ئىگىسى: 11yillar

راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10525
يازما
313
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3523
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 16:07:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇندىن باشقا ئاۋۇ تېما زادى باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان تېمىمۇ ياكى ، ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ  قويغان تېمىسىمۇ ؟ مەن بىر يېرىدە مەسىلە باردەك ھېس قىلدىم . ئەگەر ئاپتۇر ئۆزى تەرىپىدىن قويۇلغان بولسا ، ئۇنداقتا ئاپتۇر ئوقۇرمەنلەردىن « شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش كېرەكمۇ ؟  » دەپ  سوراش ئارقىلىق زادى   قانداق جاۋاپقا ئېرىشمەكچى ؟ ئاپتۇرنىڭ بىر قاتار نەقىللەرنى ئېلىپ شەرقشۇناسلىق ۋەياكى شەرقشۇناسلارنى ئاقلىشىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ ،  ئەگەر « شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش كېرەك » دىسە، ئۇنداقتا ئۆزى نەق  « يالقۇننىڭ سەنىمىگە »  دەسسىگەن بولىدۇ  .  ( چاخچاق ) چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا « سەنەمگە دەسسەش » ، « دەسسەتمەك » دىگەن سۆزلەرنىڭ قانداق  سەلبىي كۆچمە مەنىلىرىنىڭ بارلىقى ئوقۇرمەنلەرگە ئايدىڭ بولسا كېرەك . « شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسىمەسلىك كېرەك » دىمەكچى بولسا ، بۇ يازمىنى يېزىشنىڭ نە ھاجىتى ؟!!! چۈنكى يالقۇن روزىنىڭ دىمەكچە بولغىنىمۇ شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسىمەسلىكقۇ ؟!!!  

باھا سۆز

ArislanMemet  ھا ، ھا ، ھا ، ياخشى پىكىر .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 19:07:53

UID
10665
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 16:41:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن ئەلى خوجاخۇننىڭ «راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ» ناملىق رەددىيە نامىسىنى ئوقۇپ، بولۇشۇمغىلا، يالقۇن روزىنىڭ «شەرقشۇناسلىق ھەققىدە ئەلى خوجاخۇن نېمە دەيدۇ»ناملىق جىددى رەۋىشتە يېزىلغان، «رەددىيەگە رەددىيە» سىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇنداقلا بۇ ئىككى ماقالە توغرىسىدىكى دەسلەپكى ھىس قىلغانلىرىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشنى لايىق كۆردۇم.
ئەلى خوجاخۇننىڭ رەددىيسىدىن تەسىرات:
تۇنجى تەسىراتىم شۇكى: بۇ ئەسەر «تارىم »ژورنىلىنىڭ سەۋىيىسىگە پەقەتلا ماس كەلمەپتۇ. بەلكى،«تارىم»نىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىۋەتكەندەك تەسىراتقا ئەكەلدى مېنى .
«رەددىيە» پەقەتلا يالقۇن روزىغا رەددىيە يېزىشقا  جۈرئەت قىلالىغانلىقىدەك  «قاپ يۈرەكلىك»ىدىن  ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە زورۇقۇپ تۇرۇپ يېزىلغاندەك تۇرىدۇ. «رەددىيە»نىڭ «كاۋاك»لىقى ھەققىدە يالقۇن روزى يېتەرلىك ئاساس كۆرسىتىپتۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك. مېنىڭچە ، بۇ ھەقتە قايتا ئەزۋەيلەشنىڭ زۆرۈرىيى بولمىسا كېرەك.
تەكلىپىم: ئەلى خوجاخۇن يەنە ئۆگىنىشى ، ئۆز  مۇددىئاسىغا پايدىلىق تەرەپلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى ، ماھىيەتكە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ئۆگىنىشى زۆرۈردەك قىلىدۇ.
ئەلى خوجاخۇنغا سوئال:
ئەختەم ئۆمەرنىڭ سىز قوغداۋاتقان نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازىنى يارىتىش مەخسىدى راستىنلا سىز دېگەندەك: ئۇنىڭ ئوبرازىنى زامان ئوقۇرمەنلىرى قەلبىدە قايتىدىن نۇرلاندۇرۇشتۇر.» بولسا، ئۇ ھالدا سىز  يالقۇن روزى كۆرسەتكەن پاكىتلارنى قايسى ئاساس ئارقىلىق ئاغدۇرماقچى؟
ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسرىدىن ئەپەندىسى سىزنىڭ شۇنداق پىداكارلىق كۆرسىتىپ قوغدىشىڭىزغا ئەرزىمدۇ؟
يالقۇن روزىنىڭ «رەددىيىگە رەددىيە» سىدىن تەسىرات:
بىز يالقۇن روزىنىڭ ئەسەرلىرىنى  رەسمىي مەتبۇئاتلار ( تورنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان مەتبۇئاتلارنى  تور مەتبۇئاتىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن «رەسمىي» سۈپىتى قوشۇلدى. تورداشلارنىڭ باشقىچە چۈشەنچىدە بولۇپ قالماسلىقىنى سورايمەن)ئۆز نامىدا داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرساقمۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تور دونياسىدا ۋاسىتىلىق  ئۇچرىشىپ تۇرىۋاتقانىلىقىمىز پاكىت. بۇگۈنگە قەدەر يالقۇن روزى ھەر قانداق مۇنازىرىنى رەسمىي مەتبۇئات يۈزىدە ئېلىپ بېرىشنى قوللىغانلىقى ئۈچۈنمۇ  ياكى باشقا  سەۋەب بارمۇ مۇنبەردە ئاشكارە سالاھىيىتى بىلەن كۆرۈنمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇخىل پوزىتسىيىسىنى ئىلگىرىكى مۇنبەرلەردە ئۇنىڭغا قىلىندان يولسىزلارچە ھۇجۇم، ھەتتا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ھاقارەت قىلىشلارغىمۇ سۈكۈت قىلغانلىقىدىن ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ قېتىم يالقۇن روزى  بۇ تىمىغا ئاشكارە سالاھىيىتى بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلدى. مېنىڭچە، يالقۇن روزىنىڭ بۇ تىمىغا بۇنداق جىددى پوزىتسىيە تۇتۇشى ئۇنىڭ نەزىرىدە «شەرقشۇناسلىق»تىن ئىبارەت بۇ تىمىدا مۇنازىرە قىلىنىدىغان مەسىلىنىڭ ئۆز شەخسىيىتى، ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئىناۋىتىدىنمۇ مۇھىملىقىنى  تونىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
مەن يالقۇن روزىنىڭ مۇنبەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن. ( مەن ئۇنىڭ كىرىشىنى خالىمايدىغان  بىر قىسىم تورداشلارغا ۋەكىلىك قىلالمىساممۇ، ئەمما ، زور بىرتۈركۈم تورداشلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى دېگەنلىكىمگە ئىشىنىمەن)
     ئەسلى مەخسەتكە كەلسەم، يالقۇن روزىنىڭ بۇ «رەددىيە گە رەددىيە»سى ، ئەلى خوجاخۇننىڭ «رەددىيە»سىنىڭ دەل ئەكسىچە، سېستىمىلىق ، قايىل قىلارلىق، پاكىتلىق بوپتۇ. مانا بۇ ئەسەر ئەسلى «تارىم» دىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك. (تارىمنىڭ كىيىنكى سانىغا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ، رەسمىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ساقلاش قىممىتى، قولايلىقلىقى بولىدۇ.)

UID
11404
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
318
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 16:49:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى يالقۇن روزىمۇ كىرىپتۇدە تورغا!!!!
ياخشى بوپتۇ.

UID
10811
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1918
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 17:03:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىر كۈنى شاگىرتى ئىبنى سىنادىن :« مۇشۇنچە بىلىمىڭىز بىلەن  نىمىشقا پەيغەمبەرلىك قىلمايسىز؟ » دەپ  سوراپتۇ... مېنىڭچە بۇ  سۇئالمۇ ئۇستازىنىڭ بىلىمىگە ھۆرمەت بىلدۈرگەن ساددا شاگىرتنىڭ داڭقان پۇت سۇئالىدە ، ئەخمەق كىشىلەر زامان ئاخىرىغىچە  تۈگىمەيدۇ ،     

UID
8488
يازما
176
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
266
تىزىملاتقان
2011-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 18:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسىسىلامۇ ئەلەيكۇم ! يالقۇن ئەپەندىمنىڭ دادىللىق بىلەن بۇ تىمىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۇتىرىشتە ۋە ئۇلارنى  تەپەككۇر چوڭقۇرلىقىغا يىتەكلەشتە ئوتۇۇرىغا قۇيۇلمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر تىما.
    مەن تۇلۇقسىزدىكى ۋاقىتلاردا ئۇقۇغان  جۇرجى زەيدان  ، ئىھسان ئابدۇقۇددۇس قاتارلىق ئەرەپ شەرقشۇناسلىرىنىڭ ۋە باشقا رۇس شەرقشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرى شۇ ۋاقىتلاردا گۇدەك قەلبىمدە نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى، شۇ ۋاقىتلاردىلا مەندە ھەر قانداق ئۇقىغان ئەسەرلىرىمنى مۇقەددەس كىتاپلارغا سېلىشتۇرۇپ كۇرۇش ئادىتى شەكىللەنگەن ئىدى، كىيىن شەرقشۇناسلىققا ئائىت بەزى ھەقىقىي مەلۇماتلارنى كورگەندىن كىيىن نۇرغۇن زىددىيەتلىك مەسىللەرگە جاۋاپ تاپقان  ھەم  مەيلى قانداق داڭلىق ئۇلىما ياكى زىيالىي بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر قارىغۇلارچە چۇقۇنماسلىق كىرەكلىگىمنى  تۇنۇپ يەتكەن ئىدىم. مەن ئۇچۇن ئەمىلىيەتتە بۇ بىر ھالقىش بولغان ئىدى.
   يالقۇن ئەپەندىم يۇقارقى ماقالىلىرىدا ئۇلارنىڭ زىيىنىنىڭ پەقەتلا مەلۇم قىسمىنىلا يۇرۇتقان،بۇ ھەقتە ئوزباش قاتارلىق بۇرادەرلەرنىڭ سىستىمىلىقراق بىر ماقالە يېزىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن. چۇنكى مەلى شەرقشۇناسلىق بولسۇن ياكى تالاي ئەلدە شاللىنىپ بىزنى تاپقان ھېچنىمىزىم بولسۇن ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەلەردىكى پىكرىي بۇلغۇنۇشلارنىڭ مەنبىيى بىر نوقتىغا مەرگەزلىشىدۇ.

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 20:19:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزىنىڭ ئەلكۈيى مۇنبىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىدىن بەك خوش بولدۇم،بۇ تېمىغا يازغان ئىنكاسى ۋە «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»دېگەن ئوبزورى شۇنداق چۈشىنىشلىك ھەم تېتىملىق .مەشھۇرلىرىمىزنىڭ دائىم  بولسا مۇشۇنداق«ئەل ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ » تۇرسا دېگەن ئۈمۈتدىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 23:00:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى ئەپەندى ناماز ئوقۇمدىغاندۇ؟

يالقۇن روزىنىڭ شەرقشۇناسلار ھەققىدىكى قىسمەن قاراشلىرىغا قوشۇلىمەن. لېكىن قىسمەن قاراشلىرىغا قوشۇلالمايمەن. شەرقشۇناسلارنىڭ بەزىسىنىڭ غەرب مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنسەممۇ، لېكىن مۇتلەق ھەممىسىنىڭ ئۇنداق بولىشىغا ئىشەنمەيمەن. بىراق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىيارى، مەلۇم كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئەمەس ئۆزلىكىدىن شەرقنى تەتقىق قىلىدىغانلىرى بولۇشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەپكۇرىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنى بىزنىڭ مەپكۇرىمىز بويىچە پىكىر قىل دېيەلمەيمىز، ھەم ئۇنداق قىلاي دەپمۇ قىلالمايدۇ. چۈنكى،  بىر ئادەمگە ھامان ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى نەرسىلەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار پەقەت  ئۆز مەپكۇرىلىرىنىڭ سالاھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلىيەلەيدۇ، خالاس. مەنچە ئۇلار مەلۇم بىر سىياسى ئويۇننىڭ تۈرتكىسىدە ئەمەس، ئۆزلىكىدىن شەرق توغرىىسىدا ئىزدەنگەن بولسا، ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئۆز مەپكۇرىمىزدا تۇرۇپ پايدىلىنىپ  قويساق بولىدۇ. بۇ خۇددى يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ خەنزۇ ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغىنىدەكلا بىر ئىش... ئىسلام دۇنياسىدىمۇ بۇ تالاش-تارتىش بار... ئاپتور مۇھەممەد ھۈسەيىن ھەيكەلمۇ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى» دېگەن كىتابنى يازغاندا، ئىسلام مەيدانىدا تۇرۇپ، لېكىن مېتودنى غەربچە قىلىپ يازغان... «شېرىن بۇلاق»(ئەسلى ئىسمى«پېچەتلەنگەن شاراب») نىڭ ئاپتورى سەفىييۇررەھمان ئەل-مۇبارەك فورىي مەزكۇر كىتابىنى يازغاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تىرىك بىر جان سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خۇدا ئەمەس، پەرىشتىمۇ ئەمەس، پەقەت باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئادەتتىكى بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ: مەسىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غارغا يوشۇرۇنغاندا تەدبىر ئىشلىتىپ ئىزلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن دەرەخ شاخلىرىنى كەينىدىن سۆرەپ ماڭىدۇ، ئەبۇ بەكرىنى قىزى ئەسما كەينىدىن يەنە قويلارنى ماڭغۇزىۋېتىدۇ... ئۇھۇد غازىتى بولغاندا مۇسۇلمانلار سېپى يېمىرىلىپ، سەل جىددىچىلىك بولغاندا، مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھنى تەرەپ-تەرەپتىن قىستاپ كەلگەندە، رەسۇلۇللا سەئىدگە: «ئات سەئىد، ئات، داداممۇ، ئاناممۇ ساڭا پىدا بولسۇن » دەيدۇ، ھالبۇكى، رەسۇلۇللا ئادەتتە يا ئانام ساڭا پىدا بولسۇن دەيتتى ياكى دادام ساڭا پىدا بولسۇن دەيتتى، شېرىن بۇلاقتا يەنە بۇنداق بايانلار كۆپ... غەربچە مېتودنى نوقۇل «سىتىراتىگىيە» دەپ چۈشىنىۋالساق مەنچە تازا ياخشى بولماسمىكى...
بىر دوستۇمنىڭ دەپ بېرىشىچە، مىسىردا مۇنداق ئىش بولغانىكەن، مەلۇم بىر يىلى مىسىر يازغۇچىسى نەجىپ مەھفۇزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ كىشىنى زىيارەت قىلغان. ھالبۇكى، بىر تۈركۈم ئىخۋانىيلار بۇ ئادەمنى قەستلىگەن ئىكەن. نەق مەيدان زىيارىتىدە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش شۇ بولغانكى، ئىخۋانىيلارنىڭ رەھبىرى بىر دەستە گۈلنى ئەكىرگىنىچە نەجىپ مەھفۇزغا بەرگەن. ئىختىيارسىز ھالدا تېلېكامىرالار شۇ كىشى تەرەپكە بۇرۇلۇپ، بۇ كىشىدىن سوئال سورىشىپ كەتكەن: سىلەر بۇ ئادەمنى ياقتۇرمايدىغان تۇرساڭلار، «ئەقىدىمىزگە خىلاپ پىكىر قىلىدۇ» دەپ قارايدىغان تۇرساڭلار، نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭىز ؟ دېگەندە، ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: توغرا، نەجىب مەھفۇز بىلەن نورغۇن نەرسىلەردە پىكىر بىردەكلىكىگە كېلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بىز ئۇنىڭ مىسىردىكى ئاقارتىش تۆھپىسىنى ئىنكار قىلالمايمىز!
مېنىڭ بىلىشىمچە ئەختەم ئۆمەر ناھايىتى تەقۋادار، بەشۋاق ناماز بىر ئادەم. شۇڭا بۇ ئاكىمىز شەرقشۇناسلارنىڭ دېپىغا ئالدىراپ ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە لەتىپە بۇ ئاكىمىزنى «شەرقشۇناسلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغان» دېيىشكە يېتەرلىك پاكىت بولالمايدۇ.  چۈنكى ئۇ لەتىپىدە تىلغا ئېلىنغان ئاز بىر قىسىم سەلبى قاراشلار شەرقشۇناسلىق مەيدانغا كەلمىگەن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىمۇ جەمىئىيەتنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن  تېپىلاتتى.  قىسمەنلىكنى ئومۇمىيلىققا تەتبىقلىساق، چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويغاندەك، چاتايمەن دەپ تۈۋىدىن كېسىۋەتكەندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ.  

باھا سۆز

ArislanMemet  ئىنكاسىڭىز ياخشى بوپتىكەن ، لىكىن سۇئال ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 00:55:09

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 23:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەر مەن ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان يازغۇچى. يالقۇن ئاكىنىڭ ئۇنىڭ ئۆمرىدە ناچار، خام-خۇتا يېزىپ قويغان ئىككى ئەسىرىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقارغىنى بۇ باشقا ئىش. لېكىن ئەشۇ ئەسەرنىڭ خام-خۇتا يېزىلىپ قالغىنى، بىر نەچچە تەسۋىرنىڭ شاللاق چىقىپ قالغىنىنى تۇتۇۋېلىپلا «مەڭگۈ كەچۈرگىلى بولمايدۇ»،«شەرقشۇناسلىق»نىڭ كەتمىنىنى چاپقان دەپ «غەرپنىڭ غالچىسى» قىلىپ كۆرسۈتىشى تېخىمۇ كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر ھادىسە. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شاللاق تەسۋىر يېزىلغان نۇرغۇن رومانلار ساماندەك كۆپ تۇرسا، ئەڭ داڭلىق رومانلىرىمىزدىن مىسالغا ئالساقمۇ مەرھۇم ئاتا يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»، «ئىزدىنىش» رومانىدا يارىتىلغان غېنى باتۇر، مۇختەرباي، ئەلا نۇراخۇن...لاردەك ئەڭ سۆيۈملۈك ئوبرازلارمۇ شاللاق تەسۋىرسىز يارىتىلمىغان تۇرسا، يەنە تالايلىغان ھېكايە-پوۋېستلىرىمىز، چۆچەكلىرىمىزدىمۇ تۇرسا بۇنداق شاللاق تەسۋىرلەر نىمىشقا بىر ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىزلا بۇ گۇناھقا ئىتتىرىلىدۇ؟
ئەلى غوجاخۇنلا ئەمەس، خېلى-خېلى زىيالىيلارنىڭ سىزنىڭ خىلىڭىز بولالمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، ئۇ ئىزدەنگۈچى ياشنىڭ رەددىيىسىگە ئۇنچىلىك تەئەددى بىلەن رەددىيە بېرىشمۇ كەتمەيتتى. مۇشۇنىڭدىنلا بەزى ئىشلار ئايان.

باھا سۆز

ArislanMemet  ئىنكاسىنىڭ ئالدىنىقى قىسمىغا قوشۇلىمەن .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 00:33:20

UID
10665
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 23:53:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى ئەپەندى ناماز ئوقۇمدىغاندۇ؟
بۇنداق سوئالنىڭ بۇ تىمىدا ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ ؟
مەن يالقۇن روزىنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ياكى ئوقۇمايدىغانلىقىغا بىر نەرسە دىيەلمىسەممۇ، ئەمما شۇنداق دەيمەنكى ،ناماز ئوقۇش ئوقۇماسلىقى ئۇنىڭ شەخسى ئىشى، بۇ تىمىدا باش قاتۇرىۋاتقىنى ئومۇمنىڭ ئىشى. بىر ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇش ئوقۇماسلىقىنى ئۇنىڭ چوڭ ئىشلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇش سالاھىيىتىنىڭ بار يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

«مېنىڭ بىلىشىمچە ئەختەم ئۆمەر ناھايىتى تەقۋادار، بەشۋاق ناماز بىر ئادەم. شۇڭا بۇ ئاكىمىز شەرقشۇناسلارنىڭ دېپىغا ئالدىراپ ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ. » بۇ گىپىڭىزنىڭمۇ ئاساسى بولمىسا كېرەك. تەقۋادار مۇسۇلمان ھەرگىزمۇ ئالدىراپ  ناشايان گەپ -سۆزلەرنى قىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئەمما، ئەختەم ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان ئاممىسىلا ئەمەس، ئەقەللى نورمال پىسخىكىدىكى ھەرقانداق ئادەم قوبۇل قىلالمايدىغان شەھۋانى مەزمۇندىكى لەتىپىلەرنى ئەسىرىگە ھېچقانداق ئىش قوشماي ئەكىرىشىنى قانداق چۈشەنسەك بولا .

UID
6721
يازما
32
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1112
تىزىملاتقان
2010-10-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 00:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزىنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولسىمۇ ھەممە ئادەمنى خالىغانچە تەنقىد قىلىشقا ۋە تەنقىدكە سەۋرى قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان تەنقىاچى سۈپىتىدە ئەلى خوجاخۇننىڭ مۇنازىرە ماقالىسىنىڭ خەۋىرى چىقىپ بولغىچە مۇنچە ئالدىراپ-تېنەپ تەنقىد يېزىپ كېتىشىدىن ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تەنقىدكە توغرا قارىيالمايدىغان ئاجىزلىقى چېنىپ قاپتۇ. بەك ئەپسۇس!! بەك ئەپسۇس!!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-25 00:36):

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش