تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: 11yillar

راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 18:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيدىكى تۈركولوگىيە گېرمانىيىدىن كەلگەن. مەن بۇنى بىلىمەن، چۈنكى بۇ پەندە تولۇق كۇرۇس ۋە ماگىستىرلىق مەلۇماتىغا ئىگە

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 20:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە
بىز ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندە ئۇيغۇرچە كونتېكىستنى ئاساس قىلىمىز. مەسىلەن ئۇيغۇرچىدا ئەدەبىياتنى پەن دەيمىز، ئېنگىلىزچىدا ئۇنداق ئەمەس. بىز ئۇيغۇرغا گەپ قىلىۋاتقان بولغاچقا خۇددى ئەدەبىياتنى پەن دېگەندەك شەرقشۇناسلىقنىمۇ پەن دەيمىز. ئۇيغۇرچىغا شەرقشۇناسلىق دېگەن رۇسچە كونتېكىستتىن كەلگەن بولۇشى مۇكىن. خەنسۇچە كونتېكىستتىن كېلىۋاتقانلىقىمۇ يالقۇن ئەپەندىمنىڭكىدىن بىلدۇق. مەن دەۋاتقان پەن سىز دېگەن ئېنگىلىزچە پەن دېگەنلىك ئەمەس.

باھا سۆز

uyghurzade  سىز ئېدۋارد سايدنىڭ كىتابىنى ئوقۇماپسىز.ئوقۇسىڭىز بۇنداق دېمەيتتىڭىز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 20:18:48
uyghurzade  ئەدەبيات پەن ئەمەس ئىلىم، ئىككى سۆز پەرقلىنىدۇ.ئلىم-پەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 20:18:13

UID
10665
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 20:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يۇلغۇن ئاكا، سىز بەكلا ئالدىراپ بېرىپسىز بۇ باھالارنى. يالقۇن ئەپەندىنىڭ «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»سىنى« مەن نېمە ئۈچۈن ئوبزور يازىمەن» دېگەن «ئاقلاش سۆزى»نى، غەيرەتجان مۇئەللىم بىلەن يېزىشقان ئوبزورلىرىنى، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدىكى « ‹تاشاخۇنۇم مەكتىپى› قانداق ئىش» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى قايتىدىن بىر قېتىم ئوقۇپ باھا بارسىڭىزمۇ بولىدۇ.
«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»
يۇقۇرىدىكى atux1 ناملىق قېرىندىشىمىزىنىڭ ئىنكاسى
يالقۇن روزى  ئەسلى ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياخشى ئوغلى ئىدى. ئۇ قاچان  «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچان باشلانغان» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدى شۇندىن باشلاپ ، «ساتقىن، دۈشمەن» گە ئايلىنىپ قالدى.
يالقۇن روزىنىڭ بۇ ماقالىنى ئېلان قىلىشى ئاتۇش مائارىپىنىڭ 130 يىللىق خاتىرىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاتۇش زىيالىلىرىغا نىسبەتەن ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ قالغان ئىدى.  بىراق ، يالقۇن روزى شۇ ئەسىرىدە «... ماقالىدە قەيت قىلىنغانلىرى مېنىڭ ئىزدىنىش نەتىجەم، ئەلۋەتتە مېنىڭ بۇ قاراشلىرىمنى ئاغدۇرۇپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ  قاچان باشلانغانلىقى ھەققىدىكى توغرا قاراشنى ، ئوتتۇرىغا قويسا مەن قارشى ئالىمەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ مېنىڭ ئەسلى مۇددىئايىم...» دېگەن مەزمۇندا ئكزىنىڭ مەيدانىنى شەرھىلىگەن ئىدى. ئامما، بۇنىڭغا ئىلمىي جاۋاب بېرىلىشنىڭ ئورنىغا رەسمى ۋە بىرەسمىي سورۇنلاردا ئېتىراز بىلدۈرۈشلەر بولدى.  ھەتتا غەيرەتجانمۇ ئەللىمۇ ئۆزىنىڭ ماقالىسىدا. بەزى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىتىراپ قىلدى . يالقۇن روزىدەك تىل ئاھانەتتىن قورققانلىقىنى ئىقرار قىلدى. ( شۇ ماقالىغا قاراڭ)
ئارقىدىنلا يالقۇن روزى بىلەن مۇىتەر بۇغرا ئوتتۇرىسىدا ھەممىمىز بىلىدىغان ھېلىقى جىدەل بولدى. بۇ مۇ ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ھەتتا ، ئاتۇش شەھىرىنىڭ باشلىقى (پەيزۇللا؟؟) نىڭ ياراشتۇرۇشىمۇ نەتىجە بەرمىدى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يالقۇن روزى يەنە ، تاشاخۇنۇم مەكتىپى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.
   ئويلاپ باقايلى، يالقۇن روزى تامامەن خاتا قىلدى دېگەن مەۋقەدە تۇرۇپ ئويلاپ باقايلى. يالقۇن روزىنىڭ قايسى  خاتاسىغا ئىلمىي رەددىيە  بېرىلدى. يالقۇن روزى ئىلمىي كەيپىيات پەيدا قىلىش ئۈچۈن (ھېچكىم شۇنداق قارىمىغان تەغدىردىمۇ ، يالقۇن روزى ئەلۋەتتە شۇنداق قارايدۇ، ) قىلغان ئەمگىكىگە چۇشلۇق ئىلمىي جاۋابقا ئېرىشتىمۇ؟  
   مۇشۇ مۇنازىرىنىڭ ئۆزىگە نەزەر ئاغدۇرايلى، يالقۇن روزى تامامەن خاتا قىلدى، دېگەن مەۋقەدە تۇرۇپ  پىكىر قىلايلى،  ەۈلەن قاتارلىق بىرقانچە تورداشتىن باشقا كىم ئۇنىڭغا ئىلمىي ئىپادە بىلدۈردى. ھە دېسە تىللاش، قارىلاش، شەخسىيىتىگە  ھۇقۇم قىلىش، سېسىتىش... شۇنىڭدىن باشقا بىز نىمە قىلالىدۇق.
   مەن يالقۇن روزى تەرەپدارى ئەمەس، ئەدەبىيات ، مەدەنىيەت ، سىياسەت ، تارىخ بىلىملىرى ئىنتايىن چولتا بولغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى.
     مەن پەقەتلا بىر مەيداننى قوللايمەن، ئۇ بولسىمۇ ___ ئىلمىي مەيدان.
مۇشۇنچىلىك يازاي .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-29 21:01):
  مۇىتەر نى مۇختەر ، ەۈلەن  نى گۈلەن  دەپ ئوقۇغايسىلەر

باھا سۆز

haliktash  ياخشى ئىنكاس !! قوللايمەن........  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 15:03:27
kurxat  مۇنازىرە ئەسلى ئىلمىي بولىشى كېرەك ئىدى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 12:26:02
jessurane  سۆزلرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم...  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 00:55:45

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 22:47:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراڭ ئۇيغۇرزادە گەپلىرىڭىزدىكى زىدلىقنى
«روسيىلىك رادلوۋ غەربلىك ئەمەس. شۇڭا تۈركولگىيە شەرقلچىكنىڭ تارمىقى دېگىنڭىز توغرا ئەمەس»

روسسىيىلىكنىڭ تەتقىقاتى شەرقشۇناسلىققا تەۋە بولمىسا يالقۇن روزى نېمە دەپ سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى سولويىفنىڭ ئەسىرىنى شەرقشۇناسلىقنىڭ زەھىرىگە ۋەكىل قىلىپ سۆزلەيدۇ؟ سوتسىيالىستىك رىيالىزىمغا مەنسۇپ ئەسەرنى شەقچىلىقنىڭ جارچىسى دەپ، سوۋىت يازغۇچىسىنى قەستەن روسسىيە يازغۇچىسى دەپ تۇرۇۋالسا بولامدۇ؟ كىشىلەر بىلىدۇكى چاروسىيە، سوۋىت، روسىيە دېگەنلەر ئايرىم سىياسى گەۋدىلەرنى بىلدۈرىدۇ، بۇلارنى ئارىلاشتۇرۇۋەتسە ئۇقۇم خاتالىقى يۈز بېرىدۇ.
روسسىيەدە ئوقۇغان نەبىجان تۇرسۇن شەرقشۇناسلارنىڭ قولىدا ئوقۇغان، تۈركولوگىيە روسسىيەدە شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى دېيىلىدۇ. تۈركى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، ئۆرپ ئادىتى، تىلى، يېزىقلىرى...نى تەتقىق قىلىش تۈركولوگىيە دېيىلىدۇ. ئەگەر سىز تۈركولوگىيەنى شەرقشۇناسلىقنىڭ تارمىقى دېمىسىڭىز يالقۇن روزى دەۋاتقان شەرقشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان تەسىرىنى قانداق ئىسپاتلايسىز؟

باھا سۆز

yulghun  بۇ گەپچە، يالقۇن روزىنىڭ دېگىنى توغرا بولدىمۇ ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 23:55:06

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 22:55:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئېدۋارد سەئىدنىڭ شەرقچىلىقىنىڭ تەسىرىگە 1998-يىلى ئۇچراشقا باشلىغان، بۇنى «ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» دېگەن خاتىرەمدە يازغانمەن. تۈركىيەگە بارغاندىن كېيىن ئېدۋارد سەئىدنىڭ يازغانلىرىنىڭ ئاساسسىز كۆپتۈرمە ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە ئەمەلى باشتىن كەچۈردۈم. سىز ئېدۋارد سەئىدسىز شەرقچىلىققا بەرگەن تەبىرىگە ئامراقكەنسىز، چۈنكى شۇنى تاللاپسىز، بولمىسا نېمىشقا يامغۇردەك تەنقىد ماقالىلىرى، كىتاپلار تۇرسا شۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقماي ئېدۋارد سەئىدنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايسىز؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-29 22:56):
ئېدۋارد سەئىدنىڭ بولۇشى كېرەك ئېدى.

باھا سۆز

سەيياھ  ئۇيغۇر زادە ،قارشى پىكرىڭىزنى دىمەي باشقا نەرسە يېزىپسىز ؟!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 23:51:46
uyghurzade  نېمە كۆرەڭلىك بۇ گەپلەردىكى، سىزگە گەپ قىلغان ئاغزىم.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 20:20:23
uyghurzade  گۈلەن، ساختىپەز بولۇپ كېتپسىز. سايدنى ياراتمايدىانغا ھايىلىڭىز بار.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 20:19:51
JAHANGIR.123  سالماق ئىنكاس بولۇپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 01:36:36

UID
10665
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 23:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ  مۇنازىرىدە، ماڭا بەكرەك  ياققىنى «گۈلەن» ئەپەندىنىڭ سوغۇققان، ئېغىر بېسىق پوزىتسىيىسى ۋە ئىلمىي قاراشلىرى بولدى.
    مانا مۇشۇنداق مۇنازىرىلەشسىمۇ بولىدىكەنغۇ؟  
بىر قىسىم تورداشلارنىڭ  ئاساسى تېمىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ،  باشقىلارغا ھۇقۇم قىلىشىدىكى سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى مەن مەڭگۈ  چۈشىنەلمىگۈدەكمەن.

باھا سۆز

ArislanMemet  توغرا دەيسىز ، گۈلەن ئەپەندىمنى مەن بەك ياقتۇرىمەن .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 23:58:03

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
586
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
586
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
218 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 00:01:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            گۈلەن ئەپەندىم شۆھرەتپەرەس كاپ - كاپلاردىن بەكلا پەرىقلىنىدۇ . يازمىلىرىدىنلا پەزىلىتى چىقىپ تۇرىدىكەن . دوستۇمدىن ئاڭلىسام ئەمەلى ئىش قىلىدىكەن ، نام -شۆھرەتنىڭ كويىدا يۈرمەپتۇ . مۇنبەردىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ بەك ئارزۇ قىلغان ، ئۆزى كېلىپ مۇنازىرىلەرگە قاتناشقان بولسا دەپ ، ھەر ھالدا تەلەيلىك ئىكەنمەن .

UID
6721
يازما
32
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1112
تىزىملاتقان
2010-10-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 00:26:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەننىڭ مەيلى روسىيە ياكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى غەرپتىن ئايرىۋېتىشى ھەقلىقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن غەرپنىڭ شەرقشۇناسلىق سېستىمىسى بىلەن بۇلارنىڭ شەرقشۇناسلىقىدا ئوخشاشلىق بار. دىمەك، روسىيە ياكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىمۇ ئوخشاشلا غەرپ شەرقشۇناسلىقى بىلەن بىر بۇرۇندىن نەپەس ئالغان. بۇ مەسىلىدە گۈلەننى شەرقشۇناسلىقنىڭ كېلىش مەنبىئىنى قايتا ۋاراقلاپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. شەرقشۇناسلىق ئاساسلىقى ئىسلامىيەت باش كۆتىرىپ خىرىستىيان دۇنياسىغا تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىغاندا، غەرپنىڭ ئەرەپ ئەللىرىنى چۈشىنىشكە يۈزلىنىشى بىلەن باشلانغان. ئۇندىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنلىرى ئالدىدا نىمە قىلىشىنى بىلمىگەن غەرپ دۇنياسى قورال كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى مۇسۇلمانلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بارا-بارا شەرقشۇناسلىق چوڭقۇرلاشقان. ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ جۈملىدىن پۈتكۈل شەرق ئەللىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ يىغىندىسى بولدى. ئۇندىن كېيىن غەرپ قانداق قىلىپ شەرقنى تالان-تاراج قىلىش مەقسىتىدە شەرقشۇناسلىقنى كەڭ-كۇشادە قانات يايدۇردى. ئەمما شەرقشۇناسلىقنىڭ شەرق ئەللىرىگە بەرگەن مەنپەئەتىنىمۇ قەتئى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
  يەنە بىرى، گۈلەننىڭ شەرقشۇناسلىق ئۇيغۇرغا قانداق خاۋپ ئېلىپ كەپتۇ دىيىشى بەكلا ئالدىراقسانلىق. قوپالراق ئېيتقاندا گۆدەكلىك. بۇ نۇقتىدا گۈلەن 1880-يىلىدىن 1950-يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر تارىخىنى قايتا ۋاراقلاپ باقسا بولىدۇ.....................

UID
8488
يازما
176
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
266
تىزىملاتقان
2011-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 01:30:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    گۇلەننىڭ پىكىر قاتناشتۇرغىنىدىن سۇيۇندۇم، سالماق پىكىر قىلىدۇ، زۇلپىقار مۇشۇ روھىدىن ئۇگەنسە بۇلىتتى. گۇلەن دوستىمىزنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرى ئىلغارلىققا ئىگە، بارلىق ماقالىلىرىنى ئۇقۇپ تۇرىۋاتىمەن. لىكىن ھىس قىلغىنىم غەرپ دۇنياسىنى بەك ئاقكۇڭۇللۇك بىلەن كۇزىتىدۇ. كاشكى غەرپ دۇنياسى گۇلەننىڭ ئېيتقىندەك بولغان بولسا ، شەرقشۇناسلارمۇ گۇلەن  ئويلىغاندەك ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۇچۇن تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسا ...لىكىن ئەھۋال ئۇنداق ئاددىي ئەمەستە. بۇ 40-يىللاردىكى زىيالىيلارنىڭ روسىيىنى قانداق چۇشەنگىنىدەكلا بىر ئىش .شۇ تارىختىن ھەر كىمنىڭ ئالىدىغان ساۋىقى ھەر خىل ئوخشايدۇ.

باھا سۆز

uyghurzade  ئۇ شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 20:23:14
uyghurzade  غەرپ ھەققدىكى ساماۋىي خىياللىرى بىر بوۋاقنىڭ خىيالى  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 20:22:31

UID
11306
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
625
تىزىملاتقان
2011-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-27
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 01:31:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى، يۈزسىز تەنقىدچى،قايىل قىلارلىق پاكىت سۆزلىرىگە ئېگە ناتىق يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئۆزى توغرىلىق نېمىلا دېمەيلى،ئالدى بىلەن ئۇنىڭ راۋرۇس بىر بەدەل تۆلىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.ئىنكاسچىلار ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك ئۇ نۇرغۇن مەشھۇرلارنى تەنقىدلىدى.يالقۇن روزى مەشھۇرلارنى تەنقىدلەش ئارقىلىق نام قازانماقچى دېگەنلىرىڭلار قىززىق.ئۇ نام قازىنىپ قايسى مەقسەتكە يېتەر؟بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن نام قازىنىپ نېمە مەنپەئەت ئالالار؟باشقىلارغا ئوخشاشلا ئائىلىسى بار،بالا-ۋاقىسى بار يالقۇن روزى مەشھۇرلارنى تەنقىدلەش ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان كۆزئالايتىشلارنى كۆپەيتىپ،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسىنى تارايتىپ،يەنە قايسى تەرەپتىن پايدا كۆرەر؟بىراۋنى ئۇچۇق-ئاشكارا تەنقىدلىمەك شۇنچە ئاسانما؟ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت نۇرغۇن نەرسىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇشۇ جەمئىيەتتە باشقىلارغا يۈز-تۇرانە قارشى پىكىر بېرىش شۇنچىلىك مەنپەئەتلىك ئىشما؟‹‹ئەلكۈيى مۇنبىرى›› خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن ئىلىم ئىگىسى گۈلەن ئەپەندىممۇ دەپ باقسۇن قېنى؟باشقىلارنى يۈز-تۇرانە تەنقىدلەش شۇنچە ئاسان ئىش بولسا،گۈلەن ئەپەندىممۇ بۇ تېمىدا دەسلەپ‹‹choyun››دېگەن نامد(90،91،92-بەتلەرگە قارالسۇن) كىرىپ يالقۇن روزىغا تەنە قىلماس بولغىيتتى؟شۇڭا،كىسىپ ئېيتىۋېتىش كېرەككى،يالقۇن روزىدا ئۈلگە قىلغۇدەك يۈزسىزلىك بار.شۇڭا،كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرى بولغان ئاتۇشلۇقلارغىمۇ ئوت ئاچالىدى.
        يەنە بىر تەرەپتىن يالقۇن روزى ناھايىتى ئەقىللىق ئادەم.يېزىۋاتقان ماقالىلىرىدىن مەلۇمكى،ئۇ ئەسەر يازغاندىمۇ كېيىنكى قەدەمدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى خېلى ئويلىشىپ يازىدۇ ھەم ۋاقتىدا ئۆز يازمىسىغا تولۇقلىما بېرەلەيدۇ.باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك بىلىم جۇغلىغان ئۇيغۇرزادىنىڭمۇ يالقۇن روزىنىڭ تېمىلىرىدىن سىپايىلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئۇيغۇرزادىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئەمەس،بەلكى،يالقۇن روزىنىڭ ئەقىل ئارقىلىق ئارقىلىق قورغان ھۆرمەت سوپىسىنىڭ ھەيۋىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.يالقۇن روزىنى ئەسەرلىرى بىلەن قوشۇپ تەھلىل قىلغىنىمدا شۇنداق دېيىشكە مەجبۇرمەنكى،بۇ تاقىرباش ئادەم ئەسلى ئەدەبىياتچى بولۇشقا ئەمەس،بەلكى،سىياسىئۇن بولۇشقا ناھايىتى مۇناسىپ كېلىدۇ.ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىكى سىنىپ باشلىقلىقىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان جەرياندىكى تەشكىللەش،ئىش ئورۇنلاشتۇرۇشلار بولسا،بۇ گېپىمنىڭ ئەڭ ئاددىي ئاساسلىرى،ئەلۋەتتە.
        ئەگەر،بۇ كىشىدىكى كەمچىلىكلەرنى ئېيت دېسە،يوشۇرمايدىغىنىم شۇكى،ئوبزۇر-ماقالىلىرىدا باشقا ئاپتۇرلارنى قوپاللىق بىلەن تىللاپ سېلىشى،مېنىڭچە،ئارتۇقچە.تىللىمىسىمۇ پاكىتلىرى بىزنى خېلى ئۇبدان قايىل قېلىۋاتىدىغۇ ئەنە.ئەلى خۇجاخۇنغا يازغان ئوبزۇرىدىمۇ ئەلى خۇجاخۇننى خېلى تىللىۋېتىپتۇ.بولۇپمۇ ‹‹ۋار-ۋرىچى›› دېگىنى بەكلا يۇمۇرلۇق ھەم ئاچچىق بولۇپتۇ.مەن بۇ ئاتالمىنى ئوقۇپ دەسلەپ كۆلدۈم،كېيىن ئازابلاندىم.شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى،مېنىڭ بۇ ئىنكاسىمدىكى بۇ جۈملىلەر يالقۇن روزى ئۈچۈن ھېچقانداق قىممەتكە ئېگە ئەمەس.چۈنكى،يالقۇن روزى ئۇ شۇ خاتا پىكىرنىڭ ئېگىسى بولغاندىن كېيىن ئېگىسىمۇ تىلغا لايىق دەپ قارايدۇ.ئەمما،مەن يەنىلا بۇ ھەقتىكى ئۆز قارىشىمنى يېزىپ قويدۇم،ئەلۋەتتە.
        شەرقشۇناسلىق ۋە داڭلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇشبۇ ئەسىرى توغرىلىق توختالغىنىمىزدا،ئالدى بىلەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى،يالقۇن روزى بۇ ئوبزۇرى ئارقىلىق ماڭا ئوخشاش سانسىزلىغان ئۇيغۇرنى  شەرقشۇناسلىق ئىلمى توغرىسىدا يېڭىچە بىر قاراشقا ئېگە قىلدى،ئۇيغۇر زىيالىلىيلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپتىن مۇھاكىمە قىلىشىغا سەۋەپچى بولدى.بۇ يالقۇن روزىنىڭ ئۆڭمەس تۆھپىسىدۇر.يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى.سۆيۈنگۈدەك يازغۇچىسى.ئەمما،يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› ناملىق ئەسىرىگە كەلسەك،بۇ ئەسەر ژانىرىدىن تارتىپ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىغىچە يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسىرىگە ئوخشىماي قالغان ئەسەر.تەنقىدلىنىشكە لايىق ئەسەر.ھەر يىلقى ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئاللىرى ئۈستىدە خېلى ئىنچىكە تەھلىل ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى ئەلى خۇجاخۇننىڭ سىنارىيە تىلى بىلەنلا نەشىرگە سۇنۇلغان بۇ ئەسەرنى گەپ ئۇزارتىپ ساتىرىك تۈسكە ئېگە چاتما چۆچەك(ئەسلى ھەجۋىي چۆچەك دېمەكچى بولغان،بىراق ئاتالمىنىڭ تازا ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ مۇشۇنداق كالامپايلاشتۇيرۇپ ئاتىغان بولۇشى مۆمكىن)دەپ ئاتىشى ياراملىق ئوقۇتقۇچى ئەلى خۇجاخۇننىڭ ئىلگىرىكى زىللىقىنىنى چاندۇرۇپ قويغان.
        ئىنكاسىمنىڭ ئاخىرىدا بۇ ئوبزۇرلارنىڭ ئاپتۇرلىرى ۋە تەنقىد ئوبىيكتلىرى بولغان يالقۇن روزى،ئەلى خۇجاخۇن،ئەختەم ئۆمەر قاتارلىقلارنىڭ دىيانەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

باھا سۆز

haliktash  ‹گۈلەن›نى چۆيۈن دەيدىغانغا نىمە ئاساسىڭىز بار؟؟ قالايمىقان جۆيلىمە!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 15:24:35
burkut327  گۈلەننى چويۇن شۇ دېگىنىڭىزدىن باشقا گەپلەرنى قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 13:33:51
kurxat  ھەق ناھەق تۇيغۇسى بىلەن يېزىلغان ئىنكاس.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 12:35:10
ArislanMemet  گۈلەننى چۆيۈن شۇ دەيدىغانغا قانداق دەلىل بار ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 02:46:57
arzuyar  سىزدەك پىكىر قىلىشنى ئۆگەنسەم بولغىدەك،رەھمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 02:19:19
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش