enwer-jula يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 23:50 
ئەختەم ئۆمەر مەن ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان يازغۇچى. يال ...
ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى، مېنىڭچە غېنى باتۇر، ئەلا...قاتارلىق ئوبرازلارنى يارىتىشقا قوللىنىلغان جىنسىيەتكە ئائىت بىر قىسىم تەسۋىرلەر بىلەن نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاش تارىخى ئوبرازنى شاللاق تەسۋىرلەش ئىككىسى ئىككى ئىش. سىز تىلغا ئالغان ئەسەرلەردىكى بىر قىسىم بايانلار (يەنە ئۇنتۇلغان كىشىلەر رومانىدىكى باتۇق ئوبرازى قاتارلىقلارمۇ بار) مېنىڭچە ئاپتور شۇ پىرسۇناژنىڭ كۆپ ياقلىمىلىق خارەكتىرىنى يورۇتۇش ئۈچۈن يېزىلغان دەپ قارايمەن. شۇنىڭغا قاراپلار »ئەپەندىنىڭ شاللاق ئوبراز بولۇپ قېلىشىنى تەنقىد قىلغان ئىكەنسەن باشقىلارنىمۇ ئوخشاش تەنقىد قىلىشىڭ كېرەك« دەپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ.