كۆرۈش: 232599|ئىنكاس: 216

شىنجاڭ كوماندىسى كۈچلۈك سەركەردىگە ئايلاندى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
164
تېما
118
نادىر
11
جۇغلانما
5388
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-18
توردا
1738 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 18:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ غەربىي دىيار تاشئالما پۇتبول كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوينىغان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى يەنە بىر شانلىق تارىخى رىكورت ياراتتى.ئەلكۈيى تورى مۇسابىقە تولۇق ئەھۋالىنى توردا ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە  شىنجاڭ كوماندىسىدىكى توپچى ئەزىمەتلەر ،توپ مەستانىلىرى ۋە پۇتبول جەمئىيتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ،تولۇق تەپسىلاتىنى توردا ئېلان قىلدى


ئەسسالامۇئەلەيكوم، ئەلكۈيى تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار،ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تورىمىزنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىگىنىگە چىن دىلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.قوللاپ قۇۋۋەتلەشنىڭ،ئىلھام مەدەتنىڭ كۈچىنىڭ قۇدرېتىنى يەنىمۇ ھىس قىلدۇرغان شىنجاڭ ئەزىمەتلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ھەققىدە خەۋەرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشالىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.
2012-يىلى باھار 22-كۈنى كۈنى شەنبە چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئۈچ بىلەن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى،شىنجاڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرى،شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى تارىختا يەنە بىر يېڭى رېكورت ياراتتى!بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو پۇتبول سەھنىسىى مۇسابىقىسىدىكى سەرخىل قوشۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىكى ئەزىمەتلەر 1:2 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم شانلىق تارىخ ياراتتى.
ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ئەلكۈيى تورى شىنجاڭ كوماندىسى ھەققىدە  مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ شىنجاڭ كوماندىسى تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە ئەمەلىي ئەھۋالىنى خەۋەردار قىلغان ئىدۇق،10كۈن بورۇن دەل مۇشۇ مەيداندا شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى  35 مىڭ توپ مەستانىسىنى جەلپ قىلىپ، جۇڭگو پۇتبول سەھنىسىدە B دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئادەم سانى ئەڭ يۇقىرى بولۇش تارىخى رېكورتىنى ياراتقان ئىدى، لېكىن بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش بولدى، بۈگۈن بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ قالمىدى. 45 مىڭ ئادەمدىن ئوشۇق بولغان پۇتبول مەستانىلىرى شىنجاڭدا جۇڭگودىكى ئەڭ قايناق پۇتبول مەيدانى بارلىقىدەك ھەقىقەتنى  يەنە بىر قېتىم ئۆز ئەمەلىيتى بىلەن ئىسپاتلىدى. ئۈرۈمچىدىكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى  يېڭى رېكورت ياراتتى!


90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ نەتىجە بىلەن نەق مەيداندىكى 45مىڭدىن ئوشۇق پۇتبول مەستانىسىغا پۈتۈن شىنجاڭدىكى نەچچە ئون مىليون ھەرمىللەت پۇتبول مەستانىلىرىغا جاۋاب بەردى.
تورىمىز مۇسابىقە مەيدانىغا ئالدىن يىتىپ بېرىپ،مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرۈشكە ئامالسىز قېرىنداشلىرىمىز ۋە بارلىق تور ئەھلى ئۈچۈن مۇسابىقە ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق خەۋەردار قىلىش،پۇتبول چولپانلىرىمىز بىلەن تورداشلارنى ئۇچرىتىش،سىرداشتۇرۇش ۋە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزگە ئاڭلىتىش شۇنداقلا شىنجاڭ پوتبولچىلىقىغا يەنىمۇ ئىلھام مەدەت بىرىش مەقسىتىدە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە مۇسابىقە باش-ئاخىرىدىكى زىيارەتلەرنى سۈرەتكە ئالدۇق.تورداشلارنىڭ مۇسابىقە ھەققىدىكى ئەڭ ياخشى سۈرەتلىك ۋىدىئوغا بولغان ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ،كىچەنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەش ئارقىلىق مۇسابىقە جەريانىدا ئەلكۈيى تورى مەيداندا ئېلىپ بارغان سۆھبەت بىلەن تولۇق مەيدان مۇسابىقىنى بىرلەشتۈرۈپ تورداشلارنىڭ خۇددى نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرىۋاتقان تويغۇغا باشلاپ بېرىش مەقسىتىدە مەزكۇر فىلىمنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تورىمىزدا ئېلان قىلدۇق.

ئەلكۈيى تورى بۇ ھەقتە ئىشلىگەن فىلىمنىڭ تولۇق تەپسىلاتى

مەزكۇر فىلىم مۇسابىقە جەريانىغا ھۆرمەت قىلىنىپ ئىشلەندى،فىلىمنى تولۇق كۆرسىڭىز ئالدى بىلەن يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئەمەلىي ئەھۋالىنى،ئاندىن دەم ئېلىش ۋاقتىدا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قانداق كەيپىياتتا بولغانلىقىنى ، كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە قانداق جىددىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە كوماندىمىزنىڭ غەلبىسىنى نەق مەيداندا ئولتۇرغاندەك كۆرەلەيسىز،مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا ئەلۋەتتە ئەلكۈيى تورى مۇخبىرلىرى ئېلىپ بارغان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تارىخى شان -شەرىپىگە ئائىت زىيارەت ۋە تەھلىللەرنى كۆرەلەيسىز.
ئېنىقلىقى يۇقىرى نۇسخىسى داۋاملىق تورغا يوللىنىۋاتىدۇ..
مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر تورغا يوللىنىۋاتىدۇ...

شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە مەيدانىدا بېيجىڭ كوماندىسىغا ھۇجۇم قىلماقتا

شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيتىنىڭ باشلىقى ئابلەت مۇدىر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلبىسى ھەققىدە سۆز قىلماقتا

9-نومۇرلۇق چولپانىمىز ئەخمەتجاننىڭ دادىسى ھاياجاندا ئوغلىنى قۇچاقلىماقتا

9-نومۇرلۇق چولپانىمىز ئەخمەتجاننىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى قەشقەردىن كەلگەن بولۇپ،مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى غەلبە قىلغاندىن كىيىن ھاياجانلىق تىلەكلىرىنى ئەلكۈيى مۇخبىرىغا بايان قىلماقتا

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 18-نومۇرلۇق ئەزاسى مەخمۇتجان ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىدە



شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك رىجىسسورى نىجات نىياز خوجا ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقە ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا تەھلىل قىلىپ جاۋاب بەرمەكتە


پۇتبول مەستانىسى،تونۇلغان رىياسەتچى،شىنجاڭ سىرك ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسى مۇھەممەدجان روزى سايىت پۇتبول چولپانلىرىغا كۆڭۈل سۆزىنى بايان قىلماقتا


ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇسابىقە نەق مەيدانىدا پۇتبول مەستانىسى سۈپىتىدە پۇتبول چولپانلىرىمىزغا قەلب ئىزھارىنى سۆزلىمەكتە

5-نومۇرلۇق ئوغلانىمىز پەرھات بىر نوقتا توپ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى غەلبىگە باشلاپ ماڭدى

45مىڭدىن ئاشقان پۇتبول مەستانىلىرى ئۈرۈمچىدە جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ ئادەم قاتناشقان پۇتبول مۇسابىقىسى رىكورتىنى ياراتتى ۋە ھۇررا توۋلاپ پۇتبولچىلارغا مەدەت بەردى


ئەزىمەتلىرىمىز كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقەگە كىرىش ئۈچۈن مەيدانغا چىقماقتا

45مىڭدىن ئاشقان پۇتبول مەستانىلىرى ئۈرۈمچىدە جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ ئادەم قاتناشقان پۇتبول مۇسابىقىسى رىكورتىنى ياراتتى ۋە ھۇررا توۋلاپ پۇتبولچىلارغا مەدەت بەردى

5-نومۇرلۇق ھۇجۇمچىمىز پەرھات مەيدانغا كىرمەكتە

تورداشلارغا مەلۇم بولغاندەك شىنجاڭ غەربىي دىيار تاشئالما كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ B دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئالدىنقى بەش قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە، ئۇلار ئۈچ قېتىم يېڭىپ، ئىككى قېتىم تەڭلىشىپ بىر قېتىممۇ مەغلۇپ بولماي، شىمالىي رايوندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. تۆتىنچى قېتىمدىكى تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە، بۇ كوماندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ساھىپىخان مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقە 35 مىڭدىن ئارتۇق توپ مەستانىسىنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ، جۇڭگو پۇتبول سەھنىسىدە يېڭى رېكورتنى ياراتتى. ئۇ مەيدان مۇسابىقىدە كوماندا ئەزالىرى بەلكىم تاماشىبىنلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، شىنجاڭ كوماندىسى ئاساسىي مەيداندا دەسلەپتىلا غەلبە قازىنالمىدى، لېكىن بۇ شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان قوللىشىغا ھىچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمىدى.ئەلكۈيى تورى باھار 12-كۈنى ئىشلىگەن شىنجاڭ غەربىي يۇرت تاشئالما پۇتبول كوماندىسى بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى  ئوينىغان مۇسابىقە ئەھۋالى ھەققىدە ئىشلىگەن نەق مەيدان زىيارىتى بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نەچچە يۈزمىڭلىغان تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ئېرىشكەن ئىدى.


ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پۇتبول كېچىسى پروگراممىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تەنتەنىلىك مۇسابىقە ئەھۋالى مەخسۇس قويۇلدى، پۇتبول مەيدانىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان كەيپىيات، ئادەمگە پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، شىنجاڭ كوماندىسى گەرچە ئۇ چاغدا تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ، شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى يەنىلا كوماندا ئەزالىرىنى ئالقىشلاپ، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىگە يەنە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار ۋەدىسدە تۇردى، شىنجاڭ ساھىپخان مەيداندا بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەندە، شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى يەنە كەلدى، بۇ قېتىمقى ئادەم سانى ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ كۆپ بولۇپ 40 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتتى، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بۇ ھەقدە بىلدۈرىشىچە : بۇنى جۇڭگو پۇتبول B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كۆرۈلگەن ئەڭ داڭلىق ئىش دەپ قاراشقا بولىدۇ، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ سانى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا دەرىجىدىن ھالقىغان ۋە A دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردىنمۇ قىزغىن بولدى.





شىئەن قىزىل ياقۇت كوماندىسىدا توپ تىپىدىغان ئۇيغۇر پۇتبولچى يەھيا مۇسابىقە نەق مەيدانىدا بۈگۈنكى مۇسابىقە كۆرۈرمەنى سۈپىتىدە پۇتبولچىلارغا سۆز قىلماقتا

.پۇتبول مەستانىلىرى بۈگۈنكى مۇسابىقە ھەققىدە ھاياجانلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەكتە

بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو پۇتبول سەھنىسىدە ياش-ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدىكى سەرخىل قوشۇن بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە شىمالىي رايوندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن تەڭ ھالەتتە تۇرغان تۆتىنجى مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ئىدى.بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا ئۇلار ئاكتىپ ئورۇندا تۇردى، مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنۇت بولغاندا، بېيجىڭ كوماندىسى 9-نۇمۇرلۇق ئەزاسى چېڭ يۆجى بىر توپ كىرگۈزۈپ، دەسلەپكى مەيداندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.
كېينكى يېرىم مەيداندا،  شىنجاڭ كوماندىسى تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى.پۈتۈن مەيداندىكى توپ مەستانىلىرى رېتىملىق ھالدا چاۋاك چېلىپ ۋارقىرىدى.شىنجاڭ كوماندىسى  توختىماستىن توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىش سادالىرىغا ئېرىشتى.

جۇڭگودىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلار مۇسابىقە نەق مەيدانىدا خەۋەر ئىشلىمەكتە

بۇ مەيدان مۇسابىقە جەريانى بىر ئۆرلەپ بىر پەسىيىپ ئۆزگىرىپ تۇردى، شىنجاڭ كوماندىسى 27 مىنۇت بولغاندا توپ كەتكۈزىۋەتتى، بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئوتتۇرا مەيداندا ئارام ئالغاندا، مۇسابىقە مەيدانى توپ مەستانىلىرىنىڭ نۇمۇر كۆرسىتىش سورونىغا ئايلاندى، ئۇلار ھەرخىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ مۇسابىقە مەيدانىنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، كوماندا ئەزالىرى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشتى، بۈگۈن شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئالماسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، پۈتكۈل مەيداندىكىلەر قىقاس-چۇقان سېلىشىپ ئالقىش ياڭراتتى.

90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ نەتىجە بىلەن نەق مەيداندىكى 45مىڭدىن ئوشۇق پۇتبول مەستانىسىغا پۈتۈن شىنجاڭدىكى نەچچە ئون مىليون ھەرمىللەت پۇتبول مەستانىلىرىغا جاۋاب بەردى.


90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ نەتىجە بىلەن نەق مەيداندىكى 45مىڭدىن ئوشۇق پۇتبول مەستانىسىغا پۈتۈن شىنجاڭدىكى نەچچە ئون مىليون ھەرمىللەت پۇتبول مەستانىلىرىغا جاۋاب بەردى.

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى غەلبە قىلغاندىن كىيىن ھەرقايسى قوللىغۇچىلىرىغا سالام بەرمەكتە


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى توپ مەستانىلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرىشىگە ئېرىشىپ، 47 مىنۇت بولغاندا  بەشىنچى نومۇرلۇق ماھىر پەرھات بىر نوقتا توپنى  كىرگۈزۈپ، قارشى تەرەپ بىلەن تەڭلىشىۋالدى. پۈتكۈل پۇتبول مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، «شىنجاڭ ھۇررا، شىنجاڭ ھۇررا !!!!» دېگەن سادا پۈتۈن مەيداننى ،مەيدان ئەتراپىدىكى رايونلارنى زىلزىلگە كەلتۈرۋەتتى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىمۇ ئۇرغۇپ-تېشىپ، 67 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن 10-نومۇرلۇق  ئەخمەتجان بىر كاللا توپن ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ، پۈتۈن مەيدان تەۋرەپ كەتتى،بۇ ئۇنىڭ خېبىي ياشلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندىن باشلاپ، ئىككى مەيداندا ئارقىمۇ-ئارقا توپ كىرگۈزىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  بۇ دەقىقە، شىنجاڭ توپ مەستانىلىرى بەختكە چۆمۈلگەن دەقىقە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ گۈزەل ۋاقىتتىن بەھىرلىنىشكە  يېتەرلىك ئاساسى بار.


بۇ ۋاقىتتا، تاماشىبىنلارنىڭ چاۋاك ئاۋازى، ئالقىش سادالىرى، داقا-دۇمباق ئاۋازلىرى قۇلاقنى يارغۇدەك ياڭراپ، رېپېرنىڭ ئۈشتەك ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 6 مەيدان مۇسابىقىدە تۆت مەيدان يېڭىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، مەغلۇپ بولماي، شىمالىي رايون نۇمۇر جۇغلانمىسى تېزىملىكىدە ئىزچىل سەركەردىلىك ئورۇنىنى ساقلاپ كەلدى.

ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت نەق مەيداندا زىيارەت ئېلىپ بارماقتا


ئەلكۈيى تور بېتىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرىشىچە، بۇمەيدان مۇسابىقىدە بىلەت سېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە كۆتۈرۈلدىكى ھەرگىز تۆۋەنلىمىدى، جەمئىي 45 مىڭ ئادەم مۇسابىقە مەيدانىغا بېرىپ مۇسابىقە كۆردى.
5-ئاينىڭ 22-كۈنى خىزمەت كۈنى بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرى ئامالسىز كېچىكىپ قالدى، لېكىن مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنۇت بولغاندا، 40 مىڭ ئادەم سېغىدىغان شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى پۇتبول مەيدانى ئادەملەر بىلەن تولۇپ بولدى،تورىمىزنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى توپ مەستانىلىرىدىن ئېگەللىشىمىزچە،توپ مەستانىلىرى كىيىنكى مەيداندا توپ كۆرۈشكە بارىدىغان مەستانىلەر تېخىمۇ كۆپ بولغاچقا، ھەپتە ئاخىرىدىكى مۇسابىقىنىڭ بىلىتىنى سېتىۋىلىشنىڭ قېيىن بولۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.





ئەلكۈيى تورىنىڭ ئېگەللىشىچە، شىنجاڭ غەربىي دىيار تاشئالما كوماندىسى 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى كېينكى مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ساھىپخان مەيداندا ئوتتۇرا دەرىجىدىن ھالقىغان A دەرىجىلىك كوماندا ئەزالىرىدىن تەشلىل تاپقان بۇ پەسىللىك Aدەرىجىلىك مۇسابىقىىنىڭ  قىززىق نۇقتىسىغا ئايلانغان يچىڭخەي سېنكې كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
 90 مىنۇتلۇق بۇ كەسكىن مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرى 2:1 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى يەڭدى، بۇ دەقىقە ھەربىر پۇتبول مەستانىسىغا مەنسۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھەربىر ئادەمنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قازانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 4 مەيدان يېڭىپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ، مەغلۇپ بولماي شىمالىي رايوندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە ئاتلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت بولغان بىر قەدەمنى باستى.


مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى شىنجاڭ غەربى دىيار تاشئالما پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلىرىمىز ئولتۇرغان ماشىنىغا قول پولاڭلىتىپ ئۇلارغا سالام بەردى ۋە ئۇزىتىپ قويدى


ئەلكۈيى تورىنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىدىن ئېگىلىشىچە ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ساھىپخان مەيداندىكى قىزىغان مۇسابىقىسى،  B دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئارقا-ئارقىدىن ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئوتتۇرا B دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە تارىخىدا، ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى شىنجاڭ كوماندىسى ياراتتى، 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى كوماندىسى خاياۋ يىتېڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە، 35 مىڭ توپ مەستانىسىنى نەق مەيدانغا جەلپ قىلغان ئىدى.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، يېقىنندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكىتىمىزنىڭ  A دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدىمۇ، پۈتۈن 8 مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى تاماشىبىن سانى ئاران 37 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. دېمەك شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ  A دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ تاماششىبىنلىرى سانىدىنمۇ خېلىلا ئېشىپ كەتتى ۋە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى مەملىكىتىمىزگە ، دۇنياغا باشقىدىن تونۇتۇپ قويدى.

مۇسابىقە ئەھۋالىدىن تەھلىل قىلىشىمىزچە، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە بولغاچقا، رەقىبى يېرىم مەيداندا تۈگىلىۋالدى، شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇم قىلىپ يېڭىش قېيىن بولغان تۆمۈر كوزۇرلارنى يېڭىپ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنىرى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدىن ئاۋال ئورۇنلاشتۇرۇلغان،  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان مۇداپىئە ھۇجۇم شەكلى4-4-2 نى قوللىنىپ، ئاۋال مۇداپىئەنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا كېيىنكى مەيداندىن پايدىلىنىپ، قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاۋال توپ كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى. كېينكى يېرىم مەيداندا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ جىسمانىي كۈچ-قۇۋەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، رەقىبىنىڭ كۈچ-قۇۋىتى ئاجىزلىغاندا، توپ كىرگۈزدى.


شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش ترېنىرىنى مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا مۇخبىرلار ئۇرىۋېلىپ زىيارەت قىلماقتا

پۈتۈن مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش ترېنىرى  سوغۇق قانلىق بىلەن ئورنىدا ئولتۇردى، پەقەت كوماندا ئەزالىرى يارىلانغاندا ۋە ئادەم ئالماشتۇرۇلغاندا، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن پاراڭلاشتى. ياردەمچى ترېنىر پەرھات پات-پات ئورنىدىن تۇرۇپ، كوماندا ئەزالىرىغا ۋارقىراپ، باش ترېنىرغا قارىغاندا ھاياجانلىنىپ ئولتۇردى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش ترېنىرنىڭ ئىپادىسى يەنىلا شۇنداق ئېغىر-بېسىق بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى تاماشىبىنلار ناھايىتى كۆپ، بىر توپ كىرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقى ئاشتى، كېيىن ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى.
45 مىڭ ئادەمنىڭ مۇسابىقە كۆرگىلى كېلىشى، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىغان شىنجاڭ پۇتبول توپ مەستانىلىرى كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار قىلدى.تورداشلار ئەلكۈيى مىكرو بلوگى،سىنا مىكرو بلوگى قاتارلىق مىكرو تاراتقۇلارغا مەيدانغا مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلارنى يوللاپ توردا ھەرخىل ئۇچۇردا مۇسابقە ئەھۋالىنى تاقارتتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاراماي، سانجى، تۇرپان،قەشقەر،ئاتۇش،ئاقسۇ،خوتەن ..قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن توپ مەستانىلىرىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى.



بىز ئاخىرىدا ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن شىنجاڭ كوماندىسىدىكى بارلىق ئەزىمەتلىرىمىزگە ئەڭ زور تىلەكلەرنى تىلەيمىز شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چوقۇم جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئالتۇن باھارىنى يارىتالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمىز.ئەزىمەتلىرىمىز جاپا چەكتىڭلار،تېخىمۇ تىرىشىڭلار،غەلبە ۋە ئامەت سىلەرگە يار بولسۇن !  بىز سىلەرنى مەڭگۈ قوللايمىز! سىلەرنىڭ جۇڭگو پۇتبول مەيدانلىرىدىلا ئەمەس دۇنيا پۇتبول مەيدانلىرىدىمۇ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ ئالتۇن باھارىنى يارىتىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.


كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور بېكىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
35586
يازما
16
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 18:58:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ غەلبە! ياشاپكەت پۇتبۇل ئەزمەتلىرى، سىزلەرگە بەخىت مەڭگۈ يار بولغاي!

UID
16850
يازما
192
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
646
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-20
توردا
133 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 18:59:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
يارايسىلەر پۇتبول ئەزىمەتلىرى
       شۇنداق يېقىشلىق بىر ناخشا بۇلىدىغان:  « پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى ».
   2011-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىنتىھانىدا مۆجىزە ياراتقان پەخرىمىز سىز پەخرىيە.
   يېقىندا باشلانغان مەملىكەتلىك ئايلانما بىرلەشمە  ئومۇمى ئالتە مەيدان  مۇسابىقىدە تۆت مەيدان ئۇتۇپ،    ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، جەمئى ئالتە مەيدان  مۇسابىقىدە ئەڭ ئالدىدىكى نەتىجىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان   ئاساسەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ  پۇتبول ئەزىمەتلىرى سىلەردىن پەخىرلىنىمىز، يارايسىلەر!
  5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە  ئۆتكۈزۈلگەن  شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن تىيەنجىن      كوماندىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ  تاماشىبىنى 35  مىڭدىن ئېشىپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ تاماشىبىنى ئەڭ كۆپ بولغان رىكورتنى يارىتىپلا قالماي، بەلكى جوڭگۇدىكى پۇتبول  مۇسابىقىلىرىنىڭمۇ تاماشىبىنى ئەڭ كۆپ بولغان مۆجىزىنى ياراتتى.  ئارقىدىنلا ئون كۈندىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ  كوماندىسى يىڭىۋالغان بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن قىلغان   پۇتبول مۇسابىقىنىڭ تاماشىبىنى ئون كۈن ئاۋالقىدىن ئون مىڭ ئادەم   ئېشىپ، جوڭگۇ پۇتبول مۇسابىقىسى تاماشىبىنلىغىدا يۈز  بەرگەن ئادەتتىن تاشقىرى  قىزغىنلىقنى ياراتتى.
   مۇسابىقە مەيدانىدا ھۇررا ! ھۇررا ! ھۇررا !  سادالىرى  توختىماستىن  ياڭراپ تۇرىۋاتىدۇ. ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە مەدەت، ئىشەنچ، غەلىبە ھىس-تۇيغۇلىرى پاتماي تاشقىنلاۋاتىدۇ. تاماشىبىنلار پۇتبول ئەزىمەتلىرىدىن ئۆتە ھالەتتە ھاياجانلىنىۋاتىدۇ. قىزغىنلىق پۇتبول مەيدانىنى چاڭ      كەلتۈرىۋاتىدۇ. پۇتبول مەيدانىنىڭ  ئۆمرىدە كۆرمىگەن     قىزغىنلىق، ھاياجان، ئۈزۈلمەس  ھۇررررررررا !!! …     سادالىرىدىن باشلىرى قېيىپ تەمتىرەپ قېلىۋاتىدۇ.           پۇتبول ئەزىمەتلىرى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۈچۈن ئون كىلومىتېردىن  ئون بەش كىلومىتېرغىچە توختىماستىن    يۈگرەيدۇ، ئۇلاردا چىدامچانلىق، سۈرئەت، ماسلىشىش،  ھەمكارلىشىش بولمىسا بولمايدۇ. ئۇلار ئاجايىپ ئاكتىپلىق  بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى بىجانىدىللىق بىلەن ئۆزئارا  ياردەملىشىپ، غەلىبە نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن كۈرەشكە    ئاتلىنىدۇ. ئۇتۇققا كۈرەشنى ۋايىغا يەتكۈزگەندىلى   ئىرىشكىلى بۇلىدۇ.
  ئىككى تەرەپنىڭ مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا    كەلگەندە چوقۇم بىر تەرەپ ئۇتىدۇ. ئەمما، ئۇتۇش      ئۈچۈن  كۈچ، جاسارەت، روھ بۇلۇشى كېرەك. مەدەت  مەسئۇلىيەت، قۇۋۋەت، ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ.               يۇرتىمىزدا 1880- يىلى ئاتۇشتا پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش باشلىنىپ، شۇ يىللاردا چەتئەل            كوماندىلىرىنى ئۇتىۋالغان. ئارىلىقتا بىر ئەسىر ئۆتۈپ  كەتتى.ئالدىنقى يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى  خەلقارا پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ  مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جوڭگۇ كوماندىسى سالاھىيىتى  بىلەن  خەلقارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ  چېمپىيۇن بولدى. يېقىندا شىنجاڭ پىداگۇگىكا            ئۈنۋېرستىتى ئوقۇغۇچىلىرى جوڭگۇ ئالى مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى.
   شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدىكى تەكرار يىڭىش ئەھۋالى، شىنجاڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى جوڭگۇ  پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدا كۆرۈلمىگەن قىزغىنلىق،  ھاياجان پارتلاپ تۇرىۋاتقان يۇرت ئالاھىدىلىگى. دۇنيا    لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ قىزغىنلىق بولسا   مۇشۇنچىلىك  بۇلار-ھە!
   پۇتبول ئەزىمەتلىرىنىڭ جىسمىدىكى، روھىدىكى كۈچ،  پۇتبول مەستانىلىرىدىكى قوللاش-غەلىبە چوقانلىرى نىمە سەۋەپتىندۇر-ھە! ئۇلار ئۆزلىرىنى ھىچكىمدىن قېلىشقۇچىلىغىمىز  يوق دەپ قارايدۇ. شۇنداق ئۇلارغا پۇرسەت،     سەھنە، مەيدان بولسا ئۆزلىرىنى كۆرسۈتۈپ قۇيالايدۇ.

بەش مەيدان  

UID
36088
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 19:04:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر ئەزىمەتلەر!!!
ئەرگۈڭ پۇتبول مەيدانىغا 50مىڭ ئادەم سىغىدۇ. بۇ غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ پۇتبول مەيدانىنىڭ بىرى

UID
39005
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 19:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
40مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يىشىل مەيدانغا تەلمۇرۇۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە شىنجاڭدىكى 20مىليۇندىن ئارتۇق يۇرەكمۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قىززىقىۋاتدۇ ۋە مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۆز پەرزەنتلىرىگە مەدەت بىرىش ئۈچۈن تەلپۇنىۋاتدۇ، قەشقەر،خۇتەنلەردىن مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۈرۈش ئۈچۈن سەپەرگە چىققانلاردىن شىنجاڭ پۇتبۇل كۇماندىسىدىكى ئەزمەتلەرگە ياخشى تىلەك ۋە غايبانە سالاملارنى يوللاپ ئاق يول تىلەپ ئۇزۇتىۋاتقانلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىن-مەستانلەرگە قارغاندا تېخىمۇ كۆپ،مەن قەشقەرنىڭ ئەڭ چەت يىراق يىزسىدىن ئۆزلىرى بارالمىغان نەق مەيدانغا ئاتلانغان مەستانلەر ئۈچۈن ئاپتۇۋۇز بېلىتى ئىلىپ بىرىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھۇررا توۋلاپ قۇيۇشنى ئۈتۈنىۋاتقان دىھقانلارنى كۆردۇم مانا بۇ شىنجاڭ مانا بۇ ئۇيغۇر مانا بۇ ئۇيغۇر توپچىلىقى ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ غالبە خەۋىرىگە تەشنا يۈرەكلەر مەنمۇ نەق مەيدانغا بېرىشقا ئامالسىز بىراق كۈيچى توردىكى ئەخمەتجاننىڭ نەق مەيداندىن تارقاتقان زىيارىتىگە داخىل بولۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم يۇرگۈم تولۇپ تاشقان ھاياجاندا 100مىنۇتنى تاماملىدىم سۈيۈندۇم مەنلا ئەمەس چەت تاغلىق يىزدىكى باشلانغۇچ مەكتىۋىمىزنىڭ ھويلىسدا لىققىدە تۇرۇشۇپ بۇ يەردىكى بىردىن بىر كومپىيۇتېر بولغان مىنىڭ ئەبجەق كومپىيۇتىرىمدىن مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ تۇرۋاتقان بارلىق دىھقان قېرىنداشلىرىم بىلەن تەڭ ھاياجانلاندۇق مەيداندىكىلەر بىلەن تەڭ ھۇررا توۋلاپ چۇقان سالدۇق بۈگۈن ئەلكۈيى تۇرىنىڭ مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسىنى كورۈۋەتىپ ئويلۇنۇپ قالدىم ‹‹شىنجاڭ تىلىۋىزيىسىدىكى قەدىردانلار نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟ئۇلا پۇتۇن شىنجاڭدىكى ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردىكى ھەربىر شىنجاڭلىق تەلپۇنىۋاتقان بۇ قىززىق نوقتىدىن خەۋەرسىزمىدۇ ياكى بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئاخباراتلار ئۈچۈن ئالدىراشمىدۇ؟››راستىنى ئېيتسام شىنجاڭ تىلىۋىزيە ئىستانسى ۋە شىنجاڭ تىلىۋىزيە ئىستانسىدىكى خادىملاردىن كۆڭلۈم ئاغرىدى بەلكىم ئۇلار ئېلان‹‹گۇاڭگاۋ››ئىشلەپ تارقىتىش ۋە مۇشۇ ئارقىلىق ئىختىزادى ئۈنۈم يارتىش بىلەن ئالدىراشتۇ

باھا سۆز

2009  كېۋەز قانچە سانتا ئۆستى دېگەننى خەۋەر قىلىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 17:26:32

UID
16850
يازما
192
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
646
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-20
توردا
133 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 19:24:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
!
دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىكى  بارىنىڭ ئارقىسىدىن دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىدىغانلار يەنە كۆپۈيىدىغان بولدى. شىنجاڭ ئەزىمەتلىرى جوڭگۇ پۇتبولچىلىغىغا ھۇررا!

UID
39001
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 19:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمىتەتلەرنىڭ ماھارىتىگە ئاپىرىن،تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغىمۇ ئاپىرىن!بۇنداق ھاياجانلىق دەقىقىلەر بىزنىڭ جاسارىتىمىزنى ۋە ئۆملۈكىمىزنى نامايەن قىلسا،قەددىمىزنى تىخىمۇ كۆتۈرۈپ قەدەم ئىلىشىمىزغا ئىلھام بولغۇسى!

UID
38092
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 20:00:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ  مۇسابىقىنى  ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، قالتىس بولدى. ئەگەر باشقا ئىش بولغان بولسا، مۇئەللىمىمىز تەنقىد قىلغان بولاتتى ، لىكىن مۇسابىقىگە بارغىنىمىزنى بىلىپ ››يامان بولساڭلار تەتىلدىمۇ بېرىڭلار‹‹دىدى.بىراق تەنقىد قىلمىدى ..مەن تېخى مۇئەللىم بىزنى تەنقىد قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدىم ، بىراق خاتا ئويلاپتىمەن . ئۇمۇ خوش بوپتۇ ...مەن بۇمۇسابىقىدىن شۇنى ھىس قىلدىمقى ، ئۇيغۇرلار ئۇيۇشۇش دىگەننىڭ نىمىلىكىنى ئەمدىرەك بىلىۋېتىپتۇ....مىنىڭچە ھەر بىر ئۇيغۇر شۇنداق خوش بولدى....

باھا سۆز

minwar622  مىنىڭمۇ شىنجاڭ تىلىۋىزيىسىدىكى «قەدىردانلار»غا ئاچچىغم كەلدى......  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 17:10:24

UID
12209
يازما
66
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1146
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-4
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 20:04:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولچى ئەزىمەتلېرىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق غەلىبىسى شەخسەن ئۇيغۇر ياشلېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە زور ئىلھاملارنى بەردى،بۈگۈن ئەتىگەندە ئىدارىلەردە،مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي تۈنۈگۈنكى غەلىبىنىڭ ھاياجانلىق پاراڭلېرى بولدى.ئۇيغۇرلار بولمايدۇ ئەمەس،ئەكسىچە ئازراقلا شارائىت ۋە پۇرسەتكە ئېرىشسە بەلكى ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ!

UID
20290
يازما
48
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-23
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 20:06:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىتلا بەك ھاياجانلاندىم, گەرچە نەق مەيداندا كۆرەلمىگەن بولساممۇ, ۋىدىيولارنى كۆرۈپ, خەلقىمىزدىكى پۇتبول سۆيەر /ەزىمەتلەردىن سۆيۈندۈم, شىنجاڭ ۋۇررا

باھا سۆز

parwana0903  بەك ياخشى گەپلەركەن، رەخمەت!  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 20:51:14
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش