 |
گۈلەن: شەرقشۇناسلىق دېگەن بىر پەن. ئۇيغۇرشۇناسلىق، تېخىمۇ كېڭەيتسەك تۈركولوگىيە شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر تەركىبى قىسمى.
_-----------------------------------------------------
گۈلەن، شەرقچلىكنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشنىۋاپسىز، تۈركولوگىيەنى ئۇنىڭ تارمىقى دەۋالغىنىڭىز تېخىمۇ توغرا بولماپتۇ. پاكىت سۆزلىسۇن.
1. شەرقچلىق دېيىش لازىم، شەرقشۇناسلىق ئەمەس. سەۋەبى بۇ «تىلشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق،ئىقتىساشۇناسلىق» قا ئوخشايدىغان پەن ئەمەس. شەرقچلىق-- غەربلىكلەر، جۈملىدىن غەربلىك ھەربى ئالىم ، شائىر-يازغۇچى، ئارتىس، ساياھەتچى، باشقۇرغۇچىلار شەرق (ئېدۋار سايد قەلمىدە ئاساسەن ئوتتۇرا شەرق) ھەققىدە بارلىققا كەلتۈرگەن سياسىيلىق تۈسى قويۇق ئېيتىملاردۇر(مەسىلەن، ئىدىيىلەر، قاراشلار، يازمىلار ، كۆرنۈشلەر، ئىماگلار). ئۇنىڭ ئىچىدە ساياھەت خاتىرسىمۇ بار. ئۇنداق ئىكەن ئۇنى پەن دېگىلى بولمايدۇ. پەن بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر مۇنچە شەرتى بولىدۇ (ئايرىم مېتودى بولۇش، ئېتراپ قلىنغان نوپۇزلۇق نەزەرىيە سېستىمىسى بولۇش؛ ئۇنىڭدا دېيىلگەن نەزەرىيلەر ئەمەلىيەتكە يېتەكلچىك قىلالايدىغان بولۇش)
يەنە كېلىپ پەنلەرنىڭ ئاتىلشىغا ئېنگلىزچە ئاساسلىقى logy, ics قوشۇمىچسى قوشۇلىدۇ(ئۇيغۇر تىلىدا شۇناس قوشۇمچىسىغا دەل چۈشىدۇ). تۆۋەندىكى پاكتىقا قارايلى:
ئىقتسادشۇناسلىقEconomics, جەمئيەتشۇناسلىق Sociology, (ئىنسانشۇانسلىقAnthropology
ism بىلەن كەلگەن سۆزگە ئاساسلىقى ياكى «چىلىق، چىلىك» قوشۇمچىسى بىلەن ياكى «ىزم» قوشۇمچىسى بىلەن سۆز ياسىغان مۇۋاپىق.
2. بۇ گەپكە ئىككىنچى پاكىت، ئېدۋارد سايد ئۆزى بۇ كىتابىدا شەرقچلىق ھەققىدە نېمە دەپ تەبىر بەرگەن؟ كىتابنىڭ ئېنگلىزچە 24-بېتىدە ئېدۋارد سايد مۇنداق دېگەن:
My contention is that Orientalism is fundamentally a political doctrine willed over the Orient because the Orient was weaker than the West, which elided the Orient’s difference with its weakness....As a cultural apparatus Orientalism is all aggression, activity, judgment, will-to-truth, and knowledge
مېنىڭ نۇقتىنەزەرىم شۇكى، شەرقچلىق ماھيىتىدىن ئېيتقاندا شەرق غەربتىن ئاجىز بولغىنى ئۈچۈن شەرققە تېڭلىغان ، شەرقنىڭ ماھيىتىنى ئاجىزلىقىغا باغلايدىغان سىياسىي تۈسكە ئىگە ئېيتىملاردۇر...غەرپ مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ تاجاۋۇزچلىق، ھۆكۈمرانلىق، ھۆكۈم، پاكىت زومىگەرلىكى ۋە تونۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.
يۇقىرىقى تەبىردىن كۆرنۈپ تۇرۇپتىكى ئۇ پەن ئەمەس، شۇڭا شەرقشۇناسلقق ئەمەس، بەلكى شەرقلچىق. تەرىقەتچلىك، ئايالھەقچىلىق دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەردىكى چىلىق، چىلىك قوشۇمچىسىدىن سۆز ياساپ ئات قويۇش مۇۋاپىق.
يەنە كۆرنۈپ تۇرۇپتىكى جەمئيەتشۇناسلىق، ئىتسادشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر ھەرگىزمۇ شەرقچلق دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.
يەنە سىز تۈركولوگىيە شەرقچىلىقنىڭ تارمىقى دەپ خاتا چۈشنىۋاپسىز. تۈركىيەئوتتۇرا شەرققە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن شەرققە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۈركۈلوگىيە تۈركىيەدە ئۇزۇندىن مەۋجۇد، يەنە كېلىپ بۇ ئىلىىمنىڭ تۇنجى پېشۋاسى بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرى، ئۇ غەربلىك ئەمەس. تۇنجى تۈركۈلوگ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ شەرقچىلىك بىلەن نېمە مۇانسىۋىتى بار؟ روسيىلىك رادلوۋ غەربلىك ئەمەس. شۇڭا تۈركولگىيە شەرقلچىكنىڭ تارمىقى دېگىنڭىز توغرا ئەمەس. ئۇنداق دېيىلگەندە ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدىن يېتىشىپ چىقققان، ھېچقانداق غەربنىڭ ئالىمىدىن تەلىم ئالمىغان تۇرسۇن ئايۇپتەك ئۇيغۇر تۈركلوگلىرىنى نېمە دەيمىز؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ.
شۇنداق. دېنىس سنور قاتارلىق تۈركلوگلار بار. ئەمما، ئۇنىڭلىق بىلەن ئۇنى شەرقچلىكنىڭ تارمىقى دەۋلېىشقا بولمايدۇ. ھېچبولمىغاندا سائىدنىڭ تەبىرى ئۇ گەپنى رەت قىلىدۇ.
ستەيىننىڭ، ماكارتىنىڭ كتابلىرى دەل شەرقچلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىتابلاردۇر. سايدنىڭ كىتابى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن بىر ئىلھام مەنبەسى، ھازىر بۇ كىتاپتائاساسلىنىلغان پىكرىي رامكا ھەتتا ئايالھەقچلىك ساھەسىگە قەدەر تەدبىقىلىنۋىاتىدۇ. شۇڭا پىكىر ر امكىسى جەھەتتىن يالقۇن روزى ئاكىنىڭ تەدبىقلىنىشنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنمىگە دەسسەش» دېگەن گەپ ھەرگىز شۇ كىتا بلارنى ئوقۇپ شۇنداق بولدى دېگەن گەپ ئەمەس.
ئامان بولغايسىز.
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-29 16:20):
غەرپ مەدەنيىتىنڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەپ تۈزىتىپ ئوقۇلسا؛
|
 |