شەرقشۇناسلىق ھەققىدە ئەلى غوجاخۇن
نېمە دەيدۇ؟
يالقۇن روزى
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 1- سانىدا مېنىڭ «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» ناملىق ماقالەم ئېلان قىلىنغانىدى. مېنىڭچە بۇ ماقالەمدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇتۇق زىيالىيلارغا تونۇشلۇق بولغان «شەرقشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ چوڭ جەھەتتىن «غەرب كۈچلىرىنىڭ شەرقنى بويسۇندۇرۇش ۋە تالان - تاراج قىلىش مەقسىتىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىلىم» ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە چوڭقۇر نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن يورۇتۇپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن يېپيېڭى بىر مەسىلىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىدە دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ ماقالەم ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا، جۈملىدىن زىيالىيلار ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلالىدى.
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 4- سانىدا ئەلى غوجاخۇننىڭ «رستتىنلا <شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش> مۇ؟» ماۋزۇلۇق مۇنازىرە ماقالىسى ئىلان قىلىنىپتۇ.
مۇنازىرە قىلىش ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى پىكىر تۇرغۇنلۇقىنى تۈگىتىپ، تەپەككۇرنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغان ھەم مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىلمىي پائالىيەت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا مۇنازىرىلىشىش زۆرۈر ھەم ئەھمىيەتلىك ئىش. بولۇپمۇ شەرقشۇناسلىقتەك مۇھىم تېمىلار مۇنازىرە قىلىپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر ھەم تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك. مەن بۇ نۇقتىدا ئەلى غوجاخۇننىڭ مۇنازىرە ماقالىسىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
لېكىن، مۇنازىرە قىلىش مۇنازىرە ئۈچۈنلا مۇنازىرە بولۇپ قالماسلىقى، مۇنازىرىلەشكۈچى لوگىكىلىق پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇشى، پىكىرلىرى ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشى، مۇھاكىمىسى چوڭقۇر بولۇشى كېرەك. مۇنازىرە يۇقىرى سەۋىيەلىك دىيالوگ بولۇشى، مۇنازىرىلەشكۈچى ساددا، ساۋات خاراكتىرلىق چۈشەنچىلەرنى قارىشىم بار دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ يۈرمەسلىكى، ئەڭ مۇھىمى خاتالىقى ئېنىق پاكىتلىق مەسىلىلەردىمۇ سۇۋاقچىلىق قىلىپ گەپ ئوينىتىپ يۈرمەسلىكى كېرەك!
ئەلى غوجاخۇننىڭ مۇنازىرە ماقالىسىدا دەل مۇشۇنداق ئاجىزلىق ئاشكارىلانغان.
مەن ماقالەمدە شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى توغرۇلۇق بىرقەدەر ئەتراپلىق توختىلىپ، بۇ پەن ۋە بۇ پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە «ياۋروپانىڭ شەرق سىياسىتى ۋە تاكتىكىسىنى ئىلمىي چۈشەنچە ئاساسىدا بېكىتىشكە» خىزمەت قىلغۇچىلار دەپ خاراكتېرلىگەن ئىدىم. مەن يەنە «غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە قوللانغان قاتتىق ۋاسىتىلىرىنى زاماننىڭ تەقەززاسىغا، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلاشقا توغرا كەلگەندىن كېيىن، بارا - بارا يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئاساسىي ئورۇنغا چىقتى. كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك دەپ ئاتالغان بۇ دەۋردە شەرقشۇناسلىق مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالىغا ئايلىنىپ قالدى» دەپ يازغانىدىم. روشەنكى، بۇنداق باسقۇچلۇق چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن مەنتىقىلىق ئىدى. ئەلى غوجاخۇننىڭ ماقالىسىدىن مەلۇم بولدىكى شەرقشۇناسلىق ھەققىدە ئۇنىڭ باشقىچە قارىشى بار ئىكەن. ئۇ مېنىڭ ماقالەمدىكى شەرقشۇناسلىق ھەققىدىكى پوزىتسىيەمنى پەقەتلا ياقتۇرماپتۇ. ھەتتا «ھەقىقەتەنمۇ شەرقشۇناسلىق بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئۆز تارىخىدا ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ساپ ئىلىمگە تەئەللۇق بەزى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان» دېگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش پىكرىمگىمۇ «ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا (يالقۇن روزى) بۇ ئىلىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ باھا بېرىپتۇ. شۈبھىسىزكى چوڭ جەھەتتىن ئەيىپلەش ھەرگىزمۇ «پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش» قا باراۋەر ئەمەس. شۇڭا مۇنازىرىلەشكۈچى جەزمەن ئۇقۇمنىڭ لوگىكىلىق ھەجىمىنى بىلىش كېرەك.
مېنىڭ شەرقشۇناسلىقنى ماھىيەت جەھەتتىن ھەم چوڭ جەھەتتىن سىياسىي ئىلىم ھېسابلىنىدۇ دېگەن تەنقىدىي پىكرىمنى «پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش» دەپ قارىغان ئەلى غوجاخۇن شەرقشۇناسلىقنى چوڭ جەھەتتىن ساپ ئىلىم دەپ ئاقلاش ئۈچۈن نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە بىر نەزەر سېلىپ باقايلى. ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، مەن ئەلى غوجاخۇننىڭ «ئىلىم مەنىسىدىكى» دېگەن خاتا سۆزىنى «ساپ ئىلىم» دېمەكچى بولسا كېرەك دەپ چۈشىنىپ تۇردۇم.
ئەلى غوجاخۇن نېمە دەيدۇ، دېگەندە، «ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن، بىر خىل تەپەككۇر شەكلى، بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەت، مەدەنىيەت زومىگەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قورللا ئەمەس، بەلكى شەرق ئەللىرىنىڭ ماددىي، مەنىۋىي قىممەتلىرىنىڭ غەرب ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەيدۇ.
ئەلى غوجاخۇننىڭ «شەرقشۇناسلىق» نى «پايدىلىق» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئوتتۇرىغا قويغان بايانى ئىككى قانلامغا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى قاتلىمى: «ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن، بىر خىل تەپەككۇر شەكلى، بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى» دېگەن ئۈچ جۈملىدىن ئىبارەت.
بىلىش كېرەككى، بۇ ئۈچ جۈملە بايان «شەرقشۇناسلىق» نى «پايدىلىق» قىلىپ كۆرسىتىشكە لوگىكا جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ① «ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن» دېگەن جۈملىنى ئالساق، ئېنىقكى، پەن بولسىلا پايدىلىق ھېسابلىنىدىغان ئىش يوق. دۇنيادا مەنپەئەتلىك ئىلىم، پايدىسىز ئىلىم، زىيانلىق پەن، پايدىلىق پەن دېگەن ئۇقۇملارمۇ بار! يەنە بىر جەھەتتىن مەلۇم ئىلىم ياكى مەلۇم بىر پەننىڭ كىم ئۈچۈن پايدىلىق، كىم ئۈچۈن زىيانلىق بولۇش مەسىلىسىمۇ بار! ② شەرقشۇناسلىق بىر خىل تەپەككۇر شەكلى دېگەنلىك شەرقشۇناسلىق قانداقتۇ ئىجابىي مەنىگە ئىگە دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. دۇنيادا تەپەككۇر شەكىللىرى ساماندەك. بۇ خىل تەپەككۇر شەكىللىرىنىڭ مەقسىتى ۋە مەزمۇنى ھەر خىل. بىز مەلۇم تەپەككۇر شەكلىنى ئىلغار، توغرا، ئىلمىي، ھەققانىيەتكە ئۇيغۇن دېگەندەك نۇقتىلاردىن پەرقلەندۈرۈشنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. ③ «ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن» دېگەن جۈملىمۇ شەرقشۇناسلىقنىڭ پايدىلىق ياكى ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. ئادەم ئۆلتۈرىدىغان زەھەرلىك گازلارمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قىرغۇچى قوراللارمۇ، باشقا مىللەتلەرنى قۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدىغان چارە - تەدبىرلەرمۇ ئالدى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ساھەلىرىدە تەتقىق قىلىنىدۇ!
دېمەك، ئەلى غوجاخۇننىڭ شەرقشۇناسلىقنى «ئىجابىي تەرىپى كۆپ» ياكى ئاساسىي قىسمى «پايدىلىق» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ جۈملە بايانى مانا مۇشۇنداق لوگىكىغا سىغمايدىغان باياندۇر!
ئەلى غوجاخۇننىڭ چۈشەندۈرۈشىنىڭ ئىككىنچى قاتلىمى: «شەرقشۇناسلىق غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەت، مەدەنىيەت زومىگەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قوراللا ئەمەس، بەلكى شەرق ئەللىرىنىڭ ماددىي، مەنىۋى قىممەتلىرىنىڭ غەرب ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن سۆزىدىن ئىبارەت. ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ سۆزىدىن شەرقشۇناسلىقنىڭ زىيانلىق ۋە پايدىلىق ھېسابلىنىدىغان ئىككى تەرىپى بار، دېگەن مەنە چىقىدۇ. قارىماققا بۇ سۆزنىڭ خاتاسى يوقتەك، ئىلمىيدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئۇنىڭ بىرىنچى قاتلامدىكى ئۈچ جۈملە «مەدھىيەسى» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، «ئىجابىي تەرىپى» نى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلىنىڭ پىرىنسىپال يېرى مانا مۇشۇ يەردە. مەلۇمكى، غەرب مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىدا شەكىللەنگەن شەرقشۇناسلىق مەقسەت، مۇددىئا ۋە ماھىيەت جەھەتتىن غەربنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغانىكەن، ئۇنىڭ «سەلبىي تەرىپى» ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرقشۇناسلىقنىڭ بۇ تۈپ ماھىيىتى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك مەقسىتى ھازىرمۇ ئۆزگىرىپ باقمىدى. ئەمما ئۇنىڭ تاكتىكىسى كېيىنكى كۈنلەردە تەڭشەلدى. مۇشۇنداق بولغاچقا تەتقىقاتچىلار كونا مۇستەملىكىچىلىكتىن پەرقلەندۈرۈپ، غەربنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 3 - دۇنيا ئەللىرىگە تۇتقان سىياسىتىنى «يېڭى مۇستەملىكىزم»، «كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك» ياكى «كېيىنكى مۇستەملىكىزم» دەپ خاراكتېرلىدى. «يېڭى مۇستەملىكىزم» توغرىسىدا «ئىمپېرىيە» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورلىرى ئانتونىيو نېگىرى (Antonio NeGri) بىلەن مىخائىل خاردىت (Michael Hardt) مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى مۇستەملىكىزم تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ ئادەتتىكىلەشكەن ھەم ھەممە يەردە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئىمپېرىيە مەۋجۇتلۇقى.» بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «يېڭى مۇستەملىكىزم » شارائىتىدا شەرقشۇناسلىق تېخىمۇ زور ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ ھېچ كىم ئېيتالمايدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بۈگۈنكى كۈندە كونا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاپىرىدە بولغان ھەم شۇنىڭ قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان شەرقشۇناسلىقنى ئۆزىنىڭ تۈپ خاراكتېرىرىنى، ماھىيىتىنى ۋە نىشانىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، 3 - دۇنيا ئەللىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان «ساپ ئىلىم» ھالىتىگە كەلدى دەپ قاراش سىياسىي گۆدەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەندە «كونا مۇستەملىكىچىلىك» كاتەكلىرىڭىزدىكى توخۇ ۋە تۇخۇملىرىڭىزنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالغان بولسا، «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك» توخۇلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە باققۇزۇپ، تۇخۇملىرىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئالقىنىدا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ، سىزنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، تۇيدۇرمىغان ھالدا ئىشپىرىس بىلەن تۇخۇملىرىڭىزنىڭ جەۋھىرىنى سۈمۈرىۋالىدۇ. بۇ خۇددى جەنۇبىي ئافرىقىلىق مەشھۇر زات توتونىڭ گېپىگە ئوخشايدۇ. توتو ئاق تەنلىكلەر ئافرىقىغا ئاياغ باسقان چاغدا بىزگە «ئىنجىل» نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېچىنغان ھالدا سىلەر بەكمۇ قالاق، بەكمۇ ۋەيرانە ھالەتتە قاپسىلەر، سىلەر ئالدى بىلەن كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ، قەلبىڭلارنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇڭلار، دەپ ئۈگەتكەن. كېيىن كۆزىمىزنى ئېچىپ قارىساق «ئىنجىل» بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتۈپ قاپتۇ. ئافرىقا ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قاپتۇ دېگەنىدى.
ئەلى غوجاخۇن شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەب توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟ دېگەندە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەرقشۇناسلىق ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ شەرق دەپ قارالغان رايونلاردىكى دۆلەت ھەم ئىنسانلار توپىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئىلىم ... تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ئىلىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىقتىساد، سودا، سىياسىي، دىن، ئىلمىي ئىزدىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىل مەۋجۇت.»
ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ بايانىدىكى روشەن خاتالىق شۇكى، ئۇنىڭدا شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب، ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغان مۇستەملىكىچىلىك تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسى بۇ يېمىرىلمەس تارىخىي ھەقىقەتكە كەينىنى قىلىۋالغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، غەرب ئالىملىرىمۇ، شەرق ئالىملىرىمۇ شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلنى مۇستەملىكىچىلىكتىن ئايرىپ قارىمايدۇ. ئەلى غوجاخۇننىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان بۇ ئامىلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى لوگىكىغا زىت. مەنتىقىلىق پىكىر قىلىشنى ئادەت قىلغان ئادەم ھەرگىز بۇنداق پىكىر قىلمايدۇ. شەرقشۇناسلىققا ئامراقلىق قىلىش تارىخىي چىنلىققا زىت بولۇپ قالماسلىقى لازىم.
شۇنى بىلىش كېرەككى شەرقشۇناسلىق غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە، مۇستەملىكە ئېھتىياجى سەۋەبىدىنلا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ شەكىللىنىشىنى مۇستەملىكىچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئايرىپ قاراش، ئەخمەقلىق. ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ساپ ئىلىم تۈسىدىكى بىر قىسىم ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ئۇنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشى توغرۇلۇق يۇقىرىقىدەك تارىخىي ھەقىقەتكە پۈتۈنلەي مۇخالىپ چۈشەنچە بەرگەن ئەلى غوجاخۇن ماقالىسىنىڭ كەينىدىرەك، ئۆزىنىڭ پىكىر ئىزچىللىقىغا ئەمەل قىلىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، يەنە مۇشۇ توغرۇلۇق «ياۋروپا، ئامېرىكا شەرقشۇناسلىرى نېمە ئۈچۈن شەرقنى شۇ قەدەر قىزىقىپ تەتقىق قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ، بۇنى «تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىن تارقىتىش، مۇستەملىكە قىلىش، سودا - ئىقتىساد، شەرقنىڭ مۇتەئەسسىپ ئىجتىمائىي - سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ۋە ساپ ئىلىمنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بىرقانچە تەرەپتىن ئىكەنلىكى مەلۇم» دەپ ئىزاھلايدۇ. «تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا»، «ئىكەنلىكى مەلۇم» دېگەن ئىلىمان سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىغان مەۋقەسى چىقىپ تۇرسىمۇ، ھەر ھالدا ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ ئىزاھاتى يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشىدىن سەل پەرقلىنىدۇ. يەنى «مۇستەملىكە قىلىش» دېگەن مەزمۇن قوشۇلغان. بىراق بۇ مەزمۇن يەنىلا شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنمىغان.
قىسقىسى، ئەلى غوجاخۇن شەرقشۇناسلىقنى چوڭ جەھەتتىن «ساپ ئىلىم» دېگەن مۇددىئاسىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن، ماقالىسىنىڭ كۆپلىگەن جايىدا ساپ مەنىدىكى شەرقشۇناسلىقنى «كۆپ قىسىم»، سىياسىي مەنىدىكى شەرقشۇناسلىقنى «بىر قىسىم» دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ئەنگلىيەنىڭ «قۇياش پاتماس ئىمپېرىيە» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان مەزگىللىرىدە، يەنى مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكى چېكىگە يەتكەن مەزگىللىرىدە باش ۋەزىر بولغان بىنجامىن دىسلىرنىڭ «شەرق − بىر خىل تىرىكچىلىك يولى» يەنى ياۋروپا ئۈچۈن ئېيتقاندا شەرق ئەللىرى تالان - تاراج قىلىپ بايلىق توپلاشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانى دېگەن مەنىدىكى سۆزىنى غەلىتە چۈشەندۈرۈپ «كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ سۆز ساپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەمەس» دەپ چۈشەندۈرگەن. دۇنياۋى بىر چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ ئىرادىسىگە ۋە مۇددىئاسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سۆزنىڭ نەقەدەر كۆپ تارماققا چېتىلىدىغان ۋە نەقەدەر كەڭ دائىرىنى قاپلايدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن ئەلى غوجاخۇن تېخى ئۇ چاغلاردا ئاندا - مۇندا باش كۆتۈرۈۋاتقان ساپ مەنىدىكى شەرقشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ، شەرق خەلقلىرىنى قان يىغلاتقان يۇقىرىقى سۆزنىڭ جىنايى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنغان. ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ خىل چۈشەندۈرۈشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يەكۈن نېمە بولىدۇ، دېگەندە، «كۆپ قىسمى» پايدىلىق بولغان شەرقشۇناسلىق بىلەن بىنجامىن دىسلىرنىڭ يۇقىرىقى گېپىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق! دېگەنلىك بولىدۇ. ئەلى غوجاخۇن بىنجامىن دىسلىر مۇشۇ گەپنى قىلغاندا ساپ ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلارنىڭ سانىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى، بۇ خىلدىكى ئالىملارنىڭ سانىنىڭ 20 - ئەسىردە ئاندىن ئاۋۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.
ئەلى غوجاخۇن شەرقشۇناسلىقنى چوڭ جەھەتتىن ئاقلاپ كېلىپ «ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى شەرقشۇناسلارنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى، سانى خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم» دەپ يازىدۇ. قىلىۋاتقان گېپىنىڭ ئاساسى بار - يوقلۇقى ئۈستىدە ئويلانمايدىغان ئەلى غوجاخۇن ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ساپاسى يۇقىرىمۇ ياكى كەسپىي ساپاسىمۇ دېگەنلەرنى پەرقلەندۈرمەستىن ھەم «سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم» دېگەن تەخمىن گەپنى نېمە بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتماستىن مۈجمەل بايان بىلەن بولدى قىلىدۇ. بىلىش كېرەككى كەسپىي ساپاسى يۇقىرى بەزى ئادەملەرنىڭ ھەق - ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇشى ناتايىن. شەرقشۇناسلارنىڭ ئىچىدە ئىدىيەسى زەھەرخەندىلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان، ئەمما ئۆز كەسپىدە ۋايىغا يەتكەن تەتقىقاتچىلار ئاز ئەمەس.
ئەلى غوجاخۇن «شەرقشۇناسلىق» نى چوڭ جەھەتتىن پايدىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە نېمە دەيدۇ؟ دېگەندە، مۇنداق دەيدۇ:
«شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئەمەس، سىياسىي زوراۋانلىق، مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغانلار ئاساسلىقى يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراپ باققان مىسىر، تۇنىس، ئالجىرىيە، ماراكەش، لىۋىيە، سۇرىيە، ئىران، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە بۇ ئەللەردىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلاردىن ئىبارەت. ئۇلار ئۆز تارىخىدىكى ئارامسىز كەچمىشلەرنىڭ دەردىنى غەربنىڭ ئۆزىدىن ئالالمىغاچقا، غەربنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن <شەرقشۇناسلىق> تىن ئىبارەت بۇ ساھەدىن ئالغان. بۇ تىپىك غەربتىن قېيداش، پاسسىپ ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى بولۇپ، <ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇ توقۇمنى> دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ ئەخمىقانە تەھلىلى ۋە نادانلارچە يەكۈنى بويىچە بولغاندا، شەرقشۇناسلىقنىڭ ماھىيىتىنى مۇستەملىكىچىلىككە باغلاپ چۈشىنىش غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراپ باققان دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم قېيدىغاق، چىدىماس ئالىملارنىڭ قارىشىكەن. مۇشۇ بويىچە بولغاندا ھازىر دۇنيادا نوپوزلۇق ھېسابلىنىۋاتقان كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئىدۋارد سەئىد، خۇمى بابا، سىپىۋاك، سىتارت خالىل، روبېرت يوڭ، ئائىجاز ئەھمەد، زىيائىددىن ساردىر قاتارلىقلار غەربكە ياكى ئېنىقراقى شەرقشۇناسلىققا ۋە شەرقشۇناسلارغا تۆھمەت قىلىۋاتقان تۆھمەتچى ئالىملار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلىگە مۇشۇنداق بىمەنە نەزەر بىلەن قارىغان ھەم قارىغۇلارچە يەكۈن چىقارغان ئەلى خوجاخۇنغا «سۇمۇرغ ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى چېن ئەننىڭ «ئامېرىكا زىيالىيلىرى − ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپەككۇرلار» دېگەن كىتابىنىڭ 217 - بېتىدە ئېدۋارد سەئىدنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ «ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىمغا ۋە دۇنيا زىيالىيلىرىنىڭ ۋىجدانىغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەن باھاسىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەلى غوجاخۇننىڭ يۇقىرىقى تەھلىلى ئۇنىڭ «شەرقشۇناسلىق» قا چېتىلىدىغان ھەرقانداق مۇنازىرىدە كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدىغان دەرىجىدە تۆۋەن سەۋىيەلىك كۆزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تولۇق يېتىدۇ. مەن ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ ئەخمىقانە تەھلىلىنى ۋە نادانلارچە يەكۈنىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مۇنازىرە قىلىشقا پەقەت شەرتى توشمايدىغانلىقىنى ھەم ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولساممۇ، ئەمما، شەرقشۇناسلىقنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە كۆپلىگەن زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ چۈشەنچىسى تايىنلىق ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ يەنىلا رەددىيە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئەلى غوجاخۇننىڭ شەرقشۇناسلىقنى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئەمەس، سىياسىي زوراۋانلىق، مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغانلار يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراپ باققان يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، دەپ چۈشىنىشى تولىمۇ بىلىمسىزلىك.
بۇنداق بىمەنە چۈشەندۈرۈشتىن يەنە قانداق يەكۈن چىقىدۇ، دېگەندە «يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ زۇلۇمىغا ئەمەس مانجۇلارنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بىزدەك مىللەتلەر شەرقشۇناسلىقنى سىياسىي نۇقتىدىن ئەمەس، ساپ ئىلىم نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىشىمىز لازىم» دېگەن يەكۈن چىقىدۇ. چۈنكى بىز غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمىغان ئىكەنمىز. بۇ نۇقتىدا ئېلى غوجاخۇن يەنە «باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىمىزنىڭكىدەك ھېس قىلىپ، ئەندىكىپ كېتىشنىڭ ھازىرچە ھاجىتى يوق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى قوشۇمچە قىلىدۇ. قارىغاندا ۋاقتى كەلگەندە ئەلى غوجاخۇن بىزگە «ئەندىكىپ كېتىشنىڭ ئەمدى ھاجىتى بار» دەپ يوليورۇق بېرىدىغان ئوخشايدۇ. بىز شۇ چاغدا ئاندىن غەربكە، شەرقشۇناسلىققا سىياسىي نۇقتىدىن قارىساق توغرا بولىدىكەن.
مۇنازىرىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك دىيالوگ شەكىللەندۈرمەي، تۆۋەن سەۋىيەلىك ۋارى - ۋارى پەيدا قىلىدىغان بۇنداق ئىچى كاۋاك مۇنازىرىچىگە بېرىدىغان رەددىيەمنى مەن تۆۋەندىكى ئون سوئال ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىمەن.
① رۇسىيەنىڭ شەرقشۇناسلىقى بىر پۈتۈن شەرقشۇناسلىق كاتېگورىيەسىگە كىرەمدۇ، كىرمەمدۇ؟ ناۋادا «كىرىدۇ» دەپ قارالسا، ئۇنداقتا، رۇسىيەنىڭ شەرقشۇناسلىقى نېمە مەقسەتتە شەكىللەنگەن؟ چاررۇسىيە ئۆز شەرقشۇناسلىرىنىڭ تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلىنىپ تۈركىي خەلقلەرگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم كۆرسەتكەن ھەم قانداق سىياسىي تەدبىرلەرنى چىقارغان؟
② ئۇيغۇرلارنىڭ 19 - ۋە 20 - ئەسىردىكى تەقدىرىگە پىچىم كېسىلىدىغان ھالقىلىق پەيتلىرىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق قارارلارنى چىقارغانمۇ ياكى زىيانلىق قارارلارنى چىقارغانمۇ؟
③ شەرقشۇناسلار شىنجاڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي قىممەتلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەنمۇ ياكى ئۆز مەقسەتلىرىنى ئالىي نىشان قىلىپ كەلگەنمۇ؟
④ مۇستەملىكە بىۋاسىتە ھالەتتىلا بولامدۇ ياكى ۋاسىتىلىق ھالەتتىمۇ بولامدۇ؟
⑤ مۇستەملىكە قاتتىق ۋاسىتىلەردىنلا تەركىپ تاپامدۇ ياكى يۇمشاق ۋاسىتىلەردىنمۇ تەركىپ تاپامدۇ؟
⑥ غەربنىڭ نەزىرىدە ئۆزى بىۋاسىتە مۇستەملىكە قىلىپ باققان دۆلەت ۋە رايونلارلا شەرق ھېسابلىنامدۇ ياكى پۈتكۈل شەرق ئەللىرى شەرق ھېسابلىنامدۇ؟
⑦ شەرقشۇناسلىق پەقەت غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراپ باققان دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدىلا سىياسىي مەنىدىكى ئىلىممۇ ياكى مەسىلىلەرگە ھەقىقەت نەزەرى بىلەن قارايدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدىمۇ سىياسىي مەنىدىكى ئىلىممۇ؟
⑧ بۈگۈنكى كۈندە شەرقشۇناسلىقنى سىياسىيدىن پۈتۈنلەي خالىي ئىلىم ھالىتىگە كەلدى دەپ ھېسابلاشقا بولامدۇ؟
⑨ سىياسىي مەنىدىكى شەرقشۇناسلىقنىڭ زەھەرلەش ئۇسۇللىرى ھەممە كىشى بىلىۋالغۇدەك دەرىجىدە روشەن بولامدۇ ياكى تۇيمىغۇدەك دەرىجىدە يوشۇرۇن بولامدۇ؟
⑩ سىياسىي مەنىدىكى شەرقشۇناسلىقنىڭ مۇددىئاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەرق زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق بىلەمدۇ ياكى بىلمىگەن ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەۋېرەمدۇ؟
سىياسىي جەھەتتە بەكلا ساددا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئازراق بولسىمۇ سەگىپ قېلىشى ۋە ئەلى غوجاخۇندەك مۇستەملىكىچىلىك بىلەن شەرقشۇناسلىق بىر گەپ ئەمەس دەپ قارايدىغان نادان قەلەمكەشلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويۇش ئۈچۈن مەن شىنخۇا نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان، رۇسىيەلىك ئاكادېمىك نېكولاي ئىۋانوۋىچ رىۋكوفنىڭ «چوڭ دۆلەتنىڭ تىراگېدىيەسى − سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋىتى» دېگەن كىتابىنىڭ «قالايمىقانچىلىق نەدىن كەلدى» دېگەن 1 - بابىنىڭ 1 - بېتىدىكى بىر نۇتۇقنى مىسال كەلتۈرمەكچى. رىژكوف كىتابىدا مۇنداق يازغان:
«قەلەم تەۋرىتىشتىن ئىلگىرى 1945 - يىلى، يەنى 60 يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاللېن دۇللېسنىڭ ئامېرىكا پېرىزدېنتى تىرومىننىڭ ئالدىدا، خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتى يىغىنىدا بايان قىلغان نۇتقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ شۇ چاغدىلاا سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلاشتىكى مەقسەت، ۋەزىپە ۋە ۋاسىتىلەرنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان.
* * *
ئۇرۇش ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەممىنى بىر ئامال قىلىپ مۇۋاپىق ھەل قىلغىلى، ھەممىنى ئۆز جايىدا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بىز ھەممە نېمىمىزنى سەرپ قىلىپ، يەنى ھەممە ئالتۇنىمىزنى، بارلىق ماددىي كۈچىمىزنى چىقىرىپ كىشىلەرنى بىزگە لازىم بولغان ھالەتتە ياساپ چىقىمىز، ئۇلارنى گېپىمىزنى ئاڭلايدىغان قىلىمىز.
ئادەمنىڭ كاللىسى، ئېڭى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قالايمىقانلاشتۇرالىساقلا قىممەت قارىشىنى بىلىنە - بىلىندۈرمەي ئۆزگەرتەلەيمىز ھەم ئۇلارنى يوشۇرۇن ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن بىر خىل قىممەت قارىشىغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلىيالايمىز. بۇنى قانداق ئامال بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ بىز چوقۇم رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىن بىزنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىمىزغا قوشۇلىدىغان ئادەملەرنى تېپىشىمىز، ئىتتىپاقداش قوشۇن تېپىشىمىز كېرەك.
مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدىكى بىر مەيدان تىراگېدىيە − ئەڭ تىز پۈكمەس بىر مىللەتنىڭ ھالاكەتكە يولۇقۇش تىراگېدىيەسى پەردىمۇ پەردە ئورۇنلانماقچى، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى قۇتۇلدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يوقۇلۇشقا يۈزلەنمەكچى. ئالايلۇق، بىز ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىچىدىن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقىنى بارا - بارا ئۆچۈرۈۋېتىمىز. سەنئەتكارلىرىنى تەربىيەلەپ ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يۈز بېرىدىغان جەريانلارنى ئىپادىلەش ياكى تەتقىق قىلىش قىزىقىشىنى يوققا چىقىرىمىز. ئەدەبىياتى، تىياتىرى، كىنولىرى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ رەزىل ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە مەدھىيەلەيدىغان قىلىۋېتىمىز. بىز بارلىق چارىلار بىلەن ئاتالمىش بىر تۈركۈم سەنئەتكارلارنى قوللاپ ۋە كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا جىنسىيەتكە چوقۇنۇش، زوراۋانلىققا چوقۇنۇش، خورلاشقا چوقۇنۇش، ئاسىيلىق قىلمىشىغا چوقۇنۇش، ئومۇمەن بارلىق ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرىغا چوقۇنۇشنى سىڭدۈرۈشكە ئۈندەيمىز.
بىز بىلىنە - بىلىندۈرمەي ئەمما پائال ھەم داۋاملىق ھالدا ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ خالىغىنىچە ئەسكىلىك قىلىشىغا، خىيانەت قىلىشىغا، پىرىنسىپنى قايرىپ قويۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. بارا - بارا ئۇلار دوگماتىزم ۋە ئىشنى كەينىگە سۈرۈش ياخشى قىلمىش دەپ قارايدىغان، سەمىمىيلىك ۋە دۇرۇسلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدىغان، ھەممە ئادەم ئۇنى كۆزگە ئىلمايدىغان ۋە ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغان نەرسە دەپ قارايدىغان بولىدۇ. مۇتەھەملىك ۋە نومۇسسىزلىق، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق، ھاراقكەشلىك ۋە زەھەر چېكىش؛ ئادەملەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ كېتىشى يىرتقۇچ ھايۋاندىن قورقۇشتىنمۇ ئېشىپ كېتىش؛ ئۇيۇلۇش ھېسسىياتى يوقۇلۇش، ساتقىنلىق، مىللەتچىلىك ۋە مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك، ئالدى بىلەن رۇس مىللىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك كۈچەيتىلىدۇ. بىز ئەپچىل چارىلەرنى قوللىنىپ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىنە - بىلىندۈرمەي مۇقەددەسلەشتۈرىمىز. بۇلارنى پورەك - پورەك ئېچىلدۇرۇۋېتىمىز ... پەقەت ئاز ساندىكى ئادەملىرى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملىرىلا زادى نېمىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىشى ياكى تونۇپ يېتەلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز بۇنداق ئادەملەرنى يېتىم، يۆلەنچۈكسىز ھالەتتە قالدۇرىمىز. ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. بىز ئۇلارغا تۆھمەت چاپلااش چارىلىرىنى تاپالايمىز. ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ سۈپۈرۈندىلىرى دەپ جاكارلايمىز. بىز بولشىۋىزمنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، مەنىۋى ئەخلاقنىڭ ئاساسىنى چاكىنىلااشتۇرىمىز ھەم ئۇنى تازىلىۋېتىمىز. بىز ئىشنى ياش - ئۆسمۈرلەردىن باشلايمىز. ئاساسىي دونى ياشلارغا تىكىمىز. ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىپ چىرىتىۋېتىمىز. ئۇلارنى نومۇسسىز زاتلارغا، چاكىنا كىشىلەرگە ۋە دۇنياۋىزمچىلارغا ئۆزگەرتىۋېتىمىز. مانا بۇلارنى بىز چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز.»
* * *
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاللېن دۇللېسنىڭ 1945 - يىلى «ئىتتىپاقداش دۆلەت» دەپ قارىلىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنى گۇمران قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تىرومىن قاتارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرىغا سۆزلىگەن مۇشۇ نۇتقىدىن بىز 18 - ۋە 19 - ئەسىرلەردە جاھانگىرلىك قارا نىيىتى ئۇرغۇپ تاشقان غەرب خىرىستىيان دۆلەتلىرىنىڭ غەپلەتتە قالغان، ئاجىز، قالاق مۇسۇلمان ئەللىرىگە ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرگە قانداق رەزىل پىلانلارنى تۈزگەنلىكىنى پەرەز قىلاالايمىز. بىز تارىخنىڭ بۇ قەدەر كەڭ ھەم مۇھىم تەرەپلىرىگە نەزەر ئاغدۇرماي، مۇستەملىكىچىلىك شارائىتىدا شەكىللەنگەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باش ۋەزىپە قىلغان شەرقشۇناسلىقنى ئەلى غوجاخۇندەك «ئاز بىر قىسىم دىنىي، سىياسىي، مۇستەملىكە خاھىشىدىكى شەرقشۇناسلىق نامىدىكى ئەسەرلەر بىلەن ئىنتايىن كۆپ ۋە يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىقنى ئايرىش كېرەك» دەپ قاراپ يۈرسەك، سىياسىي جەھەتتە پىشمىغان مىللەتلەرنىڭ زىيالىيلىرىدا كۆرۈلىدىغان ساددا پىكىر قىلىش مەسىلىسىنى سادىر قىلغان بولىمىز. شۇڭا بىز شەرقشۇناسلىقنى «ئىجابىي تەرىپى كۆپ»، «ساپ ئىلىم» تەركىبى چوڭ دەپ قارىساق، يەنىلا نادان ئىكەنلىكىمىز ئايان بولىدۇ.
شەرقشۇناسلىقنى چوڭ جەھەتتىن ئاقلاشقا ئۇرۇنغان ئەلى غوجاخۇن پەلىپەتىش ئاساسلىرىنى، گاھ چولتا، گاھ بىمەنە مۇھاكىمىلىرىنى يېزىپ كېلىپ، ئاخىرىدا بىراقلا سەكرەپ مۇنداق يازىدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈۋاتقان دۇنيا مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ ساپ ئىلمىي تەتقىقات تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىردەك ماقۇللايدۇ.»
ئەلى غوجاخۇننىڭ قارىسىغا يازغان بۇ بايانىدا كىشىگە ئەڭ ئەخمىقانە تەسىرات بېرىدىغان يېرى «دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىردەك ماقۇللايدۇ»دېگەن بايانىدۇر. بۇ ئاساسى يوق گەپنى قارىسىغا سۆزلىگەن ئەلى غوجاخۇنغا بۈگۈنكى كۈندە غەرب ئەللىرىدە ۋە باشقا جايلاردا ئىنتايىن بازار تېپىۋاتقان «كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك» (后殖民主义)، «يېڭى مۇستەملىكىزم» (新殖民主义)، «كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى» (后殖民理论) ۋە «كېيىنكى مۇستەملىكە ئوبزورچىلىقى» (后殖民批评) دېگەن پەن ۋە تەتقىقاتلارنىڭ نېمىگە قارىتىلغان ھالدا قانات يېيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆگىنىپ قويۇشىنى، «شەرقشۇناسلىق» دېگەن كاتتا ئەسىرىنى يېزىپ جاھانغا تونۇلغان ئېدۋارد سەئىدنى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن «خەلقئاراغا مەشھۇر كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەچىسى» دەپ تەرىپلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەلى غوجاخۇننىڭ شەرقشۇناسلىق توغرىسىدىكى تاققا - تۇققا بايان ۋە مۇھاكىمىلىرىگە جىددىي رەددىيە لازىم بولغاچقا بۇ تېز يازمىنى يازدىم. مەقسىتىم ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ماقالىسىدىكى خاتا قاراشلىرىغا بىرمۇ بىر رەددىيە بېرىش ئەمەس. سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ ماقالىسىدىكى لىئون سولوۋيوۋغا، نەسىرىدىن ئەپەندىگە ۋە ئەختەم ئۆمەرنىڭ «نەسىرىدىن ئەپەندى» دېگەن كىتابىغا ئالاقىدار ئاقلاش سۆزلىرىنى مۇنازىرە قىلغۇچىلىقى، رەددىيە بېرىپ يۈرگۈچىلىكى يوق دەپ قارايمەن. بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئەلى غوجاخۇننىڭ ئوشۇقچە سۇۋاقچىلىق قىلماي ئالدى بىلەن ماڭا ئەختەم ئۆمەرنىڭ يازغان «نەسىرىدىن ئەپەندى» دېگەن كىتابىنىڭ ژانېر جەھەتتىن قايسى ژانېرغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بېرىشىنى سورايمەن. چۈنكى مەن ماقالەمدە بۇ كىتابنى ھەممە جەھەتتىن ئەخلەتكە چىقىرىۋەتكەندىن سىرت «بۇ ئەسەر بەدىئىيلىك جەھەتتە بەك قوپال، ئەدەبىياتنىڭ ھېچقانداق ژانېرىغا ياكى شەكلىگە چۈشمەيدىغان غەلىتە ئەسەر» دەپ باھالىغان. ژانېرىنىڭمۇ مۈجمەل ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ باھا بىر ئەدەبىي ئەسەر ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. قېنى ئەلى غوجاخۇن پاكىت ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن مېنىڭ مۇشۇ باھايىمنى ئاغدۇرالامدىكىن؟ ئەڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يېزىلغان بۇ پاخپاخ كىتابنى بايان تىلىغا ئاساسەن ياكى سىنارىيە ياكى پوۋىست دىگىلى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە كىتابنىڭ 245 - بەتتىن 255 - بەتلىرىگىچە ھېچقانداق ئىش قوشماي ئون پارچىدەك لەتىپىنى شۇ پېتىلا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىغا قاراپ لەتىپىلەر توپلىمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. پاكىت ئۈچۈن مەن يۇقىرىقى بەتلەردىن ئېلىنغان مۇنۇ ئۈچ لەتىپىنى ئوقۇرمەنلەرگە پاكىت سۈپىتىدە كۆرسىتىپ قوياي. ئېلى غوجاخۇن بۇ مەسىلىنى قانداق چۈشەندۈرىدىكىن؟
ئۇرۇش قانداق پارتلايدۇ
− دادا، ئۇرۇش قانداق پارتلايدۇ؟ − دەپ سورىدى بىر كۈنى ئەپەندىمنىڭ ئوغلى.
− شۇنىمۇ بىلمەمسەن، مەسىلەن، داداڭ بىلەن ئاپاڭ ئۇرۇشقاندا ...
− ئەپەندىم، بالا سىزدىن ئۆيدىكى ئۇرۇشنى ئەمەس، دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان ئۇرۇشلارنى قانداق پارتلايدۇ دەپ سوراۋاتىدۇ، − دېدى ئەپەندىمنىڭ ئايالى ئەپەندىمنىڭ گېپى تۈگىمەيلا ئورنىدىن تۇرۇپ.
− دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان ئۇرۇشمۇ ئۆيدە بولىدىغان «ئۇرۇش» قا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، − دېدىم ئەپەندىم.
− زادى قانداق پارتلايدۇ؟ بالىغا ئوبدان چۈشەندۈرمەمسىز، − دېدى ئايالى.
− قانداق پارتلايتتى، سەن ئاغزىڭنى بۇزىسەن، مەن بۇنىڭغا چىدىماي سېنى تىللايمەن، ئاخىر «ئۇرۇش» پارتلايدۇ! − دېدى ئەپەندىم.
− قويۇڭە سىزنى، دەپ بېرەلمىدىڭىز! − دېدى ئايالى قايىل بولماي.
− ئەمىسە ئۆزۈڭ چۈشەندۈر! − دېدى ئەپەندىم نارازى بولۇپ.
− بولدى، بولدى تالاشماڭلار، ئۇرۇشنىڭ قانداق پارتلايدىغانلىقىنى بىلىپ بولدۇم! − دېدى ئەپەندىمنىڭ ئوغلى.
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ
− سەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خوتۇن، مەن نېمە دېسەم شۇنى قىلىسەن، قېينانام ماڭا بىر تاللا قىزنى تۇغۇپ بېرىپتىكەن، − دېدى ئەپەندىم مەشرەپكە بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن.
− ھەي، ئەگەر ئانام ئىككىنى تۇغۇپ بەرگەن بولسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ − دېدى ئايالى رەنجىگەن ھالدا.
ئايالىنىڭ بۇ سوئالى ئەپەندىمنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدىيۇ، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دەپ:
− ئۇنىمۇ ئالاتتىم - دە! − دېدى.
ئەزرائىل مېنىڭ قېشىمغا كەلمەي ...
ئەپەندىم سەكراتتا ياتقاندا يېنىدا كۆز يېشى قىلىپ تۇرغان ئايالىغا:
− خوتۇن، قارىغاندا مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن، سەن بېرىپ چىرايلىق ياسىنىپ، گىرىم قىلىپ كېلىپ يېنىمدا كۈلۈپ تۇر! − دېدى.
− بۇ نېمە دېگىنىڭىز، خەق نېمە دەيدۇ، مەن قايسى يۈزۈم بىلەن شۇنداق قىلىمەن، − دېدى ئايالى ئۇنىڭ گېپىگە ھەيران قىلىپ.
− شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭمۇ؟ شۇنداق قىلساڭ ئەزرائىل مېنىڭ قېشىمغا كەلمەي، سېنىڭ قېشىڭغا بارىدۇ، − دەپ چۈشەندۈردى ئەپەندىم.
* * *
مانا مۇشۇنداق تەييار لەتىپىلەرنى چېكىت، پەشلىرىنىمۇ ئۆزگەرتمەي كىتابىغا كىرگۈزۈپ قويغان، ئەسىرىنىڭ بىر يېرىنى ھېلى سىنارىيە تىلىدا، ھېلى ھېكايە تىلىدا يازغان يازغۇچىنىڭ سۈپەتسىز يازمىسىنى قايسى ژانېرغا تەۋە قىلىش مۇمكىن؟ مۇشۇنداق تۆۋەن سەۋىيەلىك «ئەدەبىي ئەخلەت» نى ئەلى غوجاخۇن «كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، لەتىپىلەرنى ئەسلىدە بار بولغان ساتىرىك، يۇمۇرلۇق، پەلسەپىۋى خۇسۇسىيىتىنى يوقاتماسلىق ئاساسىدا نىسپىي مۇستەقىللىققە ئىگە قىلىش بىلەن پۈتۈن كىتابنىڭ مەزمۇن ئىزچىللىقى ۋە باغلىنىشىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت زىل ئىجادىيەت پائالىيىتىگە يازغۇچى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان» دەپ ماختاپ ئۇچۇرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
بىلىش كېرەككى، ئوبزورچىلىق بىلەن گۇپپاڭچىلىق پەرقلىنىدۇ. مۇنازىرىچى بولۇش بىلەن ۋارى - ۋارىچى بولۇش پەرقلىنىدۇ. ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ كىتابىنى «ھېچنېمىسى مۇقامغا چۈشمەيدىغان ئاتالمىش كىتاب»، «ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قەلبىنى كىرلەشتۈرىدىغان مەينەت كىتاب»، بۇنداق كىتابنى نەشر قىلدۇرۇش «ئىقتىسادىي ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي كالۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ بىكار ئېيتمىدىم. پاكىت ئۈچۈن كىتابنىڭ 145 - بېتىدىكى بىر مەينەت لەتىپىنى ئوقۇپ باقايلى:
* * *
− ئوسمانجان ئۇستام، بۇ شاتۇتىنى نەدىن ئەكەلدىلە؟
− ئاكام ئاتايىن ئالغاچ كەپتۇ، دۇكانغا ئەكېلىۋالدىم، − دېدى ئوسمانجان.
− دۇكانغا بىر ئوبدان يارىشىپتۇ، ئەمما بۇ سالام بەرمەيدىغۇ؟ − دېدى ئەپەندىم.
− بۇ شاتۇتى ئەسلىدە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەيدىكەن. ئەمما، ئايرىم ئالاھىدە سالام بېرىپ پۇتىنى تۇتمىسا سالاملاشمايدىكەن، − دېدى ئوسمانجان.
ئەپەندىم شاتۇتىغا قولىنى تەڭلىدى، شاتۇتىمۇ ئوڭ پۇتىنى ئۇزاتتى.
− ئەسسالامۇئەلەيكۇم، شاتۇتى، − دېدى ئەپەندىم.
− خېللو، ئەپەندى! − دېدى شاتۇتى.
− پاھ، پاھ، قالتىسكەن، ئىنگلىزلار ئۆگەتكەن - دە، − دېدى ئەپەندىم.
− يەنە بىر پۇتىنى تۇتسىلا، ئەپەندىم، − دېدى ئوسمانجان.
ئەپەندىم شاتۇتىنىڭ يەنە بىر پۇتىنى تۇتتى.
− زىدراستىۋى! − دېدى شاتۇتى.
− ئورۇسمۇ بېقىپتىكەندە بۇنى، ئۇيغۇرچىنى ئۆگەتسەك بولغۇدەك، − دېدى ئەپەندىم.
− ئىككى قوللىرىدا ئىككى پۇتىنى تەڭ تۇتسىلا قېنى؟ − دېدى ئوسمانجان.
ئەپەندىم تەڭ تۇتتى.
− ئىككى پۇتنى تۇتقانغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئوخشىماملا، غوجام؟ − دېدى شاتۇتى.
ئەپەندىم ھەيران قالدى. ساتىراشخانىدىكىلەر «پاراققىدە» كۈلۈشۈپ كەتتى.
* * *
بۈگۈنكى رېستۇران، قاۋاقخانىلىرىمىزدا لاۋزا قىزىقچىلار تەرىپىدىن سۆزلىنىپ ئومۇملىشىپ كەتكەن مانا مۇشۇنداق مەينەت يۇمۇرلارنى نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ لەتىپىسى سۈپىتىدە كىتابىغا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇر بالىلىرىغا سۇنغان ئەختەم ئۆمەرنى ئېلى غوجاخۇننىڭ ئەختەم ئۆمەر بۇ ئەسەرنى يېزىشتا «ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان» دەپ ماختىشى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرمەمدۇ. مۇشۇ لەتىپىنى ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابىدىن ئوقۇغان بىرەر ئۇيغۇر بالىسى ئاتا - ئانىسىدىن «ئىككى پۇتنى تۇتقانغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئوخشىماملا، غوجام» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە دەپ سوراپ قالسا، ئوڭايسىزلانغان ئاتا - ئانا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن؟ بۇ چاغدا ئەلى غوجاخۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ «يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىىنى يارىتىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالقىلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان،تۈركىي قوۋملارغا ئورتاق سىمۋول بولغان نەسىردىن ئەپەندى سىماسىنى ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇر بوستانلىقىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش،ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىشنى خالايدىغان ئەۋلادلارغا،دەۋرگە ماس بىر شەكىلدە تەقدىم ئېتىشتىن ئىبارەت» دەپ چۈشەندۈرۈش بەرسە نورمال ئەخلاقىي ئاڭغا ئىگە بىر ئادەم بۇ خىل تېتىقسىز مۇئەييەننلەشتۈرۈشتىن ھەيران بولماي قالامدۇ؟
ئوبزورچىلىق ئىلمىي،ئادىل،ئوبىيكتىپ پىرىنىسپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت.ئوبزورچىلىقنى كاززاپلىق دەپ بىلىپ قالغان ئەلى غوجاخۇننىڭ ئەختەم ئۆمەرنىڭ مەزمۇنىدىن تارتىپ شەكلىگىچە، ئىدىيەسىدىن تارتىپ جۈملە - ئىملالىرىغىچە پۈتۈنلەي ئەخلەت ھېسابلىنىدىغان ئەسىرىنى «ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان» ھالدا يېزىلغان دەپ ماختاپ ئۇچۇرغانلىقىغا قاراپ، نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم. ئىدۋارد سەئىدتەك «دۇنيا زىيالىيلىرىنىڭ ۋىجدانى» دەپ تەرىپلەنگەن ھەق سۆزلۈك ئەدەبىيات ئوبزورچىسىنى، غەربكە قېيىداپ شەرقشۇناسلىققا ۋە شەرقشۇناسلارغا تۆھمەت قىلغان تۆھمەتچى دەپ باھالىغان ئەلى غوجاخۇننى ئەقەللىسى قايسى ژانېرغا تەۋەلىكىنىمۇ ئايرىغىلى بولمايدىغان بىر مەينەت يازمىنى «ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېزىلغان» دەپ ماختاپ - ئۇچۇرۇشلىرىغا قاراپ نېمە دەپ تەرىپلىسەك بولار؟ ئەلى غوجاخۇننىڭ ئانىق پاكىتقا كۆز يۇمىدىغان، لوگىكىغا چۈشمەيدىغان پەلىپەتىش مۇلاھىزىلىرى بىلەن ساۋات خاراكتېرلىق چۈشەنچىلىرىنى ئەزۋەيلەپ ۋارى – ۋارى قىلىدىغان يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى تەرىپلىۋالسۇن.
بەلكىم بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئەلى غوجاخۇننىڭ مۇنازىرە ماقالىسىدىكى مۇھاكىمە ۋە تەنقىدلىرىنىڭ بىرەرسىمۇ مۇۋاپىق ئەمەسمۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. مەن ئۇلارنىڭ بۇ سوئالىغا ئەلى غوجاخۇننىڭ ماقالىسىدىكى بىر تەنقىدنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويىمەن. ئەلى غوجاخۇن ماقالىسىدە سارتىرىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىپ كېلىپ مېنى «بىر بولسا بۇ سۆزلەرنى خاتا تەرجىمە قىلىۋالغان، بىر بولسا ئىلمىيلىككە يات ھالدا قورقماي ئۆزگەرتىۋەتكەن» دەپ ئەيىبلىگەن. مەن بۇ سۆزلەرنى ئىلمىيلىككە يات ھالدا قورقماي ئۆزگەرتىۋەتكەن ئەمەس. ھەقىقەتەن خەنزۇچە جۈملىدىكى «ۋە» دېگەن باغلىغۇچىغا دىققەت قىلماي تەرجىمىدە قېيىپ كېتىش ئەھۋالى سادىر قىلىپ قويۇپتىمەن. مەنبەگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغانلار بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2009 - يىلى نەشر قىلغان، كوللېكتىپ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «چەت ئەل ئەدەبىياتى تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 282 - بېتىگە مۇراجىئەت قىلىپ باقسا بولىدۇ. مەن بۇ يەردە يەنە ئەلى غوجاخۇننىڭ پاكىستانلىق يازغۇچى ھەم سىياسىي پائالىيەتچى ئىقبال ئەھمەد (1999 − 1933)نىڭ ئىسمىنى مېنى خاتا ئالدى دەپ، توغرىسى «ئەكبەر ئەھمەد» ئىدى دېگەن پىكرىنى خاتا دەپ ئەسكەرتىپ قويىمەن. چۈنكى ئىقبال ئەھمەدنىڭ ئىسمى «مىراس» ژۇرنىلىدا ھەم «يېڭى ئەسىر − مۇتەپەككۇرلار ساداسى» دېگەن كىتابتا «ئەكبەر ئەھمەد» دەپ ئېلىنغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچىسى «伊克巴•阿哈迈德»، ئىنگلىزچىسى«Eqbal Ahamad» دەپ ئېلىنىدۇ.