ئىگىسى: 11yillar

راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 13:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇنكام بۇ ئوبزورىنى ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىزنىڭ »تازلار بايرىمى»ھېكايىسىغا گەپ تاپالماي ئاخىرى مۇشۇنى دەپ بېقىپتۇ. ناھىيىتى چۈشۈنۈشلۈك
بۇ ئەسەرنى ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىزنىڭ ئەڭ ناچار ،ئەخلەت ئەسىرى دەپ قارايمەن،ئۆز ۋاقتىدا بۇنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئوقۇپ مەن شۇنچە ھۆرمەتلەيدىغان ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىزنىڭ يازغىنىغا ئىشىنەلمەي قالغانتىم.

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 14:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ زىيالىلارنى سېسىتىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قېلىشىغا قارشى تۇرىمەن!
قارشى پىكىر بولسا يالقۇن روزىدەك ئىلمىي،قايىل قىلارلىق،پاكىتلىق سوزلەڭلار!باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىش نامەرتلىك!ئاقىۋەت ئۆزىنى سېسىتىدۇ خالاس!

باھا سۆز

oxkantag  بۇ پىكىر دىن بەك سۆيۈندۇم!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 22:34:23

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 15:20:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          مۇنبەردىكى گەپ - سۆزلەرنى خەق مېنى كۆرمەيدۇ دەپ دەۋىردىغان گەپمۇ ؟ لىكن بۇمۇ ياخشى بولدى ، كىمنىڭ پەسكەش ئىكەنلىكى بارا - بارا ئاشكارا بولىدۇ . مەن يالقۇن ئەپەندىمنىڭ مۇنبەرگە يۈزلەنگىنى ياخشى ئىش دەپ قارايمەن ، تور تاراتقۇلىرى ئاستا - ئاستا يازما مەتبۇئاتنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا ، يالقۇن ئەپەندىمنىڭ تور مۇنبەرلىرىگە قاراپ ئىلگىرلىشى ، مېنىڭىچە بىر ئالدىن كۆرەرلىك ، دادىللىق . مۇنبەردە  باشقا يازغۇچىلىرىمىز كۆپەيسە ، مېنىڭچە بۇ بىر خىل ئادەت ، تەبىئى ئىشقا ئايلىنىدۇ .
           لىكىن باشقۇرغۇچىلىرىمىز جاپا تارتىدىغان بولدىدە ،  ئىلمىلىكتىن چەتنىگەن ، شەخسيەتكە ھوجۇم قىلغان ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تازلاپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇ تېخىمۇ كۆپ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ، مەشھۇرلىرىمىزنىڭ مۇنبەرگە يۈزلىنىشىگە پايدىسىز .  ئەلكۈيىگە رەھمەت ، مۇنبەر ئارقىلىق داڭلىق شەخىسلىرىمىز بىلەن بېۋاستە مۇلاقات بولالىدىم .

UID
10665
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 16:25:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىدىكى بىر قىسىم ئىنكاسلارنى كۆرۈپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم ئاتالمىش «زىيالىلار»نىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم . شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە «ئېشەكلىك ئادەم» ھېكايىسى يادىمدىن كەچتى. ئىلگىرىكى مۇنازىرىلەردە يالقۇن روزى مۇنبەرگە كىرىشنى لايىق كۆرمەي، بولىۋاتقان جەڭگى-جىدەللەرگە پىسەنت قىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتقان ئىدى. ھەممىمىز: «يالقۇن روزى نېمىشقا مۇنبەرگە كىرمەيدۇ؟ نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟» دەپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدى  رەنجىگەن ئىدۇق.
  ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۇ ئەلى خوجاخۇننىڭ «راستىنلا شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟ ناملىق ئەسىرىگە جىددى رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرسا،(مەن بۇ مۇنازىرىگە يالقۇن روزىنىڭ بۇنداق مۇئامىلە تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى قىياسىمنى ئالدىنقى ئىنكاسلىرىمدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم) . يەنىلا شۇ «يالقۇن روزى نېمىشقا مۇنبەرگە كىرمەيدۇ؟ نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟» دېگەن تورداشلار : « يالقۇن روزى تەنقىدكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن، تەنقىدكە توغرا قارىيالمايدىغان ئاجىز ئىكەن» دېيىشتۇق.ئۇنداققىمۇ بولمىسا ، بۇنداققىمۇ بولمىسا ئەمدى يالقۇن روزى قانداق قىلسا توغرا بولار؟ دېگەننى ئويلاپ قالدىم.
  ئۆز نۆۋىتىدە يالقۇن روزىنىڭ بۇ مۇنبەرگە  «ئالدىراپ-تېنەپ  كىرگەن» لىكى ھەققىدىكى قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي؛
ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، بىزنىڭ تۇرۇۋاتقىنىمىز «مۇنازىرە مۇنبىرى»، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلى خوجاخۇن يالقۇن روزىنىڭ « شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» ناملىق ئوبزۇرىغا رەددىيە يازغانىكەن (ئەلۋەتتە،تورداشلار بۇ «رەددىيە»نىڭ سەۋىيىسىدىنمۇ خەۋەر تاپتى). بۇنىڭغا يالقۇن روزىنىڭ جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقى بار، مۇنداقچە، ئېيتقاندا مەجبۇرىيىتى بار . دېمەك ، يالقۇن روزى ئكزىنىڭ شۇ ھوقۇق-مەجبۇرىتىىنى تورداشلار ۋە «قارشى قىرغاق»تىكىلەر سۈيلىگىچە، ئكزىنى سوراپ ئادا قىلدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى خاتا دېسەك،مېنىڭچە،ئادىللق بولماس.
بىر قىسىم تورداشلار يالقۇن روزىنىڭ بۇ قېتىمقى «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» ناملىق ئوبزۇرىنى « ئەختەم ئۆمەر 2009-يىلى 2-ئايدا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلغان «تازلار بايرىمى» ناملىق يازما (مەتبۇئاتتا ئۇنى «ھېكايە» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ ،مەن ئۇنى يەنىلا« يازما» دەپ ئاتاشنى لايىق كۆردۈم. مېنىڭ بۇقارىشىمدىن گۈمانلانغۇچىلار شۇ سان گېزىتىنى تېپىپ كۆز يۈگۈرتۈپ باقسا بولىدۇ)غا گەپ تاپالماي ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ» دېگەن گەپنى قىپتۇ.  بۇنىڭدىن قارىغاندا شۇ      « يازما»نىڭ يالقۇن روزى بىلەن ئاز تولا مۇناسىۋىتى بولسا كېرەك. ئەمما مەن ئەينى چاغدا ئۇنداق بىر پۇراقنى ھېس قىلغاندەك قىلمىغان. تەسىراتىم پەقەتلا،« بۇ بىر ھېكايە ئەمەس، يىپچى خوتۇننىڭ خوشنىلىرى بىلەن تۈگۈتەلمىگەن غەيۋىتىنىڭ ئاخىرىنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن داۋاملاشتۇرغىنىدەك بىر نەرسە ئىكەن » دېگەندىن باشقا نەرسە بولمىغانىدى. ئەمدى يۇقۇرىقى تورداش بۇنى يالقۇن روزى  بىلەن چېتىپ تەھلىل قىپتۇ. بىز مۇشۇ نوقتىدىن: «ئەسلى ئەختەم ئۆمەر باشتا  يالقۇن روزىغا دارىتمىلاپ  مەتبۇئاتتا، بىر نەرسىلەرنى دېگەن ئىكەندە»دېگەن يەكۈنگە كەلمەي قالمايمىز. ئەگەر راستلا شۇندا بولسا، يالقۇن روزىنىڭ قىلغىنىىمۇ خاتا دېەىلى بولمىغۇدەك.( ئەسلىدىنلا بۇ تەخىرسىز تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق ئىدى) .
يەنە بىر تورداش :
«يالقۇن ئەپەندىنىڭ ئەلى خوجاخۇننىڭ ئەسىرىگە شۇنچە تىز تەنقىد يازغانلىقى  ئالدىن پىلانلانغان بىر ئويۇن. مۇشۇ كۈنلەردە ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ۋە  ‹‹تارىم ››ژورنىلىدا كىمنىڭ ئەسىرىنى ئىلان قىلدۇرۇش ياكى ئىلان قىلدۇرماسلىق ھەققىدە پىنھان كوچىدىن  تولا قاتراۋاتقان يالقۇن ئەپەندى ئەدەبىيات داۋاسىدا قازى بولۇشقا ئۇرىنۋاتقان قارانىيەت ھەۋەسكاردۇر.  ئەسلىدە ئەلى خوجاخۇننىڭ ماقالىسى ‹‹تارىم›› ژورنىلىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، تىزلا بۇنىڭ خەۋىرىنى ئالغان تەنتەك ۋە مانقۇرت ئوبزورچى   يالقۇن بۇ ئەسەرنى ئۆيىگە ئېكىلىپ تەھرىرلەپ چىققان، تېمىسىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن.  ئاندىن ئۇنى ئاشۇ شەكلىدە ئېلان قىلىشقا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئاندىن ئىككى ئاي تەييارلىق قىلىپ، ئەخلاتخانىغا تاشلىۋەتسە ئەخلەتكىمۇ ھاقارەت بولىدىغان ئاتالمىش بۇ ‹‹تىز يازما››سىنى يېزىپ چىققان.» دەپ يېزىپ ھاقارەت ۋە تۆھمەتنى چەككە يەتكۈزۈپتۇ.
مېنىڭ بۇيەردە «ھاقارەت» دېگىنىم بۇ تەنتەك گۇپپاڭچىنىڭ : «تارىم»ژورنىلىدىن ئىبارەت شىنجاڭدىكى نوپۇزلۇق نەشىر ئەپكارىدا كىمنىڭ ئەسىرىنى ئېلان قىلىش، كىمنىڭ ئەسىرىنى ئېلان قىلماسلىقنى  يالقۇن روزى بەلگىلەيدۇ» دەپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،     « تارىم» ۋە ئۇنىڭدىكى تەھرىر –مۇھەررىرلەرگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر. بۇ مەسىلىگە تەھرىر مۇھەررىرلەرنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«تۆھمەت »دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىم ئۇنىڭ «   ئەسلىدە ئەلى خوجاخۇننىڭ ماقالىسى ‹‹تارىم›› ژورنىلىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، تىزلا بۇنىڭ خەۋىرىنى ئالغان تەنتەك ۋە مانقۇرت ئوبزورچى   يالقۇن بۇ ئەسەرنى ئۆيىگە ئېكىلىپ تەھرىرلەپ چىققان، تېمىسىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن.  ئاندىن ئۇنى ئاشۇ شەكلىدە ئېلان قىلىشقا تاپشۇرۇپ بەرگەن.»دەپ يالقۇن روزى ۋە ئەلى خوجاخۇنغا قىلغان تۆھمىتىنى كۆزدە تۇتتۇم. يالقۇن روزى توغرىسىدىكى گەپنى قويۇپ تۇرايلى. يۇقارقى باياندىن:«يالقۇن روزى ئەلى خوجاخۇننىڭ ماقالىسىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىپ ، ئاندىن ژورنالدا شۇ بويىچە ئېلان قىلىشىغا ئەلى خوجاخۇن سۈكۈت قىلدى »دېگەن مەنە چىقىدۇ. شۇ بويىچە تەھلىل قىلساق، ئەلى خوجاخۇن ئۆزىنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىيالمايدىغان يارىماس، ھاماقەت ، دېگەن خۇلاسىگە كېلىمىز. مېنىڭچە،  ئەلى خوجاخۇن ئۇنداقلاردىن ئەمەس، دېمەك ، بۇ ئەلى خوجاخۇنغا قىلىنغان قىپقىزىل تۆھمەت . ئىنكاسنىڭ ئىگىسى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم، ئىنكاسنىڭ «باھا»دېگەن يېرىگەن بىر تورداش « پەرھاد تۇرسۇننىڭ ئىنكاس ئۇسلۇبىغا ئوخشاتتىم. چاپان ئالماشتۇرۇپتۇ» دەپ يىزىپتۇ. دېمىسىمۇ بۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇرۇنقى مۇنبەرلەردىكى ئىنكاسلىرىنىڭ «كلون» نۇسخىسىدەك قىلىدۇ.
زۆرۈر ئىشىم چىقىپ قالغاچ ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي. يەنە پىكىر قاتناشتۇرۇش زۆرۈر دەپ قارىسام، ۋاقتىم چىققاندا يەنە پىكىر قاتناشتۇرۇشۇم مۇمكىن

باھا سۆز

altuntarim09  توۋا، ئەجەپ ئىشلارنى ئاڭلايدىكىنا ئادەم؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 06:02:46

UID
10579
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
156
تىزىملاتقان
2011-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 16:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى دىيىشنى لايىق كۆردۈم،مەن ئەلى غوجىنى مۇشۇ تېمىدىنلا تۇنجى قېتىم بىلدىم،يالقۇن ئاكىنى بولسا بۇرۇندىنلا بىلىمەن
ئەلى غوجا بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نەسىردىن ئەپەندى دىگەن ئىككى تېمىنى ئاقلىشى مۇۋاپىق بولمىغان،شەرقشۇناسلىق توغرىدىكى بايانلىرىدا شەرقشۇناسلىقنى پۈتۈنلەي سىياسىغا باغلاپ چۈشىنىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ توغرا تەھلىل قىلغان.....

يالقۇن ئاكا،سىز رەددىيە تېمىڭىزدا مۇنازىرە ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلسىڭىز بولاتتى،مەن نۇرغۇن ئوبزورلىرىڭىزنى كۆرگەن،كۆپىنچىسىدە تېمىغا قوشۇپ شەخسكە زەربە بېرىشتەك خاھىشمۇ بار،سىزنىڭ نوپۇزغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان  خاراكتېرىڭىزنى ياقتۇرساممۇ ئوبزورغا قوشۇپ بىر كالتەك بىلەن ئۇجۇقتۇرىدىغان،قارشى تەرەپنى قەتئىلا مەنسىتمەيدىغان ،كۆزگە ئىلمايدىغان خاراكتېرىڭىزنى ياقتۇرمىدىم،سىز كۆپنى كۆرگەن ئەرباپ بولغاندىكىن كۆڭلى كۆكسى كەڭ بولسىڭىز،ئوبزورلىرىڭىز يېتەكلەش،ئۆستۈرۈش،تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا يېزىلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.......
قاراڭە،ئەلى غوجاخۇننى مۇنداق دەپسىز:
نادان قەلەمكەش
گۇپپاڭچى
تۆۋەن سەۋىيىلىك كۆزەتكۈچى
ئىچى كاۋاك مۇنازىرىچى
ئەخمەق
سۇۋاقچى
تۆۋەن سەۋىيىلىك ۋارى-ۋارى
يالقۇن ئاكا،مۇشۇلار سىز يازىدىغان سۆزلەرمۇ؟ سىزگە بولغان ھۆرمىتىمىز تۆۋەنلەپ كەتمىسۇن،مۇنازىرە-ئوبزورلاردا تىغ ئۇچىنى تېمىغا-مەزمۇنغا قاراتسىڭىز، مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى دۆت،ھېچنىمە بىلمەيدۇ دەپ قارىمىسىڭىز،چوڭچىلىق خاھىشىدىن ساقلانسىڭىز،بىزگە ئۇچرىغان ھەر ئۈچ ئادەمنىڭ بىرى مەلۇم جەھەتتە بىزگە ئۇستاز بولالايدۇ
ئەلى غوجاخۇن قانداقلا بولمىسۇن ئىزدىنىپتىغۇ،بۇ ياخشى ئىش ئەمەسمۇ؟خاتالىقى بولسا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىپ كۆرسىتىپ بەرسىڭىز،تېخىمۇ ياخشى يازىدىغان بولسۇن،ئىككىنچى قەلەم تۇتۇشقا قورقىدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويمايلى،قورۇقچىلىق بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ
بۇ بىر ئىنىڭىزنىڭ سەمىمى تەكلىۋى خالاس

باھا سۆز

haliktash  بۇ تەكلىپىڭىزنى قوللايمەن!!!!!!!!!!!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 17:44:07

UID
32798
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 16:50:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادان قەلەمكەش
گۇپپاڭچى
تۆۋەن سەۋىيىلىك كۆزەتكۈچى
ئىچى كاۋاك مۇنازىرىچى
ئەخمەق
سۇۋاقچى
تۆۋەن سەۋىيىلىك ۋارى-ۋارى
==========================
يالقۇن روزى ئاجايىپ پەزىلەتلىك ھە ، نېمە دېگەن ئېسىل مۇنازىرە ئىستىلى  بۇ.

UID
33625
يازما
0
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
0
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-24
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 16:53:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنىڭ ئالدىن ئەلا پىلانلانغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرمامدۇ . بىز تېخى تارىم ژورنىلىنى قولىمىزغا ئالماي تۇرۇپ بۇ قىززىق ئويۇننى كۆردۇق . يالقۇن روزى بۇ ژورنالغا يۆتكەلدىما-يا؟ بۇ يەردە كىمنىڭ ئېلىمگە بىھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقى ، ساختىپەزلىكى كۆرۇنىپ تۇرسىمۇ ۋادىرىخا دېيىشنىڭ نېمە زۆرۇرىيىتى باركىنە؟ مەن دەيمەن يالقۇن روزى زادى نېمە دەيدۇ؟ ئۇ مۇشۇنداق ئويۇنلارنى ئويناپ خەلىقىمىزنى ئانى تېپىۋاتىدۇ. ئىمانى پاك يازغۇچىللىرىمىزنى قارلاۋاتىدۇ . بۇنداق سېسىق ۋەزىپىنى نەدىن تاپشۇرۇپ ئالدىكىنە، بۇ ھۆرمەت ئىچىدە ھۆرمەتسىزلەگەن سېرىكچى خۇنخور ئەپەندى؟ بەزى ئەخمەقلەر تېخى ماۋۇ سىرىكچىنىڭ دېپىدا تاراقشىپ، ئەختەم ئۆمەرنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرمەكچى بولۇشقانلىرىغا نېمە دېسەك بولۇر؟« ئەخمەقنىڭ ئېشىنى ئەخمەقلەر يەيدۇ ،ئاخىرى قۇيۇندا بېشىنى يەيدۇ .خانلىقنىڭ ئېشىغا دۇم چۇشكەن جاناپ،قىيامەت كۇنىدە نېمىلەر دەيدۇ ؟...».

باھا سۆز

koygandengiz  «ئىشتنىڭ دۇاسى قوبۇل بولسا كۆكتىن ئوستىخان ياغىدۇ » دىگەن گەپ بولىدىغان  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 18:09:59

UID
10665
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 17:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     قېرىندىشىم «مىشچان»:
    مېنىڭچە ، سىز يەنىلا كۈزەتكۈچىلىك سالاھىيتىڭىزدە تۇرۇپ بۇ مۇنازىرىگە دېققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك. مېنىڭ بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئۇيغۇر تىلىنى تولۇق چۈشەنمىگەن ئادەمنىڭ مۇنازىرىگە ئارلىشىشى،  بىر بولسا ئۆزىگە، بىر بولسا باشقىلارغا كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ.
   ئەمدىلا تىزىملىتىپ ئالدىراپ تىنەپ ئىنكاس يازغىنىڭىزغا قارىغاندا سىز مەخسۇس، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىش ئۈچۈن كىرگەن بولسىڭىز كېرەك.
  ئىنكاسىمدىن غەيرىلىك ھېس قىلغان بولسىىڭىز، جاۋابىنى يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىڭىزدىن ئىزدەڭ

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 17:25:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ زىيالىلارنى سېسىتىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قېلىشىغا قارشى تۇرىمەن!
قارشى پىكىر بولسا يالقۇن روزىدەك ئىلمىي،قايىل قىلارلىق،پاكىتلىق سوزلەڭلار!باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىش نامەرتلىك!ئاقىۋەت ئۆزىنى سېسىتىدۇ خالاس!
__________________________________
خانىم، ماۋۇ ئىنكاسىڭىز مېنىڭ ئىنكاسىمغا قارىتىپ يېزىلمىغاندۇ-ھە؟
مېنىڭ ئىنكاسىمنى قايتا ئوقۇپ بېقىڭ، مېنىڭ ھەرگىزمۇ بىرسىنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىش نىيىتىم يوق. ھەم ئۇنداق ئەھۋالغا قارشى تۇرىمەن. مەن يالقۇن رۇزى ئەپەندىنى ھۆرمەتلەيمەن. مەن كەيپىياتنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن سەل سورۇن چىراي گەپ قىلىپ قويدۇم، خالاس.
ئادەمگە بۇنداق ئۇۋال قىلسىڭىز بولمايدۇ.

UID
10665
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 17:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادان قەلەمكەش
گۇپپاڭچى
تۆۋەن سەۋىيىلىك كۆزەتكۈچى
ئىچى كاۋاك مۇنازىرىچى
ئەخمەق
سۇۋاقچى
تۆۋەن سەۋىيىلىك ۋارى-ۋارى
==========================
يالقۇن روزى ئاجايىپ پەزىلەتلىك ھە ، نېمە دېگەن ئېسىل مۇنازىرە ئىستىلى  بۇ.
يۇقۇرىدىكىسى 36- قەۋەتتىكى تورداش «تىكەنباينىڭ »ئىنكاسى.
مەنمۇ يالقۇن روزىنىڭ كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ياتىدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشىنى ياختۇرمايمەن. كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە قاتتىق تېگىش يالقۇن روزىنىڭ بىر قىسىم ئوبزۇرلىرىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق.ئكز نكۋىتىدە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، بۇ قېتىم يالقۇن روزى ئەلى خوجاخۇننىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشتە ئىلھامنى يەنىلا ئەلى خوجاخۇندىن ئالغاندەك قىلىدۇ. تۆۋەندە ئەلى خوجاخۇننىڭ «راستىنلا شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟ » ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەرگە دېققەت قىلغايسىز:
«...لېكىن‹‹ماقالە››بۇ ئىلىمنىڭ زىيانلىق ئىلىم ئىكەنلىكىنى شەرقلىقلەرنى ئۆزىدىن يىرگىنىدىغان قىلىشتا كاتتا روللارنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.گەرچە ئاپتور شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ساپ ئىلىمگە ياتىدىغان‹‹بەزى ئىشلارنى قىلغان››لىقىنى تىلغا ئېلىپ،‹‹ماقالە››گە سىلىق سۇۋاق بەرگەن بولسىمۇ،ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا بۇ ئىلىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.»
«...ئۇنىڭ‹‹زەھىرى››ۋە‹‹خەتىرى››ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ساپ ئىلمىي روھ بىلەن رايونىمىز مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلغان شەرقشۇناس ئالىملارغا تۆھمەت قىلىپ،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ قارا چاپلاش ئۇلارنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەش، جاھانگىرلارنىڭ قولچومىقى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئوقۇرمەنلەرنى خاتا چۈشەنچىگە باشلايدىغانلىقى ئېنىق.»
«...ئۇچىرىسا ئۇنى بايقىيالايدىغان كىشلەرنى ئۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ،بۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ دەپ ئەيىبلەش خاتا يەكۈن چىقىرىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.ياكى‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››چە پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىدىن پايدىلىنىپ،باشقىلارغا قارا چاپلاپ،سىنىپىي قالپاق كىيدۈرۈش،جاھانگىرلىككە باغلاپ،سىرىتقا باغلانغا ئونسۇر قىلىپ كۆرسىتىپ،ئەدىپىنى بېرىشتەك ئىنسانغا ۋە ئىلىمگە زىيانلىق تەپەككۇر شەكلى ھېسابلىنىدۇ.»
«...مانا مۇشۇنداق ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر كىتابلاردا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ساۋات خاراكتېرلىك چۈشەنچىلەرنىمۇ‹‹ماقالە››ئاپتورى بىلمەسكە سېلىۋالغان.»

باھا سۆز

altuntarim09  يالقۇن روزى بىكارغا تېز ئىنكاس قايتۇرماپتىكەن، ئەھۋال راست جىددى ئىكەن!!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 06:09:12
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش