تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: 11yillar

راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
659
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13477
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
113 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 18:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلى خوجاخۇن، بۇ يازمىنى ئالدىراپ يېزىپ قاپسىز. سىز ئېدۋارد سايدنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىكەنسىز. ۋاققاق دېگىنى ئۇ بىر لالما زىيالى. ئېدۋارد سايد غەرپ ئاكادىميسىدىكى بىر يۇلتۇز بولسا، ۋاققاق دېگىنى بەئەينى سۆڭەك تاشلاپ بەرسە يالاۋاتقان بىر ئىتقا ئوخشايدۇ.سىزنىڭ ۋاققاقنىڭ كىتابى ئارقىلىق سايدقا باھا بېرىشڭىز پەقەت قاملاشمىغان بىر ئىش بوپتۇ.

ئېدۋار سايد سىز ئويلاپ قالغاندەك بوش ئادەم ئەمەس. «شەرقچىلىق» (شەرشۇناسلىق ئەمەس) ھازىرقى ئىـجتىمائى پەن ساھەسدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى. كېيىن ئېدۋارد سايد مۇشۇ ئەسىرى بىلەن  ئاجىزلار تەتقىقاتى، كېيىنكى مۇستەملىكە تەتقىقاتىغا يول ئاچقان. ھازىرقى خومى بىخابا (خارۋارد)، گىياترى سىپۋاك(كولۇمبىيە) قاتارلىق غەربنى تىتىرىتىۋاتقان مەدەنىيەت نەزەريىچىلىرى ئېدۋارد سايدنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئېدۋار سايدنى چۈشنىش فرانس فانون، ئانتونئو گرەمشى، مىچېىل فۇكونى بىللە چۈشىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئەختەم ئۆمەرنىڭ  قىلغىنى خاتا، ئۇنى تەنقىدلەش كېرەك.  

ئاخىرقى گەپ، يالقۇن ئاكامنىڭ ماقالسىدىمۇ، ئەلىنىڭ ماقالىسدىمۇ ئېقبال ئەخمەد بىلەن ئەكبەر ئەھمەت ئااىشلتۇرۇۋرېتلگەندەك قىلىدۇ. ئىككىلىسى پاكستانلىق. ئېقبال ئەھمەت سىسياسىي پائالىيەتچى. ئەكبەر ئەھمەد كامبىرج  ئۇنىۋېسرتتتدا پروفسسور بولۇپ ھازىر ئاېىرىكىدا ئشىلەۋاتىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئسىلام ۋە كېيىنكى مودىرنىم» قاتارلىقلار بار. «مۇتەپپكۇرلار ساداسى» دىكى «مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن ئارقىدا قالدى؟» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى ئەكبەر ئەھمەدتۇر. ئارىلاشتۇرۇپ قويمىساق.

ئەمما، مەن بۇنداق بەس-مۇنازىرلەرنى قىزغىن قوللايمەن. ھەر ئىككيىلەننىڭ ئەجرىگە رەھمەت دەيمەن.

UID
22356
يازما
143
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
141 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 18:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەرنىڭ  قىلغىنى خاتا، ئۇنى تەنقىدلەش كېرەك.  

____________________________________________
ئەختەم ئۆمەر نېمە قىلدى؟ نېمىسى خاتا؟ قايسى ئۇسۇلدا تەنقىدلەش كېرەك؟
سىز يالقۇن روزى ئاكىمىزغا بولۇشۇش ئۈچۈنلا بۇنداق لوگىكىسىز گەپنى قىلماڭ. ئەختەم ئۆمەر ئاكىنى تەنقىتلەش كېرەك بولسا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمى»دىن ئايرىپ تۇرۇپ تەنقىتلەش كېرەك.

باھا سۆز

ArislanMemet  شەرقشۇناسلىقتىن ئايرىپ تەنقىدلەش دىگەن پىكىرگە قوشۇلىمەن .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 20:57:50

UID
13103
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 19:11:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئەلى خوجاخۇن، بۇ يازمىنى ئالدىراپ يېزىپ قاپسىز. سىز ئېدۋارد سايدنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىكەنسىز. ۋاققاق دېگىنى ئۇ بىر لالما زىيالى. ئېدۋارد سايد غەرپ ئاكادىميسىدىكى بىر يۇلتۇز بولسا، ۋاققاق دېگىنى بەئەينى سۆڭەك تاشلاپ بەرسە يالاۋاتقان بىر ئىتقا ئوخشايدۇ.سىزنىڭ ۋاققاقنىڭ كىتابى ئارقىلىق سايدقا باھا بېرىشڭىز پەقەت قاملاشمىغان بىر ئىش بوپتۇ.››
1-بىر ئىلىم ئەھلى يە بىر شەخس ،مەيلى ئۇ ئىلىم ئەھلى بولسۇن ياكى بولمىسۇن،تەنقىد قىلىشتا ئۇنى ئىلمى تەنقىت قىلىماي ،مۇشۇنداقلا ئېتقا ئوخشتىپ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويسا ھىسابمۇ؟
2-مۇنبەردە جۇڭگو ۋە چەتئەلدىكى تونۇلغان،تونۇلمىغان ھەرقانداق بىر زىيالى ياكى كىتابنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسا ،ئۇنىڭغا شۇ ھامان بىر پاي ئوق ئېتىپ ،ئۇنى ئاق-كۆك دەپ باھا بېرىش شۇنچە ئاسانمۇ؟
زۇلپىقار مۇئەللىم،سز دۇنيادىكى بارلىق پەلسەپە ئەسەرلىرىنى،جەمئىيەتشۇناسلىق ئەسەرلىرىنى،ئەدەبى ئەسەرلەرنى،دىنى ئەسەرلەرنى،ئەيتاۋۇر سز تىلغا ئالغان ئالمىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يادلاپ،ئۇلار ھەقتىكى باھانى ئوقۇپ بولدىڭىزمۇ؟ سزنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغان تورداشلار ئالدىدىكى بىلىمدانلىقىڭىز ھەدىدىن ئشپ كەتتى.
ئىلمىيلىكتىن گەپ ئېچىشقا خىلى ئۇزۇن بار كەن.مىللى ئەخلاقتىن كىلەيلى،
بىر ئاز ئېغىر بىسق بولۇڭ.يامان گەپ قىلماڭ.خەقنى تىللىسڭىز،ئۇنىڭمۇ گۇناھى بولىدۇ.

UID
33704
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-12
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 19:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى گەپ، يالقۇن ئاكامنىڭ ماقالسىدىمۇ، ئەلىنىڭ ماقالىسدىمۇ ئېقبال ئەخمەد بىلەن ئەكبەر ئەھمەت ئااىشلتۇرۇۋرېتلگەندەك قىلىدۇ. ئىككىلىسى پاكستانلىق. ئېقبال ئەھمەت سىسياسىي پائالىيەتچى. ئەكبەر ئەھمەد كامبىرج  ئۇنىۋېسرتتتدا پروفسسور بولۇپ ھازىر ئاېىرىكىدا ئشىلەۋاتىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئسىلام ۋە كېيىنكى مودىرنىم» قاتارلىقلار بار. «مۇتەپپكۇرلار ساداسى» دىكى «مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن ئارقىدا قالدى؟» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى ئەكبەر ئەھمەدتۇر. ئارىلاشتۇرۇپ قويمىساق.

ما گەپنى قاراڭلا،ئوپئوچۇق ھەقىقەتنىمۇ ئېتراپ قىلغۇسى يوق ئاران ئېتراپ قىپتۇ،مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇ زىيالىنىڭ ھەقىقەتكە ئەمەس ئادەمگە قاراپ باھا بېرىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.،بۇ  بىلەرمەننىڭ.بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۈچلۈك پاكىتنى كۆرۈش ئۈچۈن  تۆۋەنگە نەزەر سېپ باقايلى.....

بولسا، ئادەمنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا يېزىلمىلاردا كۆرۈلگەن خاتالىقنى كۆرسەتسەك(چۈنكى باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىپ ئابرۇيىنى تۆكۈش خۇن تۆككەن بىلەن باراۋەر):
مەسىلەن، يالقۇن روزى ماقالىسىدا «مەن بۇ يەردە يەنە ئەلى غوجاخۇننىڭ پاكىستانلىق يازغۇچى ھەم سىياسىي پائالىيەتچى ئىقبال ئەھمەد (1999 − 1933)نىڭ ئىسمىنى مېنى خاتا ئالدى دەپ، توغرىسى «ئەكبەر ئەھمەد» ئىدى دېگەن پىكرىنى خاتا دەپ ئەسكەرتىپ قويىمەن. چۈنكى ئىقبال ئەھمەدنىڭ ئىسمى «مىراس» ژۇرنىلىدا ھەم «يېڭى ئەسىر − مۇتەپەككۇرلار ساداسى» دېگەن كىتابتا «ئەكبەر ئەھمەد» دەپ ئېلىنغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچىسى «伊克巴•阿哈迈德»، ئىنگلىزچىسى«Eqbal Ahamad» دەپ ئېلىنىدۇ.» دېگەن ئەمما تۈۋەندىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، يۇقارقى سۆزلەرنى توغرا دېيىشكە ئامالسىز قالىمىز:

Akbar Ahmed

http://www.american.edu/sis/faculty/akbar.cfm

http://en.wikipedia.org/wiki/Akbar_S._Ahmed

http://www.foreignpolicy.com/art ... de_americas_mosques

http://www.theglobalist.com/AuthorBiography.aspx?AuthorId=201



كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 20:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەرنىڭ  قىلغىنى خاتا، ئۇنى تەنقىدلەش كېرەك.  

--------------

ئۇيغۇر زادە، بۇ سۆزىڭىزنى شەرھلەپ بېرىڭ.

UID
33704
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-12
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 21:30:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزىنىڭ‹‹ راستىنلا«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟›› قارتا يېزىلغان رەددىيە ماقالىسىدا مۇنداق بايان بار ئىكەن : ‹‹ مېنىڭچە بۇ ماقالەمدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇتۇق زىيالىيلارغا تونۇشلۇق بولغان «شەرقشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ چوڭ جەھەتتىن «غەرب كۈچلىرىنىڭ شەرقنى بويسۇندۇرۇش ۋە تالان - تاراج قىلىش مەقسىتىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىلىم» ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە چوڭقۇر نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن يورۇتۇپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن يېپيېڭى بىر مەسىلىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىدە دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ ماقالەم ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا، جۈملىدىن زىيالىيلار ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلالىدى.›› مېنڭچە بۇنداق كۆز قاراشنىڭ ئاساسى يوق ، شەرقشۇناسلىقىنى ‹‹ زىيانلىق ›› ئىلىم دەپ قاراشنىڭمۇ ئاساسىي يوق ! ئۇنىڭدىن كىيىنكى نۇرغۇن ئەمەلىي مىسال بايانلىرىدا شەرقشۇناشلىققا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان مەزمۇنلار بار ئىكەن ، شەرقشۇناسلىقىنى مۇناسىۋەتسىزلا بىر قىسىم ۋەقەلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپتۇ! رەددىيەنى بۇنداق بېرىشنى ئىلمىي دىگىلى بولمايدۇ ! باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى شەرقشۇناسلىقىتىكى رايۇنىمىزغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىللىرىنى رايۇنىمىزدىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ ! ئۇلارنىڭ چەكلىمىسىز يازغان نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىللىرىنىڭ قىممىتىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ! بەزى‹‹ شەرقشۇناس ئالىم››لار ئىچىدە شەرققە سىياسىي مەخسەتتە كەلگەنلىرىمۇ بار لىكىن بۇ ئومومىلىق ئەمەس ! يالقۇن روزىنىڭ قوللىغۇچىللىرى ئىچىدە مەنمۇ بار ئېدىم ، لىكىن بۇ ماقالىدە ھەق - نەھەق ئارلاشتۇرلىۋېتىپتۇ ! بۇنداق كوز قاراشنىڭ سەلبىي تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ ! ئېزىقتۇرۇش كۈچى خېلىلا كۈچلۈكتەك قىلىىدۇ !

باھا سۆز

kurt  قوشۇلىمەن، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولماس.  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 17:59:27

UID
14498
يازما
155
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
845
تىزىملاتقان
2011-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
202 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 21:49:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمكۇراتىيە،ئادىللىق،ھەقىقەتنىڭ تارازىسى دېگەن مانا بۇ تېما ئارقىلىق ياخشى يۇرۇتۇلۇپتۇ.
ئۇيغۇرزادە ئەپەندىمدىن ھەيران قالماڭلار،ئۇ يالقۇن رۇزىنىڭ كەمچىلىكى بولسىمۇ،كۆرمەسكە سالدىغان زىيالىيدىن.

UID
33498
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2011-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 22:01:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر تىما ژورنالدىن بىرمۇ بىر كۆچۈرگۈچە بىر كۈن ۋاقتىم كەتكەن ,ھېچ كۈچىمەيلا باشقىلارنىڭ باشقا تو。بەتكە مەنبەنىمۇ دېمەي كۆچۈرىشى بىزدىكى كۆچۈرمىكەشلىكنىڭمۇ تەنقىتكە لازىملىقىنى بىكدۈردى,باشقىلارنىڭ جاپاسىنى سىزمۇ تارتىپ بېقىڭ,ژورنفلژخن بىرم。بىر يوللاپ بېقىڭ

UID
8488
يازما
176
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
266
تىزىملاتقان
2011-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 02:15:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەختەمكامنىڭ سەۋەنلىكىنىڭ شەرىقشۇناسلىق بىلەن ئالاقىسى يوق،  تاماق يىيىشكەچ دىيىشۋاغىلىمۇ بۇلىتتى، ئۇمۇ ياخشى بۇلۇش ئۇچۇن تىرىشىۋاتقان كىشى بولغاچقا.
  

UID
33765
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 03:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مەنمۇ كرەگەندىكېن پېكىرىمنى دەپ باقاي   
                    ئەجىبا بۇرۇن تۇنۇلغان ئەدېپلەرنىڭ  ئەقىليە سۆزىنىي قىستۇرۇشتىكى سەۋەپ نىمە؟
     توغرا  ئۇلار ئىنسانييەتكە تۆكپە قوشقان  ئۇلارنىي ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك .  لىكىن ئۇلارنىڭ پەلسەپەسى بىلەن  ئۆزىمىزنىڭ پېكېرنى توڭرىغا چىقاساق تازا قاملاشمايدىغۇ دەپ كارايمەن .
  ئۇنداقتا     توغرا بىلەن خاتاغا نىمىگە ئاساسەن ھۆكۇم قىلىمىز ؟   
      يىڭىلىقنڭ توغىرسىدن خاتاسىى تولا ، ئونداقتا كونىلىقنىڭ خاتا لىقچۇ ؟
  ھەر كاللىدا ھەرخىيال    ئەپەندىمنىڭ مەينەت يۇمۇرنى قانداق چۈشۇنۇش كىرەك ؟  
        مەينەت يۇمۇر ئارقىلىق نىمىنىي سۆكمەكچى ؟ ياكېى مەدېلىمەكچىمۇ ؟
   
  مىنىڭ يەنە بىر ئويلۇڭۇنۇم  ‹ شەرقشۇناسلىق›     سىياسى ئىلىممۇ ياكى مەدىنيەت ئىلىمىمۇ ؟
      ئەجىبا مەدىنيەت سىياسىغا بوي سۇنامدۇ ؟ ياكى  سىياسى مەدىنيەتكە بوي سۇنامسۇ ‹؟
      ئۇندقتا ‹ مەدىنيەتلەر توقىنىشى ۋە دونياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلشى › دىگەن كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى  قايسى ئۇقۇمدىن چۇشۇنمىز ؟
         كۆپچىلىكنىڭ  بۇ تىمىنىي ئەتراپ لىك مۇنازىرە كىلىشىنىي ئۆمۆد قىلىمەن !
     

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش