تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: 11yillar

راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

پاكىز  قەلبتىن 

UID
10275
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1813
تىزىملاتقان
2011-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 00:25:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.ماقالىدە  شەرقشۇناسلىق ئىلىمنىڭ نېمە سەۋەپتىن بارلىققا كەلگەنلىكى تازا ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلماپتۇ.

2.ئاپتور ‹‹ماقالە›› سىدە تىلغا ئالغان لېئوند سولۋيوفنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە›› ناملىق رومانىدا ئەمىر- پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارمۇ-قارشى مەيدانغا قۇيۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خان- پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ يارىتىلغانلىقىغا ئائىت مۇھاكىمىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش كېرەك
________________________________________________________________
يالقۇن روزى بۇ ھەقتە شەرقنى غەرپنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.  ئەلى خوجاخۇننىڭ قانداق پىكىرى بارلىقىنى بىر ئاڭلاپ باققان بولساق بولاتتى.
مېنىڭچىمۇ لېئوند سولۋيوفنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە›› ناملىق رومانىدا ئەمىر- پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارمۇ-قارشى مەيدانغا قۇيۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خان- پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ يارىتىلغانلىقىغا بىرسى،چار روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي ھاكىميەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپئەتىگە ئۇيغۇن،ئۇلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئارزۇسىنى  ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق  قىلىپ كۆرسىتىش، ئىككىنچىسى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ (توغىرىسى روسلارنىڭ)ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈش.ئۈچىنچىسى،يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى خۇنىكلەشتۈرۈش،مىللىي روھىنى ئۆلتۈرۈش.


‹‹بۇخارادىكى خوجا نەسىردىن››دېگەن ئەسىرى يېزىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى رايونلار ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن . تۈرك، پارس، ھىندى، ئىبراي، خەنزۇ، ئۆزبىك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
_____________________________________________________________
مېنىڭچە بىر كىتابنىڭ تەرجىمە قىلىنغانلىقى ياكى نەشىر قىلىنغانلىقى ھەرگىزمۇ خەلق تەرپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئۇ كۆپىنچە نەشىرياتلار ۋە نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار تەرپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتاب.

ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قايىل بولماي،ئەختەم ئۆمەر ئەخلاقسىزلىقنى،نومۇسسىزلىقنى تەشەببۇس قىلغان دەپ تۇرۇۋالساق،ئۇنداقتا شەرقنىڭ ئەسەرلىرىدىن«مىڭ بىر كېچە»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»،ھەتتا«ئانا يۇرت»قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ئەسەرلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ،ئۇلارغىمۇ يامان نىيەتلىك شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ«زەھىرى»سىڭگەن«نومۇسسىزلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئوت-چۆپ»دەپ ئاشۇرۇپ تەنقىد قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ
__________________________________________________________________-
مېنىڭچە يوقارقى ئۈچ پارچە روماننىڭ ھېچقايسىسىدىكى ھېچقايسى پەرسۇناژنى نەسىرىدىن ئەپەندىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ بولمايدۇ.خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى نەسىرىدىن ئەپەندىم تۈركىي خەلقلەرنىڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا ئەقىل-پاراسەتنىڭ،ئالىيجاناپ پەزىلەتنىڭ ۋە ھەققانىيەتنىڭ سىمۋولى بولغان بىر شەخس.
<<مىڭبىر كېچە>>دە زالىم پادىشاھلار،مەككار ۋەزىرلەر...تەسۋىرلىنىپلا قالماي نۇرغۇن رەزىل قۇللارنىڭمۇ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى ئۇنتۇلماسلىق كېرەك.ئەمگەكچى خەلق بىلەن پادىشاھلار ئوتتۇرسىدكى قارشىلىقلار كىتابتا ئەمەس،بەلكى غەرپ<<مىڭبىر كېچە>>نى ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن كىنولاردا تەسۋىرلىندۇ.
<<قىزىل راۋاقتىكى چۈش>>تىمۇ خەلق بىلەن ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرسىدىكى قارىمۇ-قارىشىلىق ئەمەس،بەلكى ئاق سۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ ئەيش-ئىشىرەتلىك تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدۇ.
<<ئانا يۇرت>>نىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ۋە خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن يېرى
روماندا نۇرغۇن يوقۇرى تەبىقىغە تەۋە كىشىلەرنىڭ(مەسىلەن:ھېكىم بەگە غوجام،نەزەرخان غوجام،ئەنۋەر مۇسابايوپ...)نىڭ ئاۋام خەلق تەرەپتە تۇرغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى  تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن ھالدا تەسۋىرلىگەنلىكىدە.(ئەلۋەتتە ئەختەم ئۆمەرنىڭ<<يىگانە ئارال>>رومانىنى بۇ جەھەتتە ئۈلگە دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ)
مەن <<ئانا يۇرت>>نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى سىنىپتا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بۇ كىتابقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن قويۇپ بېرەي دېسەم،ئۆزۈم ئالدىن ئاڭلاپ بىرەر باپنىمۇ تۈگىتىپ
سىنىپتا قويۇشقا مۇۋاپىق كەلمىدى.جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت خېلى كۆپ جۈملىلەرنىڭ ئىككى توملۇق <<جاللات شېڭ شېسەي>>دېگەن روماندىن ئەينەن ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
مەرھۇم ئۇستاز زوردۇن سابىرنىڭ بۇ ئىسىل رومانى رىئاللىققا بەكمۇ ئۇيغۇن بولۇش بىلەن بىرگە شەرق ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە خېلىلا يىراق.رەبغۇزىنىڭ،ئابدۇللا قادىرىنىڭ ۋە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇغانلار شەرق رومانچىلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەن <<ئانا يۇرت>>رومانىنى شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەلگەن دېمەكچى ئەمەس

باھا سۆز

kurxat  سۆز دېگەن مانا مۇنداق بولىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:16:46

UID
33676
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 00:27:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شەرىقشۇناسلارنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى تولاراق. نېرىسىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئەھلى سەلىپ ئوتتۇرا شەرىققە جازا يۇرىشى قىلغاندىن تارتىپ، شەرىقشۇناس مىسسىيونېرلار ئىسلام دىنىغا ۋە پەيغەمنەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتىگە ھاقارەت قىلىدىغان نۇرغۇن پىتنە-پاساتلارنى تېرىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 50 يىلىدا قەشقەردە خىرىستىيان دىنىنى تارقاتقان شېۋىتسارىيە مىسسىيونېرلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. گۇننام ياررىڭمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىكى بىرىدۇر. گەرچە تىلشۇناس بولسىمۇ. شەرىقشۇناسلىق تەتقىقاتى بىزدىكى تەخىرسىز بىر بوشلۇق ئىدى. يالقۇن روزى ئەپەندى تۇنجى بولۇپ ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى نىيەت قىلغانلارنىڭ بىرى بولۇشى مۈمكىن. شەرىقشۇناسلارنىڭ تېرىتورىيە مۇستەملىكىچىلىك دەۋاسىدىن ئىبارەت تاشقى قىياپىتىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن دەل جايىدا ئوفېراتسىيە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرىقشۇناسلارنىڭ مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكىك دەۋاسىدىن ئىبارەت ئىچكى قىىياپىتىنى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئوفېراتسىيە قىلىپ بەردى. دېمىسىمۇ، غەرىبنىڭ مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىك قارا نىيىتى دىيارىمىزنى چاڭگىلىغا ئېلىشقا باشلىدى. يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە غەرىب سىياسىيونلىرى دىيارىمىزدىن ئۆزىنىڭ گۇماشتىلىرىنى تېز سۈرئەتتە تەربىيېلەپ بېرىۋاتىدۇ. 300 يىلدىن بۇيان مىللىتىمىزدىن ئىستىداتلىق سىياسىيون ۋە ھەربىي ئالىم چىقىپ باقمىدى. شۇڭا، شەرىقشۇناسلارنىڭ سەنىمىگە ئۇسسۇل ئوينىماي نىمە ئىلاجىمىز؟ ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدىنلا سەنئەت خۇمار خەلق. يالقۇن روزى ئەپەندى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ يازمىسىنى ئارلاشتۇرماي، شەرىقشۇناسلىق ھەققىدە مۇستەقىل تېما تۇرغۇزغان بولسا، بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمىز يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرىلگەن بولاتتى دېگەن قاراشتىمەن.
  لېكىن زىيالىينىڭ دىلى باشقا، تىلى باشقا.......
  يالقۇن روزى ئەپەندى قانچىلىك ئەمەل قىلالايدۇ؟
ھەقىيقەتنى سىناشنىڭ ئولچىمى ئەمىلىيەتقۇ....
                                                                                                                                             

باھا سۆز

kurxat  بەكلا بىر تەرەپلىمە بوپ قاپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:22:04
kurxat  پىكرىڭىز ئورۇنلۇق، لېكىن ئايىغىدىكى «دىلى باشقا، تىلى باشقا» دېگەن ھۆكۈم  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:21:36

كۆيۈمچان ئەزا

پاكىز  قەلبتىن 

UID
10275
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1813
تىزىملاتقان
2011-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 00:28:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ناھايىتى ياخشى باشلىنىپتۇ.يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۈر قىلىش قابىليىتىگە يەنە بىر قېتىم تولىمۇ قايىل بولدۇم.جۈملىنى تەھلىل قىلىشتا ۋە پىكىرىنى ئىپادىلەشتە ئەلى خوجاخۇنغا گەپ قىلغۇدەك ھېچقانداق يۇچۇق قالدۇرماپتۇ.
ئەپسۇسلانغان يېرىم ئەلى خوجاخۇن بىلەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئىسىمىنى پۈتكۈل ماقالىدە پەقەت بىر قېتىملا تىلغا ئالسا يېتەرلىك بولاتتى.مەلۇم ئەدەبىي ئەسەر ياكى ماقالە ھەققىدە مەيلى ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈردىغان ماقالە بولسۇن،مەيلى ئىنكار قىلىدىغان ماقالە بولسۇن،ئەدەبىي ئەسەر ياكى ماقالە مۇئەلىپىنىڭ ئىسم كۆپرەك تىلغا ئېلىنىپ قالسا، ئوقۇرمەندە  ئەسەر ياكى ماقالىنى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئاپتورىنى ماختاۋاتقاندەك ياكى تەنقىدلەۋاتقاندەك خاتا تونۇش شەكىللەندۈرۈپ قويىدىكەن. مەن بۇ مەسىلىگە يالقۇن روزىلا ئەمەس،ئەدەبىي تەنقىد بىلەن شۇغۇللانغان ھەرقانداق قەلەمكەش دىققەت قىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

kurxat  توغرا تەكلىپ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:23:29
ArislanMemet  توغرا تەكلىپ ، ياخشى ئىنكاس بولۇپتۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 00:35:25

كۆيۈمچان ئەزا

پاكىز  قەلبتىن 

UID
10275
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1813
تىزىملاتقان
2011-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 00:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ناھايىتى ياخشى باشلىنىپتۇ

يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسىنى دېمەكچىمەن.

UID
33698
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 01:24:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلملەرنىڭ كۆپىنىڭ بىزنىڭ ئېڭمىزغا تەسىر قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن مەسىلەن ‹‹تەدىرجى تەرقىيات نەزىريەسى ››.بۇ نەزىرىيە نۇرغۇن ھاكىمىيەتلەرنىڭ دەستىكىگە ئايلانغان .دېمەك ئۇ ھوقۇق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ . ئەمما بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس مەسىلەن ،‹‹نىسپىلىك نەزرىيىسى ›› بۇ ئۇتكۈل ئىنسانىيەتە ئورتاق بولغان ھەم بىردەك قوبۇل قىلغان نەزىرىيە . ‹‹نىسپىلىك نەزىرىيسى ›› قايسى ھوقۇق ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقاندۇ ؟ ئىلمنىڭ ھوقوق  ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ياكى ھوقوقا ئايلىنىشى ئۈچۈن قانداق شەرتلەر بولىشى كېرەك ؟

UID
33676
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 01:53:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شەرىقشۇناسلىق _كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تەتقىقات ئوبېكتىدۇر. ئۇنىڭ زىيىنىنى كۆپ تارتتۇق. گەرچە ئۇ يېڭى شەيئىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ قۇربانلىرى تارىققا ئايلاندى. شەرىقشۇناسلىق تەتقىقاتى مۇئەللىپتىن مۇئەييەن سىياسىيونلۇق، بەلگىلىك سىتىراتېگىيە قاراشلىرىنى ۋە تارىخىي تەجىرىبە-ساۋاقلارغا ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، شەرىقشۇناسلىقنىڭ تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك دېپلوماتىيىسىنى كەڭ مەنىدىن يېشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ پەن سېستىمىسىدىن ئىبارەت ساختا قىياپىتىدىن ھۇشيار تۇرمىقىمىز زۆرۈردۇر. شەرىقشۇناسلىق تار مەنىدىكى ئوبزورچىلىقتىن ھالقىپ ، كەڭ مەنىدىكى سىياسىي تەھلىلنى تەلەپ قىلىدۇ. شەرىقشۇناسلىق مۇئەييەن ئىجتىمائىي توپنىڭ ھوقوق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئالۋاستىنىڭ قولىدىكى ئۆتكۈر قورالدۇر.
بىر دەۋىرنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇ جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىنىڭ سەرمايىسىدۇر. ئۇ شەرىق ئەللىرىگە ئېتىقات، مەدەنىيەت، ئىدىيە-نەزىرىيە سېستېمىلىرىنى ئىلىم-پەن ئۇقىمىنى سۇيىستىمال قىلىپ تۇرۇپ، زورلاپ تاڭىدۇ. شەرىق ئەللىرىنى پىسخىيكا جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئېتىقات، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيىتىدىن چېنىش، ھەم مەسخىرە قىلىشتىن ئىبارەت پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرىپ قويىدۇ. ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن كىشى ئېتىقاتىنى سۆيمەيدۇ. ئېتىقاتىنى سۆيمىگەن كىشى ئاللاھ نى سۆيمەيدۇ. ئېتىقاتتىن ئايرىلغان مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقى بىلەن مىللىي مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. باشقىلارغا قۇل بولىدۇ، ئۆزىگە خوجايىن بولالمايدۇ. شەرىقشۇناسلىق تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا مەدەنىيەت قاراقچىلىقىدۇر. ئۇ شەرىق ئەللىرىدە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنى پەرۋىش قىلغۇچى باغۋەندۇر. يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى شېۋىتسىيە مىسسىيونېرلىرى مىسال بولالايدۇ. ئۇلار دىيارىمىزدا 50 يىلچە دىن تارقاتقان بولسىمۇ كۈتكەن ئۈنىمگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەجداتلىرىمىز ئىلىم-پەندە دۇنيانىڭ كەينىدە قالغان بولسىمۇ، ئاللاھ نىڭ ئىزنى قىلىشى بىلەن ئېتىقاتىدىن قىلچە تەۋرەنمەيدۇ. ئەينى دەۋىرنىڭ پېشىۋاسى بولغان ئابدۇقادىر
داموللام شېۋىتسىيە مىسسىيونىرلىرى بىلەن روبى-رو، تىغمۇ-تىغ ئېلىشىدۇ.[ ئاللاھ نىڭ پەزلى-مەرھەمىتى بول
غاي]

باھا سۆز

kurxat  ياخشى ئىنكاس.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:29:39
kurxat  لىكىن 'تارقىتىش'تا ھاكىمىيەتنىڭ يۇمشاق، قاتتىق قولى بولسا نەتىجە باشقىچە.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:29:06

UID
33676
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 02:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  زامانىمىزدىكى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قاتلام زىيالىيلىرى ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلالمىدى. قارشى نۇقتىدا تۇرۇپ، ھەرخىل سەنەملەرگە دەسسەۋەردى. غەرىبنىڭ ئىدىيولوگىيىسىنى مەبۇد قىلىۋالدى. ئۇنىڭدىن قانغۇچە بەھىر ئالدى. شەيتاننىڭ ئەپسۇنلىرىغا سېھىرلەندى. زوقلىنىش ئېڭى ئۇلارنى باشقىچە دۇنيا قاراشقا ئىگە قىلىپ قويدى. دۇنيانى باشقىچە چۈشەندۈرىشكە بەشلىدى. يىلتىزىنى بىلمەسلىك ، ھەقىيقەتنى بىلمىگەنلىكتۇر. ھەقىيقەتنى بىلمەسلىك ئېتىقاتىنى بىلمىگەنلىكتۇر. يازغۇچى چىڭغىس ئايتماتوپ تىلغا ئالغان ماڭقۇرتلار شۇلارمۇدۇ؟ شۇلار بولسا، ئەلۋەتتە دەۋىرنىڭ قۇللىرىغا ئايلانغان ماڭقۇرتلاردۇر....
  مۇنو يالقۇن روزى ئەپەندىم شەرىقشۇناسلىقنى دادىللىق بىلەن تەنقىتلەشكە باشلىدى. ئوبېكىتنىڭ خەتىرىمۇ يوق ئەمەس. ئارىمىزدا ئۆزىنى بىلىپ تەنقىت قىلالمايدىغان، ئامما باشقىلارنىڭ ساپىقىغا ېسىلىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. بىز مۇشۇنداق تەنقىتلەرگە مۇھتاج. كۆپنىڭ ئەخلى كوپچە، ئويلىمىغان ئىنكاسلارغىمۇ ئىختىياجىمىز بار.

باھا سۆز

kurxat  50-60-يىللار نۇرغۇن «ئابدۇ قادىر داموللام» لارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:32:48
hikmet  پىكىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئۇرۇنلۇق.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 03:16:34

UID
10525
يازما
306
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3516
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
121 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 10:31:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يۇقىرىدا  نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى بىلەن يېقىنقى زامان ئويغۇر ئەدەنىياتى ۋە ياكى جوڭگو ئەدەبىياتىدىكى بىرقانچە ئوبرازلارنى سېلىشتۇرغان تۇرداشلىرىمىز ماۋۇ بىر بۇقتىنى ياخشىراق ئويلىشىپ كۆرگەن بولسا :
   ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىدىن تارتىپ ئىسمنى تىلغا ئېلىش بىلەنلا بىلىدىغان  نەسىردىن ئەپەندى بىلەن بۇ پېرسۇناژلارنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئۆزى ئاقىللىقمۇ ؟

تىرىشچان ئەزا

ئۇلۇغۋار ئىشلار

UID
3148
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
542
تىزىملاتقان
2010-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-1
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:32:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقومىغان ئادەمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرتۇش ھوقوقى يوق... ئەڭ ياخشىسى مەن كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىمدە تۇرۇپ تۇراي.. تېمىنى توللۇق ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن پىكىر قاتناشتۇراي...

UID
22356
يازما
143
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
141 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 15:22:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاممىباپ چۈشەنچە بويىچە ئېيتقاندا، «شەرقشۇناس»لىق غەرپنىڭ شەرققە قاراتقان ستراتىگىيىلىك سىياسىتى. مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئالمىشىش بۇ باشقا فورماتسىيىدىكى نەرسە ئوخشايدۇ. بولمىسا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ كۈچلۈك دۆلەتلىرى شەرقنىڭ شۇنچە كۆپ تەبىئىي پەن ئالىملىرىنى تەربىيىلەپ بېرەمتى؟ شەرقنىڭ چوڭ-چوڭ ئالىملىرىنىڭ ھەممىسىنى غەرپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. ئابدۇسالام، خېمىيە ئەلى، بۇدا غەرپكە چوڭ تەھدىت سېلىۋاتقان ئىراننىڭ يادرو تەتقىقات ئالىملىرىنىڭ ھەممىسىنى غەرپ يېتىشتۈرگەن ئالىملاردۇر.
ناۋادا، شەرقشۇناسلىقنى غەرپنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكى، خەلقئاراپەرۋەرلىكى، دوستانىلىقىدىن ئايرىپ قارىمىغاندا پۈتكۈل غەرپ شەرقنىڭ دۈشمىنى ، شەرقمۇ غەرپنىڭ دۈشمىنى بولىدۇ. لېكىن، مەن ھەرگىز بۇنداق قارىمايمەن. ئومۇمىي خەلقلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىنسان ئىنساننىڭ دۈشمىنى ئەمەس. تېنچلىقنى، مېھىر-مۇھەببەتنى سۆيىدىغان ئادەملەر مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. پەقەت ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھوقۇقدارلارلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن رەزىل سىتراتىگىيىلەرنى تۈزىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، «شەرقشۇناسلىق» ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىيونلارنىڭ ھىيلە- نەيرىڭى بولسا كېرەك.
لېكىن، بىر دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىمۇ ئەشۇ ستىراتىگىيىچىلەرنىڭ كونتروللىقىدا بولامدۇ يوق؟ كونتروللىقىدا بولسا نىمىشقا شەرققە كەڭ- كۆلەملىك مائارىپ ۋە مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ نىمىشقا غەرپكە تەھدىت بولالايدىغان ئاتوم تەتقىاتچىلىرىنىمۇ تەربىيەلەپ بېرىدۇ؟ نىمىشقا غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ گۈزەل ھۆرلىكى شەرقلىقلەرنى ئۆز پاناھىغا ئالىدۇ؟
دېمەك، شەرقشۇناسلىق مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ نەرسە. دۇنيانىڭ تۇز تەمى قانداق تەڭشىلەركىن؟ يالقۇن روزى ئاكىچە بولغاندا، پەقەت ياڭ زىروڭچە بىر خىللا ئوبراز يارىتىلىدىغان ئەدەبىيات، ئىلىم-پەن بولمىغان، پەقەتلا دۇئاگۇيلۇقلا بولغان بىر جەمىيەت لازىمدەك قىلامدۇ، قانداق؟

باھا سۆز

kurxat  تەنقىت قىلىنىۋاتقىنى ئىددىيە تاجاۋۇزچىلىقى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:37:25
kurxat  توۋا... بۇ قانداق ئۇسۇلدىكى بۆھتان ئەمدى؟ ھېچكىم ئىلىم پەننى سۆككىنى يوق.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 15:36:49
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش