ئىگىسى: 11yillar

راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 17:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك  enwer-jula بايامنىڭ ياقى بولۇنغان گەپ سۆزلەردىن خەۋىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ،بايامنىڭ ياقى بەزىلەر ئالدىراپ -تېنەپ تىزىملىتىپ كىرىپ يالقۇن روزىغا ھۇجۇم قىلىپ مۇنبەرنى سېسىتقىلى تۇردى،شۇنۇڭغا قارىتا يازغان ئىدىم.ھېلىمۇ ياخشى بۇ پىتنىلەر باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ۋاقتىدا ئۆچۈرلۈپتۇ ،شۇنداقتىمۇئۇلار  يەنە توختىماي داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ،باشقۇرغۇچىلارغا ئۇۋال بولىدىغان بولدى .

UID
28222
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 17:47:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇتىمىغا راسلا نىمە دىيىشنى بىلمەي قالدىم .راستىمنى ئېيىتسام ئىچىم ئاچچىق بولدى .راس تەنقىد دىگەن ئاچچىق بۇلىدۇ .بىراق شۇ تەنقىد دىگەننمۇ جاينى تېپىپ قىلىش كىرەكتە !ئالدى بىلەن «شەرقشۇناسلىق »ئاندىن «ئەختەم ئۈمەر» بۇ كۆپ قىرلىق تەنقىدمۇ ياكى نىمە ھىچ بىلمىدىم.مىنىڭچە يالقۇن رۇزى ئەپەندىمنىڭ «شەرقشۇناسلىق »ھەققدىكى قارشلىرىنى پۈتۈنلەي توغرا دىگەندىمۇ لىكىن بۇنىڭغا قېتىپ ئەختەم ئۈمەر يىنىكلىك بىلەن ۋە ياكى بىلىپ بىلمەي يېزىپ قويغان بىر نەچچە ناچار لەتىپىنى تۇتۇۋېىلىپلا «مەڭگۈ كەچۈرگىلى بولمايدۇ»،«شەرقشۇناسلىق»نىڭ كەتمىنىنى چاپقان دەپ «غەرپنىڭ غالچىسى» قىلىپ كۆرستىشى ھەقىقەتەن يازغۇچى ئەختەم ئۈمەرگە قىلىنغان ھاقارەتمىكىن دەيمەن .ئەختەم ئۈمەر ئۇيغۇر خەلقى ئىتىراپ قىلغان يازغۇچى ،ئەختەم ئۈمەر يازغان نۇرغۇنلىغان داڭلىق رۇمانلار ،ھىكايە پوۋسىتلار ،بۇلۇپمۇ «ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى »،«ئۇيغۇرلاردا پەرزەنىت تەربىيسى »قاتارلىق ئەسەرلىرى ،ئەختەم ئۈمەرنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۈلىدىغان مەسئۇلىيەتچان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس !سىزنىڭچە خەلق ئىتىراپ قىلغۇدەك نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەختەم ئۈمەر ئەمدىلىكىتە ئۆزى يازغان كىتابنىڭ ژانىرنىمۇ  بىلىمگۈدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟ئەدەبىياتتا قانچىلىك ژانىر بار ؟ھەرقانداق نەرسەچۇقۇم بىر قېلىپقا چۈشۈش شەرتمۇ ؟
ئۇندىن باشقا ئەلى غۇجاخۇنمۇ سىزگە ئوخشاشلا «شەرقشۇناسلىق»مۇستەقىل بىر پەن سۈپىتىدە تەھلىل قىلىپ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزگە قارىتا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان ،پەقەت ئەلى غۇجاخۇن «شەرقشۇناسلىق»قا ئىجابى نوقتىدىن باھا بەرگەن ،سىز بولسىڭىز سەلبى تەرەپتىن باھا بەرگەن .بۇ پەقەت ئوخشاش پەنگە تۇتقان ئىككى خىل كۆز قاراش مەسلىسى .ئەلى غۇجاخۇننىڭ پاكىتلىرىنى پاكىت ئارقىلىق رەت قىلغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئۆز مەيدانىڭىزدا يەنى «شەرىقشۇناسلىق »نىڭ سەلبى تەرپىدە تۇرۇپ رەت قىپسىز يەنى
«مەن ماقالەمدە شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى توغرۇلۇق بىرقەدەر ئەتراپلىق توختىلىپ، بۇ پەن ۋە بۇ پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە «ياۋروپانىڭ شەرق سىياسىتى ۋە تاكتىكىسىنى ئىلمىي چۈشەنچە ئاساسىدا بېكىتىشكە» خىزمەت قىلغۇچىلار دەپ خاراكتېرلىگەن ئىدىم. مەن يەنە «غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە قوللانغان قاتتىق ۋاسىتىلىرىنى زاماننىڭ تەقەززاسىغا، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلاشقا توغرا كەلگەندىن كېيىن، بارا - بارا يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئاساسىي ئورۇنغا چىقتى. كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك دەپ ئاتالغان بۇ دەۋردە شەرقشۇناسلىق مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالىغا ئايلىنىپ قالدى» دەپ يازغانىدىم.»
بۇ قۇرلار سىزنىڭ ئەزەلدىن «شەرقشۇناسلىق »نى سەلبى تەرەپتىن تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشەندۇرۇپ تۇرۇپتۇ ،مەنمۇ سىزنىڭ بۇ قاراشلىرىڭىزغا تۇلۇق قۇشۇلىمەن ،ھەم يۇقىرى باھا بىرىمەن .لىكىن ئەلى غۇجاخۇن ئوتتۇرغا قويغان «شەرقشۇناسلىق»نىڭ ئىجابى تەرەپلىرىنىمۇ تامامەن ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.بۇ خۇددى سىز قاتارلىقلارنىڭ «نىيوتۇن قانۇنى»لىرنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى ۋەخاتالىقلىرىنى بايقاپ ،«نىيوتۇن قانۇنى»لىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان بىر-بىرىگە زىت تەرەپلىرى بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويغىنىڭىزلادەك «شەرقشۇناسلىق »پېنىنىڭمۇ ئىجابى ۋە سەلبى تەرپىنىڭ بارلىقىنى ئىتىراپ قىلىشقا بۇلىدۇ .ھەم شۇنداق بۇلىشى مۇقەررەر.مىنىڭچە سىزنىڭ ئەسىرىڭىزدىكى ئازراق كەمتۈكلۈكنى ئەلى غۇجاخۇننىڭ تەنقىدى ئەسىرى تۇلۇقلاپ بەردى دىيىشكە بۇلىدۇ دەپ قارايمەن .سىزيازغان «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»نامىلىق ماقالىگە ئەلى غۇجاخۇن يازغان «راستىنلا«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟»نامىلىق تەنقىدنى بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلغاندا «شەرقشۇناسلىق »نى ھەقىقى مۇستەقىل ،مۇكەممەل بولغان بىر پەن سۈپتىدە پىكىر يۈرگۈزگىلى بۇلىدۇ .
ئاندىن يالقۇن رۇزى ئەپەندىم سىز تەنقىدكە قارىتا يوللىغان ئىنكاسىڭىزدا«مۇنازىرە قىلىش ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى پىكىر تۇرغۇنلۇقىنى تۈگىتىپ، تەپەككۇرنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغان ھەم مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىلمىي پائالىيەت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا مۇنازىرىلىشىش زۆرۈر ھەم ئەھمىيەتلىك ئىش. بولۇپمۇ شەرقشۇناسلىقتەك مۇھىم تېمىلار مۇنازىرە قىلىپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر ھەم تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك. مەن بۇ نۇقتىدا ئەلى غوجاخۇننىڭ مۇنازىرە ماقالىسىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن»دەپ يېزىپ مۇنازىرىنىڭ «ئىلىمى پائالىيەت»ئىكەنلىكىنى تىلغا ئاپتىكەنسىز ،بىراق قاراڭە،ئەلى غوجاخۇننى مۇنداق دەپسىز:نادان قەلەمكەش ،گۇپپاڭچى،تۆۋەن سەۋىيىلىك كۆزەتكۈچى،ئىچى كاۋاك مۇنازىرىچى،ئەخمەق،سۇۋاقچى،تۆۋەن سەۋىيىلىك ۋارى-ۋارى»قاتارلىق باشقىلارنى كەمسىتىدىغان سۆز -جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز ،مىنىڭچە ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگەيارشا قابىليتى بۇلىدۇ .بۇ قانداقتۇر سىزنىڭ ئەسىرىڭىزگە بىرىلگەن تەنقىد بولغاچقىلا باشقىلارنى خالىغانچە ھاقارەت قىلىشىڭىز تازا يوللۇق ئەمەس ،سىز ئۇيغۇر خەلقى ئىتىراپ قىلغان ئوبزۇرچى ،نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىڭىز كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن ،ئەڭ ئاددىيسى مەنمۇ سىزنىڭ بىر چۇقۇنغۇچىڭىز ،تېىخى يېقىندىلا سىز نەشىرگە تەييارلىغان« ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسەرلىردىن تاللانما2»نى قايتا ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم مەنىسىنى چۈشنەلمىگەن ياكى ئۇيغۇر تىلىدا يەنىمۇ ئاددى چۈشنىشلىك سۆزلەربىلەن ئىپادىلىگىلى بۇلىدىغان سۆزلەردىن بىر نەچچە يۈزنى تاپقان ئىدىم ،ئۇنى مۇنبەرگە يوللاپ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان ئىدىم .مانا ئەمدى بۇ نيتىمدىن يالتايدىم ،جاپا تارتساممۇ ئۇ سۆزلەرنىڭ مەنسىنى لوغەت ئاختۇرۇپ بىر بىرلەپ تېپىپ چۈشنەي .بولمىسا مەنمۇ نۇرغۇنلىغان «چىرايلىق »ناملارغائىگەبولۇپ قالغۇدەكمەن.

ئاخىردا دەيدىغىنىم ئەختەم ئۈمەرگەبىرىلگەن باھا«پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالغان»دەك،«بىر تال چىۋىننى دەپ بىر قازان ئاشنى تۈكۈۋەتكەندەك »بىر ئىش بوپتۇ .
ھەركاللىدا بىرخيال .باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىشمۇ ئەدەپ -ئەخلاق جۈملىسدىندۇر .!

UID
33641
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-28
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 18:02:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شەرىقشۇناسلىقنىڭ تېرىتورىيە مۇسـتەملىكىچىلىكى، مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەرەپلىرىنى چەتكە قاقمايمىز. لېكىن، ئۇ مۇئەيييەن پەن سېستىمىسىنى بەرپا قىلغان بولۇپ ئۇنى ئۆزىگە قالقان قىل ىدۇ. ھەمدە، غەرىپ سىياسىيونلىرىغا شەرىقتىكى مەنپەئىتىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ.

UID
32798
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 18:25:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى مۇنداق دەپ يازىدۇ:
بىر يېرىنى ھېلى سىنارىيە تىلىدا، ھېلى ھېكايە تىلىدا يازغان يازغۇچىنىڭ سۈپەتسىز يازمىسىنى قايسى ژانېرغا تەۋە قىلىش مۇمكىن؟ مۇشۇنداق تۆۋەن سەۋىيەلىك «ئەدەبىي ئەخلەت»........................
------------------
«ئەختەم ئۈمەر» نىڭ كىتاۋىنى ئەدەنىي ئەخلەتكە چىقارغان بۇ جاناپنىڭ «ئېشەك مۇھىممۇ بېكخاممۇ؟» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقىڭ . شۇ ۋاقىتتا ئەدەبىي ئەخلەتنىڭ نېمىلىگىنى كۆرۈپ قالىسىز.

باھا سۆز

ArislanMemet  بىزگە كۆپ خىزمەت قىلىپتۇ ، بىچارە .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 22:23:02
ArislanMemet  ھازىر ئوقۇپ چىقتىم ، ئېشەكنى تۆردە ئولتۇرغۇزۇپ قويساق بولغىدەك  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 22:22:39

UID
11266
يازما
57
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1767
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 20:16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى ئاكىمىزنىڭ مۇنبەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن .
بۇ مۇنازىرە دىگەننى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، نىمىشقا دەمسىلە ؟
مەندەك ئۇيغۇرتىلىدىن باشقا تىللاردىن پايدىلىنالمايدىغان دەرمانسىز ھەۋەسكارلار ئۈچۈن
يالقۇن روزىدەك كەڭ دائىرىلىك ئىزدىنىش روھىغا ئىگە ئاۋانگارتلارنىڭ رولى تولىمۇ مۇھىم .
قايسى كۈنى تېخى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ‹‹ ئاۋانگارتلىق گۇمراھلىقمۇ ؟›› ناملىق تېمىسى ئارقىلىق
ھېچنىمىزم توغرۇلۇق سېستىمىلىق مەلۇمات بەرگەن بولسا بۈگۈنكى بۇ ئەسەرلەر (يالقۇنكامنىڭ ۋە ئەلى
غوجاخۇننىڭ ) شەرقشۇناسلىق ھەققىدىكى بىلىملەرنى بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ .
ئەمدى كۆپىنچە تورداشلار ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىزغا ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .
مېنىڭچە ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇرلاردىكى خېلى ۋىژدانلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن
شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە ئەگىشىدىغان يازغۇچى ئەمەس . ئەمما ئۇمۇ بىر ئادەم !
ئەگەر كىمدەكىم مەندىن خاتالىق ئۆتمىگەن ھەم ئۆتمەيدۇ دىسە مەن ئۇ كىشىنى كۆڭۈل تۆرۈمدىن
چۆرۈپ تاشلايمەن .
يەنە بىر گەپ شۇكى يالقۇنكامنىڭ قانداقتۇر بۈيۈكلەرگە چالما ئاتىدىغان مىجەزى بار دەپ قارايدىغان تورداشلار ئۆپكەڭلارنى بېسىۋېلىڭلار ، چۈنكى ئەگەر بۇ تېمىنى مەن يازغان بولسام سىلەر دىققەت قىلمايتتىڭلار .
ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئارىسىدا ئىزچىللىقنى ساقلىيالىغان يازغۇچىلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس ، ئەمما ئوبزورچىلىقنى
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يالقۇن روزى بۇ جەھەتتە بىر نامايەندە .
‹‹ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن ›› بىز نىمىشقا بەزى ئىشلارنى ئېتىراپ قىلمايمىز .؟
ئەجىبا بىز ھەممە ئىشنىڭ كۆپ قىرلىق ئىكەنلىكىنى سىياسىغا بولغان چۈشۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى
نىمە ئۈچۈن قۇبۇل قىلالمايمىز ؟ ئەگەر شەرقشۇناسلىق نوقۇل ھالدا ئەلى غوجاخۇننىڭ يازمىسىدا دىيىلگەندەك بولسا بىز پىرژىۋالىسكىدىن تارتىپ ئاۋرىل سىتەيىنگىچە بولغان دىيارىمىزنىڭ شەرقشۇناسلىرىغا
قانداق باھا بېرىمىز ؟ ئۆتۈكىدە سۇ ئاپىرىپ سىۋىن ھىدىننى قۇتقۇزغان ئۆردەك بوۋاي ۋە نۇرغۇن
كىشىلەرنى ئويلاپ تۇرۇپ ئاندىن شەرقشۇناسلىققا ئىجابى باھا بەرسەكمۇ كېچىكمەيمىز .
ئۇيغۇرلارغا مۇھەببەت باغلىغان شەرقشۇناسلاردىن گۇننار ياررىڭ ، سىۋىن ھىدىندىن باشقىلارنىڭ
مەدەنىيەت قاراقچىسى ئىكەنلىكىنى ئامالسىز ئېتىراپ قىلىمىز .
مەن ئەختەم ئۆمەرنىمۇ ، يالقۇن روزىنىمۇ ھۆرمەتلەيمەن . ئەلۋەتتە ئەلى غوجاخۇنمۇ بۇ تېمىنىڭ
يېزىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر كىشى . ئۇمۇ ھەم كۆڭۈل تۆرۈمدە ھۆرمەت ساھىبىنىڭ بىرى بولدى .
مۇمكىن بولسا قېرىنداشلارنىڭ سەۋىيەسى چەكلىك بولغانلىرىنىڭ مۇنازىرىنى پاخىل قىلماسلىقىنى
كۆز-قاراشلىرىنى سېستىمىلىق ئوتتۇرىغا قويىشىنى سەمىمىيىتىم بىلەن ئۈمۈد قىلىمەن .

UID
4776
يازما
36
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1366
تىزىملاتقان
2010-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 22:10:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەن بۇ تېمىنىڭ بۇ يەردە بۇرۇنراق ئېلان قىلىنغانلىقىدىن خەۋەسىز بولغاچقا باشقا بىر تور بەتتىكى مۇشۇ تېما ئاستىغا تۆۋەندىكى ئىنكاسنى يازغان،  قارىسام بۇ يەردىمۇ خېلى ئىلمىي مۇنازىرىلەر بولىۋېتىپتۇ، شۇڭا بۇ ئىنكاسىمنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلدىم ۋە قىسمەن تولۇقلىدىم. مەقسىدىم دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش:
ھەر ئىككى پارچە ماقالە بىزنى ئويلىنىش، ئۈگۈنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. مېنىڭچە، بۇ ماقالىلەردىكى:

   1. شەرىقشۇناسلىق ئىلمىي، بۇ ئىلىمنىڭ بىزگە جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، بىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر، تېيىزلىقى.

   2. شەرىقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئىدىيىۋىي مەنبەسى، بۇ ئىلىمنىڭ كېلىپ چىقىشى، شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىيات نەتىجىسى.

   3. شەرىقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مەقسىتى، ئىلىملىك دەرىجىسى، چېتىلىدىغان دائىرىسى.

   4.شەرىقشۇناسلىقنىڭ غەرىپ ۋە شەرىق ئىدىيە، پەلسەپىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى.

   5. شەرىقشۇناسلىقنىڭ بۈگۈنكى كۆپ قۇتۇپلىشىمىز دەپ تۇرۇپ، كۆپ قۇتۇپلىشالمايۋاتقان دۇنياسىياسىيسىدا ئويناۋاتقان رولى.

   6.سەنەم

   7.نەسىردىن ئەپەندى بىلەن شەرىقشۇناسلىقنىڭ مۇناسىۋىتى.

   8.ئەختەم ئۆمەر

   9.سەنەمگە دەسسەش.

   ...قاتارلىق مەسىللىلەرنى ئوبدان ھەزىم قىلىپ، ياخشى ئويلىنىپ مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دەپ قارايمەن.چۈنكى بۇ يەردە بۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىسى يالقۇن روزى بىلەن ئەلى غوجاخۇننى قارمۇ-قارشى ئورۇنغا قويۇپ قويۇپ پكىر قىلساق، ماقالىلەردە دىيلىۋاتقان گەپلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىماي، ئىككى مۇئەللىپ ئۈستىدە تەھلىل قىلىشقا ئېغىپ كەتسەك، بۇمۇ تازا ئىلمىي پۇزىتسىيە بولماس.

    تولۇقلىما: «تارىم»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسىدە؛ يالقۇن روزى ئەختەم ئۆمەرنىڭ شەرىقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسىگەنلىكىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن «شەرىقشۇناسلىق»نى قىسقىچە شەرھىلىگەن. بىز بۇنىڭدىن، گەرچە شەرىقشۇناسلىق دېگەن گەپنى بۇرۇنمۇ ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن تۈزۈكرەك، ئېنىقراق چۈشەنچىمىز يوق ئىكەن. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە بىرقەدەر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. راستىنى دېگەندە خېلى كۆپ كىشىلەر شۇنداق بولدى.
   ئەمدى «تارىم»نىڭ 4-سانىدا ئەلى غوجاخۇننىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنىپتۇ(مەن تېخى ژۇرنالنى كۆرمۈدۈم). بۇ ماقالىمۇ، ئەختەم ئۆمەر راستىنلا شەرىقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىمۇ-دەسسىمىدىمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە ئېنىقلىق كىرگۈزۈش ئۈچۈن، يەنە شۇ شەرىق شۇناسلىق توغرىسىدا سۆزلىگەن.
   شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىلى ماقالە ۋە يالقۇن روزىنىڭ كېيىنكى رەددىيە ماقالىسى قوشۇلۇپ، بىزنىڭ شەرىقشۇناسلىق توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ توغرىسىدا ئاز بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىزلازىم، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ ماقالىلەرنىڭ ئاپتۇرلىرىدىن تارتىپ، ئوقۇغۇچى تورداشلىرىمىزنىڭ كۆپۈنچىمىزنىڭ مۇنازىرە ئوبېيكىتى كۆپۈنچە مۇشۇ شەرىقشۇناسلىق مەسىلىسىگە قارىتىلدى.
   ئەمدى ئەختەم ئۆمەرنىڭ شەرىق شۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسىگەن-دەسسىمىگەنلىكىگە كەلسەك. ئالدى بىلەن، يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرشەرىقشۇناسلىق دېگەن بۇ سەنەمنى بىلەمدۇ-بىلمەمدۇ؟ -بۇ بىر مەسىلە. راستىنى دېگەندە، ئۇ بىر يازغۇچى، ئۇ ئەسەر يازغاندا ئالدى بىلەن مۇقامنىڭ سەنىمىنى چالغۇچىلاردەك ساز-چالغۇلىرىنى تۈزۈپ، پالانى مۇقامنىڭ سەنىمىگە چالاي،دەپ بەلگىلىۋېلىپ يازمايدۇ. ئەدەبىياتىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە بەدىئىي ئەمگەكنى باشلايدۇ. بۇ ئەمگەك مەھسۇلاتنىڭ قايسى مۇقامنىڭ سەنىمىگە چۈشكەنلىكىنى يالقۇن روزىدەك ئەدەبىي تەنقد ساھىسدىكى كىشى دىققەت قىلىپ تۇرۇشى يەنىلا نورمال ئىش. بۇ يەرگە كەلگەندە سەنەمگە «دەسسەش»دېگەن بىر گەپ بار،بۇ سەنەمنى باشقىلار چالىدۇ، بىز شۇسەنەمگە كەلتۈرۈپ دەسسەيمىز دېگەن گەپمىكىن دەيمەن.شۇڭا سەنەمگە دەسسىگەنلەر توغرا دەسسىمەي رېتىمدىن قېيىپ كەتسە، يالقۇن روزىنى دېمىگەندىمۇ، بىزدەك قاراپ تۇرغۇچىلار بولسىمۇ«سەن قايسى سەنەمگە دەسسەۋاتىسەن؟» دېيىش ئەقەللى ئىشقۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىي ئەسەر بىلەن ئەدەبىي تەنقد، يەنىلا ئەدەبىيات ئىلمىنىڭ ئىچىدىكى قان بىلەن گۆش،دېمەك بۇنىڭدا ئەيىپلەش ۋە مەدھىيلەشلەرنىڭ بولىشى نورمال ئىش. ئەمما كۆپچىلىك خۇددى چوڭ يىغىندا نۇتۇق سۆزلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بىرسى چاۋاك چالسا قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئەگىشىپ چاۋاك چالغاندەك، كىمنىڭ چاۋىكى كۈچلۈكرەك چىقسا شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇ قۇتۇپتىن-بۇ قۇتۇپقا يورغىلاپ يۈرسەك بۇمۇ خۇددى «ئايپاتەمنىڭ ئولتۇرۇپ قالغىنى»دەكلا بىر ئىش.
  بىز مۇنازىرىلەردە كىمدۇر بىرسىنىڭ بىرەر ئېغىز گېپى سەك چىڭراق كېتىپ قالسا، دەرھال«ئىلمىي بولمىدى«،»ئىلمىيلىكتىن چەتنەپ كەتتى»...دېگەندەك، ئۆزىمىزمۇ مەنىسىنى تازا ئاڭقىرالمايدىغان «ئىلمىي»دېگەن بىرگەپنى كۆتۈرۈپ چىقىمىز.مەن بۇ گەپنى بىر ئادەم ياكى بىر توپ ئادەم، چوڭراق دېگەندەك، بىر ئەل، بىر خەلىقنىڭ ۋىژدانى، قىممەت ئۆلچىمى ئاساسىدىكى ئىلىملەر قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن نەرسە ئىلمىي بولىدۇ، دەپ قارايمەن. قىسقىسى ئىلمىي بولۇش دېگەن گەپ يا ئۇ تەرەپكە ئۆت يا بۇ تەرەپكە ئۆت دەيدىغان كەسكىن ئۆلچەم ئەمەس، شۇنداقلا تامدا ئۈنگەن قومۇشتەك ئىككى تەرەپكە ئىغاڭلاپ تۇرۇشمۇ ئەمەس. شۇ توغرا، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇش دېگەن گەپ، بولسا كېرەك.
  ئەمدى، بىر قېتىم باشقا سەنەمگە دەسسەپ سېلىپ، مۇشۇ ئىلمىيلىككە مۇخالىپ ئىش قىلىپ قويغان ئادەم. كېيىن بۇ سەنەمگە دەسسىمەي، ئۆزىنىڭ، ئۆزى ئوبدان بىلىدىغان، باشقىلارغا ياشخى تەسىر بېرىدىغان سەنەمگە دەسسىە بولىدىغۇ. مەسىلەن: ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇرۇن «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»، «يىگانە ئارال»...قاتارلىق ئاجايىپ ياخشى سەنەملىرى بولغان، ئۇنىڭغا ئوبدان دەسسىگەن. ئەمدى«نەسىردىن ئەپەندى»گە كەلگەندەك سەل باشقىچىرەك دەسسەپ قويۇپتۇ، بۇنى يالقۇن روزى سېزىپ، «ماۋۇ دسسىشىنىڭ بولمىغاندەك تورامدۇ نېمە؟»دەپتۇ. بۇنى ئەختەم ئۆمەردەك پەزىلەتلىك، ئەدەبىياتقا كۆيىدىغان يازغۇچى توغرا چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئاندىن يالقۇن روزىمۇ، بەزى تورداشلىرىمىز دېگەندەك «ھە دېسە داڭلىقلارغا مۇشىت ئاتىدىغان»ئادەم ئەمەس. ئۇنىڭمۇ خېلى گەپلىرى خېلى توغرا، ئۇمۇ داڭلىق ئادەم. داڭلىقلار داڭلىقلار بىلەن ئۇنى-بۇنى دېيىشىپ قالسا، بۇمۇ ئەجەپلىنىپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ ئىككەيلەن ناھايتى يېقىن دۇستلاردىن چىقىپ قالامدۇ تېخى. ئىشنى قىلىپ ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى ئەدەبىياتنىڭ ياكى بىر-بىرىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز بىرسىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىرسىنى ئەيىپلەش ئۇسۇلىدىكى مۇنازىرىنى قىلماي. ھېلىقى ئاتالمىش«ئىلمىي»بولساق. ھېچ بولمىسا بىرسىنى ئاقلاپ، بىرسىنى ئەيىپلەش ئارقىلىق نېمىدۇر بىر نېمىنى يەڭگەندەك تۇيغۇغا كېلەممىسەكمۇ، ئارىدىن ئۆزىمىگە چۇشلۇق ھەقەتنىڭ شولىسىنى بايقىيالىساق شۇ ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟...مەن مۇشۇلارنى ئويلىدىم.

باھا سۆز

hotan  تېتىملىق ئىنكاس. سىزنى بۇ مۇنبەردە كۆرۈپ ناھايتتى خۇرسەن بولدۇم.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:01:58
koygandengiz  ھەم قىزىقارلىق ھەم مەزنۇنلۇق ئىنكاس بوپتۇ . مەن قايىل بولدىم .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 10:19:08
ArislanMemet  تارتسا ، مۇنازىرە بولماي غەۋغا بولىدۇ ، ھەممىمىزنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 22:25:19
ArislanMemet  مۇنازىرە مەزمۇنغا قارىتىلىش كېرەك ، ماقالە ئاپتورىنىڭ شەخسىيېتىنى چىشلەپ  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 22:24:23
ArislanMemet  ئېسىل ئىنكاس .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 22:23:27

UID
33673
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-27
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 23:00:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يولداش يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ بۇ  پۇرۇلتارىيات ئېنقىلاپچىسىغا خاس بىر مەشھۇر ئوبزورچى، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر ، سىياسىي-دىپلوماتىك سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، دوست -دۈشمەننى ئېنىق ئايرىيالايدىغان  ھەم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا  مەڭگۈ يىتەكچى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ھەقىقىي پۇرۇلتارىيات جەڭچىسى    ئىكەنلىكىنى بىلدىم. يالقۇن روزى ھەقىقەتەن بۇ  يولدا ئۈن-تىنسىز تىرىشىپ، خەلقى بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشتىن قورقماي، نەچچە مىڭ يىللىق شەرق ھەقىقىتىگە سادىق بولىۋاتقان ياخشى كادىر ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئەدەبىياتنى قورال قىلىپ، غەرپنىڭ چىرىك ئىدىيىسى، بۇرجازىيەچە ئەركىنلىكنىڭ شەرق كىشىلىرىنىڭ روھىغا  تۇيدۇرماي سېڭىپ كىرىشىدەك زەھەرخەندىلىك ھەرىكىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۇڭسۇڭرۇيچە روھىنى رۇشەن ئەكىس ئەتكەن. شۇڭا يالقۇن ئاكىمىزدەك بۇ ئۇلۇغ زاتقا تىل تەگكۈزگەنلەرگە، ئۇنىڭ ئەسىرىگە ئالايغانلارغا ، ئىنقىلاۋىي روھىدىن گۇمانلانغانلارغا مىڭ مىڭ لەنەت. ئۇنىڭ ۋەتەنسۈيەرلىكىنى ۋە شەرق سۈيەرلىكىنى ، نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئىلىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىددىيىسىنى يېيىشقا، ياش ئەۋلاتلارنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان غەرپ جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش روھىنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا قارشى چىققانلارغا   ‹‹شەرق پۇرۇلتارىياتى›› نىڭ دىكتاتۇرسىنى تېتىتىپ قويۇشىمىز لازىم. بەلكىم يالقۇن روزىمۇ شۇنداق ئويلىشى كېرەك. بۇ ئەسىرى يالقۇن ئاكىمىزنىڭ تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان تەڭداشسىز بىر پەيلاسوپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

باھا سۆز

altuntarim09  ئەجەپمۇ لاۋزا ئىنكاس ئىكەن بۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 06:19:36
ayqin1022  پ ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ كەتكىلى تاس قالدى ، يۇمۇركەنسىز جۇمۇ!( توغرىلىقى100% )  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 00:29:41
ayqin1022  يالقۇن روزىدىن ئۈگۈنۈش خاتىرە كۈنىدىن بىرنى تۇرغۇزۇپلىۋەتمەپسىز-يە؟ كۈلۈ  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 00:28:14
جاەانگىر123  لېي فىڭدىنلا ئۈگەنمەي يالقۇن روزىدىنمۇ ئۈگىنىدىكەنمىز-دە.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:00:00

UID
11386
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 23:06:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇننار يارڭ دېپلوماتىيە ئېھتىياجى ئۈچۈن قەشقەريەگە كەلگەن،ھەققىقەتەن ئۇنىڭ ئاۋالقى ۋەزىپىسى يېڭى مۇستەملىكچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدى،(يالقۇن رۇزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا«شەرىقشۇناسلىق»).ۋەھالەنكى ئۇنىڭ كىيىنكى تۇركىلوگىيە تەتقىقاتى پۈتۈنلەي سىياسىدىن خالىي ھالدا ئۇيغۇر فولكىلور تەتقىقاتىغا بېغىشلاندى،نۇرغۇن ئەسەرلىردە مۇشۇ تەۋەررۈك خانىمنىڭ يازمىلىردىن نەقىل ئېلىپ ئۆز نەزەريىسىگە ئاساس قىلغان يالقۇن رۇزىدىن شۇنى سورىغۇم بار؟شەرىقشۇناسلىقتا نامى بار بىر نۇپۇزلۇق شەرقشۇناسنىڭ (ئۇندىن باشقىلىرمۇ ھەم بار)ئەسەرلىردىن ئۆز ماقالىلىرگە ئۇزۇق قۇبۇل قىلغان بىر كىشىنى بىز نىمە دەپ ئاتىساق بۇلاركىن؟! ئەگەردە يالقۇن رۇزىنىڭ مەنتىقىسى بۇيىچە قېلىپقا سالساق بۇ مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى سېپى ئۆزىدىن شەرقشۇناس بولغان بۇلىدۇ شۇ...

باھا سۆز

altuntarim09  گۇننار ياررىڭ خانىم ئەمەس.  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 06:21:00

UID
33687
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 23:47:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككى يازار كىلىشۋالغاندەكلا  كىرىپتا مۇنبەرگە .

كۆيۈمچان ئەزا

پاكىز  قەلبتىن 

UID
10275
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1814
تىزىملاتقان
2011-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 00:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش دېگەن بۇ ماۋزونى مەن تار مەنىدە غەرپلىكلەرنىڭ ئىستىراتىگيەلىك مەنپەئەتىگە پايدىلىق،شەرقلىقلەرنىڭ ئىستىراتىگيەلىك مەنپئەتىگە زىيانلىق بولغان نەزىريە يۆنۈلىشىگە،
ئۇچۇرىغا ۋە ئىدىيىسى،پىكىرگە ئەگىشىپ  ياكى ياندىشىپ مېڭىپ ئەدەبىيات-سەنئەت ،يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش دەپ چۈشەندىم.
كەڭ مەنىدە بولسا شەرقشۇناسلىقنى ئەجدادلىرىنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ،قىممەت قارىشى ياكى مەپكۇرىسى بۇيىچە ئەمەس،بەلكى ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ ئىزىمى،كۆرسەتمىسى ۋە پىكىر يۆنۈلىشى بۇيىچە پىكىر قىلىش،قەلەم تەۋرىتىش ۋە ھايات كۆچۈرۈش دەپ چۈشەندىم.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋىرىدىن ھازىرغا قەدەر شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە بىلمەي ياكى بىلىپ تۇرۇپ دەسسەۋاتقان زىيالىيلار،كادىرلار ئوقۇتقۇچىلار بەلكىم ساماندەك تولادورمىز. مېنىڭچە ،يازغۇچىلار بىلىپ تۇرۇپ شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمگە دەسسىمەيدۇ.
تۈركىي مىللەتلەردىن 20-ئەسىردە بۇ سەنەمگە دەسسىگەنلەرگە ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زىيالىيلاردىن ئابدۇللا روزىباقىيۇپ،ئۆمەر مۇھەممىدى قاتارلىقلارنى(تولۇقسىزنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئېغىر كۈنلەردە››دېگەن ھېكاينى ياكى توردىكى90-يىللاردىن كېيىن پەگاغا چۈشۈپ قالغان يازغۇچى دېگەن ماقىلىنى ئوقۇپ بېقىڭ)
ئاخىرىدا بوزقىر مۇنبىرىگە بۇ تېما ھەققىدىكى ئىنكاسىمنى يوللاپ قوياي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش