تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: 11yillar

راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
33794
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 14:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى بىلەن ئۇيغۇرزادە ئوخشاش غايىنىڭ جارچىلىرىكەن. مەسىلەن يالقۇن روزى پەرھات تۇرسۇننىڭ رومانىدىكى ئوبرازنى پەرھات دەپ چۈشىنىۋېلىپ پىرىنسىپاق كۆتۈرۈپ ئۆكتەملىك قىلدى. زادە ئەھمەتجان ئوسماننىڭكىنى، ئىككىلىسى كاپىرغا چىقىرىدۇ، ئازغۇنغا چىقىرىدۇ، پەرقى زادە ئامېرىكىدا شۇنچە تۇرۇپ پىكىر ئەركىنلىكى، ئىتىقاد ئەركىنلىكى دېگەنگە كۆنەلمىگەن، مۇستەبىتلىك ئەقىدىسىدىن يانالمىغان، يالقۇن روزى مېڭىپ ياكى تۆگە بىلەن كېلىپ ئۇيشۇرنى تەتقىق قىلغان غەرپلىكلەرنىڭ شۇم نىيىتىنى غەرپكە بېرىپمۇ باقماي، غەرپنىڭ بىرەر تىلىنى ئۆگىنىپمۇ باقماي ئەۋلىيلارچە بىلىۋالغان.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-27 14:23):
شەرقنى سۆزى خاتا بولۇپ قاپتۇ. ئۇلارچە شۇلارنىڭلا توغرا

باھا سۆز

ArislanMemet  ئۇيغۇرنى ئۇيشۇر دەپ يېزىپسىز ، ئىملاغا دىققەت .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 15:29:04
koygandengiz  خاتا بولۇپ قالغان سۆزلىرىڭىز كۆپ ، يەنە بىر نۆۋەت كۆرۈپ باقامسىز ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 15:09:25

UID
33794
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 14:24:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزىغا توغرا خاتانىڭ كىرىكى يوق، قارشى تەرەپ مەن تەسلىم بولدۇم، دىكتاتۇراڭغا قوشۇلدۇم دېمىسە ئۆزىنىڭ گېپىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە دەۋېرىدۇ

باھا سۆز

haliktash  ‹مىللىتىڭدىن، دىنىڭدىن كەچ!› دىسە بولامتى؟ ئەقلىمىزگە تۇشلۇق گەپ قىلىلى...  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 18:29:28

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
583
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
583
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
217 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 15:56:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         كۆيگەن دېڭىز ئىنكاسىدا تېلىغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ، سىلەر زىيالىلىرىمىزدىن بەك ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىۋاتىمەن ، خىيالىمدا بۇ مۇنازىرە ئارقىلىق مۇشۇ شەرقچىلىق ، شەرقشۇناسلىق ھەققىدە ، بۇلارنى تەتقىق قىلغان ئالىملار ھەققىدە مۇكەممەل بولغان كۆز قاراش چۈشەنچىگە ئىگە بولارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، مۇنازىرىنىڭ كەيپىياتى بەك ناچار ، ھەقىقەتەن نارازى بولدۇم .
         مۇنازىرە ، تەنقىد مەزمۇنغا قارىتىلسا ياخشى بولاتتى ، ھازىر مۇنازىرە ئادەمگە ، قاتناشقۇچىلارنىڭ شەخسىيېتىنى چىشلەپ تارتىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ . مەنمۇ تادۇ ئاكىمىزنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ، ئايرىپ تۈرلەرگە بۆلۈپ قوياي :
1. شەرقچىلىق ، شەرقشۇناسلىق دىگەن قانداق ئىلىم ؟
2. شەرقشۇناسلىقنىڭ ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلىرى قايسىلار ؟
3. «نەسىردىن ئەپەندىم » ھەققىدىكى ئىككى ئەسەرگە بىز قانداق باھا بېرىمىز ؟
4. بۇ ئىككى ئەسەر شەرقشۇناسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەسمۇ ؟

مۇنازىرە مۇشۇ بىر قانچە سوئالنى مەركەز قىلىپ ، مۇشۇ مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىشكە قاراپ يۈزلەنسە ياخشى بولاتتى . ھازىر دەل ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ . ئەلى غوجاخۇن قانداق ئادەم ؟ يالقۇن روزى قانداق ئادەم ؟ ئەختەم ئۆمەر قانداق ئادەم ؟ ئۇيغۇرزادە قانداق ئادەم ؟ ئەنىۋەر جۇلا قانداق ئادەم ؟ بىز مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەزمۇن ، ئىككى تاغنىڭ كەينىدە قالدى ھازىر . يۇقۇردىكى نامى تىلغا ئېلىنغان ئادەملەر قانداق ئادەم بولىشىدىن قەتئى نەزەر ، توغرا گەپ قىلسا قوللاش ، خاتا گەپ قىلسا تەنقىد قىلىپ پاكىت كۆرسۈتۈش لازىم ئىدى ، ئۇلار قانداق ئادەم بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىز بىلەن نىمە مۇناسىۋېتى ؟ بەلكىم مۇنبەردىكى يېڭى كەلداخۇن بولغاچقا ، سىلەرنىڭ جەمىيەتتىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋېتىڭلارنى بىلمەي ، ساددىلىق بىلەن مۇشۇلارنى دەۋاتقاندىمەن . ھەممىمىز ھازىر كومپىيوتىر ئالدىدىكى مەۋھۇم شەخىس بولغاچقا ، رىئال دۇنيادىكى كىشىلىك مۇناسىۋېتىڭلارنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرمەي ، پاكىتلىق ھالدا مۇنازىرە قىلساڭلار ، ئوقۇرمەنلەرمۇ تېگىشلىك بىلىم ئالغان بولاتتى .  باشقۇرغۇچىلاردىنمۇ ئازراق نارازى بولدۇم ، پەسكەش سۆزلەر بىلەن يېزىلغان ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۋەتسەڭلەر ، بۇنى مەن قوللايمەن ، لىكىن بەزى ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىنكاسلارمۇ ئۆچۈپ كەتتى . بۇ مۇشۇ بىر تېمىدىلا يۈز بېرىۋاتقان ئىش ئەمەس ، باشقۇرغۇچىلار ئەسلىدە ئوتتۇرا يول تۇتىشى ، ھىچ قايسى تەرەپكە يان باسماسلىقى لازىم ئىدى . بۇ ئىشلار مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا زىيانلىق . ھەممىڭلار ئامان بولۇڭلار !

UID
32798
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 17:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزىنىڭ يازمىسىدىن نەقىل:
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 1- سانىدا مېنىڭ «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» ناملىق ماقالەم ئېلان قىلىنغانىدى. مېنىڭچە بۇ ماقالەمدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇتۇق زىيالىيلارغا تونۇشلۇق بولغان «شەرقشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ چوڭ جەھەتتىن «غەرب كۈچلىرىنىڭ شەرقنى بويسۇندۇرۇش ۋە تالان - تاراج قىلىش مەقسىتىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىلىم» ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە چوڭقۇر نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن يورۇتۇپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن يېپيېڭى بىر مەسىلىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىدە دەپ قارايمەن.

پاھ ، پاھ ، پاھ ... نېمە دېگەن زور بايقاش بۇ ؟ تېخى يىپيېڭى بىر مەسىلە ئىكەن.  
بۇ يىپيېڭى مەسىلە بىز كىچىڭ ۋاقتىمىزدا سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى سۆزلەيدىغان «ئۆلىۋاتقان كاپتالىزىم»،«چىرىۋاتقان كاپتالىزىم» دىن تارتىپ ھازىرغىچە دەپ كىلىۋاتقان «بۇرجۇئاچە ئەركىنلەشتۇرۇش» دىگەنلەردىن نېمە پەرقى بار.
باشقىلارنىڭ  نېمە دېيىشى بىلەن كارىڭىز بولماي  ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز مەپتۇن بولۇپ يۈرىۋېرىڭ ھۆرمەتلىك يازغۇچى.

باھا سۆز

چالىھقۇشى  مۇشۇ تىكەن دېگەن نېمە ئۈنگەنلا يەردە غەشلىك بولىدۇ!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 16:06:40
haliktash  ئىسمىڭغا لايىق ‹تىكەن› ئىكەنسەن!!!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 18:32:54
kurxat  يەنە تاپا تەنە، ئىلمىي پىكىر قىلسىڭىزچۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 16:29:24

UID
8488
يازما
176
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
266
تىزىملاتقان
2011-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 18:20:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا تېخى ئۆزلۇكىنى بايقاش ۋە قايتىش تاماملىنىپ بۇلۇنمىغان مۇنداق شارائىتتا ئۇلاردىن چوڭ ئۇمۇت كۇتۇشمۇ توغرا ئەمەس، ئەيىپلەشتە ئاشۇرىۋېتىشمۇ توغرا ئەمەس.ئۇلار تېخىچە دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى  ئۇنىڭسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ، بىز ئۇچۇن جاندىنمۇ مۇھىم بۇلىۋاتقان ھەقىقي ، ساپ بولغان ئىسلام دىنىمىزنىمۇ تۇزۇك چۇشەنمەيدىغان تۇرسا ،ھە ئۇنى چۇشىنىشتە ساپ مەنبەدىن ئەمەس شەرقشۇناسلارنىڭ ماتىرياللىرىنى ئاساس قىلىپ چۇشەنسە قانداقمۇ پىكرىي جەھەتتىن ۋە ئىتىقات جەھەتتىن سۇزۇكلىشەلىسۇن.
  ئا. مەمتىمننىڭ ئارىلاشما مەدىنيەت نەزىرىيىسىدىن باشلاپ قەقىنوس بوۋاينىڭ ئون خۇمايى مۇتلەق ۋە گۇناھىي ئەزەللىرىگچە ۋە پاسىئانلارنىڭ ھېچنىزىملىرىغىچە خەلققە پايدا ئەكىلىش ئەمەس ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان زىھىن ئىسراپچىلىقى ۋە ئىلىم ئىسراپچىلىقىىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ زىيالىيلارنى ھۆرمەتلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ياشلارنى گاڭگىرىتىپ كەلدى.مەن ئۇلار بىلەن ئارىلىشى جەريانىدا روسلارنىڭ زەھەرلىرىدىن باشلاپ ماسون پەيلاسوپلارنىڭ زەھەرلىرىگىچە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ، ئۇنى تازىلاشقا خېلى بىر جەريان كىتىدىغانلىقىنى ،ئۇلارنى چوڭ بىلىپ كىتىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇلارنى تەنىقىت بىلەنلە تۇزىتىپ بولمايدىغانلىقىنى  چۇشىنىپ يەتكەن ئىدىم.
     يالقۇن ئەپەندىمنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرى ناھايتى ئۇرۇنلۇق بولغان بولسىمۇ باشقىلارنى تەنقىتلىگەندە ئاشۇرىۋاتقان يەرلىرى بار، بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلامنىڭ ئەخلاقىنى ئۆلگە قىلسا بۇلاتتى.
   نۇرغۇن باللا كۇپىنچە مۇشۇنداق غەرپنى تەنقىت قىلشقا ( بۇلۇپمۇ ئامىرىكىنى )تاقىشىدىغان ئائىت  تىمىلاردا بۇلىشىچە قارىقۇيۇق  ئاقلاشقا ئۇتۇپ كىتىدۇ، ئۇلاردىن نىمىنى قۇبۇل قىلىش نىمىنى قۇبۇل قىلماسلىقتا ئىنىقلىق بولمايدۇ .شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىجابىي تىمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرىۋاتىدۇ، بۇنداق غەرپكە ۋە ئامىرىكىغا قارىغۇلارچە چۇقۇنۇش ۋە ئچىقىش يۇلىنى ئۇلاردىن  ئىزدەش خاھىشى ئۇلاردىكى ھەق ناھەق تۇيغۇسىنى قالايىقانلاشتۇرىۋەتكەن. بۇنداق باللانىڭ 300 يىللىق تارىخىمىزدىن ئۇبىكتىپ ساۋاق ئېلىشىنى  ئۇمۇت قىلىمەن.

باھا سۆز

ئۆتۈكەن  بەلكىم بۇلارنى يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن ھېس قىلىشى مۇمكىن...  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 15:59:20
uyghurzade  ئۇنداق ئەمەس. تاماشخور تورداشلار كۆپ، ھەق ناھەق تۇيغۇسى ئۆلگەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 12:08:33
جاەانگىر123  پىكىرنىڭ چىنلىق ئاساسى بار.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:23:53

UID
28222
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 19:28:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر نەرسىنى ئىجاد قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئاسانمۇ ياكى ئىجاد قىلىنغان نەرسىنى تەھلىل قىلىپ چۈشنىش ئاسانمۇ ؟تاماق ئىتىش ئاسانمۇ ياكى تۆردە ئولتۇرۇپ تۆنە چىقارماق ئاسانمۇ؟باغ بەرپا قىلىش ئاسانمۇ ياكى باغدىكى مىۋىنى ئۈزۈش ئاسانمۇ ؟
ھەرقانداق بىر نەرسىگە چۇقۇم بىر قېلىپ ياكى چەمبىرەك لازىممۇ ؟باشقىلار بىرەر يىڭىلىق ياراتسا ئۇسلۇب ياكى ئىجادىيەت دەيمىز ،بىراق ئۆزىمىز بىرەر تۈرگە تەۋە بولمايدىغان ياكى سىز مەن ھىس قىلالمايدىغان بىرەر نەرسە مەيدانغا كەلسە ئۇنى قانداق باھالايمىز ؟تىللايمىزمۇ ؟

UID
2847
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-10
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 20:12:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قەلەم ئېگىسىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنى چۈشەنمىدىم ،لىكىن ئۇشبۇ قەلەمكەش ‹سۆز ئۇينۇتۇش›دىپىنى چىلىۋاتقانلىقى ئىنىق دەپ قارايمەن.يالقۇن روزى ئەپەندى ئەشۇ كىتابلاردىن ئالغان پايدىلانمىلار ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق قەلەمكەشلەرنىڭ ئاغزىنى يىپىش ئۈچۈن ئىدى .ئەپسۇس  ئۇلار يەنە خەقنىڭكىنى ئىلىپ نىمە قىلىدۇ دەپتۇ ...؟ئەگەر ئۇنداق پايدىلانمىلار بولمىغان بولسا بۇ ئەدىپنى يەرشاىرىدا يوقلا  قىلىۋىتەتتۇق ھە....!؟
     زادى بىزخەقنىڭ قولىدىن نىمە كىلىدۇ؟ئۆزىمىز قىلالمايمىز خەق قىلسا ياراتمايمىز .....!ھىلىمۇ بىزنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىمىز.....؟!

UID
33673
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-26
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 21:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولداشلار  سىلەرنىڭ سىياسى كاللاڭلار بارمۇ يوق؟غەرىپ ئىدديىسى دولىتىمىزگە سىڭىپ كىرسە ، ئاندىن ھۇشۇغى سىيا چۈشكەن غەرىپلىكلەر، خۇددى سوۋىت ئىتتىپاقىنى پارچىلىغاندەك  شەرەقتىكى ئۇلۇق دولىتىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنماي قالارمۇ ؟شۇڭا يولداش يالقۇن رۇزىنىڭ يىراقنى كورەرلىگىگە قايىل بۇلىشىمىز كىرەك.

باھا سۆز

kurt  ئاقساقىلىمىز دانادۇر!! ھا،ھا،ھا.  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 18:20:26
جاەانگىر123  يولداش رەخمەت سىزگە ھى... ھى...  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:26:51
ArislanMemet  ما گەپنى ، ھا ، ھا ، ھا .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 21:26:06

UID
30838
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-2-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-1
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 21:43:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئوبزورلىرىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى، شۇڭا ھۆرمەتلىك ئوبزورچىمىز يالقۇن روزى ئاكا ھەققىدە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قوشقۇم كەلدى. ئالدى بىلەن يالقۇن روزى ئاكىنىڭ ئىزدىنىش روھىغا، تىرىشچانلىق روھىغا قايىللىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئەمدى ھەقىقىي گەپكە كەلسەم يالقۇن روزى ئاكىنىڭ ئوبزور يازغاندىكى تىلىنى، مۇنازىرە قىلغاندىكى ئەخلاقىنى قەتئىي ياقتۇرمايمەن. مەن يالقۇن روزى ئاكىنىڭ كۆپ قىسىم ئوبزورلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ ئوبزورلارنى ئوقۇش ئارقىلىق شۇنى يىغىنچاقلاپ چىقتىمكى:
1. يالقۇن روزى ئاكا ئۆزىنىڭ گېپىگە ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان ئوبزورچى.(بەزىلەر يالقۇن روزى ئاكىنىڭ ئۆز ئوبزورىغا قارىتا يېزىلغان ئوبزورلارغا قارىتا ۋاقتىدا ئوبزور يازغىنىغا قاراپلا گېپىگە ئىگە بولالايدىغان ئوبزورچى دەپ قارايدۇ)ئەگەر ئىشەنمىگۈچىلەر بولسا يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»سىدىكى ئوبزورلىرىغا ۋە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە- ئوبزورلىرىغا دىققىتىنى يۈرگۈزۈپ باققاي. بولۇپمۇ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەركىتى»نىڭ باشلانغان ۋاقتىنى ئىسپاتلاپ چىقماقچى بولغان ماقالىلىرىگە، ئۇستاز غەيرەتجان ئوسمان بىلەن يېزىشقان ئوبزورلىرىغا ، تېخى يېقىندىلا ئېلان قىلىنغان «مەن نېمە ئۈچۈن ئوبزور يازىمەن» دېگەن «ئاقلاش سۆزى»گە دىققىنى ئاغدۇرۇپ باققاي. بۇ «ئاقلاش سۆزى»دىكى گەپلىرى ئۆزىنىڭ شۇ ماقالىسىن بۇرۇن يازغان ئوبزورلىرىغا ماس كېلەمدىكىن؟
2.يالقۇن روزى ئاكا ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى، نام-ئابرويىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىكى(توغرا-خاتا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر قارشى تەرەپنى مات قىلالايدىغانلىكى) ۋاستىنى قوللىنىپ ئوبزور يازىدىغان تەنقىدچى.
3.ئوبزور يېزىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆزقارىشىنى زىيادە گەۋدىلەندۈرۈپ،باشقىلارنىڭ پىكرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش خاھىشىغا ئىگە تەنقىدچى.
يالقۇن روزى ئاكا قاچانكى مۇشۇنداق ئىستىلىنى تاشلاپ ئىلمىي مۇنازىرە كەيپىياتى يارىتىدىكەن. شۇ چاغدىلا ئۇيغۇر ئوبزورچىلىرىنىڭ سەركىسىگە ئايلىنالايدۇ.

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
633
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19685
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
60 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 21:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن كېلەچەكتە  ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى دىر-دىر تىترەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ، ھوشىنى بىلىپ يازمىسا رەسۋايى ئالەم بولىدۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش