممەتئىمىن ) h0 `- s/ H/ I) N- Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 U% k, |# R& l8 B. Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاقسۇ تارىخى ناھايىتى ئۇزاق قەدىمىي يۇرت . ئارخىئولۇگىيلىك دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا ، بۇنىڭدىن 6 – 7 مىڭ يىللار ئىلگىرى يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىگە كىرگەن . بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرى ئەجداتلىرىمىز ئاقسۇ بوستانلىقىدا چارۋىچىلىق ، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنى ياراتقان ۋە شەھەر – قەلئەلەرنى بىنا قىلىپ شەرق بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان . ئۇ يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا ۋە قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىلەرگە باي سىرلىق تارىخىدا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ پەخىر ۋە ئىلھام بېغىشلايدىغان ئاجايىپ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن . ئەمگەكچان ، ئىجاتچان ئاقسۇ خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ ئالتۇن بۈشۈكىدە تىنىمسىز ھالدا قان – تەر ئاققۇزۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . دەۋردىن – دەۋرگە ياشاپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە دىگۈدەك پارلاق ئىزلارنى قالدۇرغان .
+ h9 }% H( B/ `6 M2 z, b بۈگۈنكى ئاقسۇ شەھىرىدىن ئاقسۇ – قەشقەر تاشيولى (تۆمۈريول )ىنى بويلاپ كۈن پېتىشقا قاراپ 60 چاقىرىم يول يۈرسەك « ئايكۆل بازىرى » دىگەن يۇرتقا كېلىمىز. ئايكۆل بازىرى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بۇلۇپ خەرىتىدىكى ئورنى شەرقى مېردىئان 10 80 -39 79 بىلەن شىمالىي پارالىل 11 41 ئارلىقىدا . ئايكۆل بازىرى شەرقتە ئاقسۇ كونا دەرياسى ، غەرپتە كەلپىن ناھىيسى ، جەنۇپتا ئاۋات ناھىيسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى ، شىمالدا ھېنگان تاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق ئۈچتۇرپان ناھىيسىنىڭ ئاقيار يېزىسى بىلەن چىگرىلىندۇ . شەرقتىن غەرپكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 94 كىلومىتىر، جەنۇپتىن شىمالغابولغان ئەڭ كەڭ يېرى 32 كىلومىتىر كېلىدۇ ، ئەڭ تار يېرى 18 كىلومىتىر كېلىدۇ .
; N' B) F& z: U0 Q4 m& Z, iتارىخى ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئايكۆل تارىخى ئۇزۇن قەدىمىي بازار بولۇپ ، مىلادى 1347- يىلى(ھىجىريە 747-يىلى) بۇ يەردە شەرقى چاغاتاي خانى تۇغلۇق تۈمۈرخان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ھەزرىتى مەۋلانە جالالىدىن كىتىكىنىڭ دالالىتىدە مۇسۇلمان بولغان . ئايكۆل (ئاقسۇ)خەلقلىرى قاراخانىيلار دەۋرىدىلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن بولۇپ، ئايكۆل مۇڭغۇللار ئىستىلاسى مەزگىلىدە ۋە سەئىدىيە خانلىقى زامانىدا مۇھىم ئىستىراتىگىيلىك ئورۇن بۇلۇپ قالغان ۋە نۇرغۇن ھەربىي ، سىياسىي ، دىنى ۋەقەلەرنىڭ سەھنىسگە ئايلانغان .1402 – يىلى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ، تەبىئىي ئاپەت ۋە يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇپ « ئەردەۋىل »( دىۋىلەر شەھىرى ) دەپ ئاتالغان ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆلدىكى مەشھۇر ئۆلىما مەۋلانا جالالىدىننىڭ ئوغلى ئوبۇلپەتتاھ غوجا باشچىلىقىدا سەرسان خەلقنى توپلاش ۋە ئايكۆل ۋە باشقا جايلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈش ئارقىلىق قايتىدىن بىنا قىلىنغان . 17- ئەسىردە ھىندىستاندىكى سوپىزىم ئىلاھىيەتشۇناسى، دىنى داھىي ھەزرىتى مۇجەددىد ئالف سانى رەببانى شەيخ ئەخمەت فەررۇخى سىر ھىندى (1564 - 1624) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تەسەۋۋۇپچىلىق مەزھىپى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇردا ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئايكۆلدە تارقىلىپ ، ھىندىستاندىن كىلىپ ئايكۆلدە ئولتۇراقلاشقان ئەلى ئاخۇن (تۇلۇق ئىسمى ھەزرىتى قۇتۇپ ئەلفىل ئۇسۇرى ۋەلىيول ئىشان مۇھەممەت ئەلى ئاخۇن شەيىخ رەھمىتۇللا ئەلەيھى ) ئىسىملىك دىن تارقاتقۇچىنىڭ مەدرىس سالدۇرۇپ دىن تارقىتىشى بىلەن بۇ مەزھەپنىڭ ئايكۆل سېستىمىسى شەكىللەنگەن .
9 |: C( W2 e7 y+ g% @4 D Nئايكۆل بازىرى چىڭ سۇلالىسى زامانىدا ئۇنسۇغا تەۋە بولغان .1902- يىلى بۇ يەردە ئۇنسۇغا قاراشلىق 19 كەنت تەسىس قىلىنغان . 1913- يىلى ئاقسۇ ناھىيسىگە قارام بۇلۇپ بۇ يەردە ئايكۆل ، ياڭئېرىق ،(ئاۋات تەۋەسىدە ) قۇمقۇدۇق قاتارلىق 5 يېزا قۇرۇلغان . 1941- يىلى بىر بازار ، ئۈچ يېزا ،13 باۋ ، 120 جىيا قۇرۇلغان . يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن باۋ ، جىيا تۇزمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا 5 يېزا ، 20 مەمۇرىي كەنت قارام بولغان .1953 - يىلى ئاقسۇ ناھىيىلىك ھۈكۈمەت مەمۇرىي رايۇنلارنى تەڭشىگەندە ئۇنى ناھىيىگە قاراشلىق 7-رايۇن قىلىپ ئۆزگەرتكەن ھەم غالىبىيەت ، پايناپ ، سايئېرىق ، خاڭگۇڭ ۋە قۇمقۇدۇق (ساچىڭزا) قاتارلىق 5 يېزائۇنىڭغا تەۋە بۇلۇپ ، ھەرقايسى يېزا كەنتلەردە ئالىي كوپىراتىپ قۇرۇلغان .1958-يىلى خەلق كوممۇنىسى قۇرۇش يولغا قۇيۇلغاندا 6-رايۇن قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە ھۈكۈمەت كوپىراتىپ بىرلەشكەن ئايكۆل غالىبىيەت خەلق كوممۇنىسى قۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭغا 5 باشقۇرۇش رايۇنى، 20 ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى قارام بولغان. 1966-يىلى «مەدەنىيەت زورئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئايكۆل خەلق كوممۇنىسىنىڭ چاچى چوڭ ئەترىتى (دادۈي)ى ئايكۆلدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ئاقسۇ ناھىيسىگە قاراشلىق «شەرق قىزاردى »ناملىق چىگىرا رايۇنغا ياردەمگە كەلگەن ياشلار مەيدانى بولۇپ قۇرۇلغان . 1969-يىلى كوممۇنا باشقۇرۇش كومىتىتى «ئىنقىلابى كومتىت »قا ئۆزگەرتىلگەن .1971 - يىلى «كوممۇنا »دىگەن نام «جىنچاۋ » (ئالتۇن كۆۋرۈك) خەلق كوممۇنىسىغا ئۆزگەرتىلگەن . 1984- يىلى ئايكۆل يېزىسى ئايكۆل يېزىلىق خەلق ھۈكۈمىتى بولۇپ قۇرۇلغان .1989-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمنىڭ تەستىقلىشى بىلەن خەنزۇچە يېزىلىشى ئۇيغۇر تىلنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىنى ساقلىغان ھالدا « 阿依库勒 »غا ئۆزگەرتىلىپ ، مەنىسى « 月亮湖» دەپ بىكىتىلدى . بۇ يېزا 1998- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بازار قىلىپ ئۆزگەرتىلىدى . ئايكۆل بازىرىدا بەش باشقۇرۇش رايۇنى تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ ، ئۇلار ؛ ساقساق باشقۇرۇش رايۇنى (1-، 2-،3 -، 4- كەنتلەر ) ، شېخل باشقۇرۇش رايۇنى (5-، 6-،7 -،8 -،21 – كەنتلەر ) ، ئايكۆل باشقۇرۇش رايۇنى (9- 10-11-12 – كەنتلەر ) ، سايئېرىق باشقۇرۇش رايۇنى ( 13- ،14-15-، 16-، 17-كەنتلەر ) ،خاڭگۇڭ باشقۇرۇش رايۇنى ( 18 -،19-،20- كەنتلەر ) قاتارلىقلاردۇر . ئاھالىسى ئۇيغۇر ، قازاق ، خەنزۇ ، خۇيزۇ ، جۇاڭزۇ قاتارلىق 5 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، 40 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە . ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى %99.8 نى تەشكىل قىلىدۇ .
0 S- m; v" m1 {8 w7 D& A6 R11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»ناملىق كىتابىدا« ئايكۆل ئۇچقا يېقىن بىر يەرنىڭ ئېتى » دەپ قەيت قىلىنغان . ئۇچ -ھازىرقى ئۈچتۇرپان ، ئايكۆل – ھازىرقى ئايكۆلدۇر . دىۋاندا بۇ نام « ايكول » شەكلىدە يېزىلىپ بارىسغاندىكى ئىسسقكۆل ، قەشقەردىكى كورۇڭ كۆل ... قاتارلىقلاربىلەن بىرقاتاردا تىلغا ئېلىنغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىلگىرى ئايكۆلدىكى داڭلىق دىنىي مۇئەسسەسە مەۋلانەم خانىقاسىنىڭ يېنىدا كۆلىمى 2000 كۇۋادىرات مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ كۆل بولغان بولۇپ ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن قۇرۇش نەتىجىسىدە ھازىرقى مازار شەكىللەنگەن . ئايكۆل نامنىڭ ئاتىلىشىدا مۇنداق ئىككى رىۋايەت بار :
8 C9 [; m2 P+ u4 o: ~5 E% y1-رىۋايەت: بىر زامانلاردا بۇ يۇرتتىكى مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇپ رامزان ئاخىرلاشقاندا ئاي كۆرۈنمەپتۇ . قائىدە بۇيىچە ئاسماندا كۆرۈنگەن ئايغا قاراپ ھېيىت نامىزى ئۈتەيدىغان ۋاقىتنى ھۆكۈم قىلىدىكەن .بىر ھۆكۈما : « ئاي كۈرۈنمىدى، قانداق قىلىمىز ؟ » دەپ ئۆزىدىن سورالغان بىر سۇئالغا : كۆلگە بېقىڭلار ،كۆلدە كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن ، دەپ جاۋاپ بەرگەن. دېگەندەك كۆلگە قارىسا ئاي كۆلدە كۆرۈنگەن .شۇنىڭ بىلەن ھېيىت نامىزى ئۆتۈلگەن .شۇندىن ئىتىبارەن بۇيەرنىڭ نامى « ئايكۆر » دىيىلدىغان بولغان ،كىيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ئايكۆر »سۆزى «ئايكۆل»گە ئۆزگەرگەن.
7 z; U Y# q4 q/ `& M2-رىۋايەت : بۇرۇنقى زاماندا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا بىر بوستانلىق يۇرت بۇلۇپ ، يۇرتتىكى بىر ئۆلىما كىشىنىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق بىر قىزى بار بولۇپ ، يۇرتتىكى ئەقىل- پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن باتۇر ، مەرد بىر يىگىت بىلەن ھېيىت كۈنى توي قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ . توي تەييارلىقى پۈتكەندە بىردىنلا ئاسماندا ئاي كۈرۈنمەپتۇ . مۇسۇلمانلار ئادەت بۇيىچە ھېيىت نامىزى ئۆتىيەلمەپتۇ . ھېيىت بولمىغاندىن كىيىن ئۇلار توي قىلالماپتۇ .
6 v/ t, V0 L O* Gبۇ يۇرتتا ئەتراپى قۇيۇق دەل –دەرەخ ،گۈل –گىياھلارغا پۈركەنگەن بىر كۆل بولۇپ ، بۇ كۆلنىڭ سۈپسۈزۈك سۈيى ھەرقانداق كېسەلگە شىپا ئىكەن .ھېلىقى ئىككىيلەن ھەركۈنى ئاخشىمى ئاشۇ كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ مۇڭداشقاچ ئۆزلىرىنىڭ ۋىسال كۈنلىرنى كۈتۈپ ئاينىڭ چىقىشنى ساقلايدىكەن .شۇ تەرىقىدە ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ . بىر كۈنى ئۇلار ئادىتى بۇيىچە كۆل بويىدا ئولتۇرسا بىردىنلا كۆلنىڭ ئىچى ، ئاندىن پۈتۈن ئەتراپ يورۇپ كېتىپتۇ .ئۇلار قارىغۇدەك بولسا كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇلۇنئاي نۇرچېچىپ تۇرغۇدەك ، ئاينىڭ نۇرى بارغانسىرى پۈتۈن جاھاننى خۇددى كۈندۈزدەك يۇرۇتىۋاتقۇدەك . كىشلەر بۇ كارامەتنى كۈرۈپ ھەيران بولۇپتۇ . يۇرت ئەھلى خوشاللىققا چۆمۈپتۇ . تاڭ يورۇشى بىلەنلا ھېيىت نامىزى ئوقۇلۇپتۇ . ناغرا- سۇناي چېلىنىپ ، مەشرەپ- سامالار قىزىپتۇ ، يىگىت بىلەن قىزنىڭمۇ تويى باشلىنىپ كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈپتۇ .بۇ كۆلنىڭ نامى يىراق - يېقىنغا تارقىلىپ يۇرت – يۇرتتىن كىشلەر كېلىپ ، كۆلدىكى خاسىيەتلىك سۇنى قاپاقلىرىغا ئېلىپ ئۆز يۇرتلىرىدىكى كۆلگە قۇيغانىكەن ، ئۇ كۆللەرنىڭ سۈيمىۇ شىپالىق بوپتۇ ، نەچچە يۈز يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەي سېسىپ قالماي سۈپسۈزۈك تۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن كىشلەر بۇ خاسىيەتلىك كۆلنى «ئايدىڭكۆل »دەپ ئاتاپتۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېغىزدىن –ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا بۇنام «ئايكۆل»گە ئۆزگىرىپتۇ ۋە بۇيۇرتنىڭ نامى سۈپتىدە ئومۇملىشىپ قاپتۇ .5 P0 V' C- p+ }! Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئايكۆل ھەققىدە بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئەپسانە-رىۋايەتلەر ۋە ھىكايە- قىسسىلەر بولۇشى مۇمكىن. مەيلى بۇ رىۋايەتلەر مەيلى ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كىيىن پەيدا بولغان بولسۇن ، مەيلى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى پەيدا بولۇپ ئىسلاملاشقان بولسۇن ، ئوخشاشلا « ئايكۆل » دىگەن بۇ نامنىڭ ناھايىتى قەدىمىيلىكىنى ۋە ئايكۆللۈكلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ يۈكسەك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋە ئاساسىغا ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . بۇ نوقتىدىن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك يەنە بىر ئالاھىدە ئىش بار ، ئۇ بولسىمۇ ئايكۆلدىكى قەدىمقى مەدەنىيەت ئىزلىرىدۇر . بۇلاردىن تىپىكلىرى تۆۋەندىكىچە :: W6 Z: e+ [2 z+ e6 O. p! zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1) ئايكۆل قەدىمقى شەھەر خارابىسى : ئايكۆل بازىرىنىڭ جەنۇبىدىن شەرقىگە تەخمىنەن Km4 كىلىدىغان لەنگەر كەنتىدىكى ئىگىزلىككە جايلاشقان . شۇ جايدىكى كىشىلەر « قالماق شەھىرى » دەپ ئاتايدۇ . خارابە كۇۋادىرات شەكلىدە بولۇپ ، شەرقىي قەلئە تېمىنىڭ جەنۇپتىن شىمالىغىچە ئۇزۇنلۇقى m132 ، غەربىي قەلئە تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى m110 كېلىدۇ . كۆپ قىسىم جايلىرىنى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بۇزىۋەتكەن بولۇپ ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي تەرىپىدە شۇ خارابىيلىقتىن ساقلىنىپ قالغان ئات يۈزى شەكىللىك قالدۇقى بار . سېپىل قەلئەنى شەرقتىن قوغداش ئۈچۈن ياسالغان . قەلئەنىڭ شەرقىي تېمىنىڭ شەرقتىن غەرپكىچە ئۇزۇنلۇقى m131 كېلىدۇ . ھازىر قەلئەنىڭ تەخمىنەن m12 ئۇزۇنلۇقتىكى خارابە تېمىنىڭ ئورنىلا ساقلىنىپ قالغان . مىنگۇنىڭ 18 – يىلى ( 1929 - يىلى) پروفېسسور خۇاڭ ۋىنبى بايقىغان چاغدا خارابىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى m720 چىققان . بۇ جاي يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى بارلىققا كەلگەن جاي ۋە دەسلەپكى سىياسىي مەركەز بولغان .
$ O2 h8 v, U; l# w& p2) خاڭگۇڭ تۆگە دەن قەدىمقى قەلئە خارابىسى : ئايكۆلنىڭ خاڭگۇڭ كەنتىدە بولۇپ ، سېرىق توپىدىن ياسالغان . ئايلانما ئۇزۇنلۇقى m162 ، ئىگىزلىكى m3 ، كەڭلىكى m2 كېلىدۇ . شەرقىي تامنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ كامار بولۇپ ، ئىچىدە ئادەم ئولتۇرغانلىق ئالامىتى بار . شىمالىدىكى Km2 جايدا بىر نەچچە توپا دۆڭلۈك بولۇپ ، ئىگىزلىكى m30 ، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى m84 كېلىدۇ . خۇاڭ ۋىنبى بۇ يەردىن بىر پارچە يىپەك بويۇم تاپقان . مەدەنىيەت قاتلىمى ئېنىقلانمىغان . ( y% M- L2 m: J, j: e/ [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3) قالماق شەھىرى قەدىمقى قەلئە خارابىسى : ئايكۆل بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا Km 7 – 8 كېلىدىغان جايدا بولۇپ خىشتىن ياسالغان . خۇاڭ ۋىنبى تەكشۈرگەندىن كىيىن ئۇنى يۈەن سۇلالىسى تارىخىغا پۈتۈلگەن « قۇمباش شەھىرى » دەپ قارىغان . - m7 |* I8 }8 E( O* k; jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇلاردىن باشقا بۇ زېمىندا يەنە تۆۋەندىكىدەك داڭلىق مەسچىت ، بۇزۇرگاھ ۋە قەدىمقى قەبرىستانلىقلار بار :
! ^* J; A* U" a3 g& D7 h1) مەۋلانەم بۇزۇرگاسى : ئايكۆل بازىرىنىڭ كونا بازىرىدا . ئورنى تەخمىنەن 30 مو كېلىدۇ . 1352 – يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر دىن تارقاتقۇچى مەۋلانە جالالىدىن كونا بازارغا دەپنە قىلىنغاندىن كىيىن شەكىللەنگەن . ' }$ {: F# }5 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2) قارا داقى مازىرى : سايرىق كەنتىدىكى جىلغىنىڭ شىمالى ، قارا داقىنىڭ جەنۇبىدىكى جاڭگالدا . كۆلىمى 500 كۇۋادىرات مىتىر .
+ }7 K3 S3 m3 @3 T3 `3) شەيىخ ئىمىن جامالىدىن مازىرى : بازارلىق ھۆكۈمەتكە m500 كېلىدىغان جايدا بولۇپ ، كۆلىمى 200 كۇۋادىرات مىتىر كېلىدۇ . ئۇ ئەسلىدە دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى بولۇپ ، ئەينى چاغدا تۇغلۇق تۆمۈرنى يۆلەپ تەختكە چىقارغان بولاجىنىڭ ئىنىسى ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈر ۋاپاتىدىن كىيىن ئۇ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ بالا – چاقىسى ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن بولۇپ 18 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن . كىيىن شەرقىي چاغاتاي خانلىقى بىلەن غەربىي چاغاتاي خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۆرىشىدە ئەمىر تۆمۈر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغان . 5 T) Q7 z: L; Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4) مەۋلانەم مەسجىدى : ئايكۆل كونا بازارغا جايلاشقان . داڭلىق دىنىي تەرغىباتچى مەۋلانا جامالىدىن تەرىپىدىن 1343 – يىلى ( بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ ۋاپات بولغان 1353 – يىلى تىلغا ئېلىنىدۇ ، بىراق بۇ توغرا ئەمەس ) بىنا قىلىنغان . ئەينى چاغلاردا ئۇ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدىكى ئىككى دىني مەركەز ( يەنە بىرى كۇچا )نىڭ بىرى بولۇپ ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر شەھەر ( ئاقسۇ ) ، تۆت ناھىيە ( كەلپىن ، ئۇچتۇرپان ، ئاۋات ، ئونسۇ ) نىڭ دىنى پائالىيەت مەركىزى بولغان . مانا بۇلار ئايكۆلدىكى مۇھىم مەدەنىيەت بايلىقى ، ساياھەت بايلىقى ۋە مائارىپ بايلىقلىرى بولۇپ ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ نوقتىدىن يىتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك ، ئەلۋەتتە .
! v; k: }4 J+ t9 A9 S" k/ N تارىختا ئاجايىپ ئادەملەر ، ئاجايىپ ۋەقەلەر ئۆتكەن بۇ زېمىن ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت تىندۇرمىسىغا ئىگە بولۇپ ، ئايكۆل خەلقىنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرىنى شەكىللەندۈرگەن . ئايكۆللۈكلەر ئادەتتە قىزىققان ، ئىلىمسۆيەر ، تەقۋادار ، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچان ، ئويۇشقاق ، سودا – تىجارەتكە مايىل خاراكتىرگە ئىگە بولۇپ ، باشقا يەرلىكلەرنىڭ نەزەرىدە دىنىي ئېتىقادى چىڭ دەپ قارىلىدۇ . مانا بۇ خاراكتىرلار ۋە تەرىپلەر ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق بولماستىن ، بەلكى ئۇلارنىڭ يىراق قەدىمقى دەۋردىن باشلاپلا يېڭىچە مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن نىسبەتەن بالدۇرراق ئۇچرىشىپ كېلىشىدىن شەكىللەنگەن .
* g+ ?6 i, f5 r7 G' L+ ^& L
6 J) ?/ `; P6 U, v0 vئايكۆل – ئاقسۇ دىيارىدا مەدرىس مائارىپى ئەڭ بالدۇر باشلانغان جاي
& N2 ~5 e; s& }) T. ?8 Eدىننىڭ مەزمۇنى رىئال دۇنيادىن ئىبارەت . – كارل ماركىس
: U9 I; `* Z$ }- }& x+ {4 q2 F% G. {6 s+ q( R+ P7 ]' Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مائارىپ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە سېلىۋىزاتسىيىلىك جەريان بولۇپ ، ئىنسانلار جەمئىيىتى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان . ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش سۈرئىتىنىڭ تىزلىشىش نەتىجىسىدە مائارىپ ئىنسانلار جەمئىيىتى بىلەن تەڭ تەرەققى قىلىدۇ . شۇنداقلا سىنىپ ۋە ماكان جەھەتتىكى چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلى ئۇنىڭ ھەرقايسى ئەل – دۆلەت ۋە رايۇندىكى تەرەققىيات ئەھۋالى تۈپتىن ئوخشاش بولمايدۇ . ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ، سىياسىي كۈچلەرنىڭ پوزىتسىيىسى ، جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە مىللىي روھ ھەمىشە مائارىپنىڭ مەزمۇنى ، شەكلى ، رولى ، سۈپىتى ، ئىقتىدارى ۋە كۆلىمىگە قارىتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ . شۇڭا يىراق قەدىمقى دەۋرلەردىن تارتىپلا تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۇ ئىزچىل تۈردە دىنغا ئوخشاشلا ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ تىزگىنلىشىدە بولۇپ كەلگەن . يەنە شۇنىڭغا كۆرە ، ئاۋام خەلقمۇ ئالاھىدە تارىخى شارائىتتا ئىجتىمائىي مۇقەررەرلىكتىكى رىئال رىئال ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەردىن ئۆزلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن . چۈنكى « تەلىمگە بولغان ئېھتىياج ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئومۇمىيدۇر . خەلق نەپەس ئېلىش ئۈچۈن ھاۋانى قانچىلىك ئەتىۋار بىلسە ۋە ئىزلىسە ، تەلىمىنمۇ شۇ قەدەر ئەتىۋارلايدۇ ۋە ئىزلەيدۇ .»(ل.تولىستوي) . ئىنسان ياشاش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال پىكىر قىلىشقا ، تەسەۋۋۇرلىرىنى رىئاللىققا نىسبەتەن ئىدىئال يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىشقا مۇھتاج . ئادەتتە « جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا قارار تاپقان مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر بولغان بىلىملەرنى ئۈزۈكسىز ئىگىلەشنى تەربىيە دەپ قاراش مۇمكىن »(ئا، سىنسىمۇن) . بۇ بىلىملەرنىڭ مەزمۇنى ئوبىكتىپ رىئاللىققا يارىشا ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان تەربىيە ئۇسۇللىرى ۋە ئۇنىڭ فونكىسىيەلىك سېستىمىسىنى بەلگىلىگەن . خەلقلەرنىڭ ئۇدۇم – ئادەتلىرى ، ئېتىقاد – مەسلەكلىرى ، مىللىي روھ ۋە غايىلىرى ، رىئال مەسىللىرى ۋە خاھىش – ئىنتىلىشلىرى ، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ، سىياسىي تۈزۈم ھامان بىر خىل ئۆزگىچە مائارىپ مۇقەررەرلىكىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان . ھەتتا بەزىلىرى شۇنىڭغا يارىشا ناھايىتى ئۇزاق داۋاملاشقان . " a q, k' r5 V: S9 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا ، مائارىپنى تارىخى تەرەققىيات نوقتىسىدىن چوڭ جەھەتتىن مەدرىس مائارىپى ۋە پەننىي مائارىپتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تەرەققىيات باسقۇچىغا بۆلۈشكە بولىدۇ . ئۇزاق تارىخى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندىمۇ ئىنسانلارنىڭ مائارىپ تارىخىدا مەدرىس مائارىپى 2500 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن بولۇپ ، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ، روھىيەت ئېكولۇگىيەسى ۋە تىندۇرمىسى شەكىللەندۈرگەن . بەزىلەر يېقىنقى زاماندىكى يېڭىچە مائارىپنىڭ رىئاللىشىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە قاراپ ئاشۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان مەدرىس مائارىپىنىڭ ئىجتىمائىي ، تارىخى رولىنى ۋە ئوبىكتلىقىنى قارىسىغىلا ئىنكار قىلىدۇ . بۇنداق ئىنكارچىلىق تارىخىي ماتېرىيالىزىم ۋە دىئالىكتىك ماتىېرىيالىزىم روھىغىمۇ ، ئەقەللىي چىنلىق مەنتىقىسىغىمۇ خىلاپ . چۈنكى ئۇ ئەنە شۇنداق ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ تەلىم – تەربىيە ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈپ كەلگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە « ھەممە تەلىملەرنىڭ باش ۋەزىپىلىرىدىن بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى ، ئۇلار مۇتلەق پاراغەتنى كۆزلەپ چەكسىز ئىنتىلىپ بېرىشتەك ئومۇمى ئىشتا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزۈكسىز ھالدا يېڭى ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ بېرىدۇ » (ك . د. ئوشنىسكى ) . مەيلى ئۇ دىنىي تەلىم – تەربىيە بولسىمۇ . شۇڭا تارىخقا بۈگۈننىڭ قارىشى بويىچە نەزەر سېلىش باشقىچە بىر خىل نادانلىق ۋە پىكىرىي چولتىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ ، خالاس . : y5 m7 O- d3 O+ z8 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەتتە بىز مەدرىس مائارىپى دېگەندە بۇددا دىنى مائارىپى بىلەن ئىسلام دىنى مائارىپىنى كۆزدە تۇتىمىز . شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك جەھەتتىن بۇددا دىنىي بارلىققا كەلگەن جاي ھىندىستانغا قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا دىنىي بۇ جايدا نىسبتەن بالدۇر ۋە ئۇزۇن داۋام قىلغان . شۇنىڭغا يارىشا بۇددا دىنى مائارىپىمۇ ئۇزاق داۋام قىلغان . تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 60 – يىللاردىن تارتىپلا شىنجاڭدا ، جۈملىدىن چېدىر ، كىنگىت ، كۈسەن ، ئورنسۇ ... لاردا ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا قوش تىل مائارىپى شەكىللەنگەن . مەشھۇر ئۇيغۇر تەرجىمانى ، دىنشۇناس ۋە پىداگۇك كومراجىۋادەك ئۇستازلار بارلىققا كەلگەن ، شەرقىي خەن دەۋرىدىن باشلانغان بۇددا ۋە كۇڭزى ئەقىدىسىنى مەزمۇن قىلغان مەدرىس مائارىپى ھەتتا مىنگۇ دەۋرىگىچە داۋام قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا ئىدىيۋى تەسىر نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ، بۇددا دىنىدىن ئىلگىرى – كىيىن ئېتىقاد قىلىنغان زەردوشت ، مانى ، تويىن ۋە خىرىستىيان دىنلىرىنىڭ مائارىپتىكى مەۋجۇتلۇقىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان ئەمەلىيەتتۇر .ئەمما X-XI ئەسىرلەردىن كىيىن ، بولۇپمۇ 14 – ئەسىردىن كىيىن ئىسلام دىنى مائارىپىنىڭ كەڭ – كۆلەمدە يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە ئايكۆلدىكى بۇددا دىنىغا ۋە بۇددا مائارىپىغا ئائىت ئىزنالار ، ھەتتا ئۇلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى قالدۇق تەسىرىمۇ قالمىغانلىقتىن ئايكۆلدىكى بۇددا دىنىنىڭ مەدرىس مائارىپى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىشقا ئامالسىزمىز . ئەمما تاكى XIV ئەسىرگە قەدەر بۇددا دىنىي شارائىتىدا تۇرغان ئاقسۇ دىيارىغا ئوخشاشلا ئايكۆلنىڭمۇ ئوخشاشلا بۇددا دىنىي مائارىپىدىن بەھىرلەنگەنلكى شۈبھىسىزدۇر . شۇنىڭغا كۆرە بىزنىڭ ئايكۆلدىكى مەدرىس مائارىپى ھەققىدە توختىلىشىمىز تارىخى مەلۇماتلىرى ۋە ئىزنا تەۋسىپلىرى نىسبەتەن تولۇق بولغان ئىسلام دىنى مائارىپى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتۇر .
9 y( ]1 G1 \1 ]: I: b& ^* s4 q ئايكۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسۇ شەھىرى قارا يۇلغۇنغا قەدەر قارا خانىيلارنىڭ شەرقىي چىگراسى بولۇپ ، گەرچە سوتۇق بۇغراخاندىن كىيىن ئىسلام دىنى بۇ يەرگە تارقالغان بولسىمۇ ، ئېتىقادنىڭ ئومۇملىشىش ۋە ئۆزلىشىش سالمىقىنى ھەرگىزمۇ خاندانلىقنىڭ غەربىدىكى جايلار بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . يۈەن سۇلالىسى زىجىڭنىڭ 3- يىلى ( 1343 – يىلى ) 17 نەپەر مۇرىدى بىلەن شەھىرى كىتىك ( ھازىرقى لوپ ۋە چېدىر ئەتراپى ) تىن ئايكۆلگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان مەۋلانا جامالىدىننىڭ ئايكۆلدە مەسجىد – خانىقا سېلىپ كەڭ – كۆلەمدە دىن تارقىتىشى نەتىجىسىدە ئىسلام دىنى شەرقىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان . بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ 1348 – يىلى شەرقىي چاغاتاي خانى تۇغلۇق تۆمۈر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن دىنغا كىرىشكە ۋەدە ئېلىشى ۋە 1353 – يىلى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئوغلى ئەرشىدىننىڭ ئالمىلىققا بېرىپ بۇ ۋەدىنى رىئاللاشتۇرغانلىقى ، ھەم شۇنىڭدىن كىيىنكى 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا مەۋلانا جامالىدىن ئەۋلاتلىرى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ سىياسىي كۈچى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەۋرەنمەس دىنى ئېتىقادىغا تايىنىپ ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي شىنجاڭدا ، جۈملىدىن پۈتكۈل شىنجاڭدا ئومۇملىشىشا زور ھەسسە قوشقانلىقى ھەممىگە ئايان تارىخى ئەمەلىيەتتۇر . # Y) U/ ^- \2 T& t7 D5 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسلام دىنى سوتۇق بۇغراخان باشچىلىقىدا قەشقەرنى مەركەز قىلىپ غەرپكە تارقالغان بولسا ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ، مەۋلان جامالىدىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەرشىدىن باشچىلىقىدا كۇچار ۋە ئايكۆلنى مەركەز قىلىپ شەرقكە تارقالغان . ھەتتا مەۋلانا جامالىدىننىڭ ئەۋلاتلىرى شەرقىي چاغاتاي قوشۇنى بىلەن بىللە تۇرپان ، قۇمۇل ، قارا شەھەر ... قاتارلىق جايلارنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشلىرىغا بىۋاستە قاتناشقان . مەۋلانا جامالىدىننىڭ ئايكۆلگە كەلگەن ۋاقتى 1343 – يىلنى باشلىنىش نوقتىسى قىلغاندا ، ئاقسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن شەرقىي شىنجاڭغا نىسبەتەن ئايكۆل ئىسلام دىنى ( مەدرىس ) مائارىپى ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي ھېساپلىنىدۇ . ئۇ ئايكۆلگە كەلگەندىن كىيىن مەسجىد ، مەدرىس ۋە خانىقادىن ئىبارەت دىنىي مائارىپ مۇئەسسەسىدىن پايدىلىنىپ دىن تارقاتقان بولسا ، ھەتتا بۇنى ئايكۆلنى مەركەز قىلىپ ئاقسۇ تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان بولسا، تۇغلۇق تۆمۈر باشچىلىقىدىكى 160 مىڭ ( بەزى مەنبەلەردە 300 مىڭ ياكى 70 مىڭ دېيىلىدۇ ) دىن ئارتۇق مۇڭغۇلنىڭ ئىلگىرى – كىيىن ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشى ۋە ئوغلى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ كۇچارنى مەركەز قىلىپ دىن تارقىتىشى بىلەن ئىسلام دىنى مۇقىم ۋە ئوڭۇشلۇق ھالدا تارقىلىش ئاساسىغا ئىگە بولغان . ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇ چاغلاردا خانلىق تەرىپىدىن كېپىللىك قىلىنىدىغان ھوقۇقلۇق دىنىي ئورگانلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، مەۋلانە جامالىدىننىڭ ئەۋلادلىرى بۇلارغا يىتەكچىلىك قىلىپلا قالماستىن دۆلەتنىڭ شەيخۇلئىسلاملىرىغا ئايلانغان ئىدى . بۇ ئەھۋال تاكى 1600 – يىلى ئەتراپىدا تەپرىقچى غوجىلاردىن ئىسھاق ۋەلى ئايكۆل مەۋلانەمدە ئۈچ كۈن تاۋاپ قىلىپ « مەۋلانا جامالىدىندىن بىشارەت بولۇپ سەججاد بىھىشىنلىق ماڭا مۇشەررەپ بولدى » دەپ مەۋلانەمنىڭ ئەۋلاتلىرى ( غوجا ئابدۇرېھىم بەگ )دىن پىر – ئۇستازلىق مەرتىۋىسىنى تارتىۋالغانغا قەدەر داۋام ئەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئوبىكتىپ باھا بېرىشكە ۋە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك ھەقىقەت شۇكى ، مەۋلانا جامالىدىن ، ئوغلى مەۋلانا ئەرشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ 200 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان دىنىي پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا 300 يىلغا يېقىن داۋام ئەتكەن مەنىۋى بەرباتلىق ئېلىپ كەلگەن ئاپاق غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ . ئۇلار تەپرىقچىلىق ، بۆلگۈنچىلىك ،خۇنخورلۇق ، مۇناپىقلىق ، ئېغىۋا – سۈيقەستلەر بىلەن ئىلىم – مەرىپەتنى ، مىللىي ئەركىنلىكنى ، ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان بولسا ، بۇلار باشتىن ئاخىر خانلىق ھوقۇققا چاڭگال سالماي خانلارغا ئەلنى ئادالەت بىلەن سوراش ، باج – سىلىقنى ئازايتىش ، ئاجىزلارغا خەيرىخاھلىق قىلىش ، دىنىي شەرىئەتنى چىڭىتىپ قىمار ، بەڭ ، شاراپ ، زىنا ، ئوغرىلىق ... لارنى قاتتىق چەكلەش ، ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىك ، پارىخورلۇقلىرىنى چەكلەش ، ئۆشرە – زاكاتنى شەرىئەت نىزامى بويىچە ئېلىش ، ئەمەلدارلارنى تەپتىشلەپ تۇرۇش ، دېھقانلار ، قول – ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئەركىن ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىش ، مەسجىد – مەدرىس ، خانىقالار سېلىپ ياشلارنى ئوقۇتۇش ، تالىپلارنى يىتىشتۈرۈش ، ئىلىم – مەرىپەتنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەت ، تەكلىپلەرنى بېرىپ ، خەلقنى تىنىچ – ئاسايىشلىق تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ، يۇرتنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشقان . بۇلاردىن باشقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى 1864– يىلدىكى مانجۇ ئىستىبىدات ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىلىرىدىن راشىدىن غوجا ، نەزىرىدىن غوجا ، جامالىدىن غوجا ، پەخىرىدىن غوجا ، ئىسھاق غوجا، بورھانىدىن غوجىلار ئايكۆلدىكى مەۋلانا جامالىدىن ۋە ئۇنىڭ كۇچادىكى ئوغلى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى .
( A, o% A, G7 y, }! b9 r( H. i! ^ گەرچە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش مۇڭغۇللارغا نىسبەتەن ھاكىمىيەت ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان بولسىمۇ ، شۇ چاغلاردىكى ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن ئۇ ماھىيەتتە بىر تەرەققىيپەرۋەرلىك ، يېڭىچە دۇنيا قاراش ۋە بىر قېتىملىق ئىدىيە ئاقارتىشتىن دېرەك بېرەتتى . ئىسلام دىنىدىكى ئىناقلىق ، رەھىمدىللىك ، تەقۋادارلىق ، ئىجتىمائى ئومۇمى ئەخلاق ، ھالاللىق قارىشى ، مېھنەت قارىشى ، مەرىپەت قارىشى ھەربىر دەۋر ئۈچۈن زۆرۈر بولۇش بىلەن بىللە ، ئەينى دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىدىيەۋى ئېھتىياجلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن ئىدى . شۇڭا ئۇ تەبىئىي رەۋشتە شۇ دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكى ۋە تەربىيە مەزمۇنىغا ئايلانغان ۋە ئۇزاق داۋاملاشقان . ئەينى ۋاقىتتا ئايكۆل ۋە كۇچانى مەركەز قىلغان مەدرىس مائارىپى خانىقا ، مەدرىس ، مەسجىد ئاساسىدا ئەۋلادلارنى ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ۋە شۇ دەۋر مەدەنىيەت يېڭىلىقلىرى بىلەن تەربىيەلەپ كەلدى . XV ئەسىردە پۈتكۈل شىنجاڭ رايۇنىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىسلاملىشىشى ۋە ئۇزاق جارياندا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئەنە شۇ ئىسلام مائارىپىنىڭ تۆھپىسدىن ئايرىپ قاراش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس .
! Y3 N" u: ~; b; I) x) t ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن ئىلگىرى دىنىي ئوقۇتقۇچىلار باخشى ، ئۇستاز دېيىلگەن بولسا ، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كىيىن بۇ ئاتالمىلار تېخىمۇ كەسىپلەشكەن ھالدا ئىنچىكە ئايرىلغان . يۇرتىمىزدا ئىسلام مەدرىسلىرى 2 دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ ، مەدرىسلەر ئاساسلىقى شەھەر ، يىزىلاردىكى مۇسۇلمانلار كۆپرەك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى مەسجىد – خانىقالاردا تەسىس قىلىنغان . تۆۋەن دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئورگانلىرى كىچىكرەك مەسجىدلەردە تەسىس قىلىنىپ « مەكتەپ » دەپ ئاتالغان ۋە دەرس سۆزلىگۈچى « خەلپەت » دەپ ئاتالغان . چوڭراق ئوقۇتۇش ئورگانلىرى مۇستەقىل بىنا قىلىنغان مائارىپ مۇئەسسەسى سۈپىتىدە « مەدرىس » دەپ ئاتالغان . دەرس سۆزلىگۈچىلەر « مۇددەرىس » دەپ ئاتالغان . ئالىي دەرىجىلىك مەدرىسلەرنىڭ يىتەكلىگۈچىلىرى « ئاخۇن » دېيىلىپ ، ئۇلار مۇددەرىسلەرنى بەلگىلىگەن . مەدرىس ھازىرقى مەكتەپكە باراۋەر بولۇپ ، ئۇلاردا « قۇرئان كەرىم »دىن باشقا ، « سوپى ئاللايار » ، « مۇشكات » ، « مەسنەۋى شىرىپ » ، « ناۋايى » ، « غوجا ھاپىز » ... ۋە باشقا شەرىئەت قانۇنلىرى ، تەپسىرشۇناسلىق ... قا ئائىت ئەسەرلەردىن باشقا ، چوڭراق مەدرىسلەردە جۇغراپىيە ، ئاستىرونۇمىيە ، ماتىماتىكا ، لوگىكا ... ئىلىملىرى ئۆگىتىلگەن . بۇ مەزگىللەردىكى مائارىپ خىراجىتىنى ئىسلامىي ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆشرە – زاكىتى ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ خەيرى – ساخاۋىتى ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ياردىمى ۋە مەسجىد – مەدرىسلەرنىڭ ۋەخپىسىدىن كەلگەن . 7 y4 ^. d6 V2 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئايكۆلدىكى كونا بازاردا 1343 – يىلى تەسىس قىلىنغان مەدرىس تاكى 1957 – يىلى بارلىق كونىچە دىنى مەكتەپلەر ئومۇمىيۈزلۈك تاقالغانغا قەدەر خىزمەت قىلغان بولۇپ ،پىشقەدەملەرنىڭ ئەسلىشىچە ، شۇ چاغقىچە ئايكۆل مەۋلانەم مەسجىدىنىڭ يېنىدا ، ھازىرقى مازارنىڭ ئورنىدا 40 ئېغىزدىن ئارتۇق سىنىپ ، ۋە ئېتىكاپخانا ئۆيلىرى بولغان . ئايكۆل خەلقى تاكى ئازاتلىقتىن كىيىن يېڭىچە مائارىپ ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇلغانغا قەدەر مەدرىس مائارىپىدىن 614 يىل بەھىر ئالغان . ئالتە ئەسىرلىك ئۇزاق تارىخى جەرياندا ئايكۆل خەلقى ئىسلام مائارىپى تەربىيەسىدە ئۆزىگە خاس خاراكتىر ، ساپا ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشكەن . شۇنداقلا تەبىئەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى گارمۇنىك بىرلىكتە ئەنە شۇ يوسۇندا پىكرى يۈكسەكلىككە ئېرىشكەن . XIX ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق نامايەندىلىرىدىن بىرى ، مەشھۇر رىئالىستىك داستان « زەپەرنامە » نىڭ مۇئەللىپى موللا شاكىر دەل ئايكۆل مەۋلانەم مەدرىسىدە تەربىيەلەنگەن داڭلىق ئۆلىما ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىدۇر . ئايكۆلدە ،جۈملىدىن ئاقسۇنى مەركەز قىلىپ شەرقىي شىنجاڭدا قارا خانىيلار سۇلالىسىدىن كىيىنكى 2 – قېتىملىق دىن تارقىتىشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىغان مەدرىس مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرى ۋە نامايەندىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن : 3 D+ I( P" g- B5 O* fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1) مەۋلانا جالالىدىن : ئەسلى ئىسمى مەۋلانا جامالىدىن نەسىردىن كىتىك . ئۇ 1126 – يىلى مۇڭغۇللار بۇخارانى ئىشغال قىلىپ قىرغىنچىلىق قىلغاندا ئۆلتۈرۈلگەن يەتتە ئەۋلىيانىڭ بىرى غوجا ھاپىز كىبىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ، ئاتا – بوۋىلىرى قارا قۇرۇمغا سۈرگۈن قىلىنغان ۋە كىيىن شەھىرى كىتىكتە ياشىغان . ئۇ XIV ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شۇ يەردە تۇغۇلۇپ ۋە ياشاپ 1343 – يىلى شەھىرى كىتىكنى قۇم باسقاندىن كىيىن ئايكۆلگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ مەسجىد – خانىقا سېلىپ دىن تارقىتىشقا باشلىغان . ھايات مەزگىلىدە تالىپ – مۇرىدلارنى تەربىيەلەش ، دىن تارقىتىش ، جامائەت ئىشلىرىغا شەرىئەت بويىچە توغرا كۆرسەتمە بېرىش ، شەرىئەتكە خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلەش ، ھۆكۈمرانلاردىن ئادىللىق تەلەپ قىلىش ، يىتىم – يېسىر ، كەمبىغەللەرگە خەيرىخاھلىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن . 1348 – يىلى ئاقسۇ تەۋەسىگە شىكار باھانىسىدە تەكشۈرۈشكە چىققان شەرقىي چاغاتاي خانى تۇغلۇق تۆمۈخان بىلەن ئايكۆلدە ئۇچرىشىپ ئۇنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە قايىل قىلغان ۋە ۋەدە ئالغان . بۇنى كىيىن ئوغلى ئەرشىدىن ئەمەلگە ئاشۇرغان . 1353 – يىلى ئايكۆلدە ۋاپات بولغان ۋە كونا بازاردىكى مەۋلانەم مەسجىدى يېنىغا دەپىن قىلىنغان . جاي – جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئۈزۈلمەي تاۋاپ قىلىشى نەتىجىسىدە قەۋرىسى بۇزۇرگاھ بولۇپ شەكىللەنگەن . ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن 6 ئەۋلاد غوجا ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە راۋاج تېپىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان .
" g9 T. H* d A/ R+ |6 T, M) |9 G( X2) شەيىخ باھاۋىددىن بەلخ : بۇ كىشى مەۋلانا جامالىدىننىڭ ھەمساۋاقلىرىدىن بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن شەھىرى كىتىكتىن ئايكۆلگە بىللە كەلگەن ۋە بىرلىكتە دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بارغان . بەزى رىۋايەتلەردە بۇ كىشى بەلىخنىڭ شاھزادىسى دېيىلگەن . ئېيىتىلىشىچە 1353 – يىلى مەۋلانا جامالىدىندىن 3 كۈن كىيىن ۋاپات بولغان ۋە مەۋلانەم بۇزۇرگاھىنىڭ 10 مىتىر شەرقىگە دەپنە قىلىنغان . قەبرىگاھىنىڭ ئىزى ھازىرمۇ بار . 7 Z1 m" u" [" t* n4 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3) مەۋلانا ئەرشىدىن : مەۋلانا جامالىدىننىڭ ئوغلى بولۇپ تەخمىنەن 1336 – يىلى ئايكۆلدە ( بەزى رىۋايەتلەردە دادىسى بىلەن ئايكۆلگە بىللە كەلگەن دېيىلىدۇ ) تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن ئايكۆلدە تۇغلۇق تۆمۈرخان بىلەن كۆرۈشكەن . 1352 – يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ۋەسىيەت ۋە ۋەدىگە ئاساسەن ئالمىلىق شەھىرىگە بېرىپ تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە يىتەكچىلىك قىلغان ۋە ئۇنىڭ شاھزادە – بەگلەر ، ئېسىلزادە خېنىملار بىلەن بىر – بىر سۆزلىشىپ ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇشقا ياردەملەشكەن . تۇغلۇق تۆمۈر ئۇنىڭ دىن تارقىتىشتىكى تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇنداق 3 خىل ئىمتىياز بەرگەن : بىرىنجى ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇپتىلىق ۋەزىپىسىنى مىراس قىلىپ بەرگەن . ئىككىنجى ، كۇچاردا ئۇنىڭغا مەخسۇس دىنىي رايۇن ئايرىپ بەرگەن . ئۈچىنجى ، ئۆشرە – زاكاتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەرشىدىنگە ئاجىرىتىپ بەرگەن . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ جەمەتى ئۇيغۇرلار رايۇنىنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن . ئۇ كىيىن كۇچاردا تۇرغان ۋە مەسجىد – مەدرىسلەرنى سالدۇرۇپ دىنىي مائارىپ ۋە تەرغىبات بىلەن شۇغۇللانغان . 1437 – يىلى كۇچاردا ۋاپات بولغان ۋە ئۆزى سالدۇرغان مەسجىد ئالدىغا دەپنە قىلىنغان ۋە ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مازار ياسالغان . ئۇ ھاياتىدا مۇددەرىس ۋە دىنىي باشلامچىلاردىن 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرگەن .
8 z9 z, ~7 d4 l1 b3 C4) مەۋلانا ئوبۇلپەتتاھ : مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ ئوغلى ۋە مەۋلانا جامالىدىننىڭ نەۋرىسى بولۇپ ، XIV ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا تۇغۇلغان . دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن كۇچا ۋە ئاقسۇنىڭ دىن تارقىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان . 1402 – يىلى ۋەيران بولغان ئاقسۇ شەھىرىنى بارلىق خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاقسۇنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان . ئەسلىدە ئاقسۇ شەھىرى ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلۇمى ، چىرىكلىكى ، تەبىئىي ئاپەت ، يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن تەخمىنەن 1399 – 1400 – يىللىرى خاراپلىشىپ ئاھالىلىرى تېزىپ كەتكەن ئىدى . ئوبۇلپەتتاھ شەرقىي چاغاتاي خانلىرىغا مەلۇمات سۇنۇپ يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن ياكى ئەسلى مۇشۇ يەردە ياشىغان ئاھالىلەرنى يىغىپ ئاقسۇدا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ شەھەرنى قايتىدىن بىنا قىلغان . ئۇ يەنە بوۋامنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ ، دەپ ئايكۆلگە ئاقسۇدىن 400 نوپۇسنى كۆچۈرۈپ ئېپكەلگەن . تەخمىنەن VX ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغانلىقى مەلۇم . 3 C, j0 z' u; M; ^& f" bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5) ئەلى ئاخۇن : تولۇق ئىسمى ھەزرىتى قۇتۇپ ئەلفىل ئۇسۇرى ۋەلىيۇل ئىشان مۇھەممەد ئەلى ئاىۇن شەيىخ رەھمىتۇللا ئەلەيھى . تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس ، XVIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھىندىستاندىن كىلىپ ئايكۆلدە ئولتۇراقلاشقان تەسەۋۋۇپچىلىق تەرغىباتچىسى . ئۇ ئايكۆلدە مەدرىس سالدۇرۇپ تەسەۋۋۇپچىلىق مەزھىپىنى تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان . نەتىجىدە ئايكۆلدە تەسەۋۋۇپچىلىق مەزھىپىنىڭ ئايكۆل سېستىمىسى شەكىللەنگەن .
% r, p% ~! e q5 `' d- X9 S; j# ?6) موللا شاكىر : مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ، تارىخشۇناس ، تىلشۇناس بولۇپ ، 1807 – يىلى ئايكۆل بازىرىدىكى موللا تاھىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئايكۆل مەۋلانەم مەدرىسىدە ، كىيىن كۇچادا ئىگىلىگەن . يۇقىرى مەلۇماتلارنى ئافغانىستان ، پاكىستانلاردا ئالغان . 1864 – يىلى كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۇچتۇرپانغا يۈرۈش قىلغۇچى قىسمىنىڭ سەردارلىرىدىن ھامىدىن غوجا ، خېتىپ غوجىلار بىلەن بىللە قوشۇننىڭ قەلەمدارى بولۇپ ، ئۇچتۇرپانغا بارغان . كىيىن قوزغىلاڭ ياقۇپبەگ تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كىيىن سالامەتلىكى زەئىپلەشكەنلىكتىن ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقتوقاي يىزىسىدىكى سوۋۇتقا سەيلىگاھىدىكى مەسجىدتە پاناھلىنىپ تالىپ تەربىيەلەش ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولغان . 61 يېشىدا 4800 مىسرادىن تەركىپ تاپقان « زەپەرنامە » ناملىق مەشھۇر داستانىنى يېزىپ چىققان . 1870 - يىلى 63 يېشىدا ۋاپات بولغان . & B% |1 U0 G, pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7) تۇغلۇق تۆمۈرخان : چاغاتاي خانلىرىدىن ئېسەن بۇقا ( 1309 – 1320 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان ) نىڭ ئوغلى . شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تۈنجى خانى بولۇپ ، 1346 – يىلى ئاقسۇدا دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى بولاجى تەرىپىدىن تەختكە چىقىرىلغان . 1348 – يىلى ئالمىلىقتا رەسمى خان بولغان . 1353 – يىلى مەۋلانا جامالىدىنغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ، ئۇنىڭ ئوغلى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ دالالىتى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋە ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ 160 مىڭ ( بەزى مەنبەلەردە 300 مىڭ دېيىلگەن ) دىن ئارتۇق مۇڭغۇلنىڭ ئىسلاملىشىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان . 1360 – يىلدىن باشلاپ ئىككى قېتىم يۈرۈش قىلىپ سەمەرقەنت ۋە پۈتۈن ماۋرائۇننەھىر رايۇنىنى تەسەررۇپىغا ئالغان . بۇددىستلارنىڭ توپىلاڭلىرىنى غەلىبىلىك باستۇرغان . شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سالغان . 1363 – يىلى ئالمىلىق شەھىرىدە 34 يېشىدا ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان . قەۋرىسى كونا قورغاس ناھىيە بازىرىنىڭ سىرتىدا .
& Z- l: p! {3 ]8 |9 h# m0 A$ ], ]1 t" j7 B& vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
# S4 ~' O+ W* B2 r7 a, H8 L. ~: Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئايكۆل – ئاقسۇدا يېڭىچە مائارىپ ئەڭ بالدۇر باشلانغان جاي
7 o4 o# c$ `) O& v6 d2 Zئىنساننىڭ ئىنساننى ئويغۇتۇشى – مانا بۇ ۋەھىي . – ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن % \7 @, \2 C5 I- R- l; yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. ~# S6 K; G+ p5 R" ]+ y( Nمائارىپ تارىخى مىللەتنىڭ ئىدىيە تارىخى بولۇپ ، مائارىپنىڭ يېڭىلىنىشى مۇقەررەر ھالدا بىر قېتىملىق ئىنقىلاپتىن دېرەك بېرىدۇ . ئىدىيە بىر مىللەتنىڭ قېنىدۇر . مىللەت ھەرقانداق ۋاقىتتا قان تولۇقلاپ تۇرۇشقا مۇھتاج .ئەمما ئىقتىسادىي ، سىياسىي تۈزۈم تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان مۇنداق زور ئىدىيەۋى مۇئەسسەسە ھۆكۈمران سىنىپنىڭ چەكلىمىسى ئىچىدە تۇرغانلىقتىن ، تاكى شۇ قالاق ۋە ئەكسىيەتچىل سانىلىدىغان ئىگىلىك فورماتسىيەسى مۇقەررەر تارىخى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق بېكىنمە فونكىسىيەسىنى يوقاتمىغۇچە خەلقنىڭ قاششاقلىق ، نادانلىق زۇلمىتىدە ئىزتىراپ چېكىشى ئېنىقتۇر . ئەمما ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تارىخىدىن مەلۇمكى ، ھەرقانداق دەۋردە ، ھەرقانداق خەلقىنىڭ ھامان ئۆزلىرىنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ يورۇق دۇنياغا دۇنياغا باشلاش يولىدا جان بېرىدىغان « دانكو» لىرى بولىدۇ . گەرچە ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىقىنى تەشكىل قىلسىمۇ ، ھەتتا جاھالەت پىرلىرى تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلسىمۇ ، تارىخى ھامان ئۇلارنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئارزۇ گۈللىرىنى مۇراد گۈلشەنلىرىدە ئېچىلدۇرغۇسى . ھەتتا ئۇلار تاڭ نۇرلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىسىمۇ ، ئۇلار سالغان ئىز ھامان خەلق ۋۇجۇدىدا زىلزىلىلىك تىترەشلەرنى پەيدا قىلماي ۋە ئۇلارنى گۈزەل كېلەچەككە باشلىماي مۇمكىن ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە جاھالەت مۇئەككەللىرى قانچە ھەددىدىن ئاشسىمۇ ، ئاۋامنى تاغارغا سولانغان قۇشتەك ھۆرلۈك ئاپتىۋىدىن مەھرۇم قىلسىمۇ ، قوياش نۇرى ھامان ئۆز مەنزىلىگە يەتمەي قالمايدۇ .
% E/ v3 m' Z; Z: Q) h- T j% u$ k! Eقۇللۇق ۋە فىئۇداللىق دەۋرلەردە ھۆكۈم سۈرگەن مەدرىس مائارىپى گەرچە ھۆكۈمران سىنىپلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسىمۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرەققىياتنىڭ ئىستىخىيلىك رەۋىشىگە يارىشا ئاۋام ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلغان ئىدى . تۈرلۈك سەۋەپلەردىن كۆرە ، يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزغا ئۇيغۇن بولغىنى شۇكى ، بۇنداق مائارىپ دىيارىمىزدا 2500 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان بولۇپ ، گەرچە مۇنتىزىم مەكتەپ تىپىدىكى ئوقۇتۇش ئەندىزىسى خېلى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ، ئەنئەنىۋىيلىكتىن مۇستەسنا بولالمىغان ئىدى . ئۇ ھالدىكى مائارىپنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئىجتىمائىي رولىدىنمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتى . ھەتتا مىنگۇ دەۋرىدە دىيارىمىزدا بىر قىسىم « شۆتاڭ » ، « شۆگۇڭ » نامىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلغان بولسىمۇ مەقسىتى ئاۋام ئۈچۈن بولمىغاننى ئاز دەپ ، مەزمۇنى « تۆت كىتاپ ، بەش دەستۇر » دىن چىقالمىغان قەدىمقى زاماندىن پەرقسىز ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش بىلەن كۇپايىلەنگەن ئىدى . پەقەت XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جوڭگۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەركەتلىرى ئېلىپ كەلگەن ئويغىنىشلارلا بىزگە ھەقىقى ھالدا مەۋجۇتلۇق يولىنى – يېڭىچە مائارىپ مەنزىلىنى تونۇتتى . ياڭ زىڭشىن ، جىن شۇرېن ، شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرى تالايلىغان ئويغاقلىرىمىزنى تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەھشىيلەرچە يوقاتتى . ھەتتا ياڭ زىڭشىن « ئىشىكنى ئىتىۋېلىش »تەك زاماننىڭ ئېقىمىغا قارشى بېكىنمە سىياسەتنى يولغا قويۇپ تەرەققىيپەرۋەر يېڭىلىق كۈچلىرىنى ئۇجۇقتۇردى . شىڭ شىسەي بايلار بىلەن ئوقۇمۇشلۇقلارنى يوقۇتۇپ «خانلىق»ىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولدى . شۇنداقتىمۇ تاتار مەرىپەتچىلىرىدىن ئىسمائىل غاسپىرالى ۋە باشقىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قانات يايغان يېڭىچە مائارىپ ھەركىتى ( جەدىتچىلىك ) دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىجابىي يۈزلىنىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى . 1899 – يىلى مەرىپەتپەرۋەر ئوغلانلىرىمىزدىن ئاكا – ئۇكا مۇسابايلار يۇرتى ئېكساقتا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۈنجى يېڭىچە مەكتەپنى قۇردى . 1909 – يىلى يەنە ئۇلار ئىلىدا زامانىۋى كۆن – خىروم زاۋۇتىنى قۇرۇپ كاپتالىستىك زامانىۋى مىللىي سانائەتنىڭ ئۇلىنى سالدى . شۇنىڭدىن كىيىن مەمتىلى ئەپەندى ، شەۋقى ... لەردىن باشلانغان يېڭى مائارىپ ھەركىتى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ۋە كۆلەمدە قانات يايدى . ئەمما تاكى ئازاتلىققا قەدەر ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن بولغان ئورۇنۇشلار ئاچچىق رىيازەت ۋە قان تۆكۈلۈشلەردىن بىر كۈنمۇ مۇستەسنا بولغىنى يوق . # T- w" Y; H# T. gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېڭىچە مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشنى كۆزدە تۇتقاندا 1931 – يىلدىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىدىن كىيىن جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ پۇرسەتپەرەس شىڭ شىسەي ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى . 1933 – يىلى شىنجاڭدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى . 1934 – يىلدىن باشلاپ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئاقارتىش ئويۇشمىلىرى كەينى – كەينىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىدى . شۇ يىلى ئاقسۇدا ۋالىي ، مەرىپەتپەرۋەر زات نىياز شىرىپنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئاتاقلىق ئالىم ، پىداگۇك مەمتىمىن قارىھاجى (سوپىزادە )نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسى قۇرۇلغان . مەزكۈر ئويۇشما ئاممىۋى مەدەنىيەت تەشكىلاتى بولۇپ ، كۆرەش نىشانى مىللەتنى نادانلىق ۋە جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇپ مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ، يېڭى مائارىپ سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت ئىدى . ئۇيغۇر ئويۇشمىلىرى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن خەلقنى ئاقارتىش ، مىللەتنى پەن – مەدەنىيەت بىلەن قۇتقۇزۇش ، خەلقىنىڭ كۆزىنى ئېچىش ئىشىغا جىددىي كىرىشتى . نادانلىق ۋە جاھالەتنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئۇيغۇر خەلقىدە ئىلىم – ئىرپانغا بولغان قىزىقىش ۋە ھەۋەس پەيدا بولدى . ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر مىللىي تەشكىلاتى بولغان ئويۇشمىلارنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشتى . پۇلى بارلار پۇل ، كۈچى بارلار كۈچ چىقاردى . يېڭى مەكتەپ بىنالىرى ئارقىمۇ – ئارقا قەد كۆتىرىشكە باشلىدى . ھەتتا يىتىم – يېسىرلار ئۈچۈن مەىسۇس دارىلئېتاملار سېلىندى . شىڭ شىسەي دەۋرىدە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ 530 ، ئوقۇغۇچى سانى 90333 بولغان بولسا ، ئويۇشما قارمىقىدا 1883 باشلانغۇچ مەكتەپ ، 180035 نەپەر ئوقۇغۇچى بولغان . ھەتتا قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ ، سىنىپلار تەسىس قىلىنغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئويۇشمىلار خەلقنىڭ ساۋاتسىزلىقى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بىر ياقتىن ساۋات چىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتسا ، يەنە بىر تەرەپتىن سەھنىدىن پايدىلىنىپ ئاقارتىش ئېلىپ بارغان . نەتىجىدە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىدا قاينام – تاشقىنلىق ۋەزىيەت شەكىللەنگەن . مەتبۇئات ، نەشىرىيات ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان . ئەمما 1942 – يىلىغا كەلگەندە شىڭ شىسەينىڭ كومپارتىيەگە ، سۆۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ جياڭ جىيىشىغا يېقىنلىشىشى ۋە ئىلغار كۈچلەرگە مەلئۇنلارچە زىيانكەشلىك قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلقى قايتىباشتىن قاباھەتلىك كۈنلەرگە دۇچار بولدى . 1943- يىلى گومىنداڭ زور قوشۇن بىلەن شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن ئەھۋال تېخىمۇ يامانلاشتى . ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىمىزدىكى يازغۇچى نۇر روزىنىڭ « مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى » ناملىق ھېكايىسىنى بىلىدىغانلارغا بۇ قاراڭغۇ ئەمەس . بۇ ئەھۋال تاكى 3 ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن 1945 – يىل 8 – ئايلارغا قەدەر تولىمۇ ئېغىر بولغان . # \% ^; F A u& q. S2 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ، ئايكۆلدە يېڭىچە پەننى مەكتەپ 1907 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، ئاقسۇ دىيارىدىكى يېڭىچە مائارىپ ئەڭ بالدۇر باشلانغان جاي ئايكۆل ھېساپلىنىدۇ . شۇ يىلى ئۆزبىكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدىن كەلگەن 2 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئايكۆلدە 70 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن تەركىپ تاپقان 2 سىنىپ تەسىس قىلىپ يېڭىچە مائارىپ قەدىمىنى باشلىغان . بۇ مەكتەپ دەل ھازىرقى ئايكۆل بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىپتىدائى ئاساسىدۇر . 1920 – يىلغا كەلگەندە بۇ مەكتەپكە قىز ئوقۇغۇچىلارمۇ قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان . مانا بۇ ئۇنىڭ كونىچە مائارىپتىن پەرقلىنىدىغان تۈپ بەلگىلىرىدىن بىرىدۇر .ئىزدىنىشلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا ھازىرغا قەدەر ئاقسۇ دىيارىدىكى باشقا ناھىيە ۋە يىزىلارنىڭ مائارىپ تارىخىدا يېڭىچە مائارىپنىڭ 1907 – يىلدىن بۇرۇن باشلانغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىياللار مەلۇم ئەمەس . بەلكى مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا باشقا جايلاردىكى يېڭىچە مەكتەپلەر ئاساسەن 1934 – يىلى ئۇيغۇر ئويۇشمىلىرى قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى – كەينىدە بىنا قىلىنغان . ئۆزبىكستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە 1898 – يىلىلا مۇنەۋۋەر قارىي تەرىپىدىن جەدىتچە مەكتەپ قۇرۇلغان بولۇپ ، 1900 – يىلدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادا جەدىتچە مەكتەپلەر تىز سۈرئەتتە راۋجلانغان . شۇ نوقتىنى كۆزدە تۇتقاندا دەل شۇ خىل يېڭىچە مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغان ئاشۇ ئىككى مەشئەل يېڭىچە مائارىپ ھەركىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان 9 يىلدىن كىيىن ئايكۆلدە لاۋۇلدىغان . ئۇلار تەربىيەلىگەن 70 نەپەر ئوقۇغۇچى دەسلەپكى ئۇرۇق بولۇپ ئايكۆل ، جۈملىدىن ئاقسۇ دىيارىنىڭ كىيىنكى مائارىپ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۈكسىلىشىگە ئاز بولمىغان ئىجابىي تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ، يىلتىز تارتىپ باراقسانلاپ شىرىن مېۋىلەرنى بەرگەنلىكى شۈبھىسىز . تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى 1920 – يىلدىن كىيىنكى بۇ يېڭىچە مەكتەپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەرسىزمىز . بىراق ، 1937 – يىلغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئويۇشمىلىرىنىڭ ھەرقايسى يىزا – بازار ، كەنتلەردە مەكتەپ قۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشى نەتىجىسىدە ئايكۆل خەلقى يېڭىچە مائارىپنىڭ گۈزەل باھارىنى قايىتىدىن كۈتىۋالدى . نەتىجىدە ئايكۆل سايرىق مەكتەپنى ساۋۇت ئەھمىدى ، خۇاڭگۇڭ مەكتەپنى توخنىياز توختايۇپ ، ساقساق مەكتەپنى ھامۇت مەخسۇت ، ئارا مەھەللە مەكتەپنى قادىر نىيازى باش بولۇپ قۇرغان . + B6 h! L% L7 H2 J- O3 c, ~6 M6 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قانداقلا بولمىسۇن ، ئايكۆل خەلقى قەدىمدىن تارتىپ مەرىپەتپەرۋەر ، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان خەلق بولۇپ ،مەيلى دىنى ئىدىئوگىيە ، مەيلى پەننىي خاھىش بولسۇن ئاقسۇ دىيارىدا نىسبەتەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن . بۇ پىكىرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئاقسۇنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان مۇنەۋۋەرلەردىن ئىككىنى مىسال قىلىمىز :
) R, Q! {3 ]1 Y% h1 o* ?1) دانىش ياقۇپ : 1899 – يىلى ئايكۆل بازىرىنىڭ تاشتا كەنتى ساتما مەھەللىسىدە تۇغۇلغان . 11 يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن دىنىي تەلىم ئېلىشقا باشلىغان . كىيىن كونا شەھەر ناھىيەسىدە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان . 1917 – يىلى قەشقەرگە بېرىپ داڭلىق مەدرىسلەردە ئەرەپ ، پارس ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەنگەن . 1935 – يىلى ئاقسۇ مەمۇرى رايۇنى ئۇيغۇر ئويۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان . شۇ يىلى يەنە ئاقسۇ گېزىتى ، ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن ۋە سانائەت مەكتىۋىنىڭ باشلىقى بولغان يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەن . ئاياللار ئازاتلىقى ۋە قىزلارنىڭ مەكتەپ تەربىيەسى ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان . ئاقسۇدا ياپۇنغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتىنى قوزغىغان ۋە ئاقسۇ ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكىنى قۇرغان . 1938 – يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان . 1943 – يىلى قويۇپ بېرىلگەن . 1956 – يىلى ئاقسۇغا قايتىپ يەنە ئۇيغۇر ئويۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان . 1949 – يىلى شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن كىيىن جوڭگۇ كومپارتىيىسىنى ھىمايە قىلغان ۋە يېڭى دىمۇكراتىزىمنى قوللىغان ۋە ناھىيەلىك يەر ئىسلاھاتى كومېتىتىنىڭ ئەزاسى بولغان . شۇنىڭدىن باشلاپ ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ، سىياسىي كېڭەش ئاقسۇ ناھىيەلىك كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان . 1970 – يىلى 10 – مايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان . $ A. _0 L4 I" p( zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2) مەھمۇد ھاجىيۇف : 1910 – يىلى ئايكۆل بازىرىنىڭ ساقساق كەنتىدە قول – ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . بالىلىق چاغلىرىدا يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان . 1934 – يىلى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن قۇمباش يىزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنى قۇرغان ۋە ئۆزى مۇئەللىملىك قىلغان . 1939 – يىلى كونا شەھەر بوزدۆڭ يىزا قىزىلبۇلاق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى ئونسۇنى ئىگىلىگەندىن كىيىن ، ئۇ باشقا بىر تۈركۈم ئىلغار ياشلار بىلەن مىللىي ئارمىيىگە قوبۇل قىلىنىپ پەيجاڭلىققا تەيىنلەنگەن . 1946 – يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ( ئېلىدا قۇرۇلغان ) ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى ۋە مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن . « بېتىم » دىن كىيىن مىللىي ئارمىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولغان . شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن كىيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان . كىيىن ئۆزىنىڭ ئىلتىماسى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە تەيىنلىشى بىلەن ئونسۇ ناھىيەلىك مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان . بۇ مەزگىلدە ئۇ ئونسۇدا يېڭى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشى ، شەھەر – يىزا مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشىغا كۈچىگەن . ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ قىزىل ، ئارال ، تۇمشۇق ، چاغراق ، لەنگەر ، زامتاي ، ئىشلەمچى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان . 1965 – يىلى يىزا – بازار باشقۇرۇش كومېتىتىنىڭ مۇدىرى بولغان . « مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە « كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار » دەپ تارتىپ چىقىرىلغان ۋە ئىشلەمچىدە ئەمگەككە سېلىنغان . « ياشلار ئەترىتى » ۋاقتىدا ئېغىر ئەمگەك ۋە كېسەل سەۋەبىدىن 1974 – يىلى 64 يېشىدا ۋاپات بولغان .
% u) M3 P3 }; H% H
6 Y7 L! V2 K) A& j8 C+ d2 |; d2 `, Zئايكۆللۈكلەرنىڭ ھازىرقى مائارىپ ئەمەلىيىتىدىكى چېكىنىش ۋە زۆرۈرىيەت
3 Q( e& v. T5 F% bمائارىپ بولمىسا كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ . – بىن گۇرىئون ( ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئاتىسى )
' c' g* u+ a" Y) W2 z- d4 d( a8 z' |' g( T! sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قانداق سىنىپ ، قانداق ھاكىمىيەتنىڭ دەۋر سۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەربىر قەۋمنىڭ ئەجداتتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ ئۈزۈكسىز ھالدا « يېڭى قان » غا ئېرىشىپ مۇكەممەللىشىپ بارىدىغان ئۆزىگە خاس مىللىي روھى بولىدۇ . ئۆز مىللىي روھىغا ئىگە خەلقلەر تارىخىنىڭ ھەرقانداق بىر باسقۇچىدا ھەتتا 2000 يىللار ئاۋالقى يەھۇدىيلاردەك پۈتۈنلەي يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندىمۇ مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ئىزدىنەلەيدۇ . ھۆرلۈك ۋە سائادەت يولى تاپالايدۇ . ئەمما تۈرلۈك سەۋەپلەردىن كۆرە ، بۇنداق روھى ئۈستۈنلۈك ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن ، مۇقەررەر ھالدا شۇ قەۋمنىڭ تەقدىرىدە ھالاكەتلىك ئېپىزۇتلار كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىدۇ . بولۇپمۇ مىللىي كىمنلىكىنى ساقلىغان ئاساستا يېڭىلىققا ئىنتىلىش ، ئىلىم - مەرىپەتنى سۆيۈش ، تەرەققىيات ئىزدەش ھەرقانداق بىر قەۋمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزگۈلۈك رەۋىشىدە ھۆرلۈك ۋە سائادەتنىڭ يۈكسەك پەللىلىرىگە يەتكۈزىدىغان رەھنىمالىق روھىدىن ئىبارەت . مەيلى غەرپ ياكى شەرق ئەللىرى بولسۇن ئىلغار كەتكەن بۈگۈنكى زامان ئەللىرىنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدى ىلەن ئەنە شۇ روھنىڭ ۋەھىيانە ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولغان . قانداقلا بولمىسۇن ، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ھامان ئۇدۇم بولالايدىغان مەلۇم ئىلغار نەرسىلەر بولىدۇ . ھەربىر مىللەت پەقەت شۇ نەرسىلەرنى بېيىتىش ئاساسىدا ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ يادرۇلۇق مەزمۇنىغا ئايلەندۇرۇپ كېلەلىسىلا ، ئۇنىڭ تەقدىرىدە قانداق ئېغىر قىسمەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ھامان ئورنىدىن تۇرالايدۇ .
. a& V7 G* u; h9 eمىلادى 70 – يىلنىڭ ئالدى – كەينىدە رىملىقلار تەرىپىدىن يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچكەلگەن يەھۇدىيلار دەل مەرىپەت روھىغا تايىنىپ كىيىنكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان . بۇ مەزگىلدە يەھۇدىي رايۇنلىرى رىملىقىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلنىش خەۋپىگە دۇچكىلىدۇ ۋە ئۇلار مەكتەپ ، ئىبادەتخانىلارنى ۋەيران قىلىپ يەھۇدىيلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ . بۇنداق رەھىمسىز رىئاللىق ئالدىدا يەھۇدىيلار ئىككى گورۇھ بولۇپ شەكىللىنىدۇ . قارچىغا گورۇھى زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلسا ، كەپتەر گورۇھى زوراۋانلىققا غەيرى زوراۋانلىق ۋاستىسى ئارقىلىق قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . يوھاننا راببىي ( يەھۇدىي دىنىنىڭ ئۆلىماسى ) كەپتەر گورۇھىغا تەۋە يەھۇدىي مىللىتى دۇچكەلگەن زۇلۇم – سىتەم ئالدىدا باش قاتۇرۇپ ئىششغالىيەتچى ئارمىيەنىڭ قۇماندانى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىبارەت ياخشى چارىنى ئويلاپ تاپقان . ئەمما شۇ ۋاقىتتا كەپتەر گورۇھى تەرىپىدىكى يەھۇدىيلار قارچىغا گورۇھى تەرىپىدىن ئېرۇسالىم شەھەر سېپىلى ئىچىگە سولاپ قويۇلغان بولۇپ كىرگىلىمۇ ، چىققىلىمۇ بولمايتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېسەل قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ . ئۇ چوڭ راببىي بولغاچقا نۇرغۇن كىشىلەر كېسىلىنى كۆرگىلى كېلىدۇ . ئۇزۇنغا بارماي ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىدۇ . شاگىرتلىرى ئۇنى مىيىت ساندۇقىغا سېلىپ شەھەر سېپىلىدىن ئېلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ . چۈنكى شەھەر ئىچىدە قەۋرىستانلىق يوق ئىدى . قارچىغا گورۇھىنىڭ قاراۋۇللىرى راببىينىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنمەي جەسەتنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا يەھۇدىيلاردا جەسەتنى كۆرۈشكە قەتئىي بولمايدىغان قائىدە بولغاچقا ئۇلار قوشۇلمايدۇ ۋە جەسەتكە نەيزە سانجىماقچى بولغان قاراۋۇلنى توسۇپ شەھەر سىرتىغا ئەپچىقىپ يەرلىككە قويۇشتا چىڭ تۇرىۋالىدۇ . ئاخىرىدا ئۇلار يول قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ . سېپىلدىن چىقىپ رىم ئارمىيەسىنىڭ گازارمىسىغا كەلگەندىمۇ ئوخشاش ھالدا قۇتۇلۇپ ، ئوڭۇشلۇق ھالدا رىم ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق شىتابىغا يىتىپ بارىدۇ . يوھاننا راببىي مىيىت ساندۇقىدىن چىقىپ قوماندان بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ . ئۇ قوماندان ۋېس باسسىننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ : « مەن گىنرال جاناپلىرىغا رىم پادىشاھىغا ئوخشاش ھۆرمەت بىلدۈرىمەن » دەيدۇ . گىنرال ئاڭلاپ پادىشاھنى ھاقارەت قىلدىڭ دەپ ئەيىپلەيدۇ . بىراق ، ئۇ تېخىمۇ جەزىملەشتۈرۈپ : « ياق ، گىپىمگە ئىشەنگەيلا ئالىيلىرى ، چوقۇم رىم پادىشاھى بولىدىلا » دەيدۇ . گىنرال : « تىلىكىڭىزگە رەھمەت ، ئۇنداقتا سىز نىمىگە ئېرىشمەكچى ؟» دەپ سورىغاندا ، ئۇ : « مىنىڭ پەقەت بىرلا ئارزۇيۇم بار ، ماڭا 10 راببىي سىغقۇدەك مەكتەپتىن بىرنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار ، ئۇنى مەڭگۈ چېقىۋەتمىسەڭلار ! » دەيدۇ . يوھاننا راببىي رىم ئارمىيەسىنىڭ ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىۋالىدىغانلىقىنى ۋە زور قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلەتتى . ئۇنىڭچە مەكتەپ ساقلاپ قېلىنسىلا يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى چوقۇم ساقلاپ قالغىلى بولاتتى . بەختكە يارىشا گىنرال ۋېس باسسىن ئۇنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي رىم پادىشاھى ئۆلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ قۇماندان ئۇزۇن ئۆتمەي ئارمىيەگە تايىنىپ پادىشاھ بولىدۇ . كىيىن ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ئۇ قوشۇنىغا : « پەقەت بىر كىچىك مەكتەپنىلا قالدۇرۇپ قويۇڭلار ! » دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ . شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيلارنىڭ بىلىمى ۋە ئەنئەنىسى ، توغرىسى مىللىي روھى ساقلاپ قېلىنغان . يەھۇدىيلارنىڭ تارىختا شۇنىڭغا ئوخشاش زور بالايى ئاپەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپمۇ يوقۇلۇپ كەتمىگەنلىكىگە دەل مۇشۇنداق يىراقنى كۆرەرلىك ۋە پىداكارلىق سەۋەپ بولغان .
% F' w' {0 s; y/ U' J% K1 tدۇنيادىكى بارلىق خەلق يەھۇدىيلارنى دۇنيادا قەدىمدىن تارتىپ ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ۋە « كۈلپەتنى بايلىق » دەپ بىلىپ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن ، راۋاج تاپقان خەلق دەپ بىلىدۇ . بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپنى دەل ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان ئاشۇ مەرىپەتچىلىك روھىنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ئەمەلىيىتىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇقەددەس پىرىنسىپقا ئايلانغانلىقىدا ، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ . ئۆز مىللىتىنىڭ يۈكسەك ئەنئەنىۋى روھىنى چۈشىنىدىغان ، ئىزچىللاشتۇرىدىغان ۋە جان تىكىپ قوغدايدىغان كىشىلەرنىڭ ئازلىقى مۇقەررەر ھالدا شۇ مىللەت ئىجتىمائىي ھاياتىدا پاجىئەلىك ، سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قارارلاشتۇرىدۇ . سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زاۋال تېپىشىغا سەۋەپ بولغان ئەۋھاپەرەسلىك ۋەجىدىن ئەۋج ئالغان روھى گۇمرانلىقنىڭ زىيىنىنى يەتكۈچە تارتقان ، بەلكى 300 يىلغا يېقىن يەتكۈچى تارتقان ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە ئاقسۇ خەلقىمۇ ئوخشاشلا زور چىكىنىشلەر ۋە مەنىۋى بەرباتلىق ئىچىدە ياشاپ كەلگەن ئىدى . يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ، شۇ ۋاقىتلاردا دۇنيا مىقياسىدىكى تۈرلۈك ئىنقىلاپ ۋە ئويغىنىشلار ساداسى ئىچىدە ھىدايەت يولى تاپقۇچە ئايكۆل خەلقىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇتلۇق كىرزىسى ۋە مەنىۋى بوھران ئىچىدە ياشاپ كەلگەن ئىدى . 9 m( E; `8 N- yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خوش ، ئۇنداقتا ئاقسۇ دىيارىدىكى ئىسلام مەدرىس مائارىپى ۋە يېڭىچە پەننىي مائارىپ ئەڭ بۇرۇن باشلانغان مەدەنىيىتىمىزدىكى يورۇق ئارال – ئايكۆلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق ؟ مانا بۇ دەل ئاشۇ ھۆكۈمنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ مېڭىسىدە تەبىئىي ھالدا ئەكس ئىتىدىغان سۇئال . بۈگۈنكى ئايكۆل كىشىلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى سودا – سېتىققا ھېرىسمەن ، ئۆزىنى مەغرۇر تۇتىدىغان ، ئىسلامىي ئەقىدىسى نىسبەتەن چىڭ خەلق ، دەپ تونۇيدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ مەرىپەت ئەنئەنىسى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ . نىمە ئۈچۈن ؟ ئازاتلىقتىن كىيىن بۇ كىچىككىنە زېمىندا ھەربىر كەنتتە بىردىن دېگۈدەك باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلدى . ساۋات چىقىرىش تەكىتلەنگەن يىللاردا بۇ ئىش چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى . ئەمما بۇ كىچىككىنە ، ئەمما ئاجايىپ مول تارىخى كەچۈرمىشلەرگە باي زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ روھى ۋە ماددىي ھالەتلىرى گويا « ئەسھابۇلكەھف » غارىدا ئۇخلاپ قالغانلاردەك بىر ئىزدا توختاپ قالغان . ئۇلار يېنىدىكى نەچچە تال تەڭگىسىنى 300 يىللىق ئۇيقۇسىدىن كىيىن بازارغا چىقىپ خەجلىيەلمىگەن ئاشۇ سەيياھلارغا ئوخشاپ قالغان . ئەپسۇسكى ئۇلاردا تېخىچە ئەجەپلىنىش يوق . ئەمما دەۋر ۋە تەرەققىيات ، مەۋجۇتلۇق ۋە رىقابەت ھەربىر ئادەمدىن ، بۇ تۇپراقتىكى ئىنسان سۈپىتىدىكى ھەربىر ياشىغۇچىدىن ئەجداتلىرىنىڭ ئاشۇ يىتۈك روھىنى تەلەپ قىلماقتا . مىڭلاپ ئەپسۇسكى ، ئەجداتلىرىدىكى يېڭىلىققا ، تەرەققىيپەرۋەرلىككە ، ئىلىم – مەرىپەتكە ، كامىللىققا ئىنتىلىدىغان بىباھا روھنى ئايكۆللۈكلەر ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن . : E& q8 Q( Y6 o; N! Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىراق سىز بۈگۈنكى ئايكۆلدە دەل بۇنىڭ ئەكسىنى كۆرىسىز . بۇ يەردىكى ئادەملەر باشقىچە بىر دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە گويا نەچچە يۈز يىللار ئاۋالقىدەك ، گۈرۈلدەپ كىتىۋاتقان پويىزغا پەرۋايى پەلەك ھالدا ئۆز ئىشىنى قىلىۋاتقان كىشىدەك خىرامان ، بىغەم ياشىشىدۇ . نۇرغۇن ئاتا – ئانىلارنىڭ نەزەرىدە بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشى . بالىلارنىڭ نىمە ئۆگىنىشى ، نىمىلەرنى قوبۇل قىلىشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق . ئېتىزلىق ، مازار ، مەسجىد ۋە ئۆيدىن ئىبارەت تار دائىرىدىكى تۇرمۇش مەيدانى ئىچىدىلا داۋام قىلىدىغان رايىشلارچە ياشاش ئۇلارغا ئەينى چاغدىكى مەرىپەت روھىنى ، ئالتۇنغا بەرگۈسىز مىللىي ئەنئەنىسىنى مەزىسىز چۈشتەكلا ئۇنتۇلدۇرغان .باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بالا ئوقۇتۇش « مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى » نىڭ بېسىمىدىن بولمىسا ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇسى يوق . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرەي دەپقالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدىمۇ غايە ، كەلگۈسى تەقدىر ، ياشاش نىشانى ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك ئۇقۇم يوق . 40 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ بىر يىزىدىكى بىردىنبىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەنلىكى ، مەكتەپكە تولۇق كەلمىگەنلىكى ، دەرسكە كىرمىگەنلىكى ، ئىنتىزامسىزلىق قىلغانلىقى ، ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقى ... سەۋەپتىن تەنقىد – تەربىيە ئاڭلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مەكتەپ كىلىپ ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆكتەملىك قىلىدىغان ، ئۇششۇقلۇق قىلىدىغان ، تەھدىت سالىدىغان ، ھەتتا ئۇلارنىڭ جىسمانىيىتىگە چېقىلىدىغان ئاتا – ئانىلار ھەركۈنى دېگۈدەك چىقىپ تۇرىدۇ . ئەمما ئۇلار تاكى شۇ چاغقىچە بالىسىنىڭ كىمنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى ، نىمىلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر . ئۇلار ھامان بىرەر باھانە – سەۋەپ بىلەن بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئاجىرىتىۋېلىش كويىدا . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار قەستەن پاراكەندىچىلىك چىقىرىدىغان ، ئىنتىزامسىزلىق قىلىدىغان ، خالىغانچە دەرسكە قاتناشمايدىغان ، جەمئىيەتتىكى يامان ئىش ، يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋالغان بالىلار ئالدىدا بىچارە . شۇڭا ئوقۇتۇشمۇ پايانسىز دېڭىزدا نىشانسىز لەيلەپ كىتىۋاتقان يەلكەنسىز كىمىدەك ئۈنۈمسىز ھالدا داۋام قىلىدۇ . مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ كوزىرى پەقەت دىپلۇم . چۈنكى ئۇ بولمىسا ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن چىقىپلا ئاتا – ئانا بولۇش ئۈچۈن ئالىدىغان توي خېتى ئېلىشى تەسكە چۈشىدۇ . ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار بۇنىڭغىمۇ ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمەيدۇ . شۇڭا ئانچە – مۇنچە ئاغزى – بۇرنى تۈزلىنىپ يارىدار جەڭچىدەك يۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىغىمۇ ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق . ئەمما باشقا ئىشلارغا سوراق تەييار بولغان بىلەن بۇ ئىشقا يوق . ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سائەت 10 غىچە ، ئازراقى چۈشكىچە ، يەنە ئازراقى كەچكىچە بىر قېتىم مەكتەپكە كىلىپ كۆرۈنۈپلا بەرسە ، مەكتەپتە تەييار تاماقنى يەپ ئويناپ بىرىپ خاتىرجەم ئۆيگە قايتسىلا بولىدۇ . ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىلىپ – كىتىپ تۇرسىلا بولىدۇ . ئۆگىنىش ، تەقدىر بېسىمى ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ياكى مەسئۇلىيەت ھەققىدە گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق . بالىلارنىڭ ھالەت – تۇرقىغا قاراپ يىزا بالىلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ ( ئەلۋەتتە ھازىر يىزا بىلەن شەھەرنىڭ پەرقى زور دەرىجىدە كىچىكلىمەكتە ) . ئۇلار ئېسىل تېلىفۇنلارنى قولىدىن چۈشۈرمەيدۇ . قىز – ئوغۇللار پىنھانلاردا مۇڭدىشىدۇ . ئاجايىپ – غارايىپ كىينىشىدۇ ، ياسىنىشىدۇ . ئىشقى – مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن ناخشىلارنى ئاڭلىشىدۇ . ئەگەر مەكتەپ دەرۋازىسىدا تۇرۇپ كۆزەتسىڭىز ، مەكتەپكە كىلىپ ، قايتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەلكىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار سومكىسىدىن 10 نى سانىيالمايسىز . مەكتەپ ھويلىسىغا قارىسىڭىز ئالدىڭىزدا ياشانغانلار ساناتورىيىسىدىكى ئاخىرقى ئۆمرىنى ئويۇن – تاماشا بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقانلارنى يادىڭىزغا ئالىسىز . بىرىلىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ياكى تەنەپپۇس ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ دەرس ، سىناقلار ئۈچۈن ماتىرىيال كۆرىۋاتقان ئوقۇغۇچىدىن بەشنى ئۇچرىتالمايسىز . پەقەت تۈرلۈك توپلارنى ئويناش ، مۇڭدىشىش ، قوغلىشىپ ئويناشتىن باشقا ئىش كۆزگە چېلىقمايدۇ . ھەتتا ئىمتىھانلاردا جاۋاپ يېزىش تۈگۈل ئىسمىنى يېزىپ قويۇشقىمۇ ئېرىدىغان تالاي ئوقۇغۇچىلار بار . سىناق ، ئىمتىھان ، دەرس ، تىرىشىش ، ئۆرلەپ ئوقۇش ، ياخشى تۇرمۇش يولى ، كىيىنكى تەقدىر ... دېگەنلەرنى ئويلاش تۈگۈل ، 45 مىنۇت قىسىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىماق تاغقا چىقماقتىنمۇ تەسكە توختايدىغانلار تېخىمۇ كۆپ . تەلەپ قويۇشتا قىزلار ھەتتا ئوغۇللاردىنمۇ تەشەببۇسكارراق . شۇڭىمىكىن چەكلەنگەن مېۋىنى ناھايىتى بالدۇر يەپ قويىدىغان ئىشلارمۇ ئادەمنى چۆچۈتىدۇ . تېخى قىزلارنىڭ گوروھ بولۇشۇپ ئۇرۇشىدىغان ئىشلىرىمۇ ئانچە – مۇنچە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . مەن ئايكۆلدە تۇرغان 5- 6 يىللىق تۇمرۇشۇمدىكى ئەمەلىي كۆزىتىشىم ئۇيغاتقان ھەسرەتلىك ئىلھاملىرىمنى ئاشۇ كارتىنىلارنى تولۇق سۈرەتلەپ بىرەلمىگىنىگە قارىماي ، مۇنداق بىر پارچە « ئايكۆلنىڭ چۈشى » ناملىق
- ^3 l* M2 Q. R/ ~4 T) Fشېئىرىمغا مۇجەسسەملەپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم : 5 {8 Z' G8 ?& O E4 q" L3 @/ G1 Y8 i+ ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دولقۇنۇڭغا ئاينى دەپ كىردىم., W6 N3 @- A% P/ N8 o! nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قۇلىغىمدا قەبىلەمنىڭ تىۋىشى، w0 E& @ x2 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قۇلۇمدا سۇلايماننىڭ ئۈزۈكى.
4 L* }6 o3 s2 I6 S3 y, d A5 Aئەتمەك بۇلۇپ كوزا ئاغزىنى ،
- W/ O; ~4 C) E; L/ C' Eدىۋىگە يۈزلەندىم.$ c6 ~- E* p A3 A3 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
* u% m) f9 p6 ~3 G/ S9 ~; jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خانىقادا باشلاندى ئەرزان ،
$ r+ t7 H1 q: s$ t5 Zچۇۋۇلۇپ كەتتى جەددالنىڭ تورى.4 K V$ a0 q9 A! |. T( Z0 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پاك روھىمنى سۆيۈپ ئويغاتتىم ،# o3 B0 _5 m! y0 q* M. g j+ Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇلتۇزلارغا تاشلىغاچ سۇئال.. J5 b0 T% V" n/ o1 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياشاش ئۈچۈن ئالدىم تاھارەت ،0 o) }0 F; q3 ~5 [: S# Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
داۋالغۇدى كۆل سۈيى دەرھال ., l6 \4 @1 ^% E/ Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Ⅱ; {: k3 \5 |3 }+ _9 U6 Q8 F$ xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەۋلانەم مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى بازاردا،' [5 Z L1 b& P. H. I U, Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
روماللىق بىر مەزلۇم تىلەر سەدىقە.
! { k+ N$ ?/ H1 G* P: @8 _ئولتۇرار بالىسى ياندا يۇلتۇزدەك،
8 D9 [8 ~, z3 o4 sساقاللىق ئەرلەر ئالدىرار ئۆيگە .
; s+ l2 O7 `5 s! a3 N0 Xتۆتىنىچى خۇتۇننى كۆرگۈسى كىلىپ ،
! b& y! p& S) o2 e& nموتسىكىلىت ياكى ماشىنىنى قوزغىتىدۇ .9 L) K9 ^; q. H) `4 g/ v, }6 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۈرىكى ئوت ئالىدۇ . l* `% `# k" I! Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5 |7 m& c9 P) H6 G g7 H7 K& ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۈگەتلىكتە دۈم يېتىپ،
k* [0 O* h$ q: d9 Q: Xئاچچىق نەشنى شورايدۇ،5 l- c f: ?7 r; `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئانىسىغا قانمىغاندەك .
( G, J& q) k, qھاجىمنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىر يىگىت.
0 O$ _( x+ p, S; B* x' f/ zئېتقادىنى توپ قىلىپ تىپىپ،4 o. g# e) m* t/ W+ Z5 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇئەللىمنى يوملاتقاندەك ،1 Z6 L* n* W+ E; y. `, J1 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پىنھانلاردا مەستلىنەر پىلدەك.% m# f9 g. q8 g) x, l9 j8 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
: M4 y, \1 ^% ~" b+ j4 I& B5 Cپەرىشتىدەك بوۋاي-مومايلار.: U$ d6 N: a* D0 M% yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چېچىلىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۈستىدە،6 d" Q+ A& P9 u$ B) Q+ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپئاق بۇلۇتلاردەك يۈرىدۇ لەيلەپ./ v) L# w$ n8 ~' |) i/ Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چۈشۈرۈپ تۇرسىمۇ يامغۇر ۋە سايە ،" T. i: i# b% o6 ]2 ~ Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيۇن تۈگىمەيدۇ،
1 U' I' y0 I$ R) X+ jكۆڭۈل تىنجىمايدۇ.' Q6 v4 R3 I+ Y7 d2 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇيەردىكى ئادەملەر،
% d: m0 y- f, b# Y& bجىنلاربىلەن سۆزلىشىدۇ.
* E! y: w8 R* j7 v0 G6 z4 y: | ]0 I |" }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈلۈكلەر ئۇسۇل ئوينىمايدۇ.
, ?# e, f; e) J7 W5 n: e/ I8 G312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولى ،
- i$ F+ D0 l5 Wچۈشكە ئەگىشىدۇ. i% L" [) n# s' w1 _% rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەكتەپتىن قاچقان ئۆسمۈر،
+ t) O; L1 c" L: m$ M: T% Iئۇغۇرلىغان پۇلغا بەڭ چىكىدۇ.' R3 I3 L0 N, y. ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پادىجى شىم ئالىدۇ،4 x, m+ ]1 m3 b- z7 j& b4 Z8 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چاچلىرىنى بۈدۈرە قىلدۇرىدۇ ،% |+ M" Y! ~4 e2 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەكتەپ يەنە ئۇقۇتىدۇ،: M, {& N B ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇئەللىم كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدۇ.
: P/ K/ X. i8 t! d& Q+ J! ?# h
# K5 ?: ]' S7 ~( ~4 K-بىلسەم- بىلمىسەم نىمە كارىڭ؟
. D- d; z* e! D5 Y6 E/ u" ~قاراپ تۇرۇپ يۈرەكنى تىلىدۇ.
% {' F0 Z" u3 h& R% i-بالامغا ھومايغان قايسىڭ؟
6 c3 u- x0 i) Z& U7 v- c3 z& d3 [1 I1 gپىچاق كۆتۈرۈپ ھەيۋە قىلىدۇ .' p/ t6 D* b5 x5 r" aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رەتسىز،مەينەت،قايناق دوقمۇشتا،. Q; X5 o6 z/ c$ `* h& z0 j, Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈچەي كاۋاپ يەپ لەڭپۇڭ ئىچىدۇ.9 M6 E% J1 Z5 L" A6 D& G7 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر – بىرىنى تونۇمايدۇ . + f/ o/ W3 Z5 j% r. w9 N$ [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۈز يىل بۇرۇنقى موللا شاكىر،. G' m# h/ R$ B9 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«شەرھىي شىكەستە »دەئۇھسىنىدۇ .$ ~- P! M9 H, j. E% b. \5 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
+ U4 G8 f: c" J3 x8 E1 L" D: sⅢ
" V2 F1 \) C( z, B2 kئاي قەلبىمدە بۇلدۇقلىدى .
/ z7 Z$ l, v0 T, mبالام دەپ كۈيىۋاتقانلار.; N$ R( ?0 c% d2 E. rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بالام دەپ ئۆلىۋاتقانلار ،) E; C- i4 s; E, \; h- h: G" d: ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆل يۈزىدە تۇردى جۇلالاپ.
+ Y6 r; G, z; N
5 `" ~( P5 P' Eسۇ بىلەن قۇمنى ئايرىپ ئولتۇرۇپ،
S3 C7 H7 m1 T- j: Z بىر چىمدىم قۇمنى سۆيدۈم مەڭگۈگە.* O" b" s' N" ?1 I v2 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
( J" l' K+ L7 G3 e: j1 e$ X2 M) dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خەيرىلىك تىلىدىم ،
+ {8 c& A5 m5 U. v9 ~ياغلىق چەگكەن تانسىكەشكىمۇ .
' x1 W3 a2 B: N5 w7 Hئوقۇمىغان ئاقنانچىغىمۇ ، T1 }( ~4 }! J( W% O" |4 W& m& Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چاچ كىسىدىغان ساتىراشقىمۇ ،
% X. v/ _# K/ S. G4 `7 b7 V# xئازغانلارنى تۇشۇغان شوپۇرغىمۇ .
3 t; Z$ N4 {" Z6 r5 D* A6 ?3 Oچۈنكى،ياشىسىلا ئايكۆلدە ئۇلار،
0 I3 ?8 b- V. I& Fكىملىكىدىن كەچمەس يەنىلا،$ G# j+ `9 V) @( z) K! j( q/ Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشقا بىر دەۋردە ياشاۋاتقاندەك .
* B3 X8 S T9 ^2 Y* V3 lقەدىمى دەرەخكە يۆلەنگىنىچە،
, z! _2 ]: I l$ Uبىر –بىرىگە: بىز ئۇيغۇر!-دەيدۇ.4 L/ A$ D+ P: T( G9 G* Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىلان قاسىرىقىنى تاشلاۋاتقاندەك،
# J1 O5 f& A, H2 X' |1 T4 b5 {رىقابەتكە باشلاۋاتقاندەك.7 F, X: H& `0 \ \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
8 R$ D: j1 u0 [8 m) b4 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىشىنىمەن سىلەرگە !( d( \! Q3 S& P, ]4 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەي نۇرغا ئاشىق ئادەملەر!6 M5 z! o, g/ h. \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دەرەخ ئىچىدە تۇرىۋەرمەڭلار.. n* U9 r: F( g0 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاق ئېتىڭلار چاپسۇن توختىماي،$ o" _9 a3 T5 E/ q- Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەھمۇد قەشقىرى ساقلاۋاتىدۇ.' B8 c+ l$ a7 v1 j0 }* H7 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بالىلار مەكتەپكە بارسۇن!; j4 \1 g) ^5 [1 _3 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئېتىزلارغا چىلان تىكىڭلار!: s: d9 l; W/ y" S4 K+ f/ z2 u4 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر ئوت بىزنى ياقلاۋاتىدۇ.
1 m# V* `# H# @* R2 o9 N0 Y
) @. u) N. M$ e U$ N Q7 V- rئەي ئايكۆل!4 r* L n1 `) kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كەل يەنىلا سىنىلا سۆيەي.- s' Q0 g# e8 U/ P) ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەختىڭ ئۈچۈن ئوت بۇلۇپ كۆيەي،
& C: v( M( B! l% Vدۇنيا بىزنى تۇرمايدۇ ساقلاپ.# a1 j7 Q/ ~! |; j4 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چاڭلىرىڭنى نۇر بىلەن سۈرتەي.
6 V: t& T1 r! N2011.1.1
" C7 k1 X) w9 V4 Sتولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆي – ئوچاقلىق بولىدۇ . ئېتىز – ئېرىقلاردا ئىشلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈمىد باغلىغان كەلگۈسىنىڭ تالايلىغان « سەنئەتكار » ، « ئېنىژىنىر » ، « ماتىماتىك » ، « فىزىك » ، « خېمىك » ، « بىئولۇگ » ، « تەنھەركەتچى » ، « ئارتىس » ، « رەسسام » ... لىرى يوققا چىقىدۇ . تىرىشسىلا ۋايىغا يىتەلەيدىغان ئىقتىدار – تالانتلار توزۇپ كىتىدۇ . ئەمما ھەممىدىن ھەيران قالارلىقى ، بۇ كۆپىنچە ئاتا – ئانىلارنىڭ نەزىرىدە بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان ئاۋارىچىلىق . مەن دەل مۇشۇ قۇرنى يېزىۋاتقىنىمدا ماقالەمنىڭ تېمىسىنى نىمىدەپ ئاشۇنداق قويغىنىمنى يەنە بىر قېتىم ھەسرەت ئىچىدە تىلغا ئالىمەن . ئەمما قانچىلىك ئادەم بۇ ھەسرىتىمنىڭ ۋەزنىنى چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ ، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ .
$ k6 E2 q$ P8 ]. t# hبۇ ھەقتىكى ئابىستىراكىت مۇھاكىمىلەرنى داۋام قىلىشتىن كۆرە ، ئۇنىڭغا مۇنداق ئەمەلىيەتنى پاكىت كەلتۈرۈش تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ : ئايكۆل بازارلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 2008 – يىلدىن 2013 – يىلغىچە بولغان 6 يىلدا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر يىلى 629 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن . ئەمما بۇلاردىن ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا ، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا % 3.1 ، %5.8 ، %7.8، % 9.8 ،% 7.2 ، % 3.7 بولۇپ ، ئوتتۇرىچە نىسبىتى %5.8 بولغان . يەنى مۇشۇ 6 يىلدا 3772 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ بۇنىڭدىن ئۆيگە قايتقىنى 3553 نەپەر ، ئۆرلەپ ئوقۇغىنى بولسا ئاران 219 نەپەر بولغان ھەم ھەر يىلى ئۆرلەپ ئوقۇغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە سانى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 36.5 ئادەم بولغان . ئايكۆللۈكلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى جۈملىدىن مائارىپ ئەمەلىيىتىنى يىتەرلىك چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بۇ سان ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ . ھەر يىلى ئاران %5.8 ، يەنى 36.5 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆرلەپ ئوقۇيدۇ . قالغان %94.2 ، يەنى 3553 نەپەر ئوقۇغۇچى جەمئىيەتكە ، ئائىلىگە قايتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى سودا – سېتىق ، ۋە باشقا ھۈنەر – كەسىپلەر بىلەن جان باققاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ، مۇتلەق كۆپچىلىكى يەر تېرىيدۇ . بۇرۇندسىن تېرىپ كىلىنىۋاتقان ئازغىنە يەرنى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تېرىشى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا ياخشىلىنىش ئېلىپ كىلەلمەيدىغانلىقى ئېنىق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى ئائىلىسىگە قايىتقان 529.5 نەپەر ئوقۇغۇچى شۇ ئائىلە ۋە ئايكۆل بازىرىغا نىسبەتەن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن ئىبارەت . ئەمما بۇ يەردە ئۇلارنى خىزمەتكە ئالىدىغان زاۋۇت – كارخانلار يوق . بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت – تېخنىكا سەۋىيىسى ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ يىلدىن – يىلغا جۇغلىنىشى ئاخىرىدا ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيلەش بېسىمى ئېلىپ كىلىدۇ . شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىجتىمائىي ئۇمۇمى ئەخلاق ، مەدەنىيەت يۈكسىلىشى جەھەتلەردىمۇ بەلگىلىك مەسىلىلەر شۇنىڭغا ئەگىشىپلا پەيدا بولىدۇ .
$ h) O1 u: A; S) H3 ~) {' L1 y « ئىسلام ئەقىدىسىگە چىڭ » دەپ قارىلىدىغانلارغا « ئىلىم چىندا بولسىمۇ بېرىپ ئىگىلەڭلار » دىگەن ئايەت بىلەن « ھەقىقى بايلىق روھى بايلىق » دېگەن ھەدىسنىڭ روھى قاراڭغۇ بولمىسا كىرەك . ئىسلام دىنى ئەزەلدىن ئىلىم – مەرىپەت ئىگىلەشنى مۇھىم پەرز دەپ قارىغان . « قۇرئان » دا « ھەممە نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتىم » دەپ ، ئىنساننىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇپ « تەبىئەت » بىلەن « ئىنسان » دىن ئىبارەت ئىككى « كىتاب » نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇشنى ھەقىقى مۇسۇلمانلىقنىڭ شەرتى بىلگەن . ھەقىقەتەنمۇ « ئىلگىرى زامانلاردا ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەر ، ئۇرۇقچىلىق ۋە خەلق ئۇدۇملىرى ئارقىلىق ئىگە بولغان نەرسىلەرگە ئەمدىلىكتە پەقەت تەلىم – تەربىيە بىرىش ئارقىلىقلا ئىگە بولۇش مۇمكىن » ( ئە.رېنان ) بەلكى ھازىرقى زامان پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قۇراللىنىپ ئۆزىنى دەۋر تەرەققىياتىغا لايىقلاشتۇرۇش بىلەن ئىگە بولۇش مۇمكىن . چۈنكى ھەر قانداق دىن ، ھەر قانداق سىنىپ ۋە ئادەم مەقبۇل كۆرىدىغان ئاقىلانە ھۆكۈم شۇكى ، « بارلىق مۆجىزىلەر ئىچىدىكى ئەڭ گۈزىلى ياخشى تەربىيە ئالغان ئىنساندۇر » (ئېپكىتېت ) . ئىنسان پەقەت ياخشى تەربىيە ئارقىلىقلا ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ ۋە تەقدىرىنى گۈزەل قىلىپ يارىتالايدۇ .
& R$ ^' d- B; t0 P يىغىپ ئېيتقاندا ، ئاقسۇ دىيارىدا يېڭىچە مائارىپ ۋە ئىسلام مەدرىس مائارىپىغا ئەڭ بۇرۇن قەدەم قويغان ئايكۆل خەلقى ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم زۆرۈرىيەت دەل ئەجدادلىرىدىكى ئاشۇ روھنى مەشئەل قىلىپ مەرىپەت ۋە يۈكسىلش يولىغا تەخىرسىزلىك بىلەن ئاتلانماقتۇر . چۈنكى « مائارىپ بولمىسا كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ » ( بىن گۇرىئون ) . قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك جاھاننىڭ بارى مۇشۇ دەپ ياشاش بۈگۈنكى كۈندە ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك ، نادانلىق ۋە قارغىش تەگكۈرلۈكتۇر . ھەر بىر قەۋمنىڭ تەقدىرى ئۆزىنىڭ قۇلىدا . ئۇنىڭ قېيىدىشى ، بىكىنىۋېلىشى ياكى ئاكىيۇلارچە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ پەقىرانىلىقتا ياشىشى دۇنيادىن ، تەرەققىياتتىن ،رىقابەتتىن ، توغرىسى ئىلىم – پەندىن يىراقلاپ كىتىشى ئۆزىگە ئۆزى ھالاكەتلىك تەقدىرىنى چىللاشتىن باشقىچە نەتىجە بەرمەيدۇ . ھەر بىر ئاتا – ئانا ئەگەر يىلتىزىنىڭ كۆكلەپ تۇرۇشىنى ، پەرزەنىتلىرىنىڭ كىلەچەكتىكى بەخت – سائادىتىنى ھەقىقى كۆزلەيدىكەن ، ئۇ ھالدا چۇقۇم بالىلارنى تەربىيەسىز قويماسلىقى كىرەك . ئۇلار قانچە كۆپ تەربىيەلەنسە تەقدىر ۋە تەدبىرنى شۇنچە ئاقىلانە ھالدا كۆرۈپ يىتەلەيدۇ . شۇڭا تەربىيەنى ، تەربىيەلىگۈچىلەرنى ۋە تەربىيە ئورگانلىرىنى مەسچىتكە ئوخشاشلا ئۇلۇغلىيالىغان چېغىمىزدىلا ، ئاندىن ھەقىقى مۇسۇلمان بولۇپلا قالماي ، كەلگۈسىنىڭ پارلاق ئاچقۇچىغا ، ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەتنىڭ ، ھۆرلۈك ، ئاسايشلىقنىڭ يول خېتىغا ئېرىشەلەيمىز .
- _, m7 @. b3 z: ^5 {, y ئاخىرىدا ئايكۆلدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ سەمىگە مۇنداق ئىككى ھەقىقەتنى ئەسكەرتىمەن : بىرى ، ئايكۆل – ئاقسۇ دىيارىدا پەننى مائارىپ ۋە ئىسلام مەدرىس مائارىپى ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي . يەنى بىرى ، « تەربىيە بۈيۈك خىزمەت ، چۈنكى تەربىيە ئارقىلىق ئىنسان تەقدىرى ھەل قىلىنىدۇ » ( بېلىنىسكى ) . يەنە قەلبى ئويغاق ھەر بىر يۈرەككە قەلبىم ۋەزمىنلىك بىلەن پىچىرلايدۇكى ، بىزنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى بىردىنبىر چىقىش يولىمىز ۋە ئاخىرغىچە تايىندىغىنىمىز مائارىپ ۋە ئەجدادلىرىمىزدا چاقنىغان ئىلىم – مەرىپەت روھىدۇر . چۈنكى ھەر قانداق بىر ۋەھى ئىنسانغا پەقەت مەرىپەت ئارقىلىق ئايان بولىدۇ ۋە مەرىپەت ئارقىلىق مەۋجۇتلۇق ۋە بۈيۈكلۈك يۇلى بىرىدۇ . بالىلىرىمىز ئوقۇسۇن ! 1 V$ W$ @& t+ N. ^1 C2 d& aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
C2 G$ r0 k; a% D9 R- M/ bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/ W1 z; U! ?. ]3 t# C ^پايدىلانغان ماتىرىياللار :1 C4 U* u3 k& y9 r! g- J Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3 p8 w* t, `2 x0 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1.« ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرسى » ( خەنزۇچە ) شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى نەشىرىياتى 2001 – يىلى نەشىرى . $ c" Z Y5 D- p W3 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2.«ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ تەزكىرسى» ( خەنزۇچە ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2005 – يىلى نەشىرى 5 [" M& ?6 C# ^2 |4 A7 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3.« شىنجاڭ ئىسلام تارىخى » ھاجى نۇرھاجى ، چىن گۇگۇاڭلار تۈزگەن . مىللەتلەر نەشىرىياتى 1995 – يىل نەشىرى .
$ z- U( |6 ?6 j0 ?- J/ k1 C4.« ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى »( جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخىغا ئائىت مەجمۇئە ) 1989- يىل 1- نەشىرى ./ C0 c' h( E. a2 S. B ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5.« ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تارىخى ماتىرىياللىرى » ( 4- قىسىم ) 1991 – يىلى 12- ئاي نەشىرى . ئىچكى ماتىرىيال . ئىجازەتنامە نۇمۇرى ( شىنجاڭ ) 1212 .
4 m. C& ~ t( @7 n6.« ئاقسۇ شەھىرى تارىخى ماتىرىياللىرى (5) - مائارىپ مەجمۇئەسى» 1995 – يىلى 10- ئاي نەشىرى . ئىچكى ماتىريال . ئىجازەتنامە نۇمۇرى 2696- ( 1195 ) .
& Q9 J# X) X. a" i& o7.« قەدىمكى كىتابلار تەتقىقاتى » ( ئىچكى ماتىرىيال ) نىڭ 1986 – يىللىق 2 – سانى . ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى يىغىش ، رەتلەش ، نەشىر قىلىش ئىشخانىسى نەشىر قىلغان .
/ G% \ V6 V# r: X5 ?8.« كىملىك تەربىيىسى » ( ئايكۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ دەرسلىكى ) ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد تۈزگەن . 2012– يىل نەشىرى .
" R* K5 f' n) f: k9.« شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلى 2010 – يىللىق 1- سان . يالقۇن رۇزى : « شىنجاڭدا يېڭىچە مائارىپ قاچان باشلانغان ؟ » ناملىق ماقالە .
* f9 s4 k( n9 L10. « يەھۇدىيلارنىڭ سىرى » خې شيۇڭفېي يازغان . شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى .
# r$ L9 C/ {% G$ y W/ Z$ g/ x, Q) J9 x% b0 G, M5 }' v0 e- Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(بۇ ماقالىنى ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد ئەپەندى مۇستەقىل يېزىپ تاماملىدى.يۆتكەشكە كۈچۈرۈشكە بولمايدۇ )
# u5 n* q1 a6 k7 N! J7 _" @ {3 Z0 k3 ]$ I! m- Q( @3 l- fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5 L4 ?, a! S: O$ i3 Q, wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
|
|